پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 69|ئىنكاس: 2

چىرايلىقلىق ۋە گۈزەللىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 20:20:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   
   چىرايلىقلىق ۋە گۈزەللىك  

ئافرىقىنىڭ كونگۇ دەرياسى بويىدىكى ئورمان ئىچىدە، ھايۋاناتلار پادىشاھلىقىدا ھەر خىل ھايۋاناتلار ۋەقۇشلار ئورمانلىق ئىچىدىكى مەيداندا«مېنىڭ  چىرايلىقلىق ۋە گۈزەللىك توغرىسىدىكى كۆز قارىشىم» تېمىسىدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش پائاليىتى ئۆتكۈزۈپتۇ.بۇ پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مېھمانلار كېلىپ قاتنىشىپتۇ.بۇ پائالىيەتنىڭ باش ئۇيۇشتۇرغۇچىسى شىر پادىشاھ سىنباھ، باھالىغۇچىلار دەرەخ پادىشاھ ئاپۇل ۋە مۈشۈكياپىلاق پىروفىسۇر ئادىنارو بوپتۇ.
ئالدى بىلەن رىياسەتچى قاغا راجىم پائالىيەت كۈن تەرتىپىنى چۈشەندۈرۋەتكەندىن كېيىن،پائالىيەت رەسمىي باشلىنىپتۇ.رىياسەتچى ئاۋۋال كۆپچىلىكتىن<دۇنيادا ئەڭ چىرايلىق نەرسە نېمە ؟>دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ئاساسىدا<چىرايلىقلىق ۋە گۈزەللىك>كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ بىرىشنى تەلەپ قىپتۇ.  
        پائالىيەتتە بىرىنچى بولۇپ ھىندىستاندىن كەلگەن توز شانتى مەيدانغا چۈشۈپتۇ، ئۇ قاشلىرىنى سۈزۈپ،قانات-قۇيرۇقلىرىنى يەلپۈگۈچتەك يىيىپ كۆپچىلىككە قاراپ:
     -كۆپچىلىك دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ۋە گۈزەل نەرسىنى ئىزدەپ ئاۋارە بولماڭلار، ئۇ دەل سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا، ئۇ بولسىمۇ دەل مەن،-دەپتۇ توز ماختانغان ھالدا،-قاراڭلار مېنىڭ كىلىشكەن قامىتىمگە،چىرايلىق پەيلىرىمچۇ تېخى، دۇنيادا مەندىنمۇ چىرايلىق ھەم گۈزەل نەرسە بارمۇ؟
   توزنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بىر قىسىم ھايۋانلار< دۇرۇس، دۇرۇس>دەپتۇ.يەنە بىر قىسىملىرى توزنىڭ مەنمەنلىكىگەئاچچىقى كەپتۇ.ئەمما توز ئۆز كۆز قارىشىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلمەپتۇ.
  ئىككىنچىلەپ مەيدانغا چۈشكىنى جۇڭگۇدىن كەلگەن چوڭ مۈشۈكئىيىق خەن خەنمۇ توزغا ئوخشاش ئۆزىنى  ماختاپ،ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكى،ياۋاش مۇلايىم مىجەزگە ئىگە ھەم دۇنيادا ئەڭ ئەتىۋارلىق قوغدىلىدىغان ھايۋان ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت گۈزەللىكىنى پەش قىپتۇ.
       ئۈچۈنچىلەپ مەيدانغا قارا ئىيىق بارۇن چىقىپتۇ. ئۇ كۆپچىلىككە قارىۋەتكەندىن كېيىن:
-كۆپچىلىك ،دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق نەرسە دەل ھەسەل ھەرىسى،ھەقىقىي گۈزەللىكمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ كىچىككىنە جىسمىغا يۇشۇرۇنغان-دەپتۇ.
      كۆپچىلىك ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بارۇنغا تىكىلىپ قاراپ قاپتۇ.
  -ئۇنداق دىيىشىمدىكى سەۋەپ ئۇ ئۆزىنىڭ ھالال ئەجرى بەدىلىگە،مەن ئەڭ ئامراق ھەسەل ياساپ بىرىدۇ،لېكىن ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدىن ھەق تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگۈچى بۇلۇشتەك گۈزەللىكى بىلەن مېنىڭ كۆزۈمگە چىرايلىق كۆرىنىدۇ، سىلەرچىچۇ؟
       كۆپ ساندىكى ھايۋانلار قارا ئىيىق بارۇننىڭ پىكىرىنى قوللاپتۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن مەيدانغا چۈشكەن يىلان كارىل،كۈچۈك چىرچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ <چىرايلىقلىق ۋە گۈزەللىك>كۆز قارىشىنى بايان قىپتۇ .ھەر كىم ھەر نېمە دەپتۇ،ئورتاق پىكرگە كېلەلمەپتۇ.
      بۇ چاغدا مۈشۈكياپىلاق پىروفىسۇر ئادىنارۇ كۆپچىلىكنى تىنىچلاندۇرۇپ:
-كۆپچىلىك ھەر قايسىڭلارنىڭ «چىرايلىقلىق ۋە گۈزەللىك»كۆز قارىشىنى ئاڭلاپ ئۆتتۇق. مەنچە بولغاندا ،چىرايلىقلىق كۆرۈش سەزگۈمىزدىكى ئەكىس ئەتكەن ئوبراز يەنى توزنىڭ بىزگە چىرايلىق كۆرۈنگىنىگە ئوخشاش،ئەمما چىرايلىقلىق ۋاقىتلىق بولىدۇ،ئەگەر توزنىڭ پەيلىرى چۈشۈپ كەتسە،ئۇنىڭ يۇڭزدىۋەتكەن توخودىن پەرقى قالمايدۇ،-دەپتۇ.
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھايۋانلار كۈلۈشۈپ كىتىپتۇ،توزمۇ خىجىللىقتىن بىشىنى تۆۋەن سىلىپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ.
  -گۈزەللىكچۇ؟-دەپ سۆز باشلاپتۇ، پىروفىسۇر ئادىنارۇ كۆزەينىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۋىتىپ،-ئۇنى بىز كۆرەلمەيمىز ،ئەمما ھېس قىلالايمىز،ئۇ خۇددى ئۈستىمىزدىكى قوياشقا ئوخشاش ئاددي ھەم سىخىي، ئاستىمزدىكى تۇپراققا ئوخشاش كۆڭلى -كۆكسى كەڭ ھەم شەخسىيەتسىز، ئۇلارنىڭ بىزگە بارلىقىنى ئۈن -تىنسىز تەقدىم قىلغانلىقىنى تىخىچە تونۇپ يىتەلمەيۋاتىمىز،ئۇلار بىزگە ياردەم قىلىدىيۇ-، بىزدىن قىلچە ھەق تەلەپ قىلمايدۇ،مانا بۇ ھەقىقىي گۈزەللىك. ھەقىقىي گۈزەللىككە ئىگە بولغۇچىمۇ شۇ قوياشقا ،تۇپراققا ۋە ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشاش باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ،ئۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سىڭىپ ،مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلەيدۇ،-دەپتۇ ھاياجانلانغىنىدىن.
      كۆپچىلىك پىروفىسۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەممىسى قايىل بوپتۇ ھەم قىزغىن چاۋاك چاپتۇ. پائالىيەت ئاخىرىدا ناخشىچى سىرىق قۇشقاچ ۋە قارا چىكەتكە باشچىلىقىدىكى مۇزىكا ئەترىتى ئورۇندىغان «ئورمان ناخشىىسى»غا جۆر بولۇپ ئۇسۇلغا چۈشۈپتۇ. چۆچەكمۇ مۇشۇ يەردە تۈگەپتۇ.
                                                  مەنبە:تور دۇنياسى
بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 22:37:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-3 22:38  

ياخشى تىمىكەن يارايسىز
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-4 00:20:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما يوللاپسىز  مۇشۇنداق تىمىلاردىن بەھىرلەندۈرگىنىڭىز ئۈچۈن رەھمھەت.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 10:38, Processed in 0.390458 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش