پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3620 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  27 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • 阿布都艾尼江  1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 193|ئىنكاس: 5

ئۆزىڭىزنىڭ قايسى مىزاجغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 14:48:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ئۆزىڭىزنىڭ قايسى مىزاجغا تەۋە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟

      ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي مىزاجى 4خىل بولىدۇ. خاراكتېرى جەھەتتە ئىسسىق ۋە سوغاق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ، ئەمما 4چوڭ ماددىنىڭ بىر- بىرىگە ئارلىشىشىدىن پەيدا بولغان مايىللىق كەيپىياتىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغاق ۋە قۇرۇق سوغاق دەپ 4خىلغا بۆلىنىدۇ.

قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى

    تەبىئىي جۇغراپىيلىك مۇھىتنىڭ كىشىلەر رەڭگى- روھىغا بولغان تەسىرىنى ھېسابقا ئالماي بەلكى بەدەندىكى تەبىئىي سۈپەتلىك پەرقىنى ئۆلچەم قىلغاندا، ئادەتتە قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەر كۆز ئېقى ساغۇچراق، ئېغىز تەمى ئاچچىق، تىلى قۇرۇغراق، كۆپ ئۇسسايدىغان، بەدەنلىرى قىزىق، سوغاق ھاۋادا يۈرۈش ۋە سوغاق يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدىغان بولىدۇ. تومۇرى كۈچلۈك ۋە تېزراق سوقىدىغان، سۈيدۈگى قىزىلغا مايىل سېرىق بولىدۇ.

    يۇقىرىقى ئالامەتلەردىن تاشقىرى، قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەرنىڭ خۇلقى مىجەزى ۋە روھى ھالىتىدە ئالاھىدە پەرقلەر بولىدۇ. بۇ بەلگىلەرنى شۇ كىشىلەرنىڭ تۇغما مىجەزىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت ئىلىمىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىي كۈزىتىشىدىن قارىغاندا قۇرۇق ئىسسىق مىزاج ئادەملەر ئاچچىقى يامان، غەزەپلىنىشكە مايىل، نېرۋىسى ئىتتىك، ھەركىتى تېز، سەزگۈر ھە ئالدىراڭغۇ، تۇراقسىز، ھېسسىياتى كۈچلۈك، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەن، ئۇيقىسى ئازراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى ئادەملەر كۆپرەك، نېرۋا كېسەللىكلىرى، جىگەر كېسەللىكلىرى ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇ كىشىلەرگە ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتتىكى يېمەك- ئىچمەك ۋە دورىلار يامان تەسىر قىلىدۇ.

ھۆل ئىسسىـق مـىـزاج كـىـشـىـلـەرنىــڭ ئالامـەتـلـىـرى

     بۇ، ئىنسانلار مىزاجىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولۇپ، تەبىئىي مىزاجى ھۆل ھەم ئىسسىق بولغاچقا بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ گۆش ۋە ياغ قاتلاملىرى خېلى ياخشى تەرەققى قىلغان بولىدۇ. بەدەن ھارارىتى ئۈستۈنرەك، تېرىلىرى سىلىق ۋە چىرايى نۇرلۇق قىزىل، تېتىك ھەم قۇۋۋەتلىك، ئېغىزى تاتلىق، تولا ئەسنەيدىغان، ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ. پۇت- قوللىرى ئاسان قولىشىپ قالىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر كۆپرەك تېرە كېسەللىكلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە بۆرەك كېسەللىكلىرى بىلەن ئاسان كېسەللىنىدۇ. بۇلارنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن خۇلقى- مىجەزى ۋە روھى ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا بۇ خىلدىكى كىشىلەر خوش پېئىل، ئوچۇق، ئەقىل ۋە پىكىر قابىلىيىتى ئورتاھال، سىرتقى تەسىراتلارغا بولغان قوزغىلىش ھېسسىياتى كۈچلۈك ھەمدە ئۆزىنى تۇتىۋىلىشى خېلى ياخشى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەتتە قۇرۇق سوغاق خاراكتېردىكى (مەسىلەن: كالا گۆشىگە ئوخشاش) غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇق سوغاق كەيپىياتتىكى دورىلار ياخشىراق ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ھۆل ئىسسىق (مەسىلەن: قوي گۆشىگە ئوخشاش) غىزالارنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ئىستىمال قىلسا ئاسانلا يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ.

ھۆل سوغاق مـىـزاج كـىـشـىـلـەرنىــڭ ئالامـەتـلـىـرى

     ھۆل سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ رەڭگى ئاق سۈزۈك، لەۋلىرى تومراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى كۆپ، بەدىنى سۈزۈك يۇمشاق ھەم سوغۇقراق بولىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمەلىي ھاياتىدىكى خۇلقى- مىجەزى ۋە روھى ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ كۆرگەندە، بۇ خىلىدىكى كىشىلەر ئېغىر بېسىق، بىغەم، ھەرقانداق ئىشقا ئاسان تەسىرلەنمەيدىغان كېلىدۇ. يەنى سىرتتىكى تەسىراتلارغا قوزغىلىشى ناھايىتى ئاستا، قوزغىلىشتىن كېيىنكى ئەسلىگە قايتىشىمۇ ئاستا بولىدۇ. جىسمانىي ۋە ئەقلى جەھەتتە ھۆل ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە قارىغاندا ئاجىزراق كېلىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرگە ئادەتتە ھۆل سوغاق ( مەسىلەن: سۇيۇق ئاش، ھۆل مېۋە- چىۋىلەرگە ئوخشاش) غىزالار يامان تەسىر قىلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق (مەسىلەن: ئات گۆشى، زاغۇن يېغىغا ئوخشاش) غىزالار مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەر ئادەتتە كۆپرەك سوغۇقتىن بولىدىغان كېسەللىكلەر بولۇپمۇ بوغۇم ئاغرىقلىرى (مۇپاسىل)، پالەچ كېسەللىكلىرى بىلەن كېسەللىنىدۇ. ئەمما داۋالاشنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.

قۇرۇق سوغاق مـىـزاج كـىـشـىـلـەرنىــڭ ئالامـەتـلـىـرى

     قۇرۇق سوغاق مىزاج كىشىلەرنىڭ بەدىنى خېلى چىڭ، لېكىن ئورۇغراق، بەدەنلىرى سوغاقراق، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى ئاز تەرەققى قىلغان بولىدۇ. ئۇيقۇسى ئازراق بولىدۇ. بۇ مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ تۇغما مىزاجى بىلەن ئەمىلى ھاياتىدىكى خۇلقى ۋە روھى ھالەتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا سەۋدايى مىجەزى كۈچلۈك، ئاستا تەسىرلىنىدىغان، خىيالپەرەس، قورقۇنچاق، خىيالى ھېسسىياتى كۈچلۈكرەك بولغاچقا ئەمەلىيەتتىن يىراق پىكىرلەرنى قىلىدۇ. ئەقىل پاراسىتى، توغرا پىكىر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك، سەلبىي پىكىرلەرگە ھەم روھى ئازاب چېكىشكە مايىلراق كېلىدۇ. ئادەتتە كىشىلەرگە ئارلىششنى خالىمايدىغان بولغاچقا روھى كېسەللىكلەر ۋە نېرۋا خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكلىرى بىلەن كۆپرەك ئاغرىيدۇ. سەۋدا مىزاج كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا قان، بەلغەم، سەپرا ماددىلىرىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلى سەۋدا خىلىتىگە مەنسۇپ بولغاچقا داۋالاش نەتىجىسى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. سەۋدا خىلىتىنى پىشۇرۇپ (يېتىلدۈرۈپ) بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىشقىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
     شۇنى ئەستە تۇتۇش لازىمكى، يۇقىردا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىنسانلارنىڭ رەڭگى- رويى، ئۇنىڭ تەبىئىي مىزاجلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە نىسپى نوقتىنەزەردە قاراش، مۇتلەقلەشتۈرۈپ قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى يەر شارىنىڭ ھەرقايسى ئىقلىم ۋە جۇغراپىيلىك مۇھىتىدا ياشىغانلارنىڭ رەڭگى- رويىغا ئالاقىدار تەبئىي سۈپەتلىك پەرقلەرنى نوقۇل ھالدا ئۇلارنىڭ ئەسلى تەبىئىي مىزاجىغا بىرلەشتۈرۈپلا قاراش، كېسەللىك دىئاگونوزىدا خاتالىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ. كېسەللەرنى تەكشۈرۈش ۋە تەشخىس قىلىشتا مىزاج ھالىتى ئەلۋەتتە كۆزدە تۇتۇلىدۇ. لېكىن ئۇنى كېسەل پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسى تەرىپى دەپ قاراپ، شۇنىڭغىلا تايىنىپ ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ. دېمەك، كىشىلەرنىڭ تەبىئي مىزاجى بىلەن ئۇنىڭ رەڭگى- رويىنىڭ بىرلىگىگە نىسپى ھالدا قاراش كېرەك.


مەنبە:ئەلداۋا ساغلاملىق تورى  
بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 16:58:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تىمىكەن   مەن ئالدىرىماي  ۇقۇپ  ئۈزۈمنىڭ  قايسى  مىجازدا ئىكەنلىكىمنى  ئايرىپ  باقاي
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 21:51:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىققا ئائىت بولغان ياخشى تىما يوللاپسىز يارايسىز
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

44

تېما

16

دوست

4762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1099 سەر
تىللا
219 دانە
تۆھپە
1123 سەر
شۆھرەت
793 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 01:39:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز.مىللىتىمىز ئەبۇ ناسىر فارابى زامانىدىن تارتىپ مىزاجنى تۆت تۈرگە ئايرىپ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان. بۇ ئۇسۇل ھازىرمۇ ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.بەلكى ، كۈنسېرى تەرەققى قىلىپ رەسمى ئۇيغۇر تىبابىتى بولۇپ شەكىللەندى.ئىنسان تەبىئىتىنى مىزاجلارغا ئايرىپ تەھلىل قىلىش -ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى، بۈگۈنكى كۈندە پىسخولوگىيەنىڭمۇ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.مىزاج تەلىماتىنى ياخشى ئىگەللىگەندە يىمەكلىك ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنى بىلگەندىن باشقا ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىزاجىنى تەھلىل  قىلىپ  ، ئۇلارنى ئەھۋالغا يارىشا تەربىيىلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) مىجەز ئوقۇغۇچىلار قىزىققان بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇلار ياخشى تەربىيىلەنسە باتۇر ، قەيسەر بولۇپ چىقىدۇ.مەيلىگە قويۇۋېتىلسە ئۆكتەم ، ئۇرۇشقاق بولۇپ چىقىدۇ.قان (ھۆل ئىسسىق)تىپىدىكىلەر خۇشخۇي ، بىر ئورنىدا تۇرالمايدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن ، ياخشى تەربىيىلەنسە دىپلومات ، مۇناسىۋەتشۇناس بولۇپ يېتىلىدۇ،ياخشى تەربىيىلەنمىسە ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىدىغان بولۇپ يېتىلىدۇ.بەلغەم(ھۆل سوغۇق) تىپىدىكىلەر ئېغىر بېسىق بولغانلىقى ئۈچۈن ياخشى تەربىيىلەنسە ئىشنى تۇجۈپىلەپ قىلىدۇ.تەربىيىلەنمىسە سۆرەمپالاس بولۇپ قالىدۇ. سەۋدا مىجەزلىكلەر خىيالپەرەس بولغانلىقتىن ، ئۇلاردىن بىر بولسا ئالىم، بىر بولسا بىر توپ ساراڭلار مەيدانغا كېلىدۇ.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

0

تېما

1

دوست

180

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
33 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
61 سەر
شۆھرەت
24 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 09:58:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېسىپلا چىقىرىۋالاي.رەھمەت.
تۇلۇق ئوتتۇرا ئىدىيە-سىياسىي ئوقۇتقۇچىلىرى تەجىرىبە ئ

66

تېما

28

دوست

7762

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1876 سەر
تىللا
204 دانە
تۆھپە
1466 سەر
شۆھرەت
1353 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 19:22:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋالدىم .رەھمەت سىزگە
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 02:02, Processed in 0.384915 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش