پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 97|ئىنكاس: 3

ئىسىم ماجراسى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 15:28:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىم ماجراسى
مۇتەللىپ ياقۇپ
(ھېكايە)
   ئايشەمگۈلنىڭ ئاي - كۈنى يېقىنلاپ قالدى،ئۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قۇرسىقىدىكى بالىغا قانداق ئىسىم قويۇش توغرىسىدا يولدىشى ياسىنجان بىلەن كۈندە دېگۈدەك مۇنازىرىلەشكەن بولسىمۇ لېكىن ئىككىسى پەقەتلا بىرلىككە كېلەلمىدى.ئايشەمگۈل بالىغا باشقىلار تېخى قويۇپ باقمىغان ئەڭ مودا ئىسىم قويىمەن دەيتتى،ياسىنجان بولسا ئايشەمگۈل تاپقان ئىسملارنىڭ بىرسىگىمۇ قوشۇلمايتتى.
   ـ ياسىنجان،بۈگۈن مەن يەنە بىر قانچە مودا ئىسملارنى ئويلىشىپ،خاتىرلەپ قويدۇم.مەڭ، كۆرۈپ مۇشۇ ئىسملاردىن بىرنى تاللاپ بېرىڭ،ـ دېدى ئايشەمگۈل ئىشتىن قايتىپ ئەمدىلا ئۆزىنى كىرىسلۇغا تاشلىغان يولدىشى ياسىنجانغا قولىدىكى دەپتەرنى ئۈزۈتۈپ.
   ياسىنجان ئالدىغا سەل ئىگىلىپ ئايالى سۇنغان دەپتەرنى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئالدىدە دەپتەردىكى ئىسىملارنى ئاۋازىنى چىقىرىپ ئوقۇدى:‹‹ئوغۇل بولسا قەۋدىراس،نەۋدۇس. قىز بولسا ئۆلىيە،تەكۇرە››.
   ـ توۋۋا! بۇ سېنىڭ ئەتتىگەندىن بۇيان ئويلىشىپ تاپقان مودا ئىسىملىرىڭما؟ياسىنجاننىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ،ئاۋازى بوغۇلۇپ چىقىشقا باشلىدى.ھەي ئايشەمگۈل سېنىڭ بۇ تاپقان ئىسىملىرىنى بالىمىزغا قويامدۇق ياكى ئاۋۇ قوشنىمىزنىڭ ھويلىسىدا باغلاقلىق تۇرغان ئاپشاركىسىغا قويامدۇق؟نېمانداق تېتىقسىز ئىسىملار بۇ.شۇنى بىلىپ قوي،ئىسىم  ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قىلغان تۈنجى ۋە ئىككى ئالەملىك سوۋغىسى ھېسابلىنىدۇ.بەرھەق، بىز ئاتا-ـ ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسىم قويۇش ھوقۇقىمىز بار.لېكىن مودا قوغلىشىپ بۇنداق مەنىسى يوق، تېتىقسىز ئىسىملارنى قويساق قانداق بولىدۇ.ئەجداتلىرىمىز بىزگە نى - نى چىرايلىق،مەنىلىك ئىسىملارنى قالدۇرۇپ كەتكەنغۇ؟ئەمما ھازىر بىز ئاتا-ئانىلار شۇ ئىسىملارنى بالىلىرىغا قويۇشتىن نومۇس قىلىمىز...
   ـ ئوھۇش،ماڭا دەرس سۆزلىمەي ئۆتەپ بېرىڭە،سىزنىڭچە بولسا بالىمىزغا توختاخۇن،ئايپاتەم دېگەندەك ئىسىملارنى قويساق بولىدىكەندە؟ ئۇنداق ئىسىملارچۇ ھازىر مودىدىن قالدى ،ـ ئايشەمگۈل شۇنداق دېگىنىچە تىزىغا يېىپىپ ئولتۇرغان ئەدىيالنى زەردە بىلەن يۇلۇپ يەرگە ئاتتى ۋە سۇدىن چىققان ئۆدەك بالىسىدەك ئالچاڭلىغىنىچە كارۋاتقا چىقىپ يۈزىنى ئەدىيالغا پۈركەپ يېتىۋالدى.
   ياسىنجان جەڭگاھتا يېڭىلگەن ئەسكەردەك بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ ھويلىغا چىقتى - دە،يانچۇقىدىن بىر تال تاماكا چىقىرىپ،ئۇسسۇزلۇقتىن قۇرۇپ كەتكەن ئىككى لىۋىنىڭ ئارىسىغا ئاۋايلاپ قىستۇرۇپ ئوت ياقتى...
بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن ئايشەمگۈلنىڭ ئاي كۈنى توشۇپ،دوختۇرخانىدا ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر قىز بۇۋاق يەڭگىدى. ياسىنجان دوختۇرخانا رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەپ بولغاندىن كېيىن ئايالىنى قېينىئانىسىنىڭ ئۆيىگە ياندۇرۇپ چىقتى،ئاندىن يۇرت چوڭلىرىنى چاقىرىتىپ،ئايالىنىڭ رايى بويىچە بۇۋاققا ‹‹ئۆلىيە›› دېگەن ھېچكىم قويۇپ باقمىغان مودا ئىىسىمنى قويدى...

مەنبە:زۇليارتور ئەسەرلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-7 15:31  

بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

126

تېما

35

دوست

7505

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1608 سەر
تىللا
442 دانە
تۆھپە
1519 سەر
شۆھرەت
1419 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 16:27:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت قېرىندىشىم!شۇنداق، بىز ئۇيغۇرلار بالىلىرىمىزغا ئىسىم قويغاندامەنىلىك،ئۈزىمىزگە ماس كىلىدىغان ئىسىملارنى قۇيىشىمىز كېرەك.مۇدا قوغلىشىپ ئۈزىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئانا تىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

53

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1416 سەر
تىللا
10225 دانە
تۆھپە
1081 سەر
شۆھرەت
961 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 13:54:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىم دىگەننىمۇ مودا قوغلىشىپ قويماي تەبئىي ھەقىقى ئۇيغۇر ئىسمى قويغىلۇق

29

تېما

3

دوست

2653

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
666 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
477 سەر
شۆھرەت
454 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 17:38:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىچكىم قۇيۇپ باقمىغان، مەنىسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىسىملار مودا بولامدۇ. ئۆزى ئۇيغۇرچە، مەنىسى چۇڭقۇر ئىسىملىرىمىز ئازمۇ؟ ھىكايىدىكىگە ئوخشاش رىيال تۇرمۇشتىمۇ قىسمەن گالۋاڭ كىشىلەرمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 14:55, Processed in 0.404770 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش