مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2076 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • ئەلەم تۈنۈگۈن 19:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!

  • شاشتېكىن تۈنۈگۈن 18:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    «2-،3-،4-ۋە 5-يىللىقلارنىڭ خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىقى»نىڭ چۈشۈرۈش ئادىرېسى يېڭلاندى.

كۆرۈش: 263|ئىنكاس: 6

بىر نەچچە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالمىسى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

1015

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
189 سەر
تىللا
270 دانە
تۆھپە
154 سەر
شۆھرەت
161 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 18:01:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەچچە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالمىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىم شەرھىلەنگەن.

بايقاش مائارىپ تورىدىكى ئەزىز دوستلارنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن بىر نەچچە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالمىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم. كەڭ تور ئەھلى قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ ئوقۇپ بېقىپ ئۇنىڭدىن زەررىچە ئۇزۇق ئالالىسا، بۇ مېنىڭ غەلىبە مېۋەمدۇر خالاس! ھەرقانداق تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن! رەھمەت!


بىر نەچچە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالمىسى توغرىسىدا


تىل ساپلىقى- بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈچىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى!  
پەن- تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنى، دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ باردى- كەلدى ئالاقە ئېھتىياجى كۈنسايىن كۈچىيىپ، ئوخشىمىغان مىللەت، ئېرق ۋە ئېتىقادتىكى  كىشىلەرنى ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ئورتاق مەنپەئەت ئاستىغا ئويۇشتۇرۇپ، ھەرقايسى تىللار بىر- بىرىگە ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىن تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.
«ئۇيغۇرتىلى»دىن ئىبارەت بۇ گۈھەر تىلىمىز ئەقىللىق، ئىجادچان خەلقىمىز، جۈملىدىن مىللىتىنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز ئىشلەپ يۈرەك قېنىنى سەرپ ئېتىۋاتقان ئالىم- ئۆلىمالىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بىلەن پەن- تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۈزلۈكسىز تەكىتلىنىپ يولغا قويىلىۋاتقان «قوش تىل» مائارىپىنىڭ «ئوتتەك ھارارىتى» ئاستىدا، يا خەنچە ئەمەس، يا ساپ ئۇيغۇرچە ئەمەس بىر قىسىم ئەبجەش، شالغۇت  سۆز- جۈملىلەر، ئانا تىل تۇپرىقىمىزغا سەلدەك ئېقىپ كرىپ، مۇنبەت يەرلىرىمىزنى ئېقىتىپ كېرەكسىز لاي- لاتقا ئېقىنلارغا ئايلاندۇرماقتا! بۇنداق لاي- لاتقا ئېقىن ۋاقتىدا تىزگىنلىنىپ، كەلكۈن ئېلىپ قاچالمىغۇدەك چوڭ دامبۇ- قاشالار ياسالمىسا، بىر نەچچە ئون يىلغا بارمايلا مىللەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسى بولغان ساپ ئانا تىلىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىمىز تۇرغانلا گەپ!
بىزنىڭ تىل ساپلىقىمىزنى قوغدايدىغان ۋە مىللىي تىل- يېزىقىمىزنى توغرىدىن توغرا ئاتاش، ئىشلىتىشتە يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان «ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل يېزىق كومتېتى»مىز بار دەپلا جىمىي مەسئۇلىيەتنى شۇلارغىلا ئىتتىرىپ قويۇش ھەم بىر تەرەپلىمىلىك ھەم ئېغىر دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۆزىنى «مەن ئۇيغۇر» دەپ ئاتاشقا ھەقلىق ھەرقانداق بىر مىللىي قەۋم چوقۇم بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ھەربىر مىللىي ئەزا بار ئىمكانىيەت بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە چوقۇم ئانا تىل ساپلىقىنى ساقلاپ سۆز قىلىشقا ئېتىبار بەرگەندىن باشقا يەنە، تىلشۇناسلارغا خاس سالاھىيەتتە چەت ياكى يات تىلدىن كىرگەن ھەرقانداق يېڭى بىر سۆزنى ئۆزىمىزنىڭ ئىلگىركى ۋە ھازىرقى تىل بايلىقى (سۆز بايىلىقى يەنى لىكسىلوگىيىسى) دىن پايدىلىنىپ ئىخچام، مەنىلىك قىلىپ ئاتاپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشى تولىمۇ زۆرۈر ۋە تەخىرسىز ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر.
مەن ھەرقېتىم «كەيگۇەن» دېمەي، ساپ ئانا تىلىمدا «ئۈزچات» دېگىنىمدە، شۇنىڭدەك «كىرئالغۇ، ئۈنئالغۇ، بۇستارتقۇ، ئىلكىتاب، ئۈندىدار، كەمپۈتەر...» دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ۋە سۆز بايلىقلىرىنىڭ نەقەدەر مول ئىكەنلىكىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمەن. (مەنچە باشقىلارمۇ شۇنداق ھېسسىياتتىغۇ دەيمەن!) ھەمدە دەرسخانىلاردا تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسىغا خاس سالاھىيەت ۋە ئىقتىداردا بۇ سۆزلەرنى ئومۇملاشتۇرۇشقا قاتتىق تىرىشىمەن. باشقا كەسىپتىكى خىزمەتداشلىرىمغىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.
بارلىق تور ئەھلى ۋە مائارىپچى دوستلارنىڭ مۇنداق يېڭى ھاسىل قىلغان ساپ تىلدىكى سۆزلىرىمىزنىڭ سۆز ئامبىرى سۈپىتىدە ساقلايدىغان ۋە ئاسان تاپالايدىغان ئورنىنىڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ئويلىشىپ، ھەممىمىز بىرلىكتە مۇنداق يېڭى سۆز ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقساق قانداق بۇلار دېگەن ئۈمىدتە «بايقاش مائارىپ تورى»دىكى مۇناسىۋەتلىك يولداشلارغا ئۆز خىيالىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم. ئۇلارنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە ، ئالدى بىلەن ئۆزەم يېڭى ھاسىل قىلغان بىر نەچچە سۆزنى مۇنبەر ئەھلى بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تېپىپ ئۇشبۇ تېمىنى يېزىشقا تۇتۇندۇم. مېنىڭ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان سۆزلىرىم تۆۋەندىكىچە:
1. تېلفۇنغا توك قاچىلايدىغان سايمان «充电机»نى  ئۇيغۇرتىلىمىزنىڭ سۆز ياساش قائىدىسىدىكى بۇغۇملارنى قىسقارتىپ بېرىكتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە ، «توك قاچىلىغۇچ» دېگەن بېرىكمىدىكى «قاچى» بوغۇمىنى ئېلىۋېتىپ قالغان قىسمىنى بېرىكتۈرۈپ «توكلىغۇچ» دەپ ئاتىساق «充电机» (چۇڭدىيەنجى) دېگەن تۆت بۇغۇملۇق سۆزدىن كۆرە، ھەم ئىخچام ھەم مەنىلىك ئۈچ بۇغۇملۇق يېڭى، ساپ سۆز «توكلىغۇچ» مۇۋاپىقمىكىن دەپ ئويلىدىم.
2. ئابدۇكېرەم ئابلېزنىڭ «سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يەپتۇ» ئېتوتىدىكى تېز گەپ قىلىدىغان بىر يىرى بار. بۇ ئېتوتتا دېيىلگەن تېز گەپ قىلىش بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر خىل ئۇيۇن شەكلىدە ھېلىھەم داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، مەن كىچىك چېغىمدا دائىم بالىلار بىلەن «كالا گوشى چوغقا چاپلاشماسمىش!» ... دېگەندەك سۆزلەرنى تېز دېيىشنى ئوينايتتۇق. بۇ بالىلارنىڭ ھەرپلەرنى توغرا، دەل تەلەپپۇز قىلىشىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشتە ناھايىتى مۇھىم بىر ئويۇن. بۇنى دەرسلەردە قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.
بىراق بۇنى خېلى ئىزدىنىپمۇ ئۇيغۇرچە ئاتالمىسىنى تاپالمىدىم. لۇغەتلەرنى ئاختۇردۇم نەتىجىسى يەنىلا ئاۋۋالقىدەك. سوراشتۇرۇپ باقسام كۆپىنچە كىشىلەر ھازىرغىچە (مېنىڭ بىلىشىمچە)، خەنچە ئاتالما بويىچە «绕口令»  (راۋ كوۋ لىڭ) دەپلا قۇبۇللىۋېتىپتۇق. بۇ ئويۇننىڭ خاراكتېرىدىن قارىغاندا، گەپنى تېز دېيىش ئويۇنىدەك قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئويۇننى خەنچە ئاتالمىدىكى ئۈچ بۇغۇملۇق «绕口令»  (راۋ كوۋ لىڭ) دېگەندىن كۆرە، ساپ ئانا تىلىمىزدا «تېزدە» دەپ ئىككى بوغۇملۇق سۆز بىلەنلا ئىپادىلىسەك تېخىمۇ قۇلاي بۇلامدىكىن دەپ قالدىم. ئاندىن بۇ ئويۇننىمۇ «تېزدە ئويۇنى» دېسەك مۇۋاپىقمىكىن دەپ قالدىم.
كەڭ تورداشلارنىڭ جۈملىدىن مىللىي مائارىپنىڭ يۈرىكى، قېنى بولغان مەسئۇلىيەتلىك ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «يېڭى تاجاۋۇزچى»لارنى دەرھال ئەل قىلىپ، ساپ ئانا تىلىمىزدا ئىپادىلەشكە ئادەتلەنسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن.
ئەسكەرتىش: مەن يوقارقى ئىككى سۆزنى ئۆز خىيالىمغا ئاساسەن ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ ياساپ باقتىم. ئەگەر بۇ سۆزلەر ئىلگىرى تىلشۇناسلار ياكى باشقا مۇئەللىپلەر تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن روياپقا چىقىپ بولسىمۇ، مەن بۇنىڭدىن خەۋەرسىز ھالدا تەكرارلاپ سالغان بولسام، ئەسلىي مۇئەللىپ ئىگىسى ئالدىدا تولىمۇ ئۆزرىلىكمەن. بۇ كەمىنەنىڭ «قۇدۇق ئىچىدىكى پاقا»دەكلا ياشىغانلىقىنىڭ كاساپىتىدىن.  (مۇئەللىپ ئىگىلىرىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن!) ناۋادا ئۇنداق بولمىسا، مېنىڭ ئەقلىي ئەمگىكىمنىڭ مەھسۇلىدۇر خالاس.
تىل- ساپلىقى بىر مىللەتنىڭ تۈۋرۈكىدۇر. ھەممىمىز تىلىمىزنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن بولسا ھەركۈنى، ھەر سائەت ،بولمىغاندىمۇ ھەر ئايدا بىر قېتىم تىلىمىزدىكى «شالغۇت سۆزلەر»نى تازىلاپ تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرەيلى!
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

ئەسسالام بۇردەرلەر! ماڭا 6- يىللىق ئۇچۇر- تېخنىكا دەرس تەييارلىقى بەك لازىم.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

448

تېما

73

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
6161 سەر
تىللا
12307 دانە
تۆھپە
9296 سەر
شۆھرەت
4513 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 22:16:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر، بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ باققايسىز.
بىر نەچچە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالمىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىم شەرھىلەنگەن.

تېمىڭىزدا مۇشۇ جۈملىدىن باشقا ھېچنىمە كۆرۈنمەيدىغۇ؟! ئېھتىمال تولۇق يوللانمىغان چېغى، تەھرىرلەش رايونىدىن كىرىپ قايتا يوللاپ قويۇڭ.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

6

تېما

0

دوست

1015

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
189 سەر
تىللا
270 دانە
تۆھپە
154 سەر
شۆھرەت
161 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 11:49:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم! سىزنىڭ كۆرسەتمىڭىزگە بىنائەن قايتىدىن تەھرىرلەپ چىقىرىپ قويدۇم!
باشقا تورداش دوستلارنى بېشىدىكى بىر جۈملە سۆزگىلا (دەرس تەييارلىقىنى يوللىغانغا ئوخشاش شەكىلدە يوللاپ سالغانلىقىم ئۈچۈن) ئاۋارە قىلىپ ۋاقتىنى ئېلىپ سالغىنىم ئۈچۈن سىلەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن! مېنى كەچۈرۈڭلار!
ئەسسالام بۇردەرلەر! ماڭا 6- يىللىق ئۇچۇر- تېخنىكا دەرس تەييارلىقى بەك لازىم.

640

تېما

134

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9202 سەر
تىللا
93509 دانە
تۆھپە
5803 سەر
شۆھرەت
6305 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-10 23:29:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ناھايىتى ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز. ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتا ھەمىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى بار. بىز باشقا تىللاردىن قۇبۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتقان خېلى كۆپ سۆزلەر بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئۆلچەم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن  شۇ پېتى قوللىنىدىغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزىمىنىڭ تىلىدا شۇنداق يېقىشلىق تىللار بىلەن تەرجىمە قىلىنغان سۆزنىمۇ جانلىق ئىشلىتىپ ئومۇملاشتۇرۇشنى خالىماسلىقتەك مەسىلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەمىمىز ئويلىنىپ بېقىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن.
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

126

تېما

20

دوست

4570

جۇغلانما

مائارىپ ئاۋاڭگارتى

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
1233 سەر
تىللا
487 دانە
تۆھپە
774 سەر
شۆھرەت
687 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 15:00:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ئەھمىيەتلىك مۇھاكىمە تېمىسى. بىراق، «بايقاش»تىكى مىللىتىمىزنىڭ سەركىلىرى بۇ تېمىغا قانچىلىك ئاۋاز قوشىدىكىن؟!!!

6

تېما

0

دوست

1015

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
189 سەر
تىللا
270 دانە
تۆھپە
154 سەر
شۆھرەت
161 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 18:32:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى كۈنى تور ئارىلاۋېتىپ، بىر توردا « شىركەتكە نام بېرىشىپ بەرسەڭلا'» دېگەن تېمىدىكى مۇراجەتنى كۆردۈم. نەچچىلىغان تورداش بۇ شىركەتكە نام بېرىش خيالىنى يېزىپ، 10-20 بەتتەك ناملارنى يېزىپتۇ. ئەمدى بىزمۇ ئانا تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇشقا دائىر مەزمۇنلارنى يازساق، بۇنىڭغا كۆز قىرىنى سالىدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك! شۇ نەرسە ھەممىمىزگە ئايان بولسۇنكى، مىللەت بولغاندا ئاندىن ئەشۇ قۇرۇلماقچى بولغان مىللىي كارخانىلارمۇ بولىدۇ. تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە كۆپرەك بەس- مۇنازىرە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسسالام بۇردەرلەر! ماڭا 6- يىللىق ئۇچۇر- تېخنىكا دەرس تەييارلىقى بەك لازىم.

70

تېما

16

دوست

3537

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
914 سەر
تىللا
300 دانە
تۆھپە
655 سەر
شۆھرەت
527 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 19:25:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇ تىمىڭىز تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تىما بولۇۇپ يورۇپتۇ. تىلىمىزدىكى سىز ئېيتقاندەك ‹‹شالغۇت›› سۆزلەرنى بايقاش ۋە ئۇنى تۈزىتىش ئانا تىلىمىزنى ساپلاشتۇرۇشتىكى ياخشى بىر قەدەم. بىز ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىلار بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئالدى بىلەن ئىزدەنسەك بولىدۇ.
سىز تىلغا ئالغان مىساللاردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم .

م: بىزنىڭ سىنىپتىكى بالىلار ‹‹تېزدە›› مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى.

بايقاش- يېڭى بايقاشلارنىڭ گۈلزارى بولسۇن......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-11 19:29  

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:50, Processed in 0.437986 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش