گۇمانخور
مىجىت ماڭسۇر
ئىنسانلىقنى يوقاتتىڭ،ئەل ئىچىدە گۇمانخور، ئېقىپ كەتسەڭ بولمامدۇ،سەل ئىچىدە گۇمانخور.
كۆزۈڭ تۇرۇپ كۆرمەيسەن،دىلىڭ ئەما گۇمانخور، ھەسەتخورلۇق چۆلىدە، كۆڭلىڭ قەنا گۇمانخور.
ئايان بولماس تىلىڭدىن،ياخشى سۆزلەر گۇمانخور، يىراق بولدى پەيلىڭدىن،ئەسلى ئۆزلەر گۇمانخور.
ئەل-بىرادەر دوستنىمۇ،دۈشمەن بىلدىڭ گۇمانخور، ئاناڭ بەرگەن ئاشنىمۇ،ئەمەن بىلدىڭ گۇمانخور.
يا، ۋىللىدە كۈلمەيسەن،خۇشال بولساڭ گۇمانخور، خىجىل بولماس ھىچ يۈزۈڭ،ئوسال بولساڭ گۇمانخور.
ئات چاپتۇرسا بىرلىرى، ئوغا ئىچتىڭ گۇمانخور، ھەسەت قىلىپ بارىڭنى،دوغا تىكتىڭ گۇمانخوور
گۇمان قىلىپ قېنىڭدىن، سىناپ باقتىڭ گۇمانخور، ‹‹جايى-پىنھان جاي››نىمۇ قاساپ باقتىڭ گۇمانخور.
رۇجەكلەردىن مارلىدىڭ، ئېۋەن ئىزلەپ گۇمانخور، ھاماقەتنى خوش قىلدىڭ،‹يامان بىز› دەپ گۇمانخور.
ئېسىت سېنىڭ ھالىڭغا،كۆڭلى قارا گۇمانخور، ھەقىقەتنىڭ ئوقىدا،باغرى يارا گۇمانخور.
‹ئىمان قاچار گۇماندىن›،بىلىپ قويغىن گۇمانخور، ئەقلىڭ بولسا بۇ يولدىن،يېنىپ ئالغىن گۇمانخور.
مەنبە: ئۆز قەلەم |