پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 78|ئىنكاس: 1

ئەمانىڭ ئىتى(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 18:30:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-29 18:32  

ئەمانىڭ ئىتى
نارايان(ھىندىستان)


ئۇ بىر تۈكلىرى كۆكۈچ، قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىنى تېخى كىچىك ۋاقتىدا كىمدۇر بىرى كسىۋەتكەن بىر ئادەتتىكىلا ئىت ئېدى. ئۇ كوچىدا تۇغۇلۇپ، بازاردىكى باشقىلار تاشلىۋەتكەن ئاشقان-تاشقان يىمەكلىكلەرگە تايىنىپ چوڭ بولغانىدى. ھەر كۈنى چۈشتە پىژغىرىم ئىسسىقتا دەم ئالغىلى، بازارنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدىكى يەر ئاستى ئېرىقتا تۈگىلىپ يېتىۋالاتتى. گۇگۇم چۈشىشى بىلەن، ھەر كۈنى يېقىن ئەتراپتىكى كوچىلاردىن يىمەكلىك ئىزدەشنى باشلايتتى، كەچ بولغاندا يەنە بازارنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىغا قايتىپ كېلىپ، كېچىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزەتتى.
مۇشۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە، ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا ئاندىن ئۆزگىرىش يۈز بەردى. بازارنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىدا بىرجۈپ كۆزى كۆرمەيدىغان  بىر تىلەمچى پەيدا بولدى. ئۇنى بىر موماي قاق سەھەردىلا ئەكىلىپ ئىشىكنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى، چۈشتە يېمەكلىك ئەكىلىپ بېرىپ،ئۇ تىلەپ تاپقان پۇللارنى يىغىۋالاتتى، كەچقۇرۇنلىقى ئۇنى يەنە ئېلىپ كېتەتتى.
بۇ ئىت يېقىنلا جايدا ئۇخلاۋاتاتتى، تاماقنىڭ پۇرىقى ئۇنى خاتىرجەم ئۇخلاتمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەمانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئالقىنىنى يالىدى. ئەمامۇ ئىتنى قۇلىقىدىن تارتىپ قۇيرۇقىغىچە ئاستا سىلاپ چىقتى ۋە ئارقىدىن:
-سەن نېمانداق ئوماق،مەن بىلەن تۇرغىن،-دېدى ھەمدە ئىتقا بىر ئاز يىمەكلىك بېرىۋېدى، ئىت مىننەتدارلىق بىلەن يېيىشكە باشلىدى. بەلكىم بۇ ئۇلارنىڭ دوستلۇقىنىڭ باشلىنىشىدىكى خەيرلىك پەيت بولسا كېرەك. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ھەر كۈنى ئۇچرىشىپ تۇردى، ئىتنىڭ ئەماغا بولغان ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى.
بىر كۈنى كەچقۇرۇن، ھېلىقى موماي ۋاقتىدا ئالغىلى كېلەلمىدى،ئەما ئەگمە ئىشىكنىڭ ئاستىدا ئۇنى ساقلىدى. قاراڭغۇ چۈشكەنسېرى، ئۇنىڭ ئىچى تىتلداپ كەتتى. ئۇنىڭ بېشى قېتىپ ئولتۇرغاندا، بىر قوشنىسى كېلىپ:
-سامى، ئەمدى ئۇ موماينى ساقلىما. ئۇ ئەمدى كېلەلمەيدۇ، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى،- دېدى.
ئەما بۇ دۇنيادىكى ئۆزىگە بىردىنبىر كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىسىدىن ئايرىلىپ قالغانىدى. تاسما ساتىدىغان ئۇششاق يايمىچى ئۇنىڭغا:
-بۇ تاسمىنى ساڭا بىكارغا بېرەي، بۇنى ئۇ ئىتنىڭ بوينىغا باغلاپ،يىپىنى تۇتىۋال، ئەگەر ئۇ ئىت ساڭا راستىنلا ئامراق بولسا، ساڭا يول باشلاپ بېرەلەيدۇ،-دەپ ئەقىل كۆرسەتتى.
بۇ ئىتنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولدى. ھېلىقى موماينىڭ ئورنىنى ئالدى، ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي يوقاتتى، ھەر كۈنى ئەمانى ھەممە جايغا باشلاپ ئاپاردى. ئەمانىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە، تىپىكلىرىگە ئۇچرىدى، كۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇنىڭ داس سۆڭىكى پولتىيىپ چىقتى. كۈندىن كۈنگە نۇرىنى يوقاتقان تۈكلىرى ئاستىدىكى قوۋۇرغىلىرى بەش قولدەك بىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ كەتتى.
بىر كۈنى، ئەما ئىتنى يېتىلەپ شەرقىي دەرۋازىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، يولدا بىر پارچە سۆڭەك ئۇچراپ قالدى،بۇنى كۆرگەن ئىت ئۇ سۆڭەكنى يېمەكچى بولۇپ، ئۆزى باغلانغان ئارغامچىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۈزۈشكە ئورۇندى، ئەما دەرھال ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ، ئىتنى راسا تەپتى. تېپىۋەرگەنلىكتىن ئىت كاڭىلداپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ تاسما ساتىدىغان ئۇششاق يايمىچى چىدىيالماي قايچا بىلەن ئارغامچىنى كېسىۋەتتى، ئىت دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ، ھېلىقى ئۇستىخاننى چىشلەپ يېيىشكە باشلىدى. ئەما ئەسلىدىكى جايىدا توختاپلا قالدى. قولىدىكى ئۈزۈلگەن ئارغامچا پۇلاڭلاپ تۇراتتى:
-خۇ ئېر، خۇئېر! سەن نەدە؟
ئىتنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇ تىمسىقلاپ يۈرۈپ يولدىن ئۆتمەكچى بولدى. نەچچە قېتىم يولدىن ئۆتىۋاتقان ماشىنىلارغا سوقۇلۇپ كەتكىلى تاس قالدى. باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ سىيلاپ-سىپاپ يولدىن ئۆتۈپ، بىر مېھمانخانىنىڭ لەمپىسى ئاستىدىكى بىر بۇلۇڭدا تۇرغان كاناپ تاغاردىن ياسالغان كارىۋاتقا يىقىلىپ چۈشتى. يولدىكى جىددىيلىكلەر ئۇنى چالا ئۆلۈكتەك قىلىپ قويغانىدى.
ھەش-پەش دېگۈچە، ئارىدىن 20كۈن ئۆتۈپ كەتتى. ھېلىقى ئىت بىلەن ئەمانىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. بىر نەچچە ئۇششاق يايمىچىلار يىغىلىۋېلىپ، ھېلىقى ئىت چوقۇم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئۆزى خان ئۆزى بەگ ئايلىنىپ يۈرىۋاتىدۇ. ئەما بولسا، ئەمدى مەڭگۈ كۆرۈنمەسىلىك مۇمكىن،دەپ تەھلىل قىلىشتى. بۇ گەپلەر ئەمدىلا تۈگىشىگە، ئۇلار ئەما تۇتۇۋالغان بامبۇك تاياقتىن چىققان توكولدىغان ئاۋازنى ئاڭلىدى. ھېلىقى تاسما ساتىدىغان ئۇششاق يايمىچى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماستىن  يۈگۈرۈپ بېرىپ:
-بۇ كۈنلەردە سەن قەيەرگە كەتتىڭ؟-دەپ سورىدى.
-سەن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىنى بىلەمسەن؟-دېدى ئەما يۇقىرى ئاۋازدا،-ھېلىقى ئىت قېچىپ كېتىپ،تۆنۈگۈن كېچىدە، ناھايىتى ئېچىرقاپ كەتكەنلىكتىن يەنە قايتىپ كەلدى. بۇ قېتىم ئۇ مەندىن ھەرگىز ئايرىلالمايدۇ، قارا،بۇنىڭغا... .ئەما  قولىدا چىڭ تۇتۇۋالغان نەرسىنى پۇلاڭلاتتى، ئۇنىڭ قولىدىكى بىر تۆمۈر زەنجىر ئېدى.
ئىتنىڭ كۆزىدە يەنە ئۈمىدسىزلىك ئەكىس ئەتتى. تاسما ساتىدىغان ئۇششاق يايمىچى ئىتقا قاراپ ئولۇغ-كىچىك بىر تىنىۋېتىپ، يۇقىرى ئاۋازدا:
-ئۆز ئىختىيارى بىلەن جازالىنىشنى خالايدىغان بۇ ئەبلەخكە مېنىڭ يەنە قانداق ئامالىم بولسۇن؟-دېدى.
«مەنىلەر»ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 6-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.


گۈلباھار مۇھەممەد تەرجىمىسى
مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى

بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 22:20:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىت ۋاپا ..................دىگەن شۇدە،.............بولسا ھەرگىز قايتىپ كەلمەس ئىدى.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 14:47, Processed in 0.374845 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش