پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 9 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 124|ئىنكاس: 2

مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 16:46:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-28 17:21  

مەزكۇر ھېكايىنىڭ ئاپتورى نۇر روزى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتتى. نۇر روزى 1938-يىلى يەكەندە تۇغۇلغان.  «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى» ناملىق ھېكايىسى ۋە «ئەنجانباي» ناملىق رومانى بىلەن كىتابخانلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
1331970767-300x238.jpg

بەقەسەم تون كىيگەن ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئاق پىشماق ئادەم كۆك سىرلانغان كەڭ دەرۋازىدىن ئاق بوز ئاتنى يورغىلتىپ كىرىپ كەلدى . ئۇ ، مەكتەپ سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ، تىزگىنىنى يەڭگىل تارتتى . ئات توختاپ ، سوزۇپ – سوزۇپ ئىككى قېتىم كىشنىدى- دە ، ئالدى پۇتلىرى بىلەن يەرنى چاپچىشقا باشلىدى ، دەل شۇ چاغدا مەكتەپ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىنى سۈپۈرۋاتقان ياشقىنا خىزمەتچى چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ۋە يۈگۈرۈپ كىلىپ ئاتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالدى :
- تىنىچ-ئامان كەپلا مۇدىر ؟ – دېدى ئۇ ئىگىلىپ تۇرۇپ .
ئۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئىلىك ئېلىشىنى كۈتمەيلا ، ئۇنى قولتوغىدىن يۆلەپ ئاتتىن چۈشۈردى .
- خوش ، بۈگۈن نىمە بولدى ؟ مەكتەپ چۆلدەرەپ قاپتىغۇ ؟
- مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى سېلىنىڭ ‹‹تۆگەدۆڭ›› دىكى قوناقلىرىنىڭ بېشىنى ئۈزدۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى .
مۇدىرنىڭ چوڭ كۆزلىرى قىسىلىپ ، چىرايى سەل ئېچىلدى . سىمىز قوللىرى بىلەن شاب بۇرۇتىنى ئىككى يانغا تاراپ قويدى . جىزمەتچى ئاللا يوللۇق بەلۋىغىغا قىستۇرۇلۋالغان كىچىككىنە مىس چىلىم بىلەن قىزىل پۆپۈكلۈك تاماكا خالتىسىنى چىقاردى . تاماكىنى ئۈگدەپ ، سەيخانىغا تولدۇرۇپ قويدى ۋە ئۇنى چوغلاپ مۇدىرغا تۇتتى . ئۆزى بولسا ئاتنى سوۋۇتۇشقا تۇتۇندى . مۇدىر تۇرغان يىرىدىلا زوڭزىيىپ ئولتۇردى – دە ، خىزمەتچىنىڭ ئاتنى سوۋۇتۇشىغا نەزەر سالغاچ ، چىلىمنى خورولدىتىپ چىكىشكە باشلىدى . خىزمەتچى ئاتنى يىتلەپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ، چىلىمنى ئۇنىڭغا ياندۇرۇپ بەردى – دە ، تۇيۇقسىز سورىدى :
- تەرتىپ مۇدىرىچۇ ؟
- ئادەم ئۇقۇشقىلى كەتتى .
- ئادەم ئۇقۇشقىلى ؟ نىمە ئىش قىلماقچىكەن ؟
خىزمەتچىنىڭ رەڭگى سارغىيىپ كەتتى – دە ، دۇدۇقلاپ جاۋاپ بەردى .
- بايراقنىڭ تانىسى غالتەكتىن چىقىپ كەتكەن ئىكەن ، – دېدى ئۇ ئىڭىكى بىلەن مەكتەپ مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى موما ياغاچىنى كۆرسىتىپ ، – مومىغا چىقىپ تانىنى غالتەككە يۆگىيەلەيدىغان ئادەم تېپىلىپ قالارمىكىن دەپ ئەتىگەنلا چىقىپ كەتكەن ئىدى .
- ھە ؟!
مۇدىر بېشىغا كالتەك تەككەندەك چۆچۈپ كەتتى . ئۇ سېرىق تاماكىسىنىڭ تەسىرىدىن سىقىراپ تۇرغان بەدىنىنى ئوڭشاپ ، ئىككى قولىغا تايىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىسىغا قارىغان ئىدى ، مومىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئېسىلىپ تۇرغان گومىنداڭ بايرىقىغا كۆزى چۈشتى . ھەر كۈنلۈكى 20 غۇلاچلىق مومىنىڭ ئۇچىدا ھەيۋەت بىلەن لەپىلدەپ تۇرىدىغان 12 بۈرجەكلىك ، ئاق كۈن نۇرى چۈشۈرۈلگەن ھاۋارەڭ بايراق ئۇنىڭ كۆزىگە خۇددى ئالا – پاساق ئۈكلىنىپ قورۇلۇپ قالغان تېرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى . يۈرىكى بىردىنلا پىژژىدە ئېچىشتى – دە ، يۈزى پوكاندەك ئېسىلىپ ، سېمىز گۆشلىرى لىپ – لىپ تىتىرىدى ، بۇرۇتى لىكىلداپ ، بۇرنىنىڭ ئۈستىدە تەر تامچىلىرى پەيدا بولدى . ئۇ ، بايراقتىن كۆزىنى ئالمايلا ئارقىسىدا قول باغلاپ تۇرغان خىزمەتچىسىدىن سورىدى :
- نەچچە كۈن بولدى ؟
- تۆنۈگۈن شۇنداق بولغان ئىكەن .
مۇدىر خۇددى بىر كىشى چۆرگلىتۋەتكەندەك پىررىدە ئارقىسىغا ئۆرۈلدى – دە ، يوتىسىغا بىرنى شاپىلاقلاپ ، ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . خىزمەتچىمۇ ئاتنى ئاتخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى ، ئاندىن مىس چىلىمنى دەرھال چوغلاپ ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئىشخانىغا كىردى ۋە قوللىرى تىتىرگەن ھالدا ئىككى قوللاپ چىلىمنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى . مۇدىر چىلىمنى قاتتىق – قاتتىق ئىككىنى شورىدى – دە ، ۋارقىرىدى :
- ئاتقا مىنىپ تىز ماڭ ! بېرىپ تەرتىپ مۇدىرىنى تېپىپ كەل !
- خوپ .
خىزمەتچى چىقىپ كەتتى ، مۇدىر قوللىرىنى ئارقىسىغا تۇتۇپ ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇيان – بۇيان ماڭغىلى تۇردى . ئارىدىن بىر چاي قاينىغىدەك ۋاقىت ئۆتكەندە تەرتىپ مۇدىرى كىرىپ كەلدى – دە ، پۇتلىرىنى جۈپلەپ ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇردى .
- خوش ، نۇسرەت ئەپەندى . – مەكتەپ مۇدىرى قاپىقىنى تۈرۈپ ئۇنىڭغا تىكىلدى ، – مەن ئۇيۇشمىغا يىغىنغا كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى ؟
- بىر ھەپتە .
- ئۇنداق بولسا ، بىر ھەپتىدىن بېرى نىمە ئىشلارنى قىلدىڭىز ؟
- كۆرسەتمىلىرى بويىچە ، بىرىچىدىن ، بەگلىكىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق پىرقە(پارتىيە) ئەزالىرىنى يىغىپ ، جاھاننىڭ دۆڭ – چوڭقۇرلىرىنى تىڭ تىڭلاشتىن دوكلات ئالدىم . ئۇلار ئاڭلىغان بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسنى دوكلات قىلىشتى . ئىككىنچىدىن . 50 ئائىلىگە بىردىن پىرقە ئەزاسىنى نازارەتچىگە قويساق ، يەنە 4 پىرقە ئەزاسى كەملەيدىكەن ، بىز نىشانلىغان ئونبېشىلارغا ئانكىتنى توشتۇرۇپ بەرسەممۇ ئۇلار قول قۇيۇشنى ئارقىغا سوزۇۋاتىدۇ ، نەچچە كۈندىن بېرى ئۇلارنى تاپالمىدىم ، يەنە 10 ئانكىتقا تېخى ئادەم يوق .
- خوش ، ئۇنداق بولسا ، ئەتە ئەتىگەنگىچە مۇشۇ كەم 4 ئادەمنى قەتئىي تولدۇرۇش كېرەك ! ئەتە مۇشۇ ئىشلارنى تەكشۈرگىلى زۇڭبۇدىن ئادەم كەلمەكچى . ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپمەك دىگەندەك تېخى بايراقنىمۇ چىقىرالماپسىلەر ، ئادەم ئۇقۇشتۇقمۇ ؟ قېنى ئۇ ئادەم ؟
- ئۇقۇشتۇم ، دەرۋازا ئالدىدا ساقلاپ قالدى .
- قانداق ئادەم ئىكەن ئۇ ؟
- 13 ياشلىق بىر بالا .
- 13 ياشلىق بالا ؟ كىچىك بالا 20 غۇلاچلىق مومىغا قانداق چىقالايدۇ ؟
- چوڭ ئادەم ئەسلا چىقالمايدۇ . موما ياغىچى ئىنىچكە ، يېرىمىغا چىىقىپ بولغىغچە سۇنۇپ كېتىدۇ ،- تەرتىپ مۇدىرى دۇدۇقلىدى ، – نا… ناۋادا چىقالمىسا ، مومىنى ئۆ….ئۆرۈپ ، قايتا تىكلەشكە توغرا كېلىدۇ .
- قاپاقۋاش ! – مۇدىر شىرەگە داققىدە مۇشتلىدى – دە ، چاچىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ بىگىز قولىنى تەرتىپ مۇدىرىنىڭ بۇرنىغا شىلتىدى ، – ئەتە زۇڭبۇدىن تەكشۈرگىلى ئادەم كېلىدۇ دەۋاتسام ، سىززە يەنە مومىنى ئۆرۈپ قايتا تىكلەيلى دەۋاتىسىز . نىمە دىگەن دۆتلۈك بۇ ؟ سۇپىنى چۇۋۇپ ، مومىنى قايتا تىكلەپ بولغىچە بىر ھەپتە ئۆتمەمدۇ ؟!تېخى كۆمۈلگەن بېشى سېسىپ كەتكەن بولسىچۇ ؟! سىلەرنىڭ غەرىزىڭلار ماڭا مەلۇم ! مېنىڭ ئېشىمغا توپا سالماقچى ! ئىناۋىتىمنى تۆكمەكچى !
تەرتىپ مۇدىرى تىتىرەپ كەتتى ؛ ئۇ ، پىشانىسىدىن چىققان تەر كۆزلىرىگە چىپىلداپ ئېقىپ كىرىپ ئېچىشتۇرۋەتكەن بولسىمۇ ، سۇرۇتۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماي ، كۆزىنى چىمىلدىتاتتى .
- كەچۈرسىلە مۇدىر ، مەن خاتا سۆزلەپ سالدىم .
- ھىم ! خاتا سۆزلەپ سالغانمىش ! سىزنىڭ كاللىڭىزدا شۇنداق ئوي بار ! قالغان گەپنى كىيىن سۆزلىشەيلى ! مومىغا قانداقلا بولمىسۇن بىرسىنى چىقىرىش كىرەك ! زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلۇغ پىرقىمىز بايرىغىنىڭ ھەمىشە كۆكتە لەپىلدەپ تۇرۇشى ئۈچۈن بىرەر ئادەمنىڭ خۇنىدىن كەچسەكمۇ مەيلى !
- ئۇقتۇم .
- ئۇ بالا مومىغا چىقالامدىكەن ؟
- چىقالايدىغاندەك قىلىدۇ . ئۇ دەرەخكە يامىشىشتا مەھەللە بويىچە داڭ چىقارغان بالا ئىكەن . ئۆزىمۇ ‹‹چىقالايمەن›› دەپ ھۆددە قىلدى . لېكىن ئۇ ھارامزادە بىزگە بىر شەرت قۇيۇۋاتىدۇ ، يالغاندىن ماقۇل بولۇپ ئەكەلدىم .
- شەرت ؟! قانداق شەرتكەن ئۇ ؟
- دادىسىنى قاماقتىن قۇيۇپ بېرىشنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى .
- دادىسى كىمكەن ؟ نىمە ئۈچۈن قامىلىپتىكەن ؟
- سوپاخۇن باينىڭ ئۆيىدە نىمكار بولۇپ ئىشلەيدىغان بەش تۈگمەنلىك بىر كۆنچى . ئەسىلدە ئۇ ئىلىلىق ئوغىرلارغا قۇشۇلۇپ ، ھۆكۈمەتكە قارشى بىر نەچچە يىل ئۇرۇش قىلغان قىزىل پاچاق ئىكەن . بېتىمدىن كىيىن قولغا چۈشۈپتۇ .
- ھە ، ئۇنىڭ بالىسىغا نىمە دەپ ۋەدە بەردىڭىز ؟
- داداڭنى بوشىتىپ بېرىمىز دەپ .
- ئوبدان دەپسىز ، ئىشنى كىچكتۈرمەي تىزراق ھەركەت قىلىڭ ! قاراڭ ! مەن بىر رايوننىڭ پىرقە شۈجىسى ، سىز بولسىڭىز بىر ھەيئەت . ھەر ئىككىمىز ‹‹چاقىرسا ئېتى بار ، تۇتسا سېپى بار›› ئادەملەر ، قېرىشقاندەك بىز تۇرغان مەكتەپتىكى پىرقە بايرىغى چىقىرىلماي مومىنىڭ يېرىمىدا ئەسكى پالازدەك ساڭگىلاپ تۇرسا . بۇنىڭغا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ؟! بۇ بايراق – پىرقىمىزنىڭ جېنى . يەنە شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كىرەككى ، بۇ بايراق چىقىرىلماي مۇشۇنداق سالپىيىپ تۇرۇۋەرسە ، كاللىمىزغا سەگەك بولساق بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، بۇ بايراقنى جېنىمىزنى تىكىپ قوغدىشىمىز كېرەك . مەن پىرقىمىزنى قىزىل پاچاقلاردىن قوغدايمەن دەپ تېخى تۆنۈگۈنكى يىغىندا يەنە بىر قېتىم قەسەميات قىلدىم . مانا بۇ مىنىڭ قەسىمىمنىڭ گۇۋاسى ، – ئۇ شايى كۆينىكىنىڭ تۈگىمىسىنى يىشىپ ، يۇڭلۇق مەيدىسىنى كۆرسەتتى . تەرتىپ مۇدىرى چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق بىلەن ‹‹X›› بەلگىسى سىزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدىن ھازىرمۇ قان چىقىپ تۇراتتى . مۇدىر ئالدىرماي ، خۇددى قەدىمىنى ساناۋاتقاندەك چوڭ قەدەم بىلەن ئۇياندىن بۇيانغا بىر نەچچە قېتىم ماڭدى ، ئاندىن تەرتىپ مۇدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :
- مۇنداق ئادەمنى يامۇلغا كىرگۈزۈپ بەرسەكمۇ بولىدۇ ، بۈگۈنكى مۇشۇ بايراق چىقىرىش يولىدا نەزىر قىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ … ئاي – ھاي … ! بۇ پىرقىمىز ئۈچۈن زور ساداقەت … تىلىمىز تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ .
- خوش ، سىز چىقىپ ، ئۇ بالىنى كىرگۈزۋېتىڭ . ئەھۋالنى داۋۇتبەككە مەلۇم قىلىپ قۇيۇڭ .
* * *
ماتادىن تىكىلگەن كۆينەك تامباللىرى يىرتىلىپ ، ئالا – يېشىل ياماقلار چۈشكەن ، ئاق دوپپىسى ئۆڭۈپ ، قىزغۇچ توپا رەڭگىدە بولۇپ قالغان ، كۆزلىرى چوڭقۇر ، ئۇرۇق ئىگىزگىنە بالا بوسۇغىدا كۆرۈندى . مۇدىر لىككىدە ئورنىدىن تۇردى .
- ھە ، كەل ، كەل ئوغلۇم ، مەيەرگە كىلىپ ئولتۇر .
بالا ئولتۇرمىدى ، مۇدىرغا تىكىلىپ قاراپ ، ئىشىكنىڭ يان ياغىچىغا يۆلىنىپ تۇرۇۋەردى . مۇدىر ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى – دە ، قولىدىن بوشقىنا تارتىپ ، ئۇنى ئۇرۇندۇققا ئولتۇرغۇزدى . يۈزىەە يالغاندىن كۈلكە يۈگۈرتۈپ ، بالىغا بىر ئاق ناننى تۇتقۇزدى . “ يە ئوغلۇم“ دېدى ئۇ تۇمشۇغىدا ئىملاپ ناننى كۆرسىتىپ . بالا ناننى چوڭ – چوڭ چىشلەپ يەۋاتقاندا ، مۇدىر ئۇنىڭ پۇتىغا كۆز تاشلىدى . ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ دۈمبىلىرى يېرىلىپ ، خۇددى قوماچتەك ئېتىلىپ كەتكەن ئىدى . مۇدىر كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭ پۇتلىرىنى كۆتىرىپ تاپانلىرىغا قارىدى . تىكەن ، شوخا كىرىپ شور پېتىپ كەتكەن تاپانلىرى بەئەينى تۈكچە سالغان تۆشۈك ئىدى . قىرىۋالغۇدەك گۆشى يوق قوللىرى بولسا ، تارشىدەك قاتتىق ئىدى . مۇدىر ئىچىدە ”مومىغا چىقالايدۇ“ دەپ ھۆكۈم قىلدى . ئۇ گويا ئۆزىنى بالىغا ئېچىنغاندەك قىلىپ كۆرسىتىپ :
- ئىسمىڭ نىمە ؟ – دەپ سورىدى .
- مۆمىن .
- داداڭنىڭچۇ ؟
- مۇسا .
- ئۆزەڭ نىمە ئىش قىلىسەن ؟ خەت بىلەمسەن ؟
- سوپاخۇن باينىڭ ئۇي – كالىلىرىنى باقىمەن ، خەت بىلمەيمەن .
- نەچچە كالا باقىسەن ؟
- يىگىرمە .
- يىگىرمە ؟ ھەي ئىسىت ، كىچىككىنە بالىغىمۇ شۇنچە جىق كالا باقتۇرامدۇ !تۈزۈكرەك كىيىم – كىچەكمۇ بەرمەپتۇ . ھەي بىچارە ، پۇتلىرىڭ يېرىلىپ ئاقتامىلىقنىڭ چالمىسىدەك بولۇپ كېتىپتۇ . ساڭا بەك ئۇۋال بوپتۇ . بۇنداق ئىنساپسىزلارىڭ جاجىسىنى بېرىش كېرەك !
ئۇ كارۋاتنىڭ تىگىدىن نىمكەش بولغان تاسمىلىق بىر جۈپ كەشنى ئېلىپ بالىنىڭ ئالدىغا تاشلىدى :
- مە ، مۇنۇ كەش پۇتۇڭغا چوڭ كەلسىمۇ كىيىۋالغىن .
بالا كەشكە كۆزىنىڭ قىرى بىلەن قاراپلا قويدى – دە ، سالماقلىق بىلەن سورىدى :
- بايراقنى چىقىرىپ بەرسەم ، دادامنى قۇيۇپ بىرەمسىلەر ؟
- قۇيۇپ بېرىمىز ، خوش بولامسەن ؟ ئاتا – بالا ئىككىڭلار يەنە بىللە بولىسىلەر .
- راستما ؟
- راست بولمايدۇ ، ئاللاھ ئالدىدا قەسەم قىلىپ بېرىمەن ، – مۇدىرنىڭ كۆزلىرى بالىغا تىكىلدى .
- ئۇنداق بولسا تىلخەت بەرسىلە .
- مۇنداق دىگىن ، تىلخەت يېزىپ بېرىش تەسمىدى . قاراپ تۇر .
مۇدىر قولىغا قەغەز ، قەلەم ئېلىپ شىتىرلىتىپ خەت يېزىشقا باشلىدى :
”تىلخەت
مەنكى بەشتۈگمەن كەنتىدىكى سوپاخۇن باينىڭ نىمكىرى مۇسا قويچىنىڭ ئوغلى مۆمىن شۇل توغىرىسىدا ھۆججەت بىرىمەنكى ، مەكتەپتىكى پىرقە بايرىغىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارىم بىلەن جېنىمنى پىدا قىلىپ كەلدىم . پىرقىمىزنىڭ بايرىقىنى چىقىرىش يولىدا كۈتۈلمىگەن بىرەر ھادىسىگە ئۇچىرسام پىرقە ئۈچۈن شىھىت بولغايمەن . بۇنىڭغا ھىچ كىشىنىڭ دەۋا قىلىشىغا ھەققى يوقتۇر .
تىلخەت بەرگۈچى : مۆمىن مۇسا .
شاھىتلار :
مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا .
تەرتىپ مۇدىرى نۇسرەت ئەخمىدى .
جۇڭخۇا مىنگونىڭ 37 – يىلى 9 – ئاي .“
مۇدىر تىلخەتنى مۆمىنگە ئۇزاتتى . بالا بېشىنى چايقىدى .
- خەت بىلمەيمەن ، ئۆزلىرى ئوقۇپ بەرسىلە .
- خوپ ئوقۇپ بېرەي ،- مۇدىر سەل ئويلانغاندىن كىيىن يۇقۇرقى خەتنى مۇنداق ‹‹ئوقۇش›› قا باشلىدى :
”تىلخەت
مەنكى مەكتەپ مۇدىرى ئوسمان ئەسھەدۇللا شۇل توغرىسىدا ھۆججەت بېرىمەنكى ، سوپاخۇن باينىڭ يىللىقچىسى مۆمىن دىگەن بالا مەكتەپ بايرىغىنىڭ تانىسىنى غالتەككە ئىلىپ بېرىدىغان بولدى . بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھكار دادىسى مۇسانى قاماقتىن بوشىتىپ بېرىدىغان بولدۇق .
تىلخەت بەرگۈچى : ئوسمان ئەسھەدۇللا.“
- قانداق بوپتۇمۇ ؟ – سورىدى مۇدىر .
ساددا مۆمىننىڭ چىرايىغا شاتلىق كۈلكىسى يامرىدى .
- بوپتۇ ، – دېدى ئۇ خوشاللىقىنى باسالماي .
- بولغان بولسا ئىككىمىز تەڭ قول قويايلى .
مۇدىر سۇرۇقنى بالىنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى ۋە ئۇنىڭ بارمىغىنى تۇتۇپ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە باستۇردى . ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىسمىغا تامغىسىنى باستى . بالا خەتنى قولىغا ئالدى . ئۇ بۇنداق ئەگرى – بۈگرى خەتلەرنى تونۇمىسىمۇ ، خەتكە سىنچىلاپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئىمىر – چىمىر بولۇپ ، بۇ ‹‹ئىلمەك – توقىناق›› سىزىقلار ئارىسىدىن دادىسى قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىۋاتقاندەك كۆرۈندى – دە ، كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى . ئۇ شاققىدە ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ، خوشال ھالدا موما سۇپىسىغا قاراپ ماڭدى . ئۇ موما سۇپىسىنىڭ قېشىدىك پەلەمپەيلەردىن سەكرەپ – سەكرەپ ، سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىقتى ۋە مۇدىرغا قاراپ دېدى :
- قېنى ئەمىسە ، دادامنى كەلتۈرۈپ بەرسىلە .
- ماقۇل ، بايراقنى قانچە تېز چىقارساڭ ، داداڭ بىلەن شۇنچە تېز كۆرۈشىسەن ، دادڭنى ھازىرلا ئالدىڭغا ئۈندۈرىمىز ، – مۇدىر يېنىدا تۇرغان خىزمەتچىگە ئۈنلۈك بۇيرۇدى ، – تەرتىپ مۇدىرىغا ئېيتقىن ! دادىسىنى تېزدىن مۇشۇ يەرگە كەلتۈرسۇن ! يەنە ئېيتىپ قوي : مەن ئېيتقان كۆرسەتمىگە دىققەت قىلسۇن !
خىزمەتچى يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتى . بالا خاتىرجەم بولدى – دە ، مومىغا قارىدى . كۆك سىرلانغان 20 غۇلاچلىق بۇ موما ئىككى يەردىن ئۇلاقلىق بولۇپ ، ھەر بىر ئۇلىغى ئۈچتىن چەمبەر بىلەن مەھكەملەنگەن ئېدى . ئۇ ، مومىغا بىردەم كۆز تىكىپ تۇردى – دە ، شىپپىدە ئولتۇرۇپ قوللىرىنى سۇپىنىڭ پىششىق خىشلىرىغا سۈركىدى . ئاندىن بېشىنى كۆتىرىپ مۇدىردىن يەنە سورىدى :
- دادام نىمىشقا كەلمەيدۇ ؟
- سەن چىقىۋەر ، داداڭ ھازىرلا كېلىدۇ .
موما مۆمىننىڭ قۇچىقىغا پاتمىدى . لېكىن ئۇمۇ بوش كەلمىدى . ئۇ مومىنى پۇتلىرى بىلەن يۆگەپ چىرماق سېلىپ قوللىرى بىلەن قۇچاقلاپ تۇتۇپ ، مومىنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ يالمانتاقتەك يامىشىشقا باشلىدى . ھايت – ھۇيت دىگۈچە ، يەتتە غۇلاچىلىق تۆۋەنكى ئۇلاقىنىڭ چەمبىرىگە چىقىۋالدى . مۇدىر تۆۋەندە تۇرۇپ ۋارقىرىدى :
- يىگىت ! غەيرەت قىل ! ئاز قالدى !
مۆمىن بىر ئىلىك قېلىنلىقتىكى چەمبەرگە دەسسەپ بىر؟؟؟؟؟دېمىنى ئېلىۋالدى – دە ، يەنە يۇقىرىغا يامىشىشقا باشلىدى .
ئىككىنچى ئۇلاققا يەنە ئىككى غۇلاچلا قالغان ئىدى . تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ پۇت – قوللىرى سىقىراپ كەتتى . ئۆپكىسى ئاغزىغا تىقىلىپ تىنالماي قالدى . ئاران دېگەندە ئىككىنچى ئۇلارقنىڭ تۆۋەنكى چەمبىرىگە چىقىۋالدى – دە ، مومىغا مەھكەم چاپلاشتى . ئۇ سەل دېمىنى ئېلىۋېلىپ تۆۋەنگە قارىدى . دادىسى كۆرۈنمەيتتى ، ئاغزىلىرىنى كاككۇكتەك ئېچىشىپ ئۆزىگە قاراپ تۇرۇشقان كىشلەرنىڭ ئىچىدە مۇدىرنىڭ پۇرقۇرىتىپ چىلىم چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى :
- مۇدىر ، دادام تېخىچە كەلمەپتىغۇ ؟
- كېلىدىغان ۋاقتى بولدى ، غەيرەت قىل ، يىگىت ! دادىسىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتمىغان ئوغۇلنى ئوغۇل دەپ نىمە قىلىدۇ ؟ مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساڭلا ، داداڭنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ …
”مومىنىڭ ئۇچىغا چىقساملا دادامنى قۇتۇلدۇرالايمەن “ دىگەن خىيال ئۇنىڭغا يېڭى كۈچ بېغىشلىغاندەك بولدى .
ئۇ يەنە مومىغا يامىشىشقا باشلىدى . يۇقىرلىغانسىرى موما ئىنچىكىلەپ ئۇنىڭ قۇچىقىغا بىمالال پاتقۇدەك بولدى . لىكىن ئىغاڭلىشى كۈچىيىپ ، تېخىمۇ سىيلىقلاشتى ، شۇنچە كۈچىسىمۇ چىرماقلىرى تۇتماي ، بىر نەچچە قېتىم تۆۋەنگ سېرىلىپ كېتىشكە قىل قالدى . ئۇ ھاسىراپ دېمى تۇتۇلۇپ قالغاندا ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، ئىڭىكىنى مومىغا چىڭ تىرەپ ، بوينى بىلەن قىسىپ تۇرۇپ سەل توختايتتى – دە ، ئازراق دېمىنى ئېلىۋالاتتى . مۇشۇ مومىدەك ئىگىز بولغان قاپاق تىرەكلەرگە چىقىپ ، قاغا چاڭگىلىرىنى چۇۋۇشلىرى ، ئانىلىرى قاناتلىرى بىلەن شاپىلاقلاپ تۇرسىمۇ قورقماي كۆكۈنەك باللىرىنى ئېلىپ چۈشۈشلىرى … غىل – پاللا قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتتى . تىرەكلەرگە چىقىش بۇ مومىغا چىقىشقا ئەلۋەتتە ئوخشىمايدۇ . بۇ موما ئىگىز ۋە بەك سىيلىق ئىدى …
ئۇ تەر كىرىپ ئېچىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى مومىغا سۈركىدى . ”مەيلى ، قانداقلا بولسۇن چىقىش كېرەك ، مومىغا چىقساملا دادامنىڭ قۇتۇلغىنى شۇ . “ دادا!…دادا!…“ ئۇ ھەر قېتىم ”دادا“ دىگەندە دادىسى ئۇنى يۆلەپ ، يۇقۇرغا ئىتتىرۋاتقاندەك بىلىنەتتى – دە ، كۈچلىنىپ قالغاندەك يەنە بىر قېتىم يۇقۇرىغا ئۆرلەيتتى . ئۇ يۇقۇرىغا ئۆرلىگەنسىرى موما خۇددى قارا بوران سوققان زىلۋا سۇۋادان تىرەكتەك ئىغاڭلايتتى . تۆۋەندىن مۇدىرنىڭ ”غەيرەت قىل ! تىز بول ! ئاز قالدى ! داداڭنى قۇتقۇز !“ دەپ ۋارقىراشلىرىنى ، جامائەتنىڭ “ ئۆزەڭگە پەخگس بول ! سىلكىنمە ! يېنىپ چۈش !“ دېگەن چۇقانلىرى بېسىپ چۈشتى . مۆمىن يەنە ھاسىراپ – ھۆمىدەپ يۇقۇرىغا ئۆرلىدى . ئەنە ! يەنە 3 غۇلاچ … 2 غۇلاچ … بىر غۇلاچ … موما ئىغاڭلايتتى … سۇنۇپ كەتسە مۆمىننىڭ ئىشى تۈگەيدۇ …
مانا ، ئۇنىڭ قولى موما تۆشۈكىدىن ئىككى تەرەپكە بىر غېرىچ چىقىپ تۇرغان غالتەكنىڭ چۈلۈكىگە تەگدى – دە ، ئۇنى چىڭ تۇتۇۋالدى . ئۇ ، ئوڭ قولتۇقىغا چۈلۈك بىلەن مومىنى چىڭ قىسىپ تۇرۇپ ، چۈلۈكنىڭ ئىككىنچى ئۇچىنى چىڭ تۇتتى . سول قولى بىلەن تانىنى تارتىپ پۇتىغا ئۈزەڭگە قىلىپ دەسسەپ سەل دېمىنى ئالدى . ئۇ ، غالتەككە قارىدى تانا غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىدىن چىقىپ كېتىپ ، چۈلۈككە يۆگىشىپ قالغان ئىكەن . ئۇ ، بىر قولى بىلەن تانىنى سىلكىپ تارتىپ ، غالتەكنى ئارقىسىغا ياندۇردى . موما ھەدەپ لەپپەڭشىپ ئۇنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ تۇرسىمۇ ، ئۇ تانىنى غالتەكنىڭ ئېرىقچىسىغا سالدى . شۇ ئاندىلا ئۇ ئەتراپقا قارىدى : ۋاي – ۋۇي ! نىمە دىگەن ئىگىز ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىنى كۆرگىلى بولدىكەن . ئەنە ، كۈنپېتىش تەرەپتىكى قارىيىپ كۆرۈنگەن تاغ بىزنىڭ بەشتۈگمەنگە پەقەت بىر كۈنلۈكلا كېلىدۇ ، جاھان ئەجەپ كەڭرى ئىكەن . شۇنچە كەڭ جاھان بىزگە نىمانچە تار ! ھەي ! كۈن ئالماقنىڭ تەسلىگى ! شۇنداق ئاقكۆڭۈل دادامنى ”قوي ئوغىرسى“ قىلىپ سولىتىپ قويدى تېخى ! ياق ! بىردەممۇ ھاڭۋېقىپ تۇرماسلىق كېرەك . دادامنى قۇتۇلدۇرۇش كېرەك ! ئۇ تۆۋەنگە قاراپ توۋلىدى :
- مۇدىر ، بايراقنى چىقارسىلا !
مۇدىر تانىنىڭ بىر قېتىنى تارتتى . بايراق كۆتىرىلدى . ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى – دە ، تانىنى سىيرىپ تارتىشقا باشلىدى . . بايراق مومىنىڭ ئۇچىغا چىقتى – دە ، بايراقنىڭ كالتىگى تاققىدە غالتەككە تاقاشتى . مۇدىر خوشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى :
- بىزنىڭ بايراق يەنە مومىنىڭ ئۇچىدا لەپىلدىدى ! ھەي بالا ، سەل تەخىر قىلغىن ! يەنە بىر سىناپ باقاي !
دەل شۇ چاغدا ، ئۈچ ئادەم پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ، يۈز – كۆزلىرى سارغىيىپ كەتكەن ، ئۇرۇق ۋىجىككىنە ، كەكە ساقال بىر بوۋاينى ئالدىغا سېلىپ مەيدانغا ئېلىپ كەلدى . بوۋاي توپلىنىپ تۇرغان جامائەتكە ئىڭشىپ سالام قىلدى – دە ، يوغان كۆزلىرىنى نەشتەردەك تىكىپ مۇدىرغا قادالدى . مۇدىر بىر قەدەم داجىدى . كىشلەر مومىنىڭ ئۇچىغا كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇشاتتى ، بوۋايمۇ بېشىنى كۆتىرىپ مومىنىڭ ئۇچىدا تۇرغان ئوغلىنى كۆردى – دە ، چۆچۈپ كېتىپ ۋارقىردى :
- مۆمىنجان ! نىمىشقا مومىغا چىقىۋالدىڭ ؟
- مۆمىن داداىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پەسكە قارىدى – دە ، خوشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى .
- دادا ! سېنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بايراقنى چىقىرىپ بەردىم .
بوۋاي ئەھۋالنى تېزلا چۈشەندى . ئۇ بالىنىڭ مومىدىن سىيرىلىپ چۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى – دە ، قاتتىق ۋارقىردى :
- توختا ! چۈشمە دەيمەن !
مۆمىن بۇ چاغدا سىيرىلىپ ئۈستۈنكى ئۇلاققا چۈشۈپ بولغان ئىدى . ئۇ چۆچۈپ چەمبەرگە دەسسىۋالدى – دە ، مومىنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ دادىسىغا قارىدى . دادىسى يەنە ۋارقىرىدى :
- ئوغلۇم ! ؟؟؟؟؟؟؟ ئۆلتۈرۈشكەندە ، سەن ئۈستىدە بار ئېدىڭ ، ئۇنى نىمە دەپ ئۇرغان ؟!
- قىزىل پاچاق ئېرىڭىنى تېپىپ بەر ، دەپ !
- قانداق ئۆلتۈرگەن ؟
- ئوت توغرايدىغان جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن .
- ؟؟؟؟؟؟؟ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ شەپكىسىدە قانداق بەلگە بار ئېدى ؟
بالا بېشى بىلەن مومىدىكى بايراقنى كۆرسەتتى :
- ماۋۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشايتتى .
- بەشتۈگمەندە ئون توققۇز ئادەمنى مەيدىلىرىدىن تۆمۈر مىخ بىلەن ئۈجمىگە مىخلاپ ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ قانداق بەلگىسى بار ئىدى ؟
- مۇشۇنىڭغا ئوخشاش .
- بېتىمدىن كىيىن تاشقورغاندىن يېنىپ كەلگەن قىرىق ئادەمنى تىرىكلا خۇمدانغا سالغانلارنىڭچۇ ؟
- ئۇلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايتتى .
- ئوغلۇم ! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر قۇربان بولدى . بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن ، قۇربان بولغان شېھىتلارنىڭ روھىغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىسەن ؟ داداڭنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن ؟
بالا شۈككىدە بولۇپ قالدى . مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى .
بالا بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقۇرىغا ياماشتى – دە ، ھايت – ھۇيت دىگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى . مۇدىر ۋارقىرى :
- يېنىپ چۈش ! يېنىپ چۈش ! داداڭنى ئېلىپ كەت !
لېكىن بالا مومىدىن چۈشمىدى … ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى :
- دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول …!- ئۇ مومىنىڭ ئۇچىنى چىڭ قۇچاقلاپ ، پۇتلىرىنى مومىغا قاتتىق تىرەپ تۇرۇپ ، مومىنى شۇنداق قاتتىق لىڭشىتتىكى ، موما ئىغاڭلاپ تۈۋى تەرىپى غىرىسلاپ كەتتى . تۆۋەندە قاراپ تۇرغانلار ئىچىدە ئالا-چوقان كۆتىرىلدى . مۇدىر پوكاندەك ئېسىلىپ ، غەزەپ بىلەن تاپانچىسىنى چىقاردى – دە ، بالىغا قارىتىپ ئارقا – ئارقىدىن ئوق ئۈزدى . دەل شۇ چاغدا ، مۇسا بوۋاي ئۇنىڭغا قاتتىق كاللا قۇيۇپ ، تاپانچىسىنى چۈشۈرۋەتتى – دە ، ئۇنىڭ بوينىنى چىشلەپ سىلكىدى . مۇدىر جان ئاچچىقىدا ”ۋايجان!“ دەپ چوشقىدەك چىقىراپ كەتتى . يالاقچىلار مۇسانى سىلكىشلەپ ، مۇدىرنى قۇتقۇزۋالدى . مۇدىر ئارانلا كۆزىنى ئېچىپ ، مۇساغا ئالايماقچى بولۇۋېدى ، بوۋاي ئۇنىڭ يۈزىگە شالاققىدە تۈكۈردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن مۇدىرنىڭ بىر چىشلەم گۆشى يەرگە شالاققىدە چۈشتى . مۇدىرنىڭ ئۈزۈلگەن بويۇن تومۇرلىرىدىن قاپقارا قان جىغاپ ئېقىۋاتاتتى . ئۇ لىغىلداپ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن يەردىكى تاپانچىسىنى ئالدى – دە ، تۆت ئادەم يەرگە بېسىپ تۇرغان بوۋايغا قارىتىپ ئىككى پاي ئوق ئۈزدى …دەل شۇ چاغدا ، قاراس – قۇرۇس قىلىپ موما سۇندى – دە ، مۆمىن مومىنىڭ ئۇچىنى قۇچاقلاپ بايراق بىلەن گۈرسۈلدەپ يەرگە چۈشتى . چۈشتى – يۇ ، بېشىنى لىككىدە كۆتىرىپ يەنە يەرگە قويدى … ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىۋاتاتتى . بىر-بىرىگە سىغداپ يىقىلغان ئاتا بالىدىن بۇلدۇقلاپ ئاققان قان ئۆز- ئارا قۇشۇلدى . بۇ چاغدا غەرپكە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياش نۇرى شۇ قاندىن رەڭ ئالغاندەك ئاسماننىڭ غەربى ئېتىگىنى قىپقىزىلىققا پۈركىگەن ئىدى .
                                         مەنبە:ئابدۇرىشىت ئىلى تور بىكىتى



ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
نونى + 3 + 2 + 3 + 3قوللايمەن!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 2 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 19:28:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كىچىكلىكىمدە بەك ياقتۇرۇپ  ئوقۇيدىغان  ھىكايە ئىدى بۇ   رەھمەت سىزگە.
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-28 20:04:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە !   مەجبۇرى مائارىپ دەرسلىكىكە كىرگۈزۈلگەن بىر بولۈك دەرسلەرنىڭ ئەسلى تېكىستىنىڭ  بايقاش تورىمىزدا يوق بولۇشىدەك بوشلۇقنى تولدۇرۇپسىز .
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 10:17, Processed in 0.390228 second(s), 46 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش