baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 353|ئىنكاس: 5

ياردەم!!! مەن قانداق قىلسام ياخشى سىنىپ مەسئۇلى بولالايمەن؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېڭىلا خىزمەتكە چىققان يېڭى(ئەر) ئوقۇتقۇچى، مېنىڭ يېڭىلىقىمغا،قارشى تۇرغىنىمغا  قارىماي مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ يىل قوبۇل قىلىنغان 1-يىللىق قوش تىل سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلىلىق ۋەزىپىسىنى ماڭا بەردى.  بالىلار كىچىك ،ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۇلار يەسلىدە ئىككى يىل تۇرغان بولغاچقا باشلانغۇچنىڭ قائىدە-تۈزۈم،تاپشۇرۇق ئىشلەش،دەرس ئۆتۈش شەكلى قاتارلىقلارغا قەتئىي كۆنەلمىگەندەك(ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇر دىگەن ئۆز مىللىىنىڭ نامىنىمۇ توغرا ئاتىيالمايدىكەن، شۇ سەۋەپتىن بىر سائەت ۋاقتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە توغرا تولۇق ئاتاشنى ئۆگىتىشكە كەتتى... ھەي، ئېيتىپ كەلسەم گەپ جىق...)يەنە بىرسى
مەن تېخى بۇ يىل خىزمەتكە چىققان،ئىلگىرى پەقەت بىر سائەتلا دەرس ئۆتۈپ باققان بولغاچقا سىنىپ مەسئۇللىق خىزمىتىدىنلا ئەمەس بەلكى دەرس ئۆتۈش جەھەتتىنمۇ قىلچە تەجرىبە ساۋاقلىرىم يوق...   
  1-يىللىق بالىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم مەزگىلى شۇڭلاشق مەن ئاشۇ سەبىي 32نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ۋاقتىنى،زېھنى كۈچىنى قەتئىي زايە قىلغۇم يوق، كەڭ جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار، سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ماڭا ۋە ماڭا ئوخشاش باشقا يېڭى ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئېيتىپ بېرىشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئىلتىجا قىلىمەن!
مەن قانداق قىلسام ياخشى،ياراملىق سىنىپ مەسئۇلى بولالايمەن!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-10-13 23:57:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يوللاپسىز.   ئەڭ ئاۋۋال ئاشۇ باللارنى  ياىشى كۈرۈڭ.   ئۈزىڭىزنى بېغىشلاڭ،   ھېرىپ قالماڭ،   تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلاردىن  كۆپرەك  دەرس ئاڭلاڭ،    32بالىغا   32 خىل  مۇئمالە  قىلىڭ       باشقۇرىلىشى  ياىشى بولغان  سىنىپنى  مەخپى كۈزۈتۈڭ.

  يۇقارقىلارنى  تەپسىلى  چۈشەندۈرۈشكە كەلسە   بىر  چوڭ تىپتىكى  ماقالە  پۈتۈدۈ      بەلكىم تىمىسىنى  ئۇقۇپلا چۈشىنىپ   بولدىڭىز.   سىناپ  كۈرۈڭ
ۋاقتى: 2012-10-14 15:57:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى ياىشى يوللاپسىز ، چۇنكى ئاتا بوۋىلىرىمىزدا «سوراپ-سوراپ مۇسۇلمان بول» ،«سوراپ -سوراپ بىلىم ئاپتۇ ،ئويلاپ-ئويلاپ كېيىن قاپتۇ » دەيدىغان ھېكمەتلىك ماقال -تەمسىللىر بار ئەمەسمۇ ، سىز مۇنبەرگىمۇ ، خىزمەتكىمۇ ، سىنىپ مەسئولىلىقىغىمۇ يېڭىكەنسىز . سىزگە ئەڭ ئاۋال تەۋىسيە قىلىدىغىنىم  ، بۇ تور بەت ئۇيغۇرچە تور بەت بولغاچقا  چىرايلىق ئۇيغۇرچە نام بىلەن كىرگەن بولسىڭىز ياخشى بولاركەن .
سىز خىزمەت ۋە سىنىپ مەسئوللۇق خىزمىتلىرىدە ئەڭ ياخشىسى سىرداش ئەپەندىم دىگەندەك قىلىڭ ، ئەتراپىڭىزدىكى تەجىربىلىك ، پېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىڭ ، دائىم مەكتەپتە  ئوقۇغۇچىلىرىڭىز بىلەن بولۇڭ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭ .قىلالمىغان ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىڭ ، جۈملىدىن ئۇلارغا يېقىنلىشىڭ ، ئېرىنمەڭ ، زېرىكمەڭ ، تېرىكمەڭ ، ھەم جىددىلىشىپمۇ كەتمەڭ شۇ چاغدىلا كۆزلىەەن نىشانىڭىزغا يىتەلەيسىز .
ۋاقتى: 2012-10-15 11:50:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سىنىپ مۇدىرى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىشلار

سىنىپ مەكتەپنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە ئىقتىدار بىرلىكى بولۇپ، ئۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ. سىنىپ مۇدىرى ھازىرقى مائارىپ ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى دۇنياغا، كەلگۈسىگە، زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۈزلەندۈرۈش، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان، بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ چىقىشتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. سىنىپ مۇدىرى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە، ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچى ۋە ئۇنى تەشكىللىگۈچى ھەم باشقۇرغۇچى، شۇنداقلا مەكتەپ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك. سىنىپ مۇدىرى ئىلمىي ساپاغا ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى باشقۇرۇش، تەشكىللەش، يېتەكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مول بىلىمگە ۋە يۇقىرى ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى كېرەك. بىر سىنىپ كوللېكتىپىنى ھەرقايسى جەھەتلەردىن لاياقەتلىك كوللېكتىپ قىلىپ تەشكىللەپ چىقىش ئۈچۈن، سىنىپ مۇدىرى تۆۋەندىكىلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك:

   1. سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل ئەھۋاللىرىنى، يەنى ئۆگىنىش، تۇرمۇش، ئائىلە ئەھۋالى، قىزىقىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىسى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش، سۆھبەتلىشىش، تېلېفون بېرىش ئارقىلىق بىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدىلىكى بويىچە يېتەكلىشى كېرەك.
   2. سىنىپ مۇدىرى ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن بىر قەدەر ئىلغار ھەم بەلگىلىك تەشكىللەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ ھەيئەتلىكىگە تاللىشى، باشقا ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپ ھەيئەتلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا يېتەكلىشى، پايدىلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشى، سىنىپ ھەيئەتلىرىنىڭ خىزمىتىگە يېقىندىن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
   3. سىنىپ مۇدىرى دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
   4. سىنىپ مۇدىرى مېھرىبانلىقىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۈشى، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يېتەرلىك شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى ئىززەتلىشى، ئۇلارنى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سىنىپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ھالدا ئۇلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى – سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مائارىپ ئەپەندىمنىڭنىڭ يارمىسى: /bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1092

ۋاقتى: 2012-10-17 13:38:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرداش يوللىغان ۋاقتى  2012-10-13 23:57
ياخشى  يوللاپسىز.   ئەڭ ئاۋۋال ئاشۇ باللارنى  ياىشى كۈرۈ ...

32 بالىغا 32 خىل مۇئامىلە قىلسا سىزچە قانداق ئۈنۈم بېرەر ؟
ئاتا - ئانىڭىز  3 بالا بولسىڭىز 3 خىل كۆز قارامدۇ نىمە ؟
ۋاقتى: 2012-10-17 13:41:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرماي يوقۇردا تورداشلار خېلى كۆپ تەكلىپلەرنى بېرىپتۇ . بۇگۈن ئادمىن ئەپەندى  تورغا يېڭىدىن يوللانغان  سىنىپ مۇدىرى توغرىسىدىكى تېمىنى يوللاپ قويدۇم كۆرۈپ پايدىلنارسىز .
/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=8448
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:27, Processed in 1.059646 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش