پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 60|ئىنكاس: 0

لەرزان خىياللار....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 14:44:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجدادىمدىن "شۈكۈر"نى ئۇدۇم ئىلىپ،شۇ ئۇدۇمغا مەھكەم ئىسىلىپ بەك ئۇزۇن يىل ياشىغان بىر قەۋمگە تەۋە بولۇپ يارالدىم،ھەممىگە شۈكۈر دىدۇق،ماقۇل دىسەك دىدۇقكى ياق دەپ باقمىدۇق،قەۋمىمىز مىھماندوست بولغاچقىمۇ،قورساق تويماي ئاچ ئولتۇرۇپمۇ،بارىمىزنى مىھمانلارغا تۆكمەقىلىۋەتتۇق،ئاخىرىدا يالغۇز بىزلا ئەمەس،بالىلىرىمىز،نەۋرىلىرىمىز ئاچ قىلىۋاتىدۇ،يەنە شۈكۈر دىدۇق ھەم دەۋاتىمىز...
       رەھمەتلىك بوۋام بىزگە ھارماي سۆزلەپ بىرىدىغان كىچىك ۋاقىتلىرىنى،مەنمۇ ئاڭلىغانسىرى شۇ ۋاقىتلاردىكى ئىتىزلارغا ياكى بىرە كۈنلۈك سەپەرگە چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە قۇلۇپمۇسىلىنمايدىغان،قايتىپ كەلگۈچە ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتمەي يەنە جايىدا تۇرىدىغان شۇزاماندا ياشاپ باققۇم كىلەتتى.لىكىن،دەل ئەكسىچە،مەن ئىشىكلەرگە قوشلاپ ئىلىكترونلۇق قۇلۇپ،ئۇنىڭغا قىتىپ يەنە يوغان قۇلۇپتىن نەچچىسىنى سىلىپمۇ بىر يەرگە خاتىرجەم ماڭالمايدىغان بىر دەۋرنىڭ ئادىمى بولۇپ يارالدىم.ھەممە نىمە ئۆزگىرەپ كەتتى،پەقەت ئۆزگەرمەي ساقلىنىپ قالغىنىدىن قەۋمىمنىڭ ئىسمىلا قالدى."ئەتە ئۆگۈن بۇمۇ ئۆزگىرەپ ياكى يوقىلىپ،ئەبجەشلىشىپ كەتسە،ئۇنىڭغا قىتىلىپ تارىخ يىڭىلىنىپ،يىڭى بىر بەت ئىچىلىپ،ئۇنىڭغا بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ ياكى بىر قەۋمنىڭ رىۋايەتكە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى يىزىلسا،بىز بىر قاراپ قويۇشقىمۇ ئىرىنگەن بىلەن بىزدىن بەكمۇ يىراق بىر يۇرتلارداتارىخنى يىپى يىڭنىسىگىچە سۈرۈشتۈرىدىغان كىشىلەر قىزىپ شۇ رىۋايەتكە ئايلانغان قەۋمگە ئىسىت دىيىشىپ كەتسە"...مانا بۇلار بوۋام كۆز يۇمۇش ئالدىدا بىز ئالتە نەۋرىنى يىغىپ كۆزلىرىنى نەمدەپ تۇرۇپ ئىيتقان سۆزلىرى...
      يالغۇز مىنىڭلا بوۋام ئەمەس،سىزنىڭ،ئۇنىڭ ھەم باشقىلارنىڭمۇ رەھمەتلىك بوۋامومىلىرى شۇ ئارزۇلاردا كەتتى،لىكىن بىز ئۆمرىمىزنىڭ ئاز كەم يىرىمىنى ياشاپ بولغان "ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن نارەسىدىلەر"بۇ سۆزلەرنى خۇددى تونۇربىشىدا ئولتۇرۇپ چىن تۆمۈر باتۇر چۆچەكلىرىنى ئاڭلىغانغا ئوخشىتىپ،تونۇرنىڭ ئىسسىقىدا مۈگدەك باسقان ئادەمدەك سۆزنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمايلا شىرىن چۈش سەيلىسىگەكەتتۇق.
بىزنىڭ قەۋم كۆڭلى پاختىدىنمۇ يۇمشاق،كۆڭۈلچەك قەۋم،شۇڭلاشقىمۇ ھەممىنى ئۆزىمىزگە ئوخشىتىپ،تالايلىغان خوجىنىياز ھاجىملارن ىيىتىشتۈردۇق،بىر خوجىنىياز ھاجىمدىن ئىبرەت ئىلىشنىڭ ئورنىغا مەجنۇنتال بويىنى ئىگىپ سۇ بەرگەن دەرياغا تازىم قىلغان بولسا،بىز ئاغزىمىزغا ھە دەپ سوسكا سىلىۋاتقان بىراۋلارغا بىلىمىز پۈكۈلۈپ كەتكۈچە تازىم قىلدۇق.
      مەن ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان،بىزدەتىرىيدىغان ئىتىز،باقىدىغان چارۋا مال،ئوت قالايدىغان مەش يوق،بىزدە بەللىرىنى كۈندەنەچچە ۋاق ئىگىپ يەر سۈپۈرىدىغان ھويلا ئاراملارمۇ يوق،لىكىن بىزنىڭ شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بەللىرى ئاشۇ بەللىرىنى يەرگە ئىگىدىغان دىھقانلارنىڭكىدىنمۇ بەكرەك پۈكۈلگەن،بىزدەپىژغىرىم ئاپتاپتا سىرتتا خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەر تولىمۇ ئاز،كۆپىنچىمىز ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئازادە ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ گىزىت كۆرگەچ،زالدا بار كۈچى بىلەن پول سۈرتىۋاتقان تازلىق ئىشچىلىرىغا كۆزىمىزنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ ئولتۇرىمىز،ئىشخانىدىن بىكەتكىچەپىيادە مىڭىپ ئاپتاپ كۆيدۈرگەن يۈزلىرىمىزگە ھەرخىل مايلارنى سۈرۈپ يەنە بولۇشىغا قاقشايمىز،لىكىن بىزنىڭ چىرايىمىز ئىتىزدا يەرگە ئىشلىگەن دىھقان ئاكىلىرىمنىڭ چىرايىدىنمۇ بەكرەك پۈرۈلگەن،ئەلۋەتتە،بىز يەرگە ئەمەس،خەقنىڭ يۈزىدىكى كۈلكە ئۈچۈن،ئىككى تۆت تال قىزىل ۋاراق ئۈچۈن ۋە يەنە نىمىلەر ئۈچۈن باشقىلارغا چىرايلىرىمىز پۈرلىشىپ كەتكۈچە خۇشامەت قىلىمىز.شۇنداق بولۇشىغا باقماي يا دىھقان ئاكامنىڭ نىنى ئىككى بولماي،يابىزنىڭ كىيمىمىز پۈتۈن بولماي يۈرۈپتىمىز.
        قورسىقى ئاچلار قورساق غىمىدە،قورسىقى توقلار دۇنيا غىمىدە،دوختۇرخانىلارنىڭ ئىغىر كىسەللەر بۆلۈمىگە كىرىپ قالسىڭىز بۇيەردىكىلەر ھەممە نىمىدىن ۋاز كىچىپ" پەقەت ئەڭ ئادەتتىكى كىشىلەرگە ئوخشاشلا نورمال نەپەس ئىلىپ ياشىيالىسام"نىڭ كويىدا،بەزى قورسىقى ئاچ بولسىمۇ ۋىجدانى توقلار ئەركىنرەك نەپەس ئىلىش كويىدا...ھەر كاللىدا مىڭ خىيال.
      يىڭى تۇغۇلىۋاتقان بوۋاقلار داڭلىق رىستۇرانلارنىڭ بىر ۋاقلىق مەززىلىك شورپىسىغا ئايلىنىپ كەتمىسەم دىگەن غەمدە،يىڭى مەكتەپكە كىرگەن بالىلار قاتمال مائارىپنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ پەپىلىنىۋاتقان.
      ئائىلە باشلىقلىرى بالىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدى نئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ بولالماي،بىرلىرى ئۆگەيلىنىۋاتقان،يا شۇ ئۆگەيلىنىۋاتقان بالىلارغا"ئەمدى چوڭ بولدۇڭ،ئۆز كۈنۈڭنى ئۆزەڭ ئال"دىيىلمىگەن،يا باشقاقىرىنداشلىرىدەك ئوخشاش مۇئامىلىگە ئىرىشەلمىگەن،باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بالا بولۇپ بىرىپ ئۇ يەردىمۇ جىسمى سىغقان بىلەن ئۆزلۈكى سىغماي بويۇن قىسىپ قىلىۋاتقان...
       ۋەتەندىن ئايرىلىشقا نەچچە ئايلا قالغان چاغلىرىمدا سوقۇر ئۈچىيىم ياللۇغلىنىش سەۋەپلىك دوختۇرغا بىرىپ،موماملارنىڭ بۇرۇندىن دەيدىغان بەدەنگە ئامال بار پىچاق تەگمىگەن ياخشى دىگەن پىكرىگە ئاساسەن بىر ھەپتىگىچەئوپىراتىسىيە قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن ئوكۇل ھەم دورا بىلەنلا داۋالانغانغاچ ھىلىقى جاننى ئالىدىغان ئاغرىققا بەردەشلىق بىرىپ دوختۇردىن چىقىپ كىتىش ئالدىدا ئاپامنىڭ تەلىپى بىلەن بىرە قۇر چوڭ تەكشۈرۈش قىلىپ س ت ئاپپاراتىغا چۈشىۋىدىم،ئەسلىدە كىشىلەردە ئىككىسى بولۇشقا تىگىشلىك بۆرەك مەندە بىر بولۇپ چىقتى،قايىل بولماي قايتا تەكشۈرىۋىدىم يەنە ئوخشاش چىقتى،بىراق دوختۇر خۇددى زۇكام بولۇپ قالغان كىشىگە مۇئامىلە قىلىۋاتقاندەك بەكمۇ خاتىرجەم ئىدى،دوختۇرنىڭ دىيىشىچە بۇ نورمال ئەھۋال ئىكەن،كىشىدە بىرلا بۆرەك بولسىمۇ نورمال ياشاپ كەتكىلى بولىدىكەن...دەسلەپ مەنمۇ سەل ئارامىغا چۈشۈپ يۈردۈم،بىراق بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن يەنە قايتا تەكشۈرۈش قىلىۋىدىم،دوختۇر باشقىچىلا جىددىيلىشىپ كەتتى، مىنىڭ شۇنچە زور تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتتىن كەلگىنىمنى ئاڭلاپ ھەم بىرلا بۆرەكلىك كىشىلەرنىڭ مۇھىتى ناچارجايلاردا چوقۇم ماسكا تاقاپ يۈرۈشى كىرەكلىكىنى دەپ بولۇپ،مىنىڭ ئەزەلدىن ماسكا تاقىمىغىنىمنى ھەم ماڭا ئىلگىرى ھىچقانداق بىر دوختۇرنىڭ بۇنداق تەكلىپ بىرىپ باقمىغىنىنى ئاڭلاپ مىنىڭ بۇ "باتۇرلۇقۇم"غا ھەيرانمۇ قالغان بولدى،ئۇنىڭغائەسلى مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ئاساسەن ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق"چىدامچان،باتۇرلۇق"ىنى دىمەكچى بولدۇم،بىراق ۋاقتىم قىستاپ قالغاچ چىقىپ كەتتىم،لىكىن ئويلاپ قالدىم،ھەقىقەتەن،ئۆگەي بالا قانچە ئۆگەيلەنگەنسىرى شۇنچەقەيسەرلىشىپ كىتىدىكەن...دىمىسىمۇ،بۇنداق باتۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يالغۇز مەنلا ئەمەس،
        بىرچاغلاردا خوشنىلىرىمىز ئۆز مەھەللىسىنى كىچىك كۆرۈپ بىزنىڭ ھويلىغا كىرىپ سىناق قىلغان ئاتومنىڭ تەسىرىدىمۇ بىزنىڭ باتۇر خەلق ھىچنەرسە بولمىغان،تىخى ئورۇقلىيالماي ياكى كىچىكلىيەلمەي يۈرگەن خەلقىمىزنى ئارزۇسىغا يەتكۈزگەن ئىدى،تىخى بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي،ھازىر يىڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارمۇ مەندەك بىر بۆرىكى كام ئەمەس بەلكى تىخى بۆرىكىدە بىردىن تىشى ئارتۇق تۇغۇلىۋاتىدۇ...
      راستىنى دىسەم،بۇ ئەبجەش خىياللىرىمدىن ئۆزۈم بەكلا زىرىكىپ تۇرىۋاتىمەن،ئويلىغانسىرى كاللام چارچاپ،بۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇزتىنماي قاتراپ چارچىغاندىن باشقا،بۇ خىياللار بىلەن تىخىمۇ چارچاپ كەتتىم،يا مىنىڭ بىرە ئىككى قىتىم خىيال قىلغىنىمغا بۇ خىياللار ئۆزگىرىپ مىنى خۇش قىلىدىغان خىيالغائايلىنىپ قالمىدى،يا بۇ خىياللىرىمنى ئوقۇغان مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغاندىن باشقا پايدىسى بولمىدى،يۈگۈرگەنلەر يۈگۈرگەن پىتى،ئۇخلىغانلار ئۇخلىغان پىتى،كۆزى ئوچۇق كەتكەنلەر كۆزى ئوچۇق پىتى قىلىۋەردى،مەنمۇ نەچچە قىتىم ئەتراپىمدىك ىيات خەقنى دوراپ قورساق غىمىدىن باشقا غەمنى قىلمايمۇ ياشاپ باقاي دىۋىدىم،قاملاشتۇرالمىدىم...مەنمۇھەم بەندىگە بوينۇمنى ئەگمەي،يا بوينۇمنى تىك قىلالماي مۇشۇنداق يۈرۈپ كەتتىم...
       ئىلگىرى ئۆز كەنتىدىن ئايرىلىپ باقمىغان بىچچارىلەر ئەمدىلىكتە بىراقلا ئايرىلىپ ياقا يۇرتلاردا يات مەدەنىيەت ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشكە مەجبۇر،دوختۇرخانىلارنىڭ ئىغىر كىسەللەر بۆلۈمىدە نۇرغۇن بىمار بار،ئۇلارمۇشۇنداق بىر قۇدرەتلىك،باي دەپ تەرىپلىنىپ كىلىنىۋاتقان ئائىلىنىڭ ئۆگەي بالىلىرى سۈپىتىدە داۋالاش پۇلىغىمۇ چىقىش قىلالماي ئىڭراپ ياتىدۇ،ئۆگەي ئاتا ئانىلىرى بولسا خولۇم خوشنىلىرىنىڭ ئۆزىنى باي،قۇدرەتلىك دەپ ماختاشلىرىغا چۆكۈشۈپ بۆشۈك تەتەۋرىنىپ راھەتلەنگەن بوۋاقلاردەك شىرىن چۈشلەر قوينىغا سىڭىپ كەتكەن.
      ئادەملەرنىڭ كۆڭلىدىكى مىھىر ئۇچۇپ نەلەگىدۇ غايىپ بولدى،تومۇرىڭىزدا ئىقىۋاتقىنى بىر قان،لىكىن،ئارىدىكى مىھىر،غەمخورلۇق ئۆزئارامەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان،بىز بىراۋلارغا شۇنچىلىك مىھرىبان،مۇلايىم،بىراق ئۆز قىرىنداشلىرىمىزغا كەلگەندە مەنپەئەت تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتۇق.قولىمىزداتاماكا،رومكىدا ھاراق،دىنىمىز ئىسلام.تىلىمىز ئەبجەش،مەدەنىيىتىمىز ھەم ئەبجەش،ئىغىزلىرىمىزدىن چىقىۋاتقىنى قىرىندىشىمىز ھەققىدىكى ئەپسانە سۆزلەر،ئىش ھەرىكىتىمىز ئۆز ئارا ئوراكولاش،نامىمىز ئۇيغۇر(ئۇيۇشقاق).سەن كىم دىسە مەھمۇد ئەۋلادى،مۇقام ۋارىسى دەيمىز،سەنئەتكىچىلىكلىرىدە مۇقام ئورۇنلانسا بىشىمىزنىڭ ئىچى تىشى قىتىپ ئاغرىيدۇ،بىلىمخۇمارمىللەت بىز دەيمىز،كىتاپ،تارىخ دىسە كۈلگىمىز كىلىدۇ،غوجاملار ناماز ئوقۇما دىسەقورقۇپ تىترەپ كىتىمىزيۇ،ئاللاھتىن شۇنچىلىك قورقمايمىز،ئائىلە باشلىقلىرىدىن پارچەپۇرات ئىلىپ خەجلەيدىغان بىچچارە ئۆگەي بالىلارنىڭ كۈنى تىخىمۇ تەس،شۇ ئازغىنە پۇلنى ئىلىش ئۈچۈن ۋىجدانىنى چۆرۈپ تاشلاشقا،ئىتىقادىدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇر...
       بەك كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىر كىنو بەك مودابولۇپ كەتكەن،كىنونىڭ ئىسمى ئىسىمدە يوق،لىكىن باش پىرسۇناژىنى--"سايىماخۇن"نى ھەممە ئوبدان بىلىمىز،تىخى ھازىر بەزى يۇۋاشراق ئەرلەرنى ياكى ئوغۇللارنى ئاغىنىلىرى چاقچاق قىلىپ "سايىماخۇن"دەپ چاقىرىشىدۇ،"سايىماخۇن"بولۇشنى خالىمىسىمۇ بىلىپ بىلمەي شۇنداق بولۇپ قىلىۋاتقانلىرىمىز قانچىلىك؟؟؟
خاتىرجەم تۇرمۇش،كۈنىگە 3 ۋاق تاماق...بىزھازىر ھەممىدىن ۋاز كىچىپ مۇشۇ نەرسىلەرنى جان تىكىپ قوغلىشىۋاتىمىز،ئاخىرىدا بىزدەمۇشۇلاردىن باشقا ھىچنىمە قالمىغاندا،ئاندىن"شۇ،تۇرمۇشنى دەپ"دىيىشىپ،باردەرتنى ئىچىمىزگە يۇتۇشۇپ شۇنداق ياشاپ ئۆتۈپ كىتىمىز،ئۇ چاغدا دۇنيا ئاللىبۇرۇن مەھمۇدنى،ئابدۇخالىقنى،تەۋپىقنى،لۇتپۇللانى...يەنەباشقىلارنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇشىدۇ،ئاندىن ئۇلارنى قايتا ھىچكىم سۈرۈشتە قىلمايدۇ،نەچچەقات قىلىن توپا باسقان قۇرئان،تارىخ،قۇتادغۇبىلىك...لار بىزگە مەڭگۈلۈك خوش دەيدۇ...شۇنىڭبىلەن بوۋام ئىيتقان رىۋايەت چۆچىكى دۇنيادىكى باشقا كىشىلەرگە ئىبرەتلىك بىر چۆچەك بولۇپ قالىدۇ...
مەنبە :  تور دۇنياسى
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 15:07, Processed in 0.168048 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش