ئەقىل دۇردانىللىرى
ئادەمنىڭ مادارى-بىلىم،قارارى-ئەقىل،ئىتىبارى-ھۈنەر.
غەيۋەتخورلار گەپكە خۇمار،بالاغا سەۋەپكار،ئىناقلىققا گوركار.
ئىككى خىل ئادەم سۆزىدىكى سىپايىلىكنى ئاشۇرۋىتىدۇ، بىرى،خوشامەتچى، يەنە بىرى ئالدامچى.
قوپالنىڭ تېنى يارا، ياۋاشنىڭ دىلى.
دىلىڭ شەھەر،تىلىڭ قوۋۇق،سىرىڭ قۇلۇپ بولسۇن.
ياش چېغىڭدا يىراقنى كۆزلە، قېرىغاندا ئۈمىد بىلەن ئۆزەڭنى بەزلە.
كادىر بىلەن دىھقاننى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قولىغا قارايمىز؛ كادىرنىڭ ئىككى قولى كەينىدە،دىھقاننىڭ ئىككى قولى ئالدىدا.
ئالىم-مىللەتنىڭ كۆركى،مۇئەللىم-مىللەتنىڭ يۈرۈكى،دىھقان-مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى.
ھەقىقەتكە ئىرىشكەندە شىردەك ھەيۋەتلىك بولىسەن.
ئىش -ئەمگەك ئىلىكتىرلەشتى،مىھىر-شەپقەت يىرىكلەشتى.
قانۇن-دۆۋلەتنىڭ ئاتىسى،ئەخلاق-ئانىسى.
سۆزلەشكەندە تۆت خىل ئادەمدىن ھەزەر قىل؛1.غەيۋەتخور،2.ھەسەتخور،3.سۇخەنچى،4.چېقىمچى.
سىرىنى بىلمىگەن ئۈچ نەرسىگە چېقىلما؛1.ئايال،2.كىچىك بالا، 3.باغلاپ باققان ئىت.
تىلىڭ بىلەن دىلىڭ بىردەك بولمىسا،كۆزۈڭ ھەممىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.
تاڭ ئاتقاندا باشلانغان خورەك؛-مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئالدىغا كولانغان ئورەك.
نادان چۈشەنمەس،گۇمانخور ئشەنمەس،ھەسەتخور كۆرەلمەس،تەمەخور ئىشلىمەس،مەنمەنچى كۆزەە ئىلماس،تەپباز قوشۇلماس،بۇنداق ئدەملەر ئۆمۈر بويى مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماس.
تۇخۇم بىلەن تاشنى سوقۇشتۇرساق ،تاش مۇقەررەركى تۇخۇمنى يەنجىۋىتىدۇ،لىكىن تۇخۇممۇ تاشنى شالتاق قىلىۋىتىدۇ.
مەنبە شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى. |