شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل
 ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى ، مىللى قەھرىمان ، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل 1925 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چىلەك رايۇنىدا تۇغۇلغان . دادىسىنىڭ ئىسىمى ھاشىم ئاخۇن ، ئاپىسىنىڭ ئىسمى مەريەمخان بولۇپ ، دادىسى يۇڭ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى . 1932 - يىلى رىزۋانگۈل 7 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجا شەھىرىگە ( پۇشمان مەھەللىسىگە ) كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . 1933 - يىلىدىن 1940 - يىلىغىچە غۇلجىدىكى شەرق مەكتەپ ۋە ئۇمۇت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان . 1940 - يىلى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا دەرىجىلىك مىللى قىزلار مەكتەپ بوغالتىرلىق كەسپىي سىنىپىدا ئوقۇغان .1943 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن ۋە شۇ يىلى ۋىلايەتلىك پوچتا ئىدارىسىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان . رىزۋانگۈل مەرىپەتپەرۋەر ۋە تەرەققىيپەرۋەر ئائىلىدە چوڭ بولغان . ئۇ ئائىلىسىنىڭ بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىن تارتىپلا تىرىشچان ، ئۆتكۈر پىكىرلىك ، كەمسۆز ، لېكىن دېگىنىنى قىلىدىغان ، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىداپ تۇرالمايدىغان قەيسەر قىز بولۇپ يېتىشكەن . ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆكتەملەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىدىغان ، نارەسىدە قىزلارنى مەجبۇرى ئەرگە بىرىدىغان ، ئاياللارنى خورلايدىغان ئەھۋاللارنى كۆرگەندە ئۇ ئىشلارغا ھىچ ئىككىلەنمەي قارشى تۇراتتى . رىزۋانگۈل پوچتا ئىدارىسىدە ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى باشلاندى . ئىنقىلاپ باشلىنىپ ئالتىنچى كۈنىلا رىزۋانگۈل بىرقانچە دوسلىرى بىلەن پىدائىي بولۇپ جەڭگە قاتناشتى . ئۇ پىدائىي سېپىگە كىرگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن قىسىمنىڭ شەپقەت ھەمشىرىسى بولۇپ قانلىق جەڭلەرگە قاتناشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربى قائىدە ۋە قورال ئىشلىتىشنى قېتىرقىنىپ ئۆگەندى . ئۇ دائىم : << دۈشمەن بىلەن ئەرك ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان ۋەتەننىڭ ئوغلانلىرى بولسا ، بىز ۋەتەن قىزلىرى . قىزلارمۇ قولىغا قورال ئېلىپ ئالدىنقى سەپكە بېرىشى كېرەك >> دېسە ، ھەمىشىرە قىزلارغا :<< فاشىزىمغا قارشى كۈرەش قەھرىمانى روس قىزى زويادەك بولايلى >> دەيتى . رىزۋانگۈل جەڭ مەيدانلىرىدىكى جاپا مۇشەققەتنى يېڭىپ ، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماي ، مۆلدۈردەك يېغىۋاتقان دۈشمەن ئوقلىرى ئارىسىدا قەھرىمانلارچە يۈگۈرۈپ يۈرۈپ يارىدار جەڭچىلەرگە شەپقەت يەتكۈزدى . ئۇ جەڭلەردىكى ئاجايىپ جاسارىتى ۋە يارىدار جەڭچىلەرگە بولغان كۆيۇمچانلىقى بىلەن كوماندىر - جەڭچىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ شەپقەتلىك ، مىھرىبان ھەمشىرىگە ئايلانغان ئىدى . رىزۋانگۈل 1945 - يىلى 13 - يانۋاردا ھەرەمباغ ئەتراپىدىكى شىددەتلىك جەڭدە ۋىژىلداپ ئۇچۇۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىلانغان ئۇچ جەڭچىنىڭ يارىسىنى ئارقا - ئارقىدىن تېڭىپ بىخەتەر جايغا ئاپىرىۋېتىپ ، ئارقىغا قاراپ خەۋپلىك جايدىكى تۆتىنچى جەڭچىنىڭ يىنىغا كېتىۋاتقاندا دۇشمەن ئاتقان ئەجەللىك ئوق بىشىغا تىگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى . ئۇ قۇربان بولغاندا ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئىدى ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلۈمى كىشىنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ . ئۇنىڭ نامى ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن قان تۆككەن مىڭلىغان ئوت يۈرەك ئوغۇل -قىزلىرىمىز قاتارىدا تارىخ بېتىگە مەڭگۈلۈك يېزىلدى . مىللى قەھرىمان رىزۋانگۈل باتۇرانە ئىش ئىزلىرى بىلەن ئەينى دەۋر جەڭ مەيدانىدىكى ھەر مىلەت ئوغۇل قىز جەڭچىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپلا قالماي ، ھازىرقى دەۋرىمىز ياشلىرىنىڭمۇ ئۆگىنىش ئۈلگىسىدۇر . ئەينى ۋاقىتتا جەڭگە كىرمەي شۇ چاغدىكى يۇقۇرى بىلىمى بىلەن ئارقا سەپتە تۇرۇپمۇ بۇ ئىنقىلاپتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بار ئىدى ، لېكىن ئۇنىڭدىكى مىللى غورۇر ، ۋەتەن ئانا زىمىن ئۈچۈن ياش تۆكەلەيدىغان ، خورلۇق ۋە ئادالەتسىزلىككە چىدىمايدىغان باتۇرانە روھى بۇنىڭغا يول قويمىدى . ئۇ بىر باتۇر ، قەھرىمان ، مەردانە ئۇيغۇر قىزى . ئۇ بۇرۇن ، ھازىر شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل قىزلىرىمىز ئۇچۇن مەڭگۈلۈك ئۆگىنىش ئۈلگىسى ۋە بايراق بولغۇسى .
رىزىۋانگۈل ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى
مەنبە:ئاقىللار تورى
رىزۋانگۈل سىمفونىيىسى
ئەمدىلا 30 ياشتىن ھالقىغان قۇددۇس غوجانياروفنىڭ يىرىك مۇزىكا ئەسىرى يارىتىش ئويى بۇرۇندىنلا بولسىمۇ، بۇ مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى تامامەن تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلاندى. ئۇ بىر كۈنى ژورنالدىن قادىر ھەسەنوف دېگەن شائىرنىڭ ‹رىزۋانگۈل› ناملىق شېئىرىنى ئوقۇپ ناھايىتى ياقتۇرۇپ قالدى. شېئىرنىڭ كىم توغرىسىدا يېزىلغانلىقىنى ياخشى بىلسىمۇ، ئۇ ئاپتور بىلەن ئۇچرىشىپ، رىزۋانگۈلگە مۇناسىۋەتلىك يەنە كۆپلىگەن تەپسىلاتلارنى ئىگىلىدى. ئۇ قەھرىمان قىزنىڭ جاسارىتى كومپوزىتورنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بۇ شېئىرغا مۇزىكا ئىشلەشكە بەل باغلىدى. مۇزىكىمۇ تەييار بولدى. ئەمما، كومپوزىتور يەنىلا بۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قىلمىدى. بۇ مۇزىكىنىڭ ناچار ئىجاد قىلىنغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى رىزۋانگۈلنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى ئۈچۈن پەقەت بىرەر ناخشىنىڭ بۇلۇشىلا كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىدىن ئىدى. ئۇ ئۇزاق كېچىلەرنى خىيال بىلەن ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدى. ياتسا-تۇرسا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن ئاشۇ قەھرىمان قىزنىڭ سىماسى نېرى بولمايتتى. بۇ قەھرىمان قىز ئالدىدا كومپوزىتور ئۆزىنى بىر ئۆمۈر قەرزداردەك ھېس قىلاتتى. ئاخىرى ئۇ بۇ قىزنىڭ ئوبرازىنى سىمفونىيىلىك داستاندا ئەكس ئەتتۈرۈشكە بەل باغلىدى. يەنە ئارامسىز كۈنلەر، ئۇيقۇسىز تۈنلەر باشلاندى. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇخلاپ قالغاندا ئۇ ئەرزان باھادا سېتىۋالغان كونا رويالنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. ئوي-خىيالى بولسا، ئىنقىلاب ئوتى قاينىغان ئىلىغا كېتەتتى. ئۇنىڭ پاكار كونا تام ئۆيى ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئايلىناتتى. رويالنىڭ ھەر بىر پەدىسىدىن چىققان جاراڭلىق ئاھاڭلار ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئىپادىلەيتتى. بۇ ئاھاڭلار ئىچىدە ئانا خەلقىنىڭ مۇقەددەس ئارزۇسىنى ئۆزىدە ئوچۇق ئەكس ئەتتۈرگۈچى رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازىغا-قەھرىمانلارغا خاس، يۈرەكلەرنى تىترەتكۈچى، ھەممىنى ئۆزىگە جەلب قىلالىغۇدەك، ئاڭلىغۇچىلارنى قايىل قىلالىغۇدەك جەڭگىۋار ئاھاڭلارنى بېغىشلاش ئىنتايىن مۈشكۈل ئىدى. 1950-يىلى دېكابىردا موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقى كومپوزىتورلار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. قۇرۇلتايدا ئاڭلاشقا قازاقىستاندىن ئاتاقلىق كومپوزىتورلارنىڭ بىر نەچچە ئەسەرلىرى قاتارىدا قۇددۇس غوجامياروفنىڭ يېڭىلا تاماملىغان ‹رىزۋانگۈل› ناملىق سىمفونىيىلىك داستانى قاتناشتۇرۇلغانىدى. ئاپئاق قار باسقان موسكۋاغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ، چەت ئەللەردىن كومپوزىتورلار قۇرۇلتىيىغا كەلگەن مېھمانلار تولۇپ كەتكەنىدى. موسكۋانىڭ كونسېرت زاللىرىدا ، مۇزىكا تىياتىرخانىلىرىدا سىمفونىيىلەر، ناخشىلار ياڭراپ، ئوپېرالاردىن ئارىيەلەر ئورۇندىلىۋاتاتتى. ئۇلار ھەرخىل تىللاردا ياڭرايتتى. ئەنئەنە بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپوزىتورلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەسەرلىرىنى ئاڭلاپ باھالاش باشلانغانىدى. بۇ ھاياجان، تەشۋىش، ھودۇقۇش ۋە ئىنتىزارلىققا تولۇپ تاشقان پەيتلەر ئىدى... -13دېكابىر ، دۈشەنبە كۈنى چايكوۋسكىي نامىدىكى كومسېرت زالىغا ئاڭلىغۇچىلار لىق تولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چەت ئەللىك مېھمانلار، مۇزىكا تەنقىدچىلىرى، تەتقىقاتچىلار، كومپوزىتورلار، ئارتىسلار ، مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىش قانچىلىك شەرەپلىك ۋە ئابرويلۇق ئىش بولسا، ئۇنىڭ جاۋابكارلىقى ۋە قىيىنچىلىق دەرىجىسىمۇ شۇنچىلىك چوڭ ئىدى. سەھنىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەتلىك سىمفونىيە ئوركېستىر ئۆمىكى پۈتۈن تەييارلىقنى تۈگىتىپ تەق بولۇپ ئولتۇرۇشاتتى. دىرىژور قولىدىكى تايىقىنى كەسكىن شىلتىشى بىلەن تەڭ مۇزىكانتلار جۇشقۇن ، شىددەتلىك ئاھاڭلارنى باشلىۋەتتى. بۇ جاراڭلىق ئاھاڭلارنى پۈتكۈل ئوركېستىر ئۆمىكى قوللاپ قۇۋەتلىگەندەكلا ئۇنىڭغا تېخىمۇ جۇشقۇن، ياڭراق كۈچ بېغىشلاپ چالماقتا ئىدى. ئۇرۇپ چالىدىغان سازلارنىڭ ئاۋازى بارغانسېرى ئۇلغىيىپ، قەتئىي مارش ئاھاڭى بەلگىلىك بىر رېتىم پەيدا قىلىپ تۇرماقتا ئىدى. جۇشقۇن ئاھاڭلار بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. ئەسەر كەسكىن، جەڭگىۋار تۈس بىلەن ياڭرىماقتا. ئۇنىڭ جراڭلىق سادالىرىدىن ئازادلىق ئۈچۈن قىلىنغان چاقىرىق، جەڭگىۋار يۈرۈشنىڭ ئاۋازى كېلەتتى. شۇ پەيتتە زالدا بارلىق ئىخلاسى بىلەن ئاشۇ ئاھاڭلار قوينىغا ئىختىيارسىز كىرىپ كەتكەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىن ئەسەردە تەسۋىرلىنىۋاتقان ۋەقەلەر بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. قەدىمىي غۇلجا، ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە بەرپا بولغان شەھەر ئازاب ئىچىدە تولغانماقتا. بۇ ئەزىز دىيار ئۆز ئازادلىقى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەسىرلەر بويى كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان. 1944-يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ قانلىق مىللىي زۇلۇمىغا چىدىمىغان خەلق ئاخىر ئازادلىق ، ئەركىنلىك ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى. بوينىغا شەپقەت ھەمشىرىسى سومكىسىنى ئاسقان، بېشىغا قوي تېرىسىدىن تىكىلگەن ئاق قۇلاقچا، ئۇچىسىغا قايرىما ياقىلىق قىسقا جۇۋا، پۇتىغا پىيما كىيىۋالغان 19 ياشلىق قىزچاق ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆڭنىڭ ئۈستىگە چىقتى : - ئالغا! قېرىنداشلىرىم ! ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن ! ئالغا! قىزنىڭ قەتئىي ۋە مەردانە ئاۋازىدىن ، باتۇرانە ھەركىتىدىن روھلانغان قوزغىلاڭچىلار دولقۇنى دۈشمەننى بىتچىت قىلىپ چېكىندۈردى. دۈشمەن قاچماقتا. غالىبىيەت ! ھەممىنىڭ يۈزىدە شادلىق ئالامەتلىرى ، تەرەپ-تەرەپتىن خۇشاللىق ئاۋازلىرى ياڭرىماقتا. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بايىقى مەردانە، باتۇر قىز كۆرۈنمەيتتى. رىزۋانگۈل ئۆزى تۇغۇلغان ئانا تۇپراقنى قۇچاقلاپ ياتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ياش ھاياتىنى ئاشۇ ئانا يەرنىڭ ياۋۇز دۈشمەندىن ئازاد بولۇشى ئۈچۈن پىدا قىلدى... بۇ ئەزىز تۇپراق ئەركىنلىكنى سۆيگۈچى ، ئۆز يۇرتىنىڭ گومىنداڭچىلاردىن ئازاد بولۇشى، خەلقنىڭ زۇلۇم ۋە ئېزىلىشتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇقەددەس جەڭدە ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان يەنە بىر ئەزىز پەرزەنتىنىڭ جەسىدىنى ئۆز قوينىغا ئالدى. باياتىندىن بېرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىۋاتقان جەڭگىۋار ۋە ياڭراق ئاھاڭلارنىڭ ئىچىدىن قايغۇلۇق ئاھاڭنىڭ ئاڭلىنىپ قېلىشى ئەنە شۇنىڭدىن ئىدى. قەھرىمان قىزنىڭ پاجىئەلىك ۋاپاتىنى ئىسكىرىپكىلارنىڭ غەمكىن ئاۋازلىرى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرىپ، كىشىنىڭ تەن-تېنىنى جۇغۇلدىتىۋېتەتتى. بىر پەس سۈكۈت پەيدا بولدى. ئاندىن كېيىن دېڭىز شاۋقۇنىدەك ئالقىشلار ساداسى زالنى چاڭ كەلتۈرۈپ ياڭرىدى. كىشىلەر بۈگۈن ھەممە ئادەمنى ھاياجانغا سالغان ئاجايىپ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنى كۆرۈشنى خالايتتى. گۈلدۇراس ئالقىش ساداسى ئىچىدە سەھنىگە ئېگىز بويلۇق ، قەددى-قامىتى كېلىشكەن ، ئوچۇق چىراي، بۇغداي ئۆڭلۈك ، ئورۇقراق، يېشى 30 دىن ئاشقان يىگىت چىقتى. ‹رىزۋانگۈل› ناملىق سىمفونىيىلىك داستاننىڭ ئاپتورى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان تۇنجى كەسپىي كومپوزىتور قۇددۇس غۇجامياروف سەھنىگە چىققاندا ئۇنىڭ تولىمۇ ياش ئىكەنلىكىنى كۆرگەن تاماشىبىنلار تېخىمۇ قاتتىق چاۋاكلار بىلەن ئالقىش ياڭراتتى... ئاساسەن ھاياجانلىنىپ كەتمەيدىغان سالماق موسكۋالىقلار بۇ كۈنى كومپوزىتورنىڭ زور ئۇتۇقىغا ئادىل باھا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ چىن قەلبىدىن چىققان تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قېشىدا سىمفونىيىگە تۇنجى قېتىم دىرىژورلۇق قىلغان، موسكۋا ئالىي مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەنە بىر تالانتلىق پەرزەنتى غەزىز دۇگشىۋ كۈلۈمسىرەپ ، ئەسەر ئاپتورىنىڭ ئۇتۇقىدىن پەخىرلىنىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ بالىلىق چېغىدىن باشلانغان ھايات يولىدىكى ھەمكارلىقى بۇ نۆۋەت يەنە بىر قېتىم ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. شۇ كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇزىكا تارىخىدا قۇددۇس غوجامياروف يازغان تۇنجى سىمفونىيە ۋۇجۇتقا كەلگەن بولسا، بۇ كۈنى يەنە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇنجى كەسپىي دىرىژورىمۇ دۇنياغا كەلگەنىدى. موسكۋانىڭ دۇنياغا داڭلىق سەھنىسىدە قاتار تۇرغان ئىككى ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى، سەنئەت ئۇتۇقلىرىنى پۈتكۈل سوۋېت ئېلىگە تونۇتتى. تۇنجى مۇۋەپپەقىيىتىدىن سۆيۈنگەن كومپوزىتور يېڭى-يېڭى تېمىلار ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ‹نۇزۇگۇم›، ‹سادىر پالۋان›، ‹ئالتۇن تاغلار›، ‹تەكلىماكان› ، ‹چىن تۆمۈر باتۇر› قاتارلىق يىرىك مۇزىكا ئەسەرلىرىنى كەينى-كەينىدىن ئىجاد قىلىپ، ئۆز تالانتىنى نامايان قىلدى.
قۇددۇس غوجامياروفنىڭ‹‹رىزۋانگۈل سىمفونىيىسى››نى بىر ئاڭلاپ قويۇڭ.rizwangul[1].mp3
مەنبە:تور دۇنياسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-6 21:19
|