پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3609 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 14 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 161|ئىنكاس: 3

سادىر پالۋاننىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك رەسىمىنى كىم، قانداق سىزغان؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 18:20:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر پالۋاننىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك رەسىمىنى كىم، قانداق سىزغان؟

مەن 2007–يىلى3–ئايدا قازاقىستان دۆلەتلىك مىللىي كۇتۇپخانا بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە تارىخىي، ئەدەبىي ئارخىپلارنى ئاختۇرۇۋېتىپ، كۆزۈم بىردىنلا «سادىر پالۋاننىڭ رەسىمى ھەققىدە» دېگەن ماۋزۇغا چۈشۈپ قالسا بولىدۇ ۋە دەرھال ئوقۇشقا كىرىشتىم. بۇ ئەسلىمە ئەينى ۋاقىتتىكى قازاقىستاندا قازاق، ئۇيغۇر تىلىدا ئەرەب يېزىقى بىلەن چىقىدىغان، مۇقاۋىسى نەقشىلەنگەن «قازاق ئېلى» ژۇرنىلىنىڭ 1945–يىلىدىكى 8–9–بىرلەشمە سانىنىڭ 21–بېتىدىن باشلىنىپتۇ. ئەسلىمە خېلىلا ئۇزۇن كۆلەملىك يېزىلىپتۇ. ئەسلىمىنىڭ ئاپتورى سابىرجان شاكىرجان دېگەن كىشى شۇ دەۋرنىڭ قەلىمى پىشقان يازغۇچىلىرىدەك تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەتىسى مەن بۇ كىشىنى ئىزدەشتۈرگىلى تۇردۇم، تېلېفون ئارقىلىق قازاقىستان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، مۇتەخەسىس ساۋۇت ئابدۇللايۇپتىن ئۇقۇشۇمچە، سابىرجان شاكىرجان ئۆز ۋاقتىدا يەتتىسۇ دىيارىدە ئوقۇتقۇچى، كېيىنچە ئالماتادا چىقىدىغان قازاق، ئۇيغۇر تىللىرىدىكى بىر قاتار گېزىت–ژۇرناللاردا مۇخبىر، تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن ئىقتىدارلىق ئادەم ئىكەن، 1970–يىللاردا ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ.
خوش، ئۆز پارىڭىمىزغا كەلسەك، سابىرجاننىڭ سادىر پالۋان ھەققىدىكى ئىزدىنىشى ئەينى ۋاقىتتىكى قازاق ئىنقىلابىنىڭ ئالدى–كەينىدىكى مەزگىللەرگە توغرا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۇنداق دەيدىغىنىم، ئاپتور 1924–يىلى «1–چامدام» ناملىق ژۇرنالدا «سادىر پالۋان»نى تونۇشتۇرۇپتۇ. 1931–يىلى تاشكەنت شەھىرىدىكى نەشرىياتلاردا «سادىر قاڭرۇق» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ، كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇ بىر قانچە يىللار جەريانىدا داۋاملىق ئىزدىنىپ، سادىر پالۋاننىڭ تەققى–تۇرقى، شەكلى–چىرايى ۋە سۆز–ھەرىكىتىنى خەلق ئىچىدىكى كۆپنى كۆرگەن ياشانغان مويسىپىتلاردىن ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ يىغىپتۇ. مەقسىدى – سادىر پالۋاننىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك رەسىمىنى سىزدۇرۇپ خەلق قەھرىمانىنىڭ ئوبرازىنى ئەۋلادتىن–ئەۋلادقا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.
شۇنداق قىلىپ رەسىم 1940–يىللىرى قازاقىستان خەلق رەسسامى، ئاتاقلىق گۈزەل–سەنئەت ماھىرى ئەبىلقان قاستەيۇپنىڭ ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى، چىۋەر قەلىمى ئاستىدا بارلىققا كېلىپ سىزىلىپ پۈتۈپتۇ. شۇندىن كېيىن بۇ رەسىم پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىكى تارىخىي مۇزىيلاردا ساقلانغاننىڭ سىرتىدا ھەرخىل ئەسەرلەر ۋە دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلۈپ، سۆيۈملۈك قەھرىمانىمىزنىڭ گىگانت ئوبرازى خەلق ئاممىسىغا تەقدىم قىلىنغان. سادىر پالۋان يۇرتىدا سادىر پالۋان مەقبەرىسىنى تۇرغۇزۇشقا ئاكتىپ كۈچ چىقارغان يازغۇچى تۇرسۇن ياسىننىڭ قولىدىكى رەسىم ئەنە شۇ رەسىمنىڭ نۇسخىسىدۇر.
سابىرجان ئۇزاق ۋاقىت ئىزدىنىش جەريانىدا سادىر پالۋاننى كۆرگەن، ئاڭلىغان نۇرغۇنلىغان ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقان ئىدى. كېيىن ئۇ شۇ ئادەملەرنىڭ ئالدىغا رەسسام ئەبىلقان قاستەيۇپنىمۇ بىللە ئاپىرىپ سادىر پالۋان ھەققىدە كۆپلىگەن سۆھبەتلەرنى تۈزۈپتۇ. مانا شۇنداق ئەستايىدىل ئىزدىنىش، ئۈگىنىشلەردىن كېيىن رەسسام سادىر پالۋان توغرۇلۇق بىر قەدەر تولۇق بولغان چۈشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، ئاندىن ئۆز ئەسىرىنى تاماملاپتۇ ھەم پىكىر ئېلىش يۈزىسىدىن ھېلىقى مويسىپتلارنىڭ ئالدىغا سادىر پالۋاننىڭ قەغەز يۈزىدىكى رەسىمىنى ئېلىپ بېرىپ كۆرسەتكەندە، ئۇلار پالۋاننىڭ ئوبرازىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇپ؛ «نەق ئۆزىگە ئوخشاپتۇ، رەھمەت ساڭا. ھەقىقىي ھۈنەر–سەنئەت ئىگىسى ئىكەنسەن، قولۇڭغا دەرت بەرمىسۇن!» دەپ رازىمەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن. ئۇلار تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ: «ھەتتا بۇ رەسىم سادىر پالۋاننىڭ ئۆزىگە ئوخشايدىغان ھەم دادىسى بىلەن چېلىشىش، جەڭلەرگە بىرلىكتە قاتناشقان چوڭ ئوغلى ئاللاقۇلى بىلەن ئوتتۇرانچى ئوغلى ئىگەمقۇلىغىمۇ قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاپتۇ» دېيىشىپ رەسسامغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن (پالۋاننىڭ ئۈچىنچى ئوغلى دەۋرانقۇلى بولسا باشقىلاردىن ئۆزگىچىرەك ئىكەن).
ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سادىر پالۋاننى ئەڭ ئېنىق، ئەڭ تولۇق بىلىدىغىنى 1939–يىللىرى 120 ياشقا كەلگەن ئايشەم ئانا جېلىل قىزى بولۇپ، بۇ كىشى سادىر پالۋان قورامىغا يېتىپ دەۋر سۈرۈپ تۇرغاندا ئىككى–ئۈچ بالىلىق چوكان ئىكەن. ئۇ سادىر پالۋاننى تونۇشتۇرۇپ كېلىپ: «سادىر پالۋان ئىنقىلاب سەردارى بولۇپ تۇرغاندا قالپىقىنى قىرلاپ، چىرايلىق كىيىنىپ، يۈگرۈك ئات مىنىپ يۈرەتتى. بىراق ئۇسۆزلىگەندە ئاۋازى غاراڭ–غۇرۇڭ چىققاچقا، خەقلەر ئۇنى ‹سادىر قاڭرۇق› دەپ ئاتىشىپ كەلگەن» دېگەن.
سادىر پالۋاننى كۆرگەن ئىككىنچى ئاقساقال مەسۇم ئاكا ھەمرا ئوغلى ئىكەن. بۇ كىشى سادىر پالۋانغا نەۋرە ھەم كۈيئوغۇل كېلىدىكەن. ئۇ 1939–يىلى ياركەنتتە 84 يېشىدا ۋاپات بوپتۇ. يەنە بىر ياشانغان كىشى گۈلجەمىلە ئانا چورۇق قىزى بولۇپ، ئۇ 1940–يىلى 100 ياشقا كەلگەن ۋاقتىدىمۇ سەگەك، چىچەن يۈرۈپ ئۆتكەن ئىكەن. بۇندىن باشقا سادىق ئاكا ھاسان ئوغلى، ئىسلام ئاكا ئۆمەر ئوغلى، خۇدابەردى نىياز ئوغلى، ھىدايەت روزى باقى ئوغلى قاتارلىق ياركەنت ۋە ئالماتادا ياشاپ ئۆتكەن مويسىپتلارنىڭ ھەممىسى شۇ مەزگىلدە 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار ئىكەن.
بۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، سادىر پالۋان ئېگىز بوي، قامەتلىك، كەڭ يەلكىلىك، بۇغداي ئۆڭ، پېشانىسى كەڭ، ئۆتكۈز كۆزلۈك، قاڭشالىق، قىرقىما ساقال، سالماق، تەمكىن ئادەم ئىكەن.
تارىخ—ئۇلۇغلارغىمۇ، ئەۋلادلارغىمۇ، ئۆلگەنلەرگىمۇ، تىرىكلەرگىمۇ، چوڭلارغىمۇ، كىچىكلەرگىمۇ مۇناسىۋەتلىك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغانلىقتىن بىلگەنلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈشنى مۇناسىپ كۆردۈم ۋە بۇ ھەقتىكى پىكىر خاتىرەمنى مۇشۇنچىلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ ئاياقلاشتۇردۇم. ئەگەر قىزىقىپ ئوقۇپ قالسىڭىز، ئاز–تولا مەنپەئەتلەنگەن بولسىڭىز كۆپتىن–كۆپ رەھمەت ئېيتقان بولارئىدىم.
مەنبە: «ئىلى دەرياسى»ژۇرنىلى، 2007–يىللىق 4–سان
ئاپتور: جۈمەدىل مامان
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇرېشىت ئىبراھىم (ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پېنسىيونىرى)

بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

29

تېما

3

دوست

2653

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
666 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
477 سەر
شۆھرەت
454 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 18:59:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر پالۋاننىڭ باتۇرلۇق ئوبرازى ياخشى ئىپادىلەنگەن.

17

تېما

13

دوست

820

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
182 سەر
تىللا
66 دانە
تۆھپە
158 سەر
شۆھرەت
161 سەر

بايقاش شائىرىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 22:17:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھور شەخىسلەرنىڭ تەرجىمھالىدىن خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم  رەھمەت سىزگە!

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 22:40:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىر  پالۋاننى   قەلبىمىزدە  مەڭگۈ  ياد ئېتىمىز. رەھمەت سىزگە
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 14:56, Processed in 0.576875 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش