پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3620 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • 阿布都艾尼江  1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 10

‹‹ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس››نىڭ ئاپتورىغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3145 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8030 سەر
شۆھرەت
3086 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 16:44:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس››نىڭ ئاپتورىغا

ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۆزلىك ۋە كىملىك، ئۇيغۇرلۇق ھەققىدە بولىشىغا جار سىلىۋاتقان ئاپتۇرلىرىمىزغا دىمەكچى بولغان ئىككى ئېغىز سۆزۇم بار ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، خىزمەت، تىجارەت ۋە باشقا ئىشلارنىڭ جىددىيەتچىلىكىدە بۇ سۆزۇمنى ئېيتالماي كېلىۋاتقان ئىدىم. بۇگۈن روھلان تورىدا «ئۇيغۇر ئەرلىرى يارماس» ئۆزۇم يازغان مەزمۇنى ياخشى. دىگەن تىمىنى كۆرۇپ بۇ تىمىغا كىرىپ باققۇم كەلدى. كىرگەندىن كېيىن بىر ئېلكىتاپ چۈشۈرۈش ئادرىسى تەمىنلەنگەنلىكىنى كۆرۇپ شۇ ئادرىس بويىچە بۇ ئەسەرنى چۈشۈردۇم. ماتېرىيالنىڭ بېشىنى كۆرۈپلا بۇ ئەسەرنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەك تۇيغۇغا كەلدىم. كىېين ئىچكىرلەپ ئوقۇش ئارقىلىق بۇ ئەسەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مەن بۇرۇن بىر قېتىم ئوقىغان ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ ئەسەرنى تۇنجى ئوقىغان ۋاقتىمدىلا ئاپتۇرنىڭ ئەسەر يېزىشتىكى ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولسىمۇ مەزمۇن جەھەتتىن زادىلا خوشۇمغا كەتمىگەن ئىدى. چۈنكى ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى مەيلى قايسى نوقتىدىن بولمىسۇن يۈزەكى، بەكلا يۈزەكى يازغان ئىدى. ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ « يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» دىگەن ئەسىرنى ئوقىغاندىن كېيىنمۇ مەندە مىللەتنى تەرىپلەش كىرەكمۇ ياكى سۆكۈش كىرەكمۇ؟ دىگەن بىر سوئال كاللامدا ئەگىپلا يۇردىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.ئەمما بۇ جەھەتتىن ئەختەم ئۆمەر ئاكىدەك مول بىلىمگە ئىگە بولمىغانلىقىم ئۈچۈن ھازىرغىچە بۇ جەھەتتىن باھا بېرىشكە لاياقىتىم يوق دەپ قاراپ نۇرغۇن ماتېرىياللارنى كۆرۇپ چىققان ئىدىم. (بۇ خېلى بۇرۇنقى ئىشلار) يېقىندا ئۆزۈم ئەسەرلىرىنى ياختۇرۇپ ئوقۇيدىغان شائىرىمىز ئادىل تۇنيازنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئاتاپ يېزىلغان زولپىقار بارات ئەپەندىنىڭ بىر ئەسىرى شىنجاڭ مەدەنىيىتىگە بېسىلغاندىن كېيىن بۇ كىشىنىڭ ئەسەرلەردە سۆز ئىشلىتىشكە خېلى ماھىر ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ بىراق بۇ ئەسەرنى شۇ كىشىنىڭ (زۇلپىقار بارات ئۆز باشنىڭ ) يازغانلىقىدىن شۈبھىلىنىپ نەچچە قىتىم ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىغا قاراپ كەتكەنلىكىم يادىمدا. دائىم ئۇيغۇرنىڭ ئۆزلىكى ۋە كىملىكى ھەققىدە ئەسەر يازدىغان، خاس شۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ باردىغان نوپۇزلۇق بىر كىشىنىڭ ئەسىرىدە (بۇ ئەسەردىمۇ ئادىل تۇنياز ئەپەندىنىڭ ئېتىقاد قارشى ئاساسىي ئوبىكىت قىلىنىپ شۇ ئارقلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد، ئۆزلىك ۋە كىملىك ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئېچىپ بېرىش ئاساسىي ئىددىيە قىلىنغان) ئۆزىنى چەتئەلىك بىر كىشى بىلەن سېلىشتۇرۇپ يازغان « ... ھەتتا مەن ئۇ كىشىنىڭ پايپىقىغىمۇ تەڭ كەلمەيمەن ...» سۆزى دىققىتىمىنى تارتقان.زولپىقار بارات ئەپەندىنىڭ بۇ ئەسەردە ئۆزىنىڭ ئوتتەك ھىسسياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن كىچىكرەك قىلىپ ئېيتساق ئادىل تۇنياز ئەپەندىنىڭ، چوڭراق قىلىپ ئېيتساق بىر ئۇيغۇر جەميىتىنىڭ كىملىك ۋە ئۆزلىكتىكى نوپۇزىنى يەرگە ئۇرغانلىقى زادىلا دىتىمغا ياقمىدى.مۇشۇ سەۋەپلىك بۇ كىشىنىڭ بارلىق كىتاپلىرىنى ۋە ئەسەرلىرىنى، شەخسى بىلوگىنى نەچچە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ كۆرۇپ چىقتىم. خېلىلا نوپۇزلۇق بولۇپ قالغان « شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دەك بىر يۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئەسەرگە بىزدىكى نوپۇزلۇق يازغۇچىلارنىڭ ۋاقتى چىقماي ئوقىمىدىمۇ ياكى بىر نەرسە دىيىشكە رايى بارمىدۇ ۋە ياكى راستىنلا بىزدىكى يازغۇچىلارنىڭ ساپاسى شۇنچىلىكمۇ بىلمىدىم، بىرمۇ كىشى تىنىپ قويماستىن بىر قانچە ئاينى ئۆتكۈزىۋەتتى. ئۇندىن باشقا شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر سانىدا ئەقىليە سۆزلەر ۋە دۇردانىلەر نۇسقىسىدا چىقىدىغان ئوتتۇرا بېتىدە بىر مۇئەللىپنىڭ « كىتاپخانلاردىكى كىتاپلىرىمىزنى توپا بېسىپ تۇرغانلىقى بۇ مىللەتنىڭ كىتاپخانلىرىنىڭ ( يەنى كىتاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ) ساپاسىزلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى....» (ئاساسىي مەزمۇنى شۇنداقراق، قۇر ، چېكىت ، ھەرىپ بويىچە ئەسلىيەلمىدىم ) توغرىسىدا بىر قىسقا ئۈزۈندىنى كۆرۇپ، مۇشۇ ئىككى قۇر خەتنى باسقان تەھرىرگىمۇ ھەقىقەتەن غەزپىم كەلگەن ئىدى. بىراق كىچىككىنە بىر خاتالىق سەۋەپلىك ئۇنىڭ تەتۈرسىدە تۇرۇپ گەپ قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ سۈكۈت قىلغان ئىدىم.

مەن بۇ تىمىدا ئاپتۇرغا، ئەختەم ئۆمەر ئاكىغا ۋە زولپىقار بارات ئۆزباشقا،شۇنداقلا شىنجاڭ مەدەنىيىتىدىكى بەزى تەھرىرلەرگە قارشى نوقتىدا تۇرۇپ گەپ قىلغىنىم يوق. چۈنكى بىر ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان سەرخىل ئەسەرلەرگە ۋە سەرخىل مەزمۇنلارغا ئېگە بولغىنىدەك نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ. ئەمما بۇ يەردە مەن يۇقارقىلارغىلا ئەمەس بارلىق يازغۇچىلىرىمىزغا، قەلەمكەشلىرىمىزگە شۇنى دەپ قويماقچىمەن. مىللەت، كىملىك، ئۆزلىك، ئېتىقاد . . . دىگەندەك نازۇك مەسلىلەر سىز ۋە مىنىڭ ئائىلىمىزدىكى بالىمىزغا تەربىيە قىلغاندەك ھېسياتلىنىپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان، ھېسسى تۇيغىمىزغا ئاساسەن ھوكۇم قىلىدىغان، يازغان ئەسەرلىرىمىزنى مەتبۇئات باستى دەپلا مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆملىدىغان. خالىسىڭىز ماختاپ، خالىسىڭىز تەنقىدلەيدىغان نەرسە ئەمەس، ئاۋال سىز قەلەم تۇتقان قولىڭىزدىكى يۈركىڭىزگە تۇتاشقان ئاساسىي تومۇرىڭىزنى، سىز نامىنى ئاغزىڭىزغا ئېلىپ سۆزلەۋاتقان شۇ مىللەتنىڭ يۈركىگە، قەلبىگە تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇپ،شۇ مىللەتنىڭ ئۆزلىكى، كىملىكى، دىنى ئېتىقادى مەسلىلىرىدە ئۆلچەملىك بىلىملەرگە ئېگە بولغاندىن كىيىن، دىننىي ۋە پەننى نوقتىدىن ئۆزىڭىزنىڭ كىملىك، ئۆزلىك، ئېتىقاد، ئىمان دىگەندەك مەسلىلەردە شەرھىي سالاھىيىتىڭىز بولغاندىن كىيىن ئاندىن قەلەم تەۋرتىدىغان چوڭ مەسلىلەر قاتارىدا تۇرىدۇ. ئىچكىرگە چىققانلار ئىچكىردىكى ئوغىر- يانچۇقچىنلا كۆرۇپ ھەممە ئۇيغۇر مۇشۇنداق دەپ يازسا، چەتئەلگە چىققانلار يېرىم يالىڭاچ ئاياللار ۋە ئەرلىك،ئەركەكلىك ھەققىدە سۆز ئېچىشقىمۇ سالاھىيىتى توشمايدىغان . ھەممىنى ئەركىنلىك دەپ قارايدىغان كىشىلەرنى كۆرۇپ بۇ ئىددىيەنى ئۇيغۇرغا تاڭسا. ئوتتۇرا شەرىققە چىققانلار ھەممىمىز سەئۇدىنىڭ ئەرەپلىرىدەك ياشىساق بولدىكەن دەپ ئويلاپلا ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى تەنقىدلىسە،مەسچىت -مەسچىتلەردە ئىسلامغا، ئتىقادقا، ئۆرپە ئادەتكە يات بولغان پەتىۋالارنى بەرسە، بىرسى كىچىككىنىلا ئەرەپ تىلى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىسلام تور بېكىتىدىن بىرنى ئېچىپ ئۇنىڭدا مىللەتتىن،مىللەتنىڭ ئۆزلىك ۋە كىملىك تۇيغۇسىدىن ھالقىپ تۇرۇپ دىن ۋە ئېتىقاد مەسلىلىرىگە مۇخالىپ پەتىۋالارنى بەرسە ،تۈركىيەگە چىققانلار نىمىشقا بىزمۇ تۈرۈك كاستىيۇملىرىنى كەيمەيمىز دەپ ھېسسىياتلىنىپ سۆزلىسە، كورىيەگە چىققانلار كوڭجۇ، يۇنجۇ مەدەنيىتىنى دەپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچلىرىنى بوياپ ، كېيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا تەشۋىق قىلسا بولدىغان مەسىلە ئەمەس.ئۆزىمىزنى بەك كۆپنى كۆرگەن، ئەقىللىق سانامدۇق، زاماندىن ھالقىپ تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتقان كاللىمىزنىڭ ھالقىش بوسۇغۇسىغا شۇنى يوغان قىلىپ ئويۇپ قويايلىكى بىز يازغان ئەسەرلەرنىڭ كىتاپخانىدا توپا بېسىپ تۇرشى ھەرگىزمۇ خەلقىمىزنىڭ كىتاپ سۆيمەيدىغان،ساپاسىز مىللەت ئەمەس بەلكى ھەقىقىي ئېسىل ئەسەرلەر بىلەن ئەخلەت ئەسەرلەرنى(بىر ئۇستاز ماڭا ماتېرىيالنىڭ ناچىرى يوق. چوقۇم ساقلاپ قويۇش كىرەك دىگەن ئىدى.بىراق بۇ ھەرگىزمۇ ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنىغا قارتىلغان سۆز ئەمەس، ئىشلىتىشچانلىقىغا قارتىلغان سۆز.)ئايرىيالايدىغان كىتاپخۇمار مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۈ. بىر جىسىمغا كۆز قايسى نوقتىدىن قارسا ئەلۋەتتە شۇ تەرپىنى كۆرىدۇ. ئۆزىڭىز مىللەتكە بىرلا نوقتىدىن قارۋالماستىن باشقا يەنە بىر قانچە نوقتىغا يۆتكىلىپ تۇرۇپ قاراپ ئاندىن ئەسەرلىرىڭىزدە مىللەتكە تىل تەككۈزۈش ياكى ئۇلارغا تەنبىھ بىرىش، مىللەتنى تەرىپلەش ياكى چۆكۈرۈش ھەققىدىكى مەسلىلەرگە قەلەم تەۋرەتكىنىڭىز ياخشى. چۈنكى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئىچىدە سىزدەك بىر ئاپتۇرغا توغرا باھا بېرەلەيدىغان نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەر بولغاچقا، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۇپ زوق ئالالمىغاچقا، ئۆزىنىڭ گېلىدىن، تۇرمۇشىدىن ، ئۇچىسىدىن تىجەپ ئاشىنغان ئازغىنا پۇلىغا ئەڭ ياخشى مەزمۇندىكى كىتاپنى سىتىۋلىشنى ئويلىغاچقا سىز ۋە بىزدەك قەلەم ئىگىللىرى يازغان كىتاپ ۋە ئەسەرلەر كىتاپخانىدا توپا بېسىپ تۇرىدۇ. خىيالىمىزچە ئىككى قۇر دۇردانە، بىر كىتاپ ۋە بىر قانچە تۈردىكى تەتقىقات تېمىمىز بىلەنلا مىللەتكە باھا بېرىش ھوقۇقۇم بار دەپ قارامدۇق. سىزدەك،بىزدەك ھەتتە بىزدىنمۇ كۆپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىندىغان نې، نې مويسىپىتلارنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئېھتىيات بىلەن قەلەم تەۋرىتىدىغانلىقىنى ئويلاپراق ئاندىن مىللىي كىملىك، ئۆزلىك، مىللەت، ئاڭ ، ئېتىقاد ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىشىڭىزنى سەمىمىي تەۋىسىيە قىلىمەن.
2005-2007- يىللىرى بىلىك كولۇبىدا قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدىكى بىر ماتېرىيالنى يوللىغان ئىدىم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلخېتىمگە قۇتغۇر ئوسمان نامىدىكى ئېلخەتتىن بىر ماتېرىيال ۋە قىسقىغىنە بىر پارچە خەت كەلدى. ماتېرىيالنى چۈشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن مۇئەللىپنىڭ ماڭا يوللاپ بەرگەن ئەسەرلىرىنى كۆرۇپ ئۆزۇم بۇ ھەقتە ھەقىقەتەنمۇ يەڭگىلتەكلىك بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، بىر نەرسىنى كىچىككىنىلا بىلىۋىلىپ، بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئىزدەنمەستىن ماقالە يوللىغانلىقىمدىن كۆپ ئەپسۇسلاندىم. چۈنكى ماڭا كەلگەن ماتېريالدا قاراخانىلار خانلىقى ۋە خانلىقنىڭ قۇرۇلغان ، يىمىرىلگەن يىل نامىلىرى ھەققىدە 30 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان قاراشنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تارىخى ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلغاندا ناھايىتى ئىنچىكە بولمىسا خاتالىق چىقىپ قالدىغانلىقى ھەققىدە ئەسكەرتىلگەن ۋە ماتېرىيال ناھايىتى ئورۇنلۇق، تەرتىپلىك ئىزاھلانغان ئىدى. شۇندىن كېيىن مىللەت، تارىخ، ئېتىقاد، كىملىك، ئۆزلىك ھەققىدە سۆز قىلغاندا چوقۇم چوڭقۇر ئىزدىنىش.مىللەتنىڭ سىرىتقى ھالىتىگە، بىر ئىككى ماتېرىيالدا تەسۋىرلەنگەن سۆزلەرگە قاراپ ئەمەس ھەقىقىي ئىچكى ماھىيەتلىك مەسلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغاندىن كىيىن ئاندىن تىما يوللاش ھەققىدە ئۆزۇمنى ئىزچىل ئەسكەرتىپ كەلدىم. ئەمەلىيەتتە مەن شۇ قېتىم يوللىغان تارىخى ماتېرىيال بىزدىكى خېلى نوپۇزلۇق ئالىملارنىڭ بىزدە بار ماتېرىياللىرىنى تەپسىلى كۆرۇپ، ئۆزلەشتۈرگەندىن كېيىن يېزىلغان بولسىمۇ يەنىلا بىلىمسىزلىكىمدىن چوڭ بىر خاتالىققا يول قويغان ئىدىم.

ئاخىرىدا مەن يۇقاردا تېلغا ئالغان «ئۇيغۇرلاردا ئەرلەر يارماس . . .» ئەسىرىنى يازغان ئاپتۇرىمىزنىڭ، ئەرەپ تېلىنى بىلگەنلىكى ۋە ئەرەپ مەدەنىيىتىگە قىززىققانلىقى سەۋەپلىك بىزنىڭ يېگىتلىرىمىزگە تېل سىلىشقا پېتىنغان شۇ ئەرەپلەرنىڭ قانچەلىك مەدەنىيىتى ۋە قانچىلىك ئەرلىك غورۇرى بارلىقى ھەققىدە بىرلا تەرەپتىن ئەمەس كۆپراق تەرەپتىن ئىزدىنىپ بېقىشىنى ئۆمۇد قىلىمەن. ئۇزۇن مەزگىللىك تاشقى سودا ۋە ئوتتۇرا شەرىقلىق تىجارەتچىلەر بىلەن ئارلىشىش جەريانىدا ھېس قىلىشمچە ئۇلارنىڭ بىزدىن ئېشىپ كەتكۈدەك ھىچ بىر ئارتۇقچلىقىنى كۆرمىدىم.ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۇچراتقان ئەرەپلەردىنمۇ، پاكىستانلىقلاردىنمۇ ھېچ بىر ئۇيغۇردىن ئارتۇق مەدەنىيەت كۆرمىدىم. مەن سىزنىڭ مۇشۇ تېمىڭىزنى pdf قىلىپ چىقارغان جۇرئىتىڭىزگە ئاللاھ ئۆمرۇمنى بەرسە ۋە ئاللاھ خالىسا بىر ئەسەر يېزىپ چىقىمەن. سىز بەتچىۋاز پاتانلار، نۇمۇسنى بىلمەيدىغان بىر قانچە ئەرەپ سودىگەرلىرى (ئاللاھىم، سېنىڭ ياراتقانلىرىڭىنى ھاياسىز سۆزلەر بىلەن تەرىپلەش ھەددىم ئەمەس ئىدى. ئۆزۇڭ كەچۈرگىن. )نىڭ كۆزى بىلەنلا ئۇيغۇرغا باھا بەرگۈدەك ۋە ئۇيغۇرنىڭ كىملىك، مىللى غورۇر، ئۇيغۇر ئاياللىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تېلىڭىزغا ئالغۇدەك سالاھىيەتكە (ئەسىرىڭىزدىن قارغاندا ) ئېگە ئەمەس، ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرنىڭ كىملىك غورۇرى، ئۆزلىك ئېڭى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قانداقلىقى سىزنىڭ كۆزىڭىز بىلەن ئەمەس، تارىخنىڭ، پۈتۈن ئەلنىڭ ھەممە تەرەپتىن كۆزتەلەيدىغان كۆز بىلەن باھا بېرىلىدىغان چوڭ - چوڭ مەسلىلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ قېلىشىڭىزنى.ھەرگىزمۇ ساۋاقدىشىڭىزغا، دوستىڭىزغا، ئاكىڭىز، ئېنڭىزنىڭ كىملىكى، غورۇرى، ۋىجدانىغا باھا بەرگەندەك يەڭگىلتەكلىك بىلەن باھا بەرمەسلىكىڭىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمەن.
ئاخىرىدا سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنىڭ باش ۋە ئاخىرىنى كۆرۇش جەريانىدا ئىسمىڭىزنى ئۇچرىتالمىدىم. ئەسەر يازغاندا ھېچ بولمىسا تەخەللۇسىڭىزنى بولسىمۇ ئەسكەرتىپ قويىشىڭىزنى سورايمەن.


مەنبە   قەلىب  تورى
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 17:48:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ئىكەن،رەھمەت سىزگە!
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

5

تېما

23

دوست

1034

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
279 سەر
تىللا
23 دانە
تۆھپە
237 سەر
شۆھرەت
199 سەر

مائارىپچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 18:15:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى روھلان تورىدىكى مۇختار روزى ئەپەندى روھلان تورىدا نىقاب ناملىق ئەزالىق نامى بار چاغدا ئۆز قولى بىلەن روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ماقالە ئىدى، كېيىن نېمە ئىش بولدىكىن مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ نىقاب ناملىق ئەزالىق نامى ۋە بارلىق تېما ئىنكاسلىرى روھلاندىن بىر كېچىدىلا غايىپ بولۇپ كەتكەن ئىدى.
ھازىر مۇختار روزى ئەپەندى روھلانغا ئېتىقاد دېگەن نامدا كىرىۋاتىدۇ، لېكىن ماۋۇ تېما روھلاندىن تەڭرىتاغ قاتارلىق نۇپۇزلۇق بېكەتلەرگە ئاپتۇرنىڭ ماقۇللىقى ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.
مەن روھلان تور بېكىتىدىكى مەلىكە (melike ) بولىمەن، روھلانغا كىرىدىغان باشقۇرۇغۇچىلار بۇ تېمىنى ياخشى بىلىدۇ دەپ قارايمەن، تور بېكەتلەر ئارىسىغا سوغاقچىلىق چۈشۈپ قالمىسۇن.
بۈگۈن بايقاشقا تىزىملاتتىم، بايقاشتا نۇرغۇ ...

5

تېما

23

دوست

1034

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
279 سەر
تىللا
23 دانە
تۆھپە
237 سەر
شۆھرەت
199 سەر

مائارىپچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 18:32:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ بايقاشتىكىلەر مېنىڭ تېما ئىنكاسىمنى كۆرگەنلا يەردە ئۆچۈرىدىغان بولۇپ قالغانچە مۇشۇنداق تېمىلار ماڭىلا ئۇچراپ قالامدىغاندۇ دەيمەن
بۈگۈن بايقاشقا تىزىملاتتىم، بايقاشتا نۇرغۇ ...

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3145 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8030 سەر
شۆھرەت
3086 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 18:34:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Barna يوللىغان ۋاقتى  2012-10-15 18:32
ماۋۇ بايقاشتىكىلەر مېنىڭ تېما ئىنكاسىمنى كۆرگەنلا يەر ...

نىمانچە  خۇدۇكسىرەيسىز؟     مەن  بۇ  تىمىنىڭ  ئاپتۇرى   دىمىگەندىمەن؟

باھا سۆز

Barna مەن ئاپتۇرى سىز ئىكەنسىز دېمىدىم، سىز تېمىدا ھېچقانداق ئەسكەرتىش بەرمەي قەلپ تورى دەپلا يېزىپ قويغاچقا 这个 م تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 22:39
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

69

تېما

16

دوست

3343

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
876 سەر
تىللا
243 دانە
تۆھپە
631 سەر
شۆھرەت
515 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 19:19:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

H

ياخشى تىما يوللاپسىز،  تىمىدىكى قاراشتىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. بىراق ئاپتۇر ھەققىدە  ئىزاھات بېرىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئوقۇشقا تېگىشلىك تىما ئىكەن.  سىزگە رەخمەت...... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-15 19:21  

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 21:01:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش ئەپەندىم ئىمكان قەدەر ئۈزىمىز ئىجادىي تىمىلانى يوللىساق . بۇ ئەڭ چوڭ غەلبە ئىدى
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 21:01:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش ئەپەندىم ئىمكان قەدەر ئۈزىمىز ئىجادىي تىمىلانى يوللىساق . بۇ ئەڭ چوڭ غەلبە ئىدى
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

5

تېما

23

دوست

1034

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
279 سەر
تىللا
23 دانە
تۆھپە
237 سەر
شۆھرەت
199 سەر

مائارىپچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 22:39:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش يوللىغان ۋاقتى  2012-10-15 18:34
نىمانچە  خۇدۇكسىرەيسىز؟     مەن  بۇ  تىمىنىڭ  ئاپتۇرى   د ...

مەن ئاپتۇرى سىز ئىكەنسىز دېمىدىم، سىز تېمىدا ھېچقانداق ئەسكەرتىش بەرمەي قەلپ تورى دەپلا يېزىپ قويغاچقا
这个 ماقالىنىڭ ئاپتۇرى روھلان 网 دىكى مۇختار روزى دەپ 说了 قىلىۋاتىمەن 你 غا .
ئەمدى 明白了 قىلدىڭىزمۇ؟
بۈگۈن بايقاشقا تىزىملاتتىم، بايقاشتا نۇرغۇ ...

10

تېما

0

دوست

678

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
153 سەر
تىللا
24 دانە
تۆھپە
134 سەر
شۆھرەت
121 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-16 19:12:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنچە بىرىشىڭىز بەك قالتىسقۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:37, Processed in 0.384084 second(s), 43 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش