پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 1

«ئىككى چارە» ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي نەپ بېرىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 18:08:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىككى چارە» ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي نەپ بېرىدۇ

«ئاپتونوم رايوننىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھەققى ۋە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇشقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى:    بۇ «چارە» ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى جاپالىق، چەت رايونلارغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەرز پۇلىنى قايتۇرۇش يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ      «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، «مالىيە مىنىستىلىقى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ‹ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھەققى ۋە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ۋاقىتلىق چارە› نى تارقاتقانلىق توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ « گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى تارقاتقان 3-نومۇرلۇق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نىڭ روھىغا ئاساسەن ئالاھىدە تۈزۈپ چىقىلدى.  
   2009-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاپالىق، چەت رايونلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلسا ( ئۈچ يىلنىمۇ ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئوقۇش ھەققىنى ئاپتونوم رايون مالىيەسى ۋاكالىتەن قايتۇرىدۇ، ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالغانلار ئۈچۈن ۋاكالىتەن تۆلەنگەن ئوقۇش ھەققى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى تولۇق قايتۇرۇشتىن ئىلگىرى شەكىللەنگەن ئۆسۈمنى قايتۇرۇشقا ئالدىن ئىشلىتىلىدۇ.
   « چارە»دىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش تارىخىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپتىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى ( ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاسپرانتلار، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۈنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇپ شۇ يىلى مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان، ھاۋالە بىلەن تەربىيەلىنىدىغان ھەمدە  ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغانلار بۇ دائىرىگە كىرمەيدۇ.
   «چارە» دىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىدۇ: ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار، جۈملىدىن، يېزا (بازار)لىق ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ تارماقلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، يېزا (بازار) ۋە يېزىلاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ھەمدە ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى « قوش تىل» سىنىپى ۋە بالىلار باغچىسى، يېزىلىق مالىيە ئورنى، دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى دېھقانچىلىق (چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق) مەيدانى، سۇچىلىق – ئېلېكتىر پونكىتى، دېھقانچىلىق تېخنىكىلىرىنى كېڭەيتىش پونكىتى، چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق پونكىتى، يېزا-بازارلىق دوختۇرخانا، پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتى پونكىتى، يېزا -بازارلىق مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىقلار. خىزمەت ئورنى ناھىيە سىرتىغا جايلاشقان مېتېئورولوگىيە پونكىتى، گىدرولوگىيە پونكىتى، يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش پونكىتى، كۆمۈر كان، كان، نېفىت قېدىرىش بازىسى، يايلاق ئىلمى پونكىتى، ئورمانچىلىق پونكىتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلامدىكى جاپالىق ساھەلەردىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپى.
  ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مالىيە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇش ھەققى ۋە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ئاپتونوم رايون ۋاكالىتەن قايتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ قەرزىنى يىلغا بۆلۈپ ۋاكالىتەن قايتۇرۇش چارىسى قوللىنىدۇ، ئوقۇغۇچى مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ھەر يىلى ئوقۇش پۇلى ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى سوممىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قايتۇرۇپ، ئۈچ يىلدا ۋاكالىتەن قايتۇرۇپ بولىدۇ. )

   « ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغانلاردىن چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ھەربىي سەپكە بېرىپ مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغانلارنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى قايتۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئاساسىي مەزمۇنى :  [
   « چارە» ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ھەربىي سەپكە بېرىپ مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ  « ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» ۋە « باش ئشتاب، باش سىياسىي بۆلۈم، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى شۇ يىلى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئەسكەرلىككە ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ ئالاقىدار روھىغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى. 2009-يىلىدىن ئېتىبارەن دۆلەت ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ، ھەربىي سەپكە بېرىپ مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغانلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرىدۇ.
  ئوقۇش مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى ئالغانلارنىڭ قايتۇرۇلىدىغان ئوقۇش پۇلى ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى، ئۆسۈمى ھەمدە ئۇنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بولۇشتىن ئىگىلىرى شەكىللەنگەن ئۆسۈمنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
   «چارە» دە دىيىلىۋاتقان ئالى مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەسىس قىلىنغان، ئالىي مائارىپ يولغا قويۇلغان، مەركەز تارماقلىرى ۋە يەرلىككە قاراشلىق پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەر ۋە مۇستەقىل ئىنىستىتۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.
2   «چارە» دە دىيىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئالىي مەكتەپلەردىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرس ( ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئاسپرانت، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۈنۋانى ئۈچۈن ئوقۇپ شۇ يىلى مەكتەپ پۈتكۈزىدىغان ھەمدە چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرى قوبۇل قىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئوقۇش مەزگىلىدە بارلىق ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان، نىشانلىق تەربىيەلىنىدىغان، ھاۋالە بىلەن تەربىيەلىنىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسى كەسىپلىرىگە تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچى، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغانلاردىن قىسىملار قوبۇل قىلغان كادىرلار ھەمدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغانلاردىن بىۋاستە قوبۇل قىلىنغان كەنجى ئوفىتسېر قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ھەربىي سەپكە قاتناشقانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
   ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇش ۋە ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى، ئۆسۈمىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ ھەربىي سەپكە بېرىپ مەجبۇرىيەت ئۆتەيدىغانلارغا دۆلەتنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغانلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر ئوقۇش يىلىدىكى ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۇش ياكى دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمى، دىرىنى ۋاكالىتەن قايتۇرۇش سوممىسى كۆپ بولغاندا 6000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مەزگىلىدە ھەر ئوقۇش يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى ياكى دۆلەتتىن ئالغان ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى، ئۆسۈمى 6000 يۈەندىن يۇقىرى بولسا، يىلىغا 6000 يۈەن بويىچە قايتۇرۇلىدۇ ياكى ۋاكالىتەن قايتۇرۇلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش مەزگىلىدىكى ھەر ئوقۇش يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى ياكى دۆلەتتىن ئالغان ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى، ئۆسۈمى 6000 يۈەندىن كەم بولسا، ئوقۇش پۇلى بىلەن دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىنىڭ دىرى، ئۆسۈمىدىن يۇقىرىسىنى ئۆلچەم قىلىش پىرىنسىپى بويىچە قايتۇرۇلىدۇ ياكى ۋاكالىتەن قايتۇرۇلىدۇ.


مەزكۇر ھۆججەتنى تەمىنلىگۈچى ئورۇن: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بىرىش ئىشخانىسى
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5663 سەر
تىللا
1765 دانە
تۆھپە
6469 سەر
شۆھرەت
4269 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 22:30:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلۋېلىشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنكەن رەخمەت سىزگە
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 15:33, Processed in 0.405169 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش