بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-3 20:06
كۇتۇپخانىدىكى سادا ئاپتۇرى:ئابدۇرسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ
كەلگەنتۇق مەكتەپكە شۇنچىلىك خوشال، سەبىيىلەر دىلىنى يورۇتماق بولۇپ. ئىشكاپقا چىرايلىق تىزىلدۇق رەت-رەت، ھايالسىز شاراقلاپ سېلىندى قۇلۇپ.
مەسئۇلچى مۇئەللىم -خۇددى گۇندىپاي، ئاي،يىلدا بىرەر رەت قويمايدۇ يوقلاپ. غاجىلاپ گاھىدا تۇلۇم چاشقانلار، قورساقنى بىر ئوبدان كېتىدۇ توقلاپ.
سەبىيلەر مارىشىپ دېرىزىلەردىن، بولىدۇ كۆرۈشكە شۇنچە ئېنتىزار. «يېرتىشساڭ،كىر قىلساڭ ئىگىسى كىم؟»دەپ، مەسئۇلچى مۇئەللىم شالنى چاچار.
مۇپەتىش قاچانكى كەلسە مەكتەپكە، سۈرتۈلەر قايتىدىن ئۈستىۋېشىمىز. قىلچىلىك شۈبھى يوق،تۇرسا يېپيېڭى، غۇبارسىز ۋە كىرسىز ئاپئاق بېتىمىز!
ئۆتىدۇ مۇشۇنداق كۈنلەر بىھۇدە، مەھبۇستەك ئىشكاپتىن چىقماي ياتىمىز. كېلەرمۇ تۇيۇقسىز شۇنداق بىر پەرمان: «كېرەكسىز قەغەز بار،جىڭلاپ ساتىمىز!»
مەنبە:شىنجاڭ مائارىپ ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىنىغان.
|