بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-28 20:49
«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇخىياللىرى»دىن نېمىنى كۆرىمىز
(زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇخىياللىرى»ناملىق كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن) 1 گەرچە، زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇ خىياللىرى» ناملىق كىتابى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن 2011-يىلى 4-ئايدا نەشر قىلىنغان بولسىمۇ،لېكىن بۇ كىتابنىڭ نەشردىن چىققانلىقى توغرىسىدىكى مىش-مىش گەپلەر 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاندىن رەسمىي تارقالدى. ئارقىدىنلا، 10-ئاينىڭ باشلىرىدا كىتاب بازارغا سېلىندى. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، يەنى 2011-يىلى 7-،8-ئايلاردا تور مۇنبەرلىرىدە «ئۇيغۇرزادە»نامىدىكى ز.ب. ئۆزباش بىلەن باشقىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە شەكىلدىكى «غوۋغا»لىرى تازا ئەۋجىگە چىقىپ، پۈتكۈل تور ئەھلى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىدە نورمال مۇنازىرە تۈسىدە كېتىۋاتقان پاراڭلار، تۇيۇقسىز بۇرۇلۇش ياساپ بىر مەيدان غەلۋە-غوۋغاغا، ھەتتا يىپ بازىرىدىكى دەللال خوتۇنلاردەك ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىشىشقىچە يىتىپ بارغان ئىدى.كېيىن بۇ غەلۋە-غوۋغالار يەنە تۇيۇقسىز بېسىقىپ قالدى. شۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەي ز.ب.ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇخياللىرى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقىپ تارقىتىلغانلىق خەۋرى تارقالدى ۋە تور مۇنبەرلىرىدە بۇكىتاپ ھەققىد ىمۇ بەزى بىر گەپلەر بولۇپ ئۆتتى.(بەزى ئىنكاسلار ئۇزاق ئۆتمەي ئۆچۈرۋېتىلىپتۇ). شۇنىڭ بىلەن بۇ كىتابنى ئوقۇش ئىستىگىم تېخىمۇ كۈچەيدى. شۇ كۈنلەردە بۇ كىتاپ بىزنىڭ يۇرتقىمۇ يىتىپ كەلدى. سېتىۋېلىپ دەرھال ئوقۇشقا باشلىدىمدە، بىر ھەپتە ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئىزاھات: ز.ب.ئۆزباش ئۆزئەسەرلىرى بىلەن ماڭا خېلى بۇرۇنلا تونۇش ئىدى.چۈنكى خېلى كۆپچىلىگىمىز ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى، ھېكايە ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان.يېقىنقى يىللاردا يەنە،رىئاللىقىمىزغا نىسپەتەن باشقىچە ئۇسلۇپتا، باشقىچە نوقتىدا تۇرۇپ، باشقىچە نەزەر بىلەن يېزىلغان «جەمئىيەتشۇناسلىق»خاراكتېردىكى تاڭسۇق ماقالىلىرىنىمۇ زور قىزىقىش بىلەن ئوقىغان ئىدۇق. دىمىسىمۇ، ئۇنىڭ ماقالىلىرى بىز خېلىدىن بېرى ئوقۇپ كېلىۋاتقان «ئىجتىما ئىي تەنقد» تىپىدىكى ماقالىلەرگە ئوخشىمايتتى. ئەمدى ئۇ بۇ كىتابىدا نېمىلەرنى يازغاندۇ؟ كىتابنىڭ نامىدىن قارىغاندا ئۇمۇ جەزمەن، يېڭى ئەسىركىرگەندىن بۇيان مىللىتىمىز ئېڭىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چوققىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان دوكتور، ئالىملىرىمىز تەرىپىدىنكۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان «ئۆزلۈك» ۋە «كىملىك»مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان بولىشى كېرەك، بەلكىم چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان زىيالىلىرىمىز ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئەللەر توغرىسىدا سۆزلىگەندۇ… دېگەندەك تەخمىنلەرمۇ كاللامنى كېزىپ ئۆتتى. شۇنداق، كىتاپنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.ئارىدا بىر نەچچە كۈن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ ئويلا ندىم. يەنە شۇ ز.ب. ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇ خىياللىرى»ناملىق كىتابىد ىكى مۇنۇ جۈملىلەر ئېسىمگە كەلدى:«ئۇزۇندا ئوقۇغان كىتاپنىڭ كاللىدىكى تەسىراتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ»(ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونۇلۇلۇخىياللىرى»،شىنجاڭ ئونۋېرىستېتى نەشرىياتى، 2011-يىل نەشرى، 376-بەت). ئەلۋەتتە، بۇ،كىتابنى تېز ئوقۇپ، ئوقۇپ بولۇپلا دەرھال تەسىرات يېزىۋېلىش دېگەن گەپ ئەمەس.بەلكى كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، تەسىراتنى ھەركەتكە ئايلاندۇرۇش، كىتاپتىن ئۈگەنگەننى ئەمىلىيەتكە تەدبقلاش، دېگەنلىك ئىدى.(ز.ب.ئۆزباش كىتابىنىڭ «كىتاپ ئوقۇش سەنئىتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھەققىدە ئويلىغا نلىرىم» ماۋزۇلۇق 10-بابىدا مەخسۇس مۇشۇ توغرىسىدا توختالغان). دېمىسىمۇ، بۇ كىتاب يېقىنقى يىللاردىن بېرى مەن ئوقۇغان، «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا»(ئاپتۇرى؛ ئابدۇقادىر جالالىدىن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىلى نەشرقىلىنغان)،«ئۆزلۈك ۋە كىملىك- ياۋروپا قىرغاقلىرىدىن مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا قاراپ»(ئاپتۇرى؛ئەسەت سۇلايمان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى نەشرىياتى،2006-يىلى نەشر قىلغان)،«كۆزئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىد ىكى سۆز»(ئاپتۇرى؛ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىدبەرقىي، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2003 -يىلى نەشرقىلغان)، «مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى ۋە دۇنياۋىي تەرتىپنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى» (ئاپتۇرى؛ سەيمىل خانتىڭتون(ئامېرىكا)،ئابدۇرېھىم دۆلەت، ئادىل ئابدۇقادىرلار تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2003-يىلى نەشرقىلغان)، «يېڭى ئەسىردىكى مۇتىپەككۇر لار ساداسى»(ئاپتۇرى؛سللېرشۋارتىز(ئامېرىكا)، مۇختەر مەخسۇت قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ ياشلار -ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى،2004-يىلى نەشرقىلغان)، «بۈركۈت سايىسى»، (ئاپتۇرى؛ مارك ھېرتسگارد(ئامېرىكا)، ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىت بەرقىي تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشر ىياتى، 2004-يىلى نەشرقىلغان).«كورىيىلىكلەردىن نەرىمىز كەم»، (سېيىت تىلىۋالدى تەر جىمەقىلغان، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرقىلغان)،«ئىسلام پەلسەپە تارىخى»(ئاپتۇرى؛مەجىدپەخرو(ئامېرىكا)،بۈۋى نەريەم ئابدۇكېرىم تەرجىمە قىلغان،«شىنجاڭ ئىنجتىما ئىي پەنلەر مۇنبىرى»ژورنىلى 2004-يىللىق ئالاھىدە توپلام)، «ئەرەپ ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى»(4 توم، ئاپتۇرى؛ ئەھمەدئەمىن (مىسىر)،ئىمىنجان سەيدىن، غۇپۇرجان ئابدۇرېھىم، ھېبىيبۇللا توختى قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002- ،2004- ،2005-يىللىرى نەشرقىلغان)، «يەھۇد ىيلارنىڭ سىرى»(ئاپتۇرى؛خې شيۇڭفېي، ئەبەيدۇللا ئاقۇپ، مۇختەر ھوشۇر، ئابدۇللاروزى قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى نەشر قىلغان)، «يەھۇدىيلارنىڭ قەدكۆتۈرۈش تارىخى»(پاتىگۇل ئەخمەت، ئابدۇ جېلىل ئابدۇخېلىل، سادىق ئابلاجان قاتارلىقلار تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001-يىلى نەشر قىلغان)…قاتارلىق كىتابلاردىن كېيىن، مېنى يەنە بىر قېتىم مۇرەككەپ، گادىرماچ ئوي-خىياللارغا غەرق قىلغان كىتاب ئىدى. بۇنى دېمىگەندىمۇ، ئادەتتە، تور مۇنبەرلىرىدە كۆرگەن ئاددىي بىر لېرىكىغىمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ بىر نېمىلەرنى دەپ كېتىمىزغۇ (گەرچە ئېنتىرنىت كىتابقا ئوخشىمىسىمۇ)، شۇڭا مەنمۇ ز.ب.ئۆزباشنىڭ،«بىزنىڭ كىتاب ئوقۇيدىغان، كىتاپ ئالىدىغان نۇرغۇن ئادەملىرىمىزدە بولسا كىتابنى ئىچ پۇشىغى ئورنىدا ئوقۇيدىغان، تەسىراتچانلىق باسقۇچىدا توختاپ قالىدىغان، كىتابنى ئۆلۈك ئوقۇيدىغان ئەھۋاللار ئېغىز»(203-بەت)، دېگىنىدەك، مەنمۇ «تەسىراتچانلىق باسقۇچىدا توختاپ قالىد ىغان»لاردىن بولساممۇ، لېكىن مېنى بۇنچىلىك ئويغا سالغان بۇ كىتاب توغرىسىدا ئويلىغانلىر ىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم. چۈنكى ساڭا تەسىر قىلغان بىر نەرسە ھەققىدىكى ئوي-پىكىرىڭنى باشقىلارغا چۈشىنىشلىك ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىك كىشىنى ئازاپلىسا، ساڭا تەسىر قىلغان ئاشۇ نەرسە ھەققىدىكى ئوي-پىكىرىڭنىڭ كۆپچىلىك بىلەن ئومۇمەن بىر يەردىن چىقىشى سەندىكى ئۆملۈك تۇيغۇسىنى قانائەتلەندۈرۈپ، سېنى مەنمۇن قىلىدۇ. 2 زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇ خىياللىرى»ناملىق كىتابى«كىرىش سۆز» ۋە «قۇشۇمچە:پايدىلانمىلار» دىن باشقا 21 باپ، 438 بەت، خۇددى ئۆزى دېگەندەك بۇ كىتاب ئۇنىڭ «ئۆزەمنى تونۇش ۋە ئۆزەم بىلەن ئېلىشىش خاتىرىسى»بولۇپ، كىتابنى؛ ①ئامېرىكا، ئامېرىكا جەمئىيىتى، ئامېرىكا مائارىپى ۋە ئامېرىكا جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىممەت قارىشىنى ئۆزىنىڭ كۆزىتىش نوقتىسىدا تۇرۇپ تونۇشتۇرۇش.② مەدەنىيەت پەرقىدىن كېلىپ چىققان ئۆزلۈك ۋە كىملىكنىڭ مەنا ۋە نەزىريىۋىي قاتلاملىرىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىش. ③ جەمئىيە تشۇناسلىق نەزىريىسى ۋە ئۇنىڭ خەلقارادىكى ئەھۋالى، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئۇسۇلى.④ئۆزلۈك ۋە كىملىكنىڭ مەنا ۋە نەزىريىۋىي قاتلاملىرىنى ئۆزىنىڭ ئۈگەنگەنلىرى، كۈزەتكەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرى ئاساسىدا جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تەدبىقلاشتىن ئىبارەت تۆت مەزمۇنغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. دەرۋەقە بۇكىتابنى«چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇرلار»يازغان باشقا بارلىق ئەسەرلەرگە بىرمۇ- بىر سېلىشتۇرۇپ چىقالمايمىز، ئەمما بىزدە مۇشۇ «چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇرلار» ئىچىدىكى ئىلىم -بىلىم سەۋىيىسى ئەڭ يۇقۇرى ھىساپلىنىدىغان دوكتور، ماگىستىر، ئالىملىرىمىز (بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى) يازغان بەش كىتاب بار.بۇلار؛«ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا»،«ئۆزلۈك ۋە كىملىك-ياۋروپا قىرغاقلىرىدىن مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇر لۇقلىرىغا قاراپ»، «تەكلىماكاندىن ياۋروپاغىچە»(ئاپتۇرى؛ مەمىتىمىن ئەلا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى نەشرقىلغان)، «بىلىم ۋە زىيارەت»(ئاپتۇرى؛ مەمىتىمىن يۈسۈپ، مىللەتلەر نەشر ىياتى،1998-يىلى نەشرقىلغان)، يەنە بىرى دەل مۇشۇ ز.ب. ئۆزباشنىڭ«ئۆزلۈك گىرۋە كلىرىدە-ھونولۇلۇ خىياللىرى» بولۇپ،بۇكىتابلارنىڭ ھەممىسىدە، يېزىلىش ئۇسلۇبى، مەز مۇنى،تونۇشتۇرغان جايلىرى قاتارلىقلاردىكى ئوخشىماسلىقلاردىن باشقا، پەقەت بىرلا ئورتاقلىق بار، ئۇ بولسىمۇ-مۇددىئا، يەنى ۋەتەن-خەلققە بولغان مۇھەببەت ۋە ئۆزلۈك بىلەن كىملىكنى تونۇش.بىراق باشقا كىتاپلاردا، خۇددى ز.ب.ئۆزباش ئېيتقاندەك: «ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك، ئۆزلۈك ھەققىدىكى ئويلىنىشىغا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇ غىسىدا»،ئۇستاز ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»ناملىق ئەسەرلىرى تۈرتكە بولدى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.گەرچە، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى ئەسەردە ئاپتۇرلار ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن جانلىق كەچۈرمىشلىرى ئاساسىدا خەلقنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇتلۇقىغا باغلاپ كىملىك مەسىلىسى ھەققىدە ئويلانغان، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، ئىلمىيلىك بىلەن ئاممىباپلىقنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، ساياھەت ئەدەبىياتى شەكلىدە يېزىلغان بۇ ئەسەرلەردە كىملىك ۋە ئۆزلۈك ئۇقۇمى ھەققىدە ئېنىق بىر تەبىر بېرىش ياكى نەزىريىۋىي مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇش ئىمكانىيىتى يار بەرمەيتتى»(380-بەت). مانا ئەمدى، ز.ب. ئۆزباش بۇ كىتابىدا ئۆزلۈك ۋە كىملىك مەسىلىسىنى بىر قەدەر ئىلمىي بولغان نەزىريىۋىي يۈكسەكلىكتىن كۈزىتىپ، بۇ مەسىلىنى ئادەتتىكى بىر ئۇقۇم ۋە ئۇقۇم ھەققىدىكى چۈشەنچە دەرىجىسىدە ئەمەس، بەلكى ئىلمىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چۈشەندۈرگەن ۋە تەھلىل قىلغان. بۇ مەسىلىنى جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن چىقىپ، بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسى، نەزىريىۋىي قاتلاملىرىنى مۇھاكىمە ۋە تەھلىل ئاساسىدا يىشىپ بېرىشكە تىرىشقان.بۇ جەرياندا ئۇ،ئۆزى تەكىتلىگەندەك؛بىزنىڭ «نەزىرىيىدىن قېچىش»، «نەزىريىدىن قورقۇش»كېسىلىمىز نىڭ ئەكسىچە، ئۆزى تەتقىقات داۋامىدا يەكۈنلەپ چىققان يېزىقچىلىق ۋە تەھلىل پىرىنسىپى بويىچە،ئاۋال كىتابنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى بولغان ئۆزلۈك ۋە كىملىك تەقىقاتىنىڭ نىشانى ۋە بۇ تەتقىقاتنىڭ زۆرۈرىيىتىنى شەرھىلەپ، ئاندىن «نەزىرىيە ئەسلەش»ئۇسۇلى بويىچە، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىشقا ئاساس بولغان نەزىيىۋىي رامكا، جەمئىيەتشۇناس، مۇتپەككۇرلارنىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدىكى نوپۇزلۇق، يادرولۇق قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەمىلىي كۈزىتىشلىرى، سەرگۈزەشتلىرى داۋامىدا بىۋاستە ھېس قىلىپ يەتكەنلىرى ئاساسىدا،بىر-بىرلەپ يەكۈنلەپ چىققان. ئەمما بىزنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە -ھونولۇلۇ خىياللىرى»دىن كۆرۈشنى ئىستەيدىغىنىمىز، ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇلى جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى ئەمەس، بەلكى ئۆزلۈك ۋە كىملىكنىڭ نېمە ئىكەنلىگى، بۇنى ئۆزىمىزگە، ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھالىتىمىزگە قانداق تەدبىقلىشىمىزلازىملىقى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىز نىڭ ئۆزلۈكى ۋە كىملىكىنى قانداق تونۇيدىغانلىقىمىز، تونۇغاندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىگى ئىدى.چۈنكى باشتا ئازراق دارتىمىلاپ ئۆتىلگىنىدەك، يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىز ئۆزلۈك ۋە كىملىك دېگەن سۆز ۋە بۇ سۆزلەر ئاڭلاتقان ئۇقۇملارنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ، كىتاپلاردىن كۆرۈپ كېلىۋاتقىنىمىز بىلەن بۇ ئاتالغۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى، ئوتتۇرغا قويۇلۇش جەريانى، ئۇقۇم جەھەتتىكى كونكىرتنى مەنىسى، بۇنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى…قاتارلىقلار ھەققىدە يىتەرلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس ئىدۇق.ز.ب. ئۆزباشنىڭ بۇ كىتابى دەل مۇشۇ مەسىلىلەرگە كۆپ تەرەپلىمە جاۋاپ بېرىشنى نىشان قىلغانلىقى بىلەن بىزنىڭ ئۆزلۈك ۋە كىملىك ھەققىدىكى چۈشەنچە، ئىستىگىمىزنى تولۇق قاندۇرىدۇ.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا،بۇ كىتاب ئۆزىنى ئەڭ دەسلەپ ئېنتىرنېت يۈزىدە تونۇ شتۇرغان«ئوغۇز كىتاپخانىسى»نامىدىكى «Kitapyurti.com»تورىدا ئېلان قىلىنغان، مېنىڭچە،«قىسقىچە مەزمۇن»يېزىقچىلىقىدا بۈگۈنگىچە ئەڭ ئۆلچەملىك دەپ قارىغان «كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى»دا ئېيتىلغىنىدەك:« ئەتراپىمىزدا،تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا بىزدىن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشنى، ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلىشنى، ئۆزىمىزنى چوڭقۇرلاپ قېزىشنى ۋە كىملىكىمىزنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما بۇ جەريان قانداق ئىشقا ئاشىدۇ؟ بىز خرىسلار ۋە تېپىشماقلار ئالدىدا نېمە قىلالىشىمىز مۇمكىن؟ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى قانداق قازىمىز؟ بۇلار ئېيتىلىشقا ئاسان بولغىنى بىلەن، ئادەمنى گاڭگىرىتىدىغان، ۋەزنى ئېغىر سوئاللاردۇر. قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب ئەنە شۇ سوئاللارغا جاۋاب تېپىش مەقسىتىدە جاپالىق سىناقلارنى ئۆز ھاياتىدا تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئىزدىنىشچان ياشنىڭ چەت ئەل ۋە يۇرتىمىزدىكى ئۆزىنى ئىزدەش سەپىرىدە ھېس قىلغان، ئويلىغان خاتىرىلىرىنىڭ دەسلەپكى قىسمىدۇر. كىتابنىڭ قۇرلىرىدىن يېڭى ئۇچۇر، يېڭى پىكىر خۇرۇچلىرى ۋە تىنىم تاپماس بىر روھنىڭ ئىزنالىرى بايقىلىپ تۇرىدۇ. كىتابنى ۋاراقلىغىنىڭىزدا، ئىنسان كۈچىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنى قېزىش، ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئادەمنى نۇرانە مەنزىللەرگە باشلايدىغان روھىي مۇساپە ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ھېس قىلىسىز. ئاپتور ئاشۇ بىر قاتار ھېس-تۇيغۇلىرىنى، پىكىرلىرىنى سىزگە يېقىن بىر جايدا شىۋىرلاپ ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك، يىراقلاردا تۇرۇپ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن غايىبانە پىچىرلىشىۋاتقاندەك بىر تەرىزدە، يەڭگىل ئۇسلۇبتا قەلەمگە ئالىدۇ.»،« ئاپتور كىتابىدا ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلغان بولۇپ، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئەخلاقشۇناسلىق، تارىخشۇ ناسلىق، پسىخولوگىيە پەنلىرىنىڭ كېسىشمە نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ياشاش ئەندىزىمىز، مۇرەككەپ جەمئىيەت قوينىدىكى روھىي ھالىتىمىز، جەمئىيىتىمىزدىكى شەھەرلىشىش، زامانىۋىلىشىش مۇساپىسى داۋامىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە يېڭىچە بىر مېتودتا پىكىر يۈرگۈزىدۇ.بىز جاۋابىنى ئىزدەۋاتقان خىلمۇ-خىل نۇقتىلار ھەققىدىكى كىشىنى ئويلاندۇر ىدىغان تەلقىنلىق بايانلىرى ئارقىلىق بىزگە بىر قېتىملىق ئىدىيە يېڭىلاش، قاسراق تاشلاش، ئۆزىمىزنى تونۇش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.كىتاب نوقۇل ھالدا مەلۇم ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىنى تۇتقا قىلىپ يېزىلمىغان بولغاچقا، كەڭ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ – ئىلىم تەتقىقاتچىلىرىنىڭ، ھەرقايسى قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىشنى ئويلاۋاتقان ياكى تىل ئۆگىنىۋاتقان ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنىڭ، ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماس كېلىدۇ. ئىشىنىمىزكى، بۇ كىتابنى ئوقۇغان كىتابخان بىر قېتىملىق ئۆزىنى يېڭىلاش ۋە تەپەككۇرنى قوزغىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ.»دەپ تولۇق ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمىز، ھەم بۇ پىكىرگە، بۇ كىتابنى ئوقۇغان ۋە ئوقۇماقچى بولغان ھەربىر كىشىنىڭ تامامەن قوشۇلىد ىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. 3
مەن ئۇزاقتىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كىتاب ئوقۇش ئادىتىم بويچە، ز.ب. ئۆزباشنىڭ « ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇ خىياللىرى»ناملىق كىتابى بىلەن قەلىمىمنى تەڭلا قولۇمغا ئېلىپ، ئوقۇشقا باشلىدىم ۋە كىتابنىڭ 199-بېتىدىكى «…ھاۋاي ئۇنۋېر ىستېتىغا بېرىشتىن بۇرۇن ئالغان كىتابلىرىمنى سىزماي، قاتلىماي ئوقۇيتتىم.ئوقۇتقۇ چىمىز:«ئۆزىمىز سېتىۋلغان كىتاب بولسا، ئاستىغا سىزىپ، قاراشلىرىمىزنى يېزىپ ئوقۇساق بولىدۇ»دېدى. سىناپ باقتىم، راستكەن.كىتابنى ھېچقانداق خاتىرە قالدۇرماي ئوقۇغاندا، ۋاقتنىڭ ئۆتىشى بىلەن شۇ چاغدىكى ئىلھام-تەسىراتلار خىرەلىشىدىكەن، ھەتتا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىكەن. سىناق قىلىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆزەم سېتىۋالغان كىتابلارنىڭ مىڭەمگە تەسىر قىلغان، يېڭىلىق بىلىنگەن يەرلىرىنىڭ ئاستىغا سىزىپ ئوقۇيدىغان، يېنىمدىن قەلەم ئايرىمايدىغان بولدۇم» دېگەن قۇرلىرىنى ئوقۇپ، «مەنمۇ شۇنداق قىلىپ كېلىۋاتىمەن، شۇنىڭغا قارىغاندا مەنمۇ خېلى بولىدىكەنمەنغۇ»دەپ ئۆزەمدىن-ئۆزەم خۇش بۇلۇپ قالدىم. ئەمما مېنىڭ بۇ قېتىم كىتاب بىلەن قەلەمنى تەڭلا قولۇمغا ئېلىشىم،ز.ب. ئۆزباشنىڭ دېگىنىدەك:«كىتابنىڭ مىڭەمگە تەسىر قىلغان، يېڭىلىق بىلىنگەن يەرلىرىنى سىزىش»لا ئەمەس، بەلكى يەنە باشقا ئېنىق بىر مەقسىتىممۇ بار ئىدى. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولىشى كېرەك، بىزنىڭ دوكتور، ئالىملىرىمىز، بىر قەدەر سېستېمىلىق ئىلىم تەھسىل قىلغان يۇقۇرى سەۋىيىلىك كىشىلىرىمىز كىتاب ياكى ماقالە -ئەسەر يازغاندا، كۆز قاراشلىرىنى تولۇق شەرھىلەپ، تەخمىن، خۇلاسە، ھۆكۈملىرىنى پۇختا ئاياققا تۇرغۇزۇش ئۈچۈن نۇرغۇن كىتاب-ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، ئەمىلىي تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ، بۇلارنى ئەسەرلىر ىگە نەقىل قىلىپ ئالاتتى، ئاندىن سىتاتا مەنبەلىرىنى، پايدىلانغان ماتېرىياللىرىنىنىڭ نەشرىيات، نەشر قىلىنغان يىل، ئاي، ھەتتا بەت، قۇرلىرىغىچە تەپسىلىي، ئېنىق يازاتتى. بۇ ھەممەيلەنگە ئايدىڭ بولغىنىدەك ماقالە-ئەسەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىگىنى، ئاساسلىرىنىڭ تولۇق، قايىل قىلىش كۈچىنىڭ كۈچلۈك، ئىلمىيلىك دەرىجىسنىڭ يۇقۇرى ئىكەنلىگىنى، شۇنداقلا ئاپتۇرنىڭ ئەستايدىل، ئىنچىكە ۋە قابىللىقىنى ئىسپاتلاپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىنىمۇ نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇر مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەيتتى. ئەلۋەتتە، ز.ب. ئۆزباشمۇ ماڭا خېلىدىن بېرى تونۇش بولغان ئەنە شۇنداق كىشىلىرىمىز نىڭ بىرى ئىدى.شۇڭا مەن،ئۇ، بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا قانچىلىك ماتېرىيالدىن پايدىلانغاندۇ؟-دېگەندەك ئوي بىلەن كىتابنىڭ بېشىدىن تارتىپ نامى تىلغا ئېلىنغان كىتاب، ماتېرىياللارنى سىزىپ ماڭدىم.سىتاتا مەنبەلىرى، (قۇشۇمچە) پايدىلانمىلارغىچە بەلگە ئۇرۇپ، كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاخىرى بۇلارنى گىجىڭلىق بىلەن ساناپ، سىتاستىكا قىلىپ چىقىپ شېئىرلاردىن ئۈزۈندىلەر، گېزىت، ژورنال، ماقالە، لېكسىيىلەرنىڭ نامى، توربەتلەرنىڭ ئادرىسى قاتارلىقلارنى چىقىرۋېتىپ، پەقەت كىتاپلارنىلا سۈزىۋالدىم، ئاندىن نامى تەكرارتىلغا ئېلىنغان، سىتاتا مەنبەلىرى ۋە پايدىلانمىلاردا تەڭلا تىلغا ئېلىنغان(مەسىلەن؛ «جەمئىيە تشۇناسلىق») كىتابلارنىمۇ چىقىرۋېتىپ، سايلام بېلىتى ھىساپلىغاندەك بەلگە قىلىپ تەپسىلى ساناپ چىقتىم. ئۇ بۇ كىتابىنى يېزىش جەريانىدا 117 پارچە كىتابنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئېنگىلىزچە كىتابلار بولغاندىن سىرت، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە كىتابلارمۇ بارئىدى. ئېنىقكى، ئۇ بۇ كىتابلارنى ئوقۇمىغان ياكى بولمىسا مەزمۇنىدىن تولۇق خەۋەر تاپمىغان بولسا، بۇ كىتابلارنىڭ ناملىرىنى ۋە بۇ كىتابلاردىن ئالغان نەقىللەرنى بۇنچىلىك جايى-جايىدا كەلتۈرەلمىگەن، پىكىرلىرىنى ئورۇنلۇق شەرھىلەپ، تولۇق دەلىللىيە لمىگەن بولاتتى.شۇڭا ئۇنىڭ بۇ كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى، ھېچ بولمىسا مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقانلىقى شۈبھىسىز. ئاپتۇرنىڭ تەرجىمھالىدىن قارىغاندا، ئۇ 2007-يىلى 6-ئايدىن 2009-يىلى 12-ئايدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكىچە توپتوغرا بىر يېرىم يىل ھاۋايدا ماگىستېرلىقتا ئوقۇغان. شۇڭا ئەگەر ئۇنى كىتابنى مۇشۇ بىر يېرىم يىل ئىچىدە يازدى، ھېلىقى 117پارچە كىتابنىمۇ مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتى دېسەك، بىر يىلنى 360 بولىدۇ دەپ ھىساپلايدىغان بولساق، ئۇچاغدا بۇ بىر يېرىم يىلدىكى 540 كۈننىڭ ھەر 4.6 كۈنىدە بىر پارچە كىتاب ئوقۇغان بولىدۇ.مەيلى كىتابنى تولۇق ئىككى يىلدا يازدى ۋە 117 پارچە كىتابنىمۇ مۇشۇ ئىككى يىل ئىچىدە ئوقۇدى، دېسەكمۇ، بۇ ئىككى يىلدىكى 720 كۈننىڭ ھەر 6 كۈنىدە بىر پارچە كىتاب ئوقۇغان بولىدۇ.يەنە مەيلى نېرى-بېرى دېمەي، ئۇ بۇ كىتابنى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بەش يىلدا يازدى، ئۇ كىتاب يېزىش ئۈچۈن ھېلىقى 117 پارچە كىتابنىڭ بەزىلىرىنى بۇرۇنلا ئوقۇپ بولغان دېسەكمۇ، ئۇ بۇ بەش يىلدىكى 1800 كۈننىڭ ھەر 15 كۈنى ئىچىدە بىر پارچە كىتاب ئوقۇغان بولىدۇ.بىراق، ئۇ كىتابىدا ئۆزىنىڭ 2007-يىلى 20-ئىيۇندا ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاندىن كىتابنىڭ كىرىش سۆزى 2008-يىلى ئاۋغۇستتا يېزىلغان. كىتاب 2011-يىلى 4-ئايدا بېسىلىپ چىققان.(ھەرقانچە بولسىمۇ، ئۇ «تۇغۇلمىغان مۇزايغا قۇزۇق قېقىپ» كىتابنى يېزىپ قاپبەلگە كەلگەندە كىرىش سۆز يېزىپ يۈرمەس؟! ياكى ئۇ ھاۋايغا بارماي تۇرۇپلا «ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغانان چىلاپ»، «ئۆزلۈك گىرۋەكلىر ىدە-ھونولۇلۇ خىياللىرى»نى قىلىپ يۈرمىگەن بولغىيتى؟!) شۇنداق بولغاندا، ئۇ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان 2007-يىلى 20-ئىيۇندىن 2008-يىلى ئاۋغۇستقىچە، ناۋادا ئۇ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىققان كۈنىلا كىتابنى يېزىشقا باشلىغان بولسا، كىتابقا كىرىش سۆز يېزىلغان 2008-يىلى ئاۋغۇ ستقىچە بولغان 15 ئاي، 450 كۈننىڭ ھەر 1.04 كۈنىدە بىربەت خەت يازغان (كىتاب 438 بەت) ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، يۇقارقى ھىسابىمىز بويىچە كىتاب ئوقۇسا، بۇ 15ئايدىكى 450 كۈننىڭ ھەر 3.8كۈنىدە يەنە بىر پارچە كىتاب ئوقۇغان بولىدۇ. ماتېماتىكا دېگەن قىزىق نەرسىدە مۇشۇنداق. بۇ ھىساپ-كىتابتا كۈنلەر پۈتۈن سان بويىچە ئېلىنىپ، نەتىجىدىكى تەقرىبى سانلار تاشلىۋېتىلگەن، كىتابلارنى توغرا سانىيالماي نەچچە ئون كىتاب ئارتۇق ياكى كەم سانىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بۇھىساباتقا كىشىنىڭ تەرەبباللا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بىراق بۇ ئەمىلىيەت، ئىشەنمەيمۇ بولمايدۇ.بۇنداق بولىشى مۇمكىنغۇ؟ دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا بۇنداق مىساللار بار.يەنە تېخى كىتابنىڭ «قىسقىچە مەزمۇنى»دا بۇ كىتابى«ئۇ ئويلىغان خاتىرىلەرنىڭ دەسلەپكى قىسمىدۇر»دىيىلگەن ۋە بۇ يازمىنى يېزىۋاتقان پەيتىمدە مانا ئۇنىڭ يەنە بىر كىتابىنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم. مېنىڭ بۇ يەردە بۇنداق گىجىڭلىق بىلەن ھىساپ-كىتاب قىلىپ يۈرۈشۈمنىڭ يەنەبىر سەۋەبى،ز.ب.ئۆزباشقۇ بۇ كىتابىنى يېزىش جەريانىدا، ھېچ بولمىغاندا ھەپتىدە بىر پارچە كىتاب ئوقۇپتۇ، ئەمما بىزنىڭ ئارىمىزدا يىلىغا بىر كىتاب ئەمەس، دۇنيا رازۋىدكا ھىكا يچىلىقىنىڭ پىرى ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى ئاگاستاكېرىستىنىڭ«يەتتە مىنۇتلۇق كېچە»گە ئوخشا ئەڭ جەلىپ قىلارلىق قىسقا رازۋىدكا ھېكايىلىرىدىن بىرەرنىمۇ ئوقۇپ قويمايدىغانلار خېلى بار، دېگەننى ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈندۇر. 4 كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مېنى ئويغاسالغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ز.ب.ئۆزبا شنىڭ كىتابنى يېزىش جەريانىدىكى سەۋەنلىكلىرى ئىدى. بۇ مېنى، ساختا كەمتەرلىك قىلما ستىن،«مۇنارغا مۇشت تەڭلەپ»، چەتئەلدە ئوقۇغان بىر ئالىمنىڭ ئەسىرىگە نىسپەتەن ھۆتۆت -پۆتۆت دىيىش سالاھىتىم بولمىسىمۇ،«ھەممە قۇش ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى سايرايدۇ» دېگە ندەك؛ ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىگە، ئۆزەم«مەسىلە»دەپ قارىغان نوقتىلاردىن قىسقىچە تەنقد يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر قىلدى. چۈنكى دۇنيادا ياراتقۇچىدىن ئۆزگە مۇكەممەل نەرسە بولمىغىنىدەك، ز.ب. ئۆزباش ۋە ئۇنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇ خىياللىرى»ناملىق كىتابىمۇ نۇقسانسىز ئەمەس، دەپ ئويلۇدۇم. 1.ز.ب. ئۆزباش«جەمئىيەتشۇناسلىق»بويىچە ئامېرىكىدا ئوقۇيدۇ. «جەمئىيە تشۇ ناسلىق » ئۇ ئۈگىنىدىغان ئىلىم، يەنى ئۇنىڭ ئۈگىنىش نىشانى. ئەمما تەتقىق قىلىدىغىنى جەمئىيەت. مېنىڭچە ئۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىنى ئەمەس، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.كىتاپتىكى مەزمۇنلار ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىنىڭ تېمىلىرىدىن قارىغاندا، ئۇ ئاساسەن «شەھەرلىشىش ۋە شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىملىك كىرزىسى »…دېگەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ «شەھەرلىشىش» جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى جەمئىيەتشۇناسلىق بويىچە كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىشقا كۆپرەك دىققىتىنى مەركەزلە شتۈرگەن.ئەمما بىزنىڭ رىئاللىقىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ %90 دىن كۆپرەگى يېزىلاردا جەمئىيەتلەشكەن. بولۇپمۇ جڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30يىلدىن بېرى ئۇيغۇر يېزا جە مئىيىتىدىمۇ نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر جەريانىدا جەمئىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر كۆرۈلدى. ئەلۋەتتە،بۇلار«شەھەرلىشىش جەريانىدىكى كىرزىس»تىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ.بىراق ز.ب.ئۆزباش كىتابىدا ئۇيغۇر يېزا جەمئىيىتىگە نەزەر ئاغدۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئازراقمۇ بىشارەت بەرمەيدۇ. ئېنىقكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى يېزىدىن ئايرىۋېتىلسە مۇكەممەل جەمئىيەت بۇلالمىغىنىغا ئوخشاش،ز.ب. ئۆزباشنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىمۇ شەھەرلىشىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، تولۇق تەتقىقات بولالمايدۇ. 2. ز.ب.ئۆزباش كىتابىنىڭ «كىتاپ ئوقۇش سەنئىتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھەققىدە ئويلىغانلىرىم»دېگەن 10-بابىدا، كىتاپ ئوقۇشنىڭ ناھايتى ياخشى، ئىلمىي ئۇسۇللىرى، كىتاپتىن مەنپەت ئېلىشنىڭ، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ ئەڭ زامانىۋىي ئىلمىي ئۇسۇل، يوللىرىنى، تەجىربىدىن ئۆتكەن مۇئاپىقىيەتلىك چارىلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ كېلىپ، گەپ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈستىگە كۆچكەندە؛«رايونىمىزدا كىتاب ئوقۇش، كىتاپ ئوقۇش سەنئىتى ھەققىدە ھېچكىم ھېچقەيەردە بىر نەرسە دەپ بېرەلمەيدۇ»دەيدۇ (203-بەت).ئاندىن بارا-بارا بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كىتاپ ئوقۇماسلىق، كىتاپقا قىزىقماسلىق،ئۆلۈك كىتاپ ئوقۇش…ئىللەتلىرىنى ئەيىپلەيدۇ، ئىللەت بولغىنىكەن ئەيىپلەش ئورۇنلۇق ئىش.ئەمما ئالدى بىلەن رايونىمىزدا تەرجىمە بولسىمۇ كىتاپ ئوقۇش ھەققىدە بىر-ئىككى كىتاب مەۋجۇت، ز.ب.ئۆزباش بۇ كىتابنى كۆرمىگەن بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئۇيغۇر خەلقى تارىختا، ھەتتا تاشقا ئويۇپ كىتاب يازغان (مەسىلەن؛«مەڭگۈتاشلار»)، ھەتتا پۈتۈن كىتابلارنى يادلىيالا يدىغان (مەسىلەن؛«قۇرئان كەرىم»)كىتاپ خۇمار خەلق ئىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نېمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇماس ياكى كىتابنى ئاز ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدى؟ نېمە ئۈچۈن كىتابتىن ھوزۇر ئالالمايدىغان بولۇپ قالدى؟ نېمە ئۈچۈن يۇقارقىدەك سەۋەپلەرنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى؟…ز.ب.ئۆزباش مانا مۇشۇلار ھەققىدە يىتەرلىك پىكىر يۈرگۈزمىگەن. 3.ز.ب. ئۆزباش كىتابىنىڭ «قىيىنچىلىق ۋە تېڭىرقاش ئىچىدىن يول تېپىش-ياشلارنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىگە توسالغۇ بولىۋاتقان روھى ئامىللار»دېگەن 19-بابى ۋە «ياشلىرىمىز بىلەن سۆزلىشىش»دەپ ناملانغان 20-باپلىرىدا ناھايتى تەسىرلىك بايانلار بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىينچىلىقلاردىن غالىپ كېلىشىگە توسالغۇ بولىۋاتقان روھىي ئامىللارنى بىرنەچچە تىپىك نوقتىلارغا يىغىنچاقلاپ مۇھاكىمە قىلىپ،ياشلىرىمىزنى بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن ئۆزى ھەققىدە توختاۋسىز ئويلۇنۇپ، روھى دۇنياسىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان ۋە بۇ روھىي ئىسلاھاتنىمۇ بىر نەچچە نوقتا بويىچە تەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ياشلىرى كۆپ تەرەپلىمە، ئەھمىيەتلىك تەلىملەرنى بەرگەن. ئەمما مۇشۇ خىلدىكى بايانلاردا كۆزدە تۇتىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەممىسى، بىرلا قارىغاندا ياكى ز.ب. ئۆزباشنىڭ تەلەپبۇزىدىن قارىغاندا، مەلۇم دەرىجىدىكى ئوقۇشنى تاماملاپ ئىشسىز قېلىۋاتقان ياشلار، ئومۇمەن شەھەر ياشلىرى، شەھەر لەشكەن ياشلاردەك كۆرۈنىدۇ.ئەمما يېزا ياشلىرىچۇ؟ يېزىلاردىمۇ نۇرغۇن ياشلاربار، ئەمما يېزىلاردا «ئىشسىز قېلىش»،«خىزمەت تاپالماسلىق» دېگەن گەپ يوق،يېزا ياشلىرى ئەسلىدىنلا ئىشسىز.ئۇلار پىسخىكا، ئادەت، پۇز ىتسىيە…ۋاھاكازالارنى ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ. ئۇلار تېخىچە ئاشۇ چەت، ياقا، نامرات يېزا-سەھرالىرىدا كەنتە مۇدىرلىرى، مەھەللە باشلىقلىرىنىڭ كۈندە دېگۈدەك دىۋەيلەپ تۇرۇشلىرى ئاستىدا توختىماي ئىشلەيدۇ، تېخى ھاشا، مەجبۇرىيەت ئەمگەكلىرىگە قاتنىشىدۇ، سوغۇقسۇ ئىچىپ،يېلىڭ-يۇپۇق كىيىملىرى بىلەنلا داق يەرلەردە يېتىۋېرىدۇ…ھاياتلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن توختىماي ئىشلەيدۇ، ئاشۇ ئېھسان ھىسابىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇللىرىنى ئېلىپ، يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالاش سوغۇرتىلىرىغا قاتنىشىپ، دۇختۇرخانىلاردا ھەقسىز داۋالىنىپ(ئەمىلىيەتتە يېزا شىپاخانىلىرىدىن نېرىغا ئۆتۈلمەيدۇ)، مەدىكار دېگەن كونا قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىشلەمچى دېگەن يېڭى ئاتاقنى ئېلىپ،ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى ھىساپلىنىپ«سىرت»قا چىقىپ ئىشلەشلەر…ئۇلارنى شۇنچە باياشاد، غەمسىز، ھېچقانداق كېمى يوق قىلىۋەتكەنمىدۇ؟! ياق، بۇ تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ ئەھمىيەت بىلەن تەتقىق قىلىنىدىغان جەمئىيەت.ز.ب.ئۆزباش كىتابىدا بۇلارنى ئۇنتۇپ قالغان. بۇلار توغر ىسىدا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كىتابىدا نۇقسان پەيدا بولۇپ قالغان. 4.ز.ب.ئۆزباش كىتابىدا يەنە، كىتاپلارنىڭ ئىسمىنى توغرا يازماسلىق، ئالماشتۇرۇپ قويۇشتەك سەۋەنلىكلەرگە يول قويغان. مەسىلەن؛ ئەسئەت سۇلايماننىڭ كىتابىنىڭ تولۇق ئىسىمى«ئۆزلۈك ۋە كىملىك-ياۋروپا قىرغاقلىرىدىن مەركىزىي ئاسىيا چوڭقۇرلۇقلىرىغا قاراپ» ئىدى،بىرا ز.ب. ئۆزباش ھېچقانداق ئىزاھات ياكى چۈشەندۈرۈش بەرمەيلا، ئۇ كىتانى «ئۆزلۈك ۋە كىملىك»(379-بەت)دەپ يازغان. ئەمىلىيەتتە، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ كىتابىنىڭ نامىمۇ«ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇخىياللىرى»بولۇپ،يۇقارقى كىتاپنىڭ نامى بىلەن شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، بۇ كىتابنىمۇ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»دەپلا قويسا مۇئا پىقمۇ؟بۇ خۇددى بىزنىڭ ئىسىم-پامىلىمىزنى بىللە ئاتاشقا كۆنەلمىگەندەكلا بولمىغۇر قىلىق.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، كىتابنىڭ 414-بېتىدە«دۆلەت ۋە ئىجتىمائىي كونترول»دېگەن بىر كىتابنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ،سىتاتا مەنبەلىرىدە بۇ كىتابنىڭ نامى«ئىجتىمائىي كونترول ۋە دۆلەت»دەپ يېزىلغان، كىتابنىڭ ئېنگىلىزچە نامىدىن قارىغاندا كېيىنكىسى توغرىدەك قىلىدۇ. بۇلار گەرچە كىچىك ئىش، بۇلار توغرىسىدا گەپ ئېرىڭداش «ھەسەلنىڭ قىلىنىخىللىغانلىق»تەك تۇيۇلۇپ، ئۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتكۈدەك ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ مېنىڭ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا يىتەرسىزلىك مىكى دەپ ھېس قىلغانلىرىم. قىسقىسى،ز.ب.ئۆزباشنىڭ «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە-ھونولۇلۇخىياللىرى»ناملىق كىتابى ،پەقەت كىتابنىڭ «قىسقىچە مەزمۇنى»دا يېزىلغىنىدەك؛«بىزگە بىر قېتىملىق ئىدىيە يېڭىلاش، قاسراق تاشلاش، ئۆزىمىزنى تونۇش زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇرىدۇ»غان، ئاددىي بىر ئىنسان تەرىپىدىن كۆپ ئەجىر بىلەن يېزىلغان ياخشى بىر كىتاب. ئەمما ئۇنىڭدىن بەك چوڭ نەرسىنى ئۈمىد قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئەلۋەتتە، بىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانى ھەرگىز تېپتېنىچ بولمايدۇ، تېپتېنىچ بولسىمۇ بولمايدۇ، جەمئىيەت ھەر ۋاقىت ئۈزلىكسىز ئۆزگىرىشكە، يېڭىلىنىشقا مۇھتاج. بۇ مۇھتاجلىق جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئادەملەرنىڭ ئېڭىدا، روھىيتىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر كىتاب، بۇ كىتابنى يازغان ئادەمنىڭ ئىدىيە، تەشەببۇسلىرى دەماللىققا، تېز ۋاقىت ئىچىدىلا جەمئىيەتكە ۋە جەمئىيەت ئادەملىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، جەمئىيەتتە ۋە ئادەملەرنىڭ روھىيتىدە كۆرنەرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەسلىگى مۇمكىن.ئەمما ئاشۇ بىر كىتاب، ئۇ كىتابنى يازغان ئادەمنىڭ ئىدىيە، تەشەببۇسلىرى، جەمئىيەت ۋە جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغۇچى ئادەملەرگە ئاستا-ئاستا، ئاز-ئازدىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تەسىر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىش تەرەققىيا تىدا ئۆز ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ.خۇددى ماركىس، ئېنگىلىسلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە كىتابلىرى پۈتۈن دۇنياغا، جۈملىدىن جۇڭگو جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكە نگە ئوخشاش. شۇنداق بولغان ئىكەن.ئەمدى بىز ئۆزىمىزنى زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقاتلار بىلەن يېزىلغان كىتابلىرىنى ئوقۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەييارلىشىمىز كېرەك، دەپ قارايمەن. 2011-يىل31-ئۆكتەبىر
مەنبە:بەگيار بىلوگى
|