ئىگىسى: ئامان

قۇربان ھېيتلىق مۇشائىرە پائالىيىتى باشلاندى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-10-30 23:00:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلدى ئايەم، كۈلدى ئالەم، بارچە دىللار يايرىدى،
ياسىنىپ قىز-يىگىتلەر،لەرزان ساما  تاشلىدى.
خۇش ناۋا بۇلبۇل كەبى پاك قەلىب ئوماقلىرىم
تۇرقىنى بىر -بىرىگە كۆز-كۆز قىلىشقا باشلىدى.
خۇشاللىقتا مەرىمەكتە،قۇربانلىقىم شۇ قوچقۇرۇم
چۈنكى  ھېيت، بايرام بۈگۈن -بايقاشتا بەزمە قاينىدى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +7تىللا +6تۆھپە +6شۆھرەت +6يىغىشسەۋەبى
گۈلزار + 4 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-10-31 13:08:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان ھېيتقا مۇبارەك ،
كېلىڭ دوستلار جامائەت.
قۇربانلىق قوي سويۇلدى ،
قۇچاق ئاچسۇن سائادەت .


ھېيتلىشايلى  ئۆزئارا ،
تۈگەپ كەتسۈن ئاداۋەت .
يوقلاپ ئاتا- ئانىنى ،
تىلەيلى ھەم سالامەت .

ئۇرۇق تۇققان دوست ئارا ،
يەتكۈزمەيلى تالاپەت .
ئۇلۇغ قۇربان ھېيتتىمۇ ،
قىلىشمايلى ھەشەمەت .
ئۇرۇق-تۇققان يىغىلىپ ،
ھېيت قىلايلى ئالامەت .

باھا سۆز

يارايسىز، شېئىرنى ياخشى يېزىپسىز.  ۋاقتى: 2012-10-31 14:36
يارايسىز تۇرسۇنجان ،ياخشى يېزىپسىز!!!  ۋاقتى: 2012-10-31 13:19

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +3تىللا +3تۆھپە +3شۆھرەت +3يىغىشسەۋەبى
ئامان + 3 + 3 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-10-31 16:49:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم يوللىغان ۋاقتى  2012-10-30 00:30
قېنى تور بېتىمىزدىكى شائىرەلىرىمىز كۈرۈنمەيدىغۇ؟

ھېيتتىن بۇرۇن مۇشائىرە خېلى قىزىغان ئىدى ھەم بۇ پائالىيەتكىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئىلھاملار بىلەن خېلى كۆپ ساندىكى شائىرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ نادىر شېئىرلىرى ئارقىلىق پائالىيەتنى  يوقۇرى پەللىگە چىقارغان . قارىغاندا ھېيت تۈگىشى بىلەن بۇ ئىلھاملارمۇ كېتىپ قالغان چېغى .  
ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام شائىر بولمىساممۇ  ئىلھامىم كېلىپ  مۇشائىرىگە قاتناشقان ئىدىم بۇ رەزىل قارنىيەتلەر ئۆچۇرۋېتىپتىكەن ئەمدى يازاي دىسەم  ۋاقىت يوقمۇ ياكى ئىلھاممۇ يازالمايۋاتىمەن .
ئىلھامى كەلگەنلەر  يېزىپ تۇرسا  باشقىلار ئۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ مۇشائىرىنى داۋاملاشتۇرامىز . رەھمەت .
ۋاقتى: 2012-10-31 19:59:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-1 15:10  

يازغانتىم ھېيتقا ئاتاپ, مۇشائىرى باشلاپ  ،
دوستلارغا ھېيت خوشاللىقىنى  ئالدىن تاشلاپ .
ناكەسلەر كۆرەلمەپتۇ, بۇ شادلىقىمىزنى .
يەنە يازدىمغۇ  قالسۇن ئىچ باغرىنى قاشلاپ .


  يازدىم  بۇگۈنمۇ ھېيتقا ئاتاپ, شۇ داستاننى ،
قورۇقماستىن  ئۆچۇرلىشتىن يازغان نەزمەمنى .
سىزمۇ كېلىڭ  مۇنبەرگە مۇشائىرە باشلاپ ،
ياڭرىتىپ بايقاشتا  ئىتتىپاقلىق كۈيىنى .


قورقماسلىق مەردلەرنىڭ خىسلىتى،
كۆرەلمەسلىك ناكەسنىڭ ئىشى   .
ئۆچەرسە شۇ تېما ئىنكاسنى ،
قورقماستىن يېزىش  ئاقىلنىڭ ئىشى .





باھا سۆز

يارايسىز .  ۋاقتى: 2012-10-31 21:55
ياخشى  ۋاقتى: 2012-10-31 20:04
ۋاقتى: 2012-10-31 20:40:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۇلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-1 15:13  

كەلدى ،ئالەم كۈلدى ئالەم ھوسۇللۇق كۈز پەسلىدە ،
ياقۇت كەبى مىۋىلەرمۇ  تەل بولۇپتۇ تەخسىدە .
ھېيت شادلىقى ئاتا قىپ تەبىئەتكە ھۆسنى - جامال
رەڭ تۈزەپتۇ ھويلا -ئارام  ، گۈلزارلىقلار ھۈپپىدە.
ئامان ئۇستاز ھېيتقا ئاتاپ قۇرۇپتۇ مۇشائىرە  ،
ياڭرىتىپ ئىتتىپاقلىق كۈيلىرىنى تەڭ نەزمىدە .


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5يارايسىز خانقىز.

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-10-31 21:55:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھامىم كەلمەيۋاتىدۇ دەۋاتاتتىڭىز، نۇرغۇن شېئىر يېزىۋېتىپسىزغۇ خانقىز؟! رەخمەت سىزگە!!
ۋاقتى: 2012-11-1 10:16:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان يوللىغان ۋاقتى  2012-10-31 21:55
ئىلھامىم كەلمەيۋاتىدۇ دەۋاتاتتىڭىز، نۇرغۇن شېئىر يېز ...

مۇنبەرداشلارنىڭ شېئىرلىرى غەيرەت كۈچ ئاتا قىلسا ، ئاشۇ ناكەس ، بۇزغۇنچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشى غەزىپىمنى كەلتۈردى شۇنىڭ بىلەن قەلبىمدىكى  مۇنبەرتداشلارغا بولغان سۆيىنىشىم بىلەن ناكەسلەرگە بولغان غەزەپ نەپرىتىمنى شېئىر ئارقىلىق ئىپادىلەپ قويدۇم  .
غەيرەت ئاتا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت .
ئىلھام كەلگەندە يەنە يازسام بولامدۇ ؟

باھا سۆز

ئەلۋەتتە بۇلىدۇ خانقىز.  ۋاقتى: 2012-11-1 10:28
ۋاقتى: 2012-11-1 16:25:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-1 16:31  

بايقاشنى كۈرەلمەي  ناكەس دۈشمەنلەر،
يۇقاتماق نىيەتتە قىلدى سۈيقەستنى.
ئادىمىن -ئاتامان بولغاچ بەك ھۇشيار،
دەرھاللا قۇتقازدى ئۈشبۇ بايقاشنى.


بولدى بەس، بىز غالىپ سەنلەر ئۈستىدىن،
ۋەدىلەر بىرىشكەن مۇنبەرداشلارمىز
سەكسەن بىر مۈشكىلات توسسىمۇ بىزنى،
يېڭىيمىز، چۈنكى بىز مائارىپچىلارمىز،

گەرچە بىز بولساقمۇ ئازراق چىقىمدار،
سەگەكتۇر يەنىلا ئەقلى ھۇشىمىز.
دۈشمەنلەر كۈزىدىن ئوتلەر چاقنىتىپ،
تېخىمۇ  جەۋھەرلىك تىما يازىمىز.

كىممۇ قىلالغاي بايقاشنى ۋەيران
،بوش چاغلاپ قاپتۇدە بىزنىڭ ‹‹ئامان››نى،
‹‹مەرىپەت››‹‹ گۇلزار››ىدا ‹‹زەپەر››قۇچۇشقا،
‹‹سىرداش››ىڭ چاقىرار جەڭگە ‹‹پەرى››نى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +5تىللا +5تۆھپە +5شۆھرەت +5يىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-11-1 21:26:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن يۈرەكتىن چىن تىلەك تىلىدىم قۇت ئايەمدە،
بايقاشتىكى دوستلارغا سالام يوللاپ خانەمدە.
بايقاشتىمۇ بوپ بەزمە ،قۇتلاشتۇق بايقاش ئەھلى،
ھېيتىمىزنى تەبرىكلەپ بايقاش كەلگەچ مەلەمگە.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +2تىللا +2تۆھپە +2شۆھرەت +2يىغىشسەۋەبى
ئامان + 2 + 2 + 2 + 2بارىكاللار تېرىشىڭ!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-11-3 17:47:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يايرىسۇن كۆڭۈل خوشال دوستلار بىلەن.
ئۇشبۇ ئايەم بەزمىسىدە شاتلىنىپ.
ئەخمىدىمۇ كەلدى بۇ سورۇنغا دەل،
قالمىغاي چاقچاقلىرى بەك ياتلىنىپ.

قېتىۋالسا دوستلىرىم قاتارىغا،
كەتمىگەيمەن ئەمدى ھەرگىز  تارتىنىپ.
كۈندە ھېيىتتەك  ئۆتىدۇ  بۇ  ئۆمرىمىز،
تۇرسا دوستلار چىن يۈرەكتە  يادلىنىپ.

باھا سۆز

بايقاش مۇنبىرگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا دوستۇم، بايقاش مۇنبىرىدىكى تورداش دوستلار سىزنى قىزغىن قارشى ئا تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-11-3 19:15

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1قىزغىنلىق +4تىللا +4تۆھپە +4شۆھرەت +4يىغىشسەۋەبى
ئامان + 4 + 4 + 4 + 4ياخشى تېما.

باھا خاتىرىسى

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش