پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 12

كاتتا زات شوجاڭ دېگەن(شېئىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 21:34:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-28 21:37  

           
خىزمەتداشلار سەمىگە


                                ئاپتۇرى: ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
                                           001ce87eeab1b40bd125574bd51c2af4.jpg


كاتتا زات شوجاڭ دېگەن، ھۆرمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى،
باش ئۇرۇپ تازىم بىلەن ئىززەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛
كۈندە مىڭ «خوش-خوش»نى پەرز-سۈننەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛
توغرا ئۆتمەڭ ئالدىدىن، دىققەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى؛
ئۆزىڭىزنى قۇل بىلىڭ، بەيئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
001e68e1bf811064aa0802.jpg


ئالمىغان ھوقۇقنى ئۇ ھەرگىز ئاسانلا قولىغا،
تېشىلىپ كەتكەن تاپانلار كۈندە ماڭغان يولىغا،
ئورا كولاپ مىڭ جاپادا باشقىلارنىڭ ھۇلىغا،
سېتىۋالغان تۆگىنى ئۇ تۈگمە ساتقان پۇلىغا،
توشسىمۇ پەيمانىڭىز تاقەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
xin_1420105230959062634422.jpg


شۇڭا ئۇ ھوقۇقنى شۇنداق كەلسە-كەلمەس ئىشلىتەر،
كوچىلاردا چاپتۇرۇپ ئات، خالىغانچە كىشنىتەر،
ئىتلىرى كۆپ ئالدىدا، بۇيرۇق بىلەن كىش-كىشلىتەر،
سىز بىلەن مەندەكنى بىر دوكلات بىلەن يەر چىشلىتەر،
مۆرىمەسلىكنى ئېسىل خىسلەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
images.jpg

ئالتە كۈندە سىزگىمۇ «تارقاقلىشىش»نىڭ گېپى بار،
بېشىڭىزدا ئوينىتىشقا باخشىلارنىڭ دېپى بار،
ياخشىلارنى «ئىقتىدارسىز»دەپ چېقىشقا ئېپى بار،
«يا قىزىل، ياكى ئىگىزيەرگە مېڭىڭ»دەپ خېتى بار،
كۈندە بىر شوجاڭ بىلەن سۆھبەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
51c46859d2f9a43b569fadf6.jpg


سىزنى قوغلاپ ئورنىڭىزغا تۇققىنىنى قويىدۇ،
ئىززىتىنى-ھۆرمىتىنى ئۇققىنىنى قويىدۇ،
پايدا-مەنپەت نەدە بولسا يوققىنىنى قويىدۇ،
ھەر كۈنى كۆڭلىنى بىر رەت ئۇتقىنىنى قويىدۇ،
قولىڭىزنى كەڭ ئېچىڭ، ھېممەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
899754.jpg


بىرلىرى ۋالىيغا يا شۈجىگە يۇرتداش كېلىدۇ،
بىرلىرى ھاكىمغا تۇغقان، دوست-ساۋاقداش كېلىدۇ،
بىرلىرى شوجاڭ بىلەن سىرداش-پىكىرداش كېلىدۇ،
بۇنى ئېيتساق ئاغزىمىزغا ئاش ئەمەس تاش كېلىدۇ،
سىزمۇ چوڭ باشلىقنى دوست-ئۈلپەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
edulive120215.jpg


بولسىڭىز خانىم ئەگەر، لىپتىكنى سەل جىڭراق قىلىڭ،
مەيدىڭىزنى كۆتۈرۈڭ- ئەمچەكنى سەل دىڭراق قىلىڭ،
ساغرىڭىزنى ئارقىڭىزغا چىقىرىڭ-چىڭراق قىلىڭ،
ئەتە-ئۆگۈن دەپ يەنە يۈرمەڭ، بۇنى تىزراق قىلىڭ،
ئىرىڭىزنى كۆندۈرۈپ نەسىھەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.

ئۆيىڭىزگە ئاخشىمى پاقلان سويۇپ باشلاپ تۇرۇڭ،
«شوجىڭىم»دەپ، «باشلىقىم»دەپ كۆڭلىنى ياشلاپ تۇرۇڭ،
دۇمبىسىنى ئۇۋۇلاپ خوشياقتۇرۇپ قاشلاپ تۇرۇڭ،
تال چىۋىقتەك تولغۇشۇپ قاش-كۆزنىمۇ تاشلاپ تۇرۇڭ،
ۋايىغا بىر يەتكۈزۈڭ، غەيرەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
W020111128557097724604.jpg


«ئىشلىدىم جان كۆيدۈرۈپ خىزمەتنى مەن» دەپ جۆيلىمەڭ،
يەتمىسە شوجاڭغا نەپ، بۇ بىر قۇرۇق گەپ، جۆيلىمەڭ،
تاغنى تالقان قىلسىڭىزمۇ سىزگە يوق نەپ، جۆيلىمەڭ،
جۆيلىمەيمەن مەنمۇ ئەمدى بولدىلا«خەپ!» جۆيلىمەڭ،
ئولتۇرۇپ ئىشخانىدا غەيۋەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
27550916.gif


نېمە ئۇ جان كۆيدۈرۈپ بىز ئىشلىگەن خىزمەت دېگەن؟
نېمە ئۇ ھوقۇق-ئەمەلنىڭ ئالدىدا مېھنەت دېگەن؟
نېمە ئۇ ۋىجدان ، غۇرۇر،بىلىم دېگەن، خىسلەت دېگەن؟
نېمە ئۇ ۋەتەن دېگەن، ئەۋلاد دېگەن، مىللەت دېگەن؟
تىزلىنىپ شوجاڭغىلا خىزمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
f04da22a8e9e1041e3a33e.jpg


كۈندۈزى ئادەم سىياقتا، كېچىسى شەيتان بۇلۇڭ،
رېستۇرانلاردا، قاۋاقتا ئادىمى ھايۋان بۇلۇڭ،
قىز تېىپىپ، چوكان تېپىپ بىر چەتتە سىز «مېھمان»بۇلۇڭ،
مەيلى خەق«دەللال» دىسە، شوجاڭ ئۈچۈن قۇربان بۇلۇڭ،
ئار-نومۇسنى ساتقىلى جۈرئەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
W020091212412486437966.jpg


باغدىكى ئوغرى تىكەننى گۈل قىلار شوجاڭ دېگەن،
شۇ سېسىق ھۆپۈپنىمۇ بۇلبۇل قىلار شوجاڭ دېگەن،
بىر قوتۇر ئېشەكنىمۇ دۇلدۇل قىلار شوجاڭ دېگەن،
بولمىسا بىر يولىڭىز، بىر يول قىلار شوجاڭ دېگەن،
قەلبىڭىزنى گەندىدەك مەينەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
111158203_11n.jpg


قاغىلارنى «ئاق»دېسە«ئاق» دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،
ئوغرىلارنى «ساق»دېسە «ساق»دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،
«ئىككى»نى ئۇ «تاق» دېسە،«تاق»دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ،
«ياق»دېسە ئۇ، سىزمۇ ھەم «ياق!» دەپ تۇرۇڭ باش لىڭشىتىپ.
ئاغزىدىن چىققاندا ھور، ھەرىكەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
368ea2c09acdf436498877f11a9e202a.jpg


يېزىغا قوغلانسىڭىز مىڭبىر جاپانى تارتىسىز،
دۇلىڭىزغا ئىككى تاغنى كۈندە يۈكلەپ ئارتىسىز،
باشقىلار«قوغلاندى» دەر، قايغۇ-ئەلەمگە پاتىسىز،
جۆرىڭىز يوق، بالىڭىز يوق، ئۇخلىماي دۈم ياتىسىز،
تۇتسىمۇ شوجاڭ زەھەر، شەربەت بىلىڭ ئەڭ ياخشىسى.
1_201005060850501s1hn.jpg


سىزنى خىزمەتداش بىلىپ، كۆڭلۈمدىكى گەپنى دىدىم،
تېخى تۆت كۈنلا بۇرۇن كەلگەن ئەلەم-دەرتنى دىدىم،
مەيلى ئاڭلاڭ-ئاڭلىماڭ، گەپ بولسىمۇ نەپنى دېدىم،
ئوڭ دېدىم تارتتىم زىيان، ئەمدى شۇڭا چەپنى دېدىم،
ماڭىمۇ دەل ۋاقتىدا تۆھمەت قىلىڭ ئەڭ ياخشىسى!!!



رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى دىيانەت تورى
مەنبە : تورچى تورى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
ئابلىمىت + 4 + 3 + 4ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 4 تىللا + 3 تۆھپە + 4  باھا خاتىرىسى

بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 21:59:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىيال ئەمىلىيەتنى  باغلاپ  يېزىلغان  ياخشى شىئېر ئىكەن  بۇ  رەھمەت.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

14

تېما

10

دوست

1033

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
259 سەر
تىللا
133 دانە
تۆھپە
226 سەر
شۆھرەت
152 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 10:38:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدىن تاپتىڭىز بۇ چاتما رەسىملىك شىئېرنى، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ؟
«ئىش بىرلىكتە، كۈچ ئۆملۈكتە»  ئورتاق تىرىشىپ بايقاش تورىنى گۈللەندۈرەيلى!

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5035 سەر
تىللا
2199 دانە
تۆھپە
8452 سەر
شۆھرەت
3651 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 13:39:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن بۇرادەرنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن ئېسىل-ھە!
تىلى ئۆتكۈر، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك، ئىبرەتلىك تەربىيەۋى ئەھمىيىتى يۇقۇرى ئېسىل شېئىرلارنى يازىدۇ.
رەخمەت بۇرادەر، شۇنداق ئېسىل شېئىرنى ئوقۇش، بەھىرلىنىش پۇرسىتى يارىتىپسىز.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

68

تېما

4

دوست

2516

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
654 سەر
تىللا
54 دانە
تۆھپە
408 سەر
شۆھرەت
679 سەر

تىرىشچان ئەزادادىل ئەزا ئوردىنىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 16:53:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەختىيار ئۇكام سەن ئالاخىدىن ئەپەندىنىڭ ياخشى بىر شېئىرىنى بىزنىڭ ئوقۇشىمىزغا سۇنۇپسەن،ساڭا كۆپ رەھمەت .ياخشى تېمىلىرىڭ ئۈزۈلۈپ كالمىسۇن.
مەرھابا يېڭى يىل

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 17:41:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تۇرسۇن ئاكا،بەلكىم كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرىدىغان يولداشلارنىڭ كىتاب ئوقۇشقا دېيەرلىك ۋاقتى بولماسلىقى مۇمكىن،شۇ ۋەجىدىن ئۆزۈم ئوقۇغان تور ئەسەرلىرىنى بايقاش مۇنبىرىگە يوللىدىم.
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 17:44:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالاھىدىن ئاكنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى شېئىرلارنى يېزىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن،شۇنداقلا تېنىگە سالامەتلىك،تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمەن.
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

16

تېما

1

دوست

2891

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
183 سەر
تىللا
44 دانە
تۆھپە
2300 سەر
شۆھرەت
139 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 20:24:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شىئىر ئىكەن ...مەن ئۇقۇپ بەك ھاياجانلاندىم ...ھازىرقى نەخ گەپنى يېزىپسىز ،ئۇلارنى تازا قامچىلاپسىز...رەھمەت....يەنە بىر قېتىم رەھمەت ...مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.......

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 20:32:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسەن ئەپەندى،سىز بۇرۇن ئالاھىدىن ئاكنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ باقمىغانمۇ؟ بۇ دەل شائىرىمىز ئالاھىدىن ئەپەندىنىڭ ئىجادىيىتى. ماڭا رەھمەت ئېيتماي،مۇشۇنداق ئېسىل شېئرلارنى رۇياپقا چىقارغان ئالاھىدىن ئاكنىڭ قولغا تېخىمۇ بەركەت بەرگەي!!!
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-6 20:32:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئاكىغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىڭ!
بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 14:54, Processed in 0.435457 second(s), 42 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش