پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3610 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 买买提艾力,吐 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 麦提图尔荪 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:29 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • تۇرپان_س تۈنۈگۈن 19:28 [ئىنكاس(0)] [...]

كۆرۈش: 70|ئىنكاس: 2

ئىلىدىكى تېۋىپلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 18:03:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىدىكى تېۋىپلار

ئاپتۇرى: رىشات ئابلەت، ئابلەت ئابدۇللا

رىشات ئابلەت
رىشات ئابلەت 1952–يىلى 10–ئايدا غۇلجا شەھىرىدىكى بىر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ غۇلجا شەھەرلىك 3–ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1969–يىلدىن 1972–يىلىغچە غۇلجا شەھىرى ئەتراپىدىكى خەنبىڭ گۇڭشېسىدا زىيالىي ياش بولۇپ قايتا تەربىيە ئالغان. 1972–يىلىدىن 1976–يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باسما زاۋۇتىدا ئىشلىگەن. 1976–يىلى غۇلجا شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ،دەسلەپتە دورىخانىدا، كېيىنرەك داڭلىق تېۋىپلاردا شاگىرت بولۇپ ئىشلىگەن.
رىشاتنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىككە بولغان زور قىزىقىشىنى ۋە تىرىشچانلىقىنى كۆرگەن دوختۇرخانا رەھبەرلىكى ئۇنى غۇلجا شەھىرىدە ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېببىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش سىنىپىدا بىر يىل ئوقۇتۇپ تەربىيلىگەندىن كېيىن 1984– 1985 –يىللىرى ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدا مەخسۇس تېبابەتچىلىكنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن. ئۇ بۇ يەردە شىنجاڭدىكى داڭلىق تېۋىپلاردىن خېلى مول ئەمەلىي بىلىملەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن 1987–يىلىغىچە شىنجاڭ رادىئو تېلىۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتىتىنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. 1987–يىلى 7–ئايدا ئۆز دوختۇرخانىسىغا قايتىپ كېلىپ تېۋىپلىق قىلغان ھەم ئامبۇلاتورىيە مەسئۇلى بولغان. كېيىنرەك بالنىتسا مۇدىرى، كەسپىي بۆلۈم مۇدىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى، قوشۇمچە دورا پىششىقلاپ ئىشلەش سېخىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن.
1994–يىلى ئىسلاھات دولقۇنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان بۇ كىچىككىنە شىپاخانا قانداق يول تېپىپ، ئىسلاھات دولقۇنىغا ماسلىشىش ئۈستىدە قايمۇقۇپ قالغاندا، رىشات ئابلەت دادىللىق بىلەن مەيدانغا چىقىپ، دوختۇرخانا مەسئۇللىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، تا ھازىرغا قەدەر شۇ خىزمەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئىشلەپ كەلمەكتە.
رىشات ئابلەت دوختۇرخانىغا باشلىق بولۇپ تەيىنلەنگەندىن بۇيان، بۇ دوختۇرنىنىڭ سىياسىي، كەسپىي، دائىرىسى، قۇرۇلۇش تەرەققىياتى ۋە مەبلىغى زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. دەسلەپتە كىچىككىنە قۇرۇغا جايلاشقان كىچىك بىر دورىخانىسى، ئۈچ–تۆت داۋالاش بۆلۈمىلا بار، يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغان، 40 نەچچە ئىشچى–خىزمەتچىسى بولۇپ، ئامبۇلاتورىيىدىلا كېسەل كۆرۈشنى ئاساس قىلىدىغان دوختۇرخانا ئىدى. ھازىر بۇ دوختۇرخانا شىمالىي شىنجاڭ بويىچىلا ئەمەس، بەلكى ئاپتۇنۇم رايونىمىز بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇنېۋىرسال دوختۇرخانىلار قاتارىغا ئۆتتى. ھازىر ئۇنىڭ 100 گە يېقىن ئىشچى–خىزمەتچىسى ۋە كەسپىي خادىملىرى، مەخسۇس دورا ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، 30دىن ئارتۇق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە 80 كىشىلىك بالنىتسى بار. 2002–يىلنىڭ ئۆزىدىلا بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئامبۇلاتۇرىيىسىدە كۆرۈنگەن بىمارلار40 مىڭ ئادەم –قېتىمدىن، بالنتىسىدا ياتقانلار ئون مىڭدىن، ئىقتىسادى كىرىمى تۆت مىليوندىن ئاشتى.
رىشات ئابلەت بۇ دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن 26 يىلدىن بۇيان پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن باش قاتۇردى، تەر ئاققۇزدى، ئۇنىڭ ھالال ئەجرى بىكارغا كەتمىدى، ئۇنى كەڭ ئامما ۋە رەھبەرلىك كۆردى. شۇڭا، ئۇ 1980–يىلىدىن تارتىپ ھەر يىلى دېگۈدەك «ئىلغار خىزمەتچى»، «ئىلغار ئىتتىپاق كادىرى»، «ئىلغار ئىشچىلارئۇيۇشما كادىرى»، «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى»، «مۇنەۋۋەر ئورگان كادىرى» قاتارلىق شان–شەرەپلەرگە ئېرىشىپ كەلدى.
ئۇ ئالدىراش خىزمەت داۋامىدا يەنە: «ئىلىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت تارىخى ھەققىدە ئىزدىنىش»، «ئەمەن تەركىبلىك رېتسېپلار»، «ئېگىر ۋە ئاددى–مۇرەككەپ ئېگىر رېتسېپلىرى»، «غۇلجا شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى»، «ئىلىدىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېۋىپلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش»، «تەڭگە تەمرەتكىنى داۋالاشتا سىرتىدىن ئىشلىتىدىغان نۇسخىلارنى تونۇشتۇرۇش»، «ئۇيغۇرتېبابەتچىلىك دورىگەرلىكى ھەققىدە» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى ھەر قايسى گېزىت–ژۇرناللاردا ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە «تەڭگە تەمرەتكىنى داۋالاشتا سىرتىدىن ئىشلىتىدىغان نۇسخىلارنى تونۇشتۇرۇش» دېگەن ئىلمىي ماقالىسى ئاپتونوم رايۇنلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك–دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى.
رىشات ئابلەت يۇقىرقى ئىلمىي ئەمگەكلىرى بەدىلىگە 1990–يىلى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بويىچە ۋراچلىق، 1994–يىلى مەسئۇل ۋراچلىق، 1999–يىلى مۇئاۋىن باش دوختۇرلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئالدى ۋە 1994–يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى 3–نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، 1998–يىلى ۋە 2002–يىللىرى تېبابەتچىلىك–دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتى 4~5 –قېتىملىق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى2001–يىلى جۇڭگۇ مىللىي دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلاندى. ئۇ يەنە «جۇڭگۇ مۇتەخەسسىسلەر قامۇسى» غا كىرگۈزۈلدى.
2003 يىلى ئۇ غۇلجا شەھەرلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.
خې شياۋۋېن
خې شياۋۋېن (شىبە) 1956–يىلى چاپچال ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. 1973–يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، 1975– يىلىغىچە چاپچال ناھىيىلىك ئۇرۇقچىلىق تەجىرىبە مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان. 1975–يىلى 7–ئايدىن 1978–يىلى 7–ئايغىچە شىخەنزە تېببىي ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇپ، داۋالاش كەسپىنى پۈتتۈرگەن.
1978– يىلى 8–ئايدا موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا تەقسىم قىلىنىپ، بۇ دوختۇرخانىدا ئىلگىرى–ئاخىرى بولۇپ، ئېغىز بۆلۈمى، بەش ئەزا بۆلۈملىرىدە ئىشلىگەن ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، بۆلۈم باشلىقى، ئامبۇلاتورىيە باشلىقى، موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان.
1998–يىلى غۇلجا شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ھازىرغا قەدەر دوختۇرخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە. خې شياۋۋېن 1981–يىلى ئىلى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىدا، 1988–يىلى ئاپتونوم رايونلۇق دوختۇرخانىلاردا بىلىم ئاشۇرغان. ئۇنىڭ 1996–يىلى يازغان «يۈزنىڭ زەخمە بوشلۇقى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنى بىر تەرەپ قىلىش » قاتارلىق ماقالىلىرى مۇنەۋۋەر ماقالە بولۇپ باھالانغان.
جۈرئەت روزى
جۈرئەت روزى 1964–يىلى 1–ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1986–يىلى خىزمەتكە چىقىپ، 1998–يىلىغىچە سابىق ۋىلايەتلىك سەھىيە مۇداپىئە پونكىتىدا بۆلۈم باشلىقى، 1998–يىلىدىن 2001–يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك سەھىيە باشقارمىسىدا ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
2001–غۇلجا شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن بۇيان تا ھازىرغىچە دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
جۈرئەت روزى خىزمەتكە قاتناشقان 17يىلدىن بۇيان كەسىپ جەھەتتە نۇرغۇن نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئىلگىرى–ئاخىرى بولۇپ، 37 پارچە ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ پارچە ماقالىسى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنەۋۋەر ماقالە، ئىككى پارچىسى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ماقالە، ئىككى پارچىسى ئىلى ئوبلاستى بويىچە 2– ۋە 3– دەرىجىلىك ماقالە بولۇپ باھالاندى.
جۈرئەت روزى خىزمەتتە مەسئۇلىيەتچان ۋە ئىسلاھات روھىغا باي تىرىشچان ياش بولۇپ، كۆپ قېتىم يۇقىرى–تۆۋەن ئورۇنلارنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن، 1998–يىلى «جۇڭگۇدىكى مەشھۇر شەخىسلەر قامۇسى» غا كىرگۈزۈلگەن.
شاۋكەت ئىبراھىم
ياش تېۋىپ شاۋكەت ئىبراھىم 1962– يىلى غۇلجا شەھىرىدە زىيالى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1970– يىلىدىن 1975–يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك 17– خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى، 1975–يىلىدىن 1980– يىلىغىچە 8–ئوتتۇرا مەكتەپتە خەنزۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن. 1980– يىلى 3– ئايدا غۇلجا شەھەرلىك مىللىي تېبابەتچىلىك دوختۇرخانسىغا شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىنغان ۋە ئاتاقلىق تېۋىپ ئابدۇۋاھاب قارىمىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك نەزەرىيە ئاساسلىرى ھەم دورىگەرلىك ئىلىمىنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە پارس، ئەرەب تىللىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن.
شەۋكەت ئىبراھىم خەنزۇچىنى ياخشى بىلگەچكە خەنزۇچە جۇڭيى تېبابەت نەزەرىيىسىنى قوشۇمچە ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن ئۇنى سېلىشتۇرۇپ، تېبابەتچىلىك نەزەرىيە ئاساسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەن.
1982– يىلىدىن 1983– يىلى 10– ئايغىچە غۇلجىدا ئېچىلغان تېببىي خادىملارنى تەربىيلەش كۇرسى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا بىلىم ئاشۇرغان. بۇ جەرياندا خوتەندىكى پېشقەدەم ئاتاقلىق تېۋىپ ئەمەت ھاجى، ئابلەت يۈسۈپ ھاجى قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، تىرىشىپ بىلىم ئىگلەپ، پارس، ئوردو تىللىرىدىكى كىتابلاردىن تولۇق پايدىلىنالايدىغان بولغان.
ئۇ يەنە 1983–يىلى 10– ئايدىن 1984– يىلى 10 –ئايغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە ئاپتونۇم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى ئاچقان ئوتتۇا دەرىجىلىك تېببىي خادىملارنىڭ سەۋىيسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، كەسپىي جەھەتتىن يېتىلگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا قايتىپ كېلىپ، ئىچكى كېسەللىكلەر بالنىتسىسىدا ئىشلىگەن.
1987–يىلى 10– ئايدىن كېيىن ئۇ يەنە خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئوقوتقۇچى تەربىيلەش سىنىپىدا ئوقۇپ، كەسپىي جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
شەۋكەت ئىبراھىم 1988–يىلى 10– ئايدا دوختۇرخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن داۋاملىق دوختۇرخانىنىڭ مەسئۇل خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ دوختۇرخانا بالىنتسا ئامبۇلاتورىيە مەسئۇلى، كەسىپي بۆلۈم مەسئۇلى، دورا زاۋۇتى مەسئۇلى ۋە دورا باشقۇرۇش بۆلۈم مەسئۇلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ۋە 1990– يىلى غۇلجا شەھىرى بويىچە پەن–تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىش ئىلغارى بولۇپ سايلىنىپ تەقدىرلەنگەن.
شەۋكەت ئىبراھىم ھازىر بۇ دوختۇرخانىنىڭ كەسپىي بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
قاھار ئۆمەر باقى
ياش تېۋىپ قاھار ئۆمەر باقى 1965–يىلى 30– ئىيۇندا غۇلجا شەھىرىنىڭ سۇدەرۋاز مەھەللىسىدىكى بىر خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. قاھار باشلانغۇچ مەكتەپنى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا ئۆزىنىڭ تىرىشچان، ئەخلاقلىق ۋە ئىجىل–ئىناق مۇئامىلىسى بىلەن كۆزگە كۆرۈنۈپ، ساۋاقداشلىرى ئارسىدا ياخشى تەسىر قالدۇردى. ئۇ تەبىئىي پەنلەرگە قىزىقاتتى. شۇڭا ماتىماتىكا، فىزىكا ۋە خىمىيە قاتارلىق پەنلەردە نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقىرى ئىدى. 1944–يىلى ئالىي مەكتەپكە يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، خوتەن تېببىي مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىگە قوبۇل قىلىندى. بۇ قاھارنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ خوشاللىق ۋە دادىسىنىڭ ئارزۇسىدەك ئش بولدى.
قاھار مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، بۇ كەسىپنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىدى. دەرىسلەرنى تىرىشىپ ئەستايىدىل ئۆگەندى. ھەر كۈنى دەرىستىن سىرت ئۇستازلاردىن كەسىپكە ئائىت پارس، ئوردو تىللىرىنى ۋە كېسەل داۋلاش جەريانىدىكى مول ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى ئىگلەپ، ۋاقتىدا خاتىرلەپ ماڭدى. پراكتىكا جەريانىدا ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خېلى ياراملىق تېۋىپ بولۇپ قالدى.
1987–يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن قاھار غۇلجا شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىندى. ئۇ شۇ كۈنىدىن تارتىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، بىر تەرەپتىن كەسپىنى ئىشلىسە، بىر تەرەپتىن كەسپىي ماتېرىياللارنى تىرىشىپ ئۆگەندى. پېشقەدەم ئۇستازلاردىن ئابدۇۋاھاب قارىم، مۇھەممەت ئىمىن ئاخۇن، مەۋلانجان قاتارلىقلاردىن زېرىكمەي سوراپ ئۆگەندى.
ئۇ 1989–يىلى شەھەرلىك خەلق دوحتۇرخانىسىدا رېنتىگېن كەسپىنى بىر يىل قوشۇمچە ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۇنى تېبابەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مول كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولدى. نەتىجىدە بىمارلارنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ، ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
دوختۇرخانا رەھبەرلىكى ئۇنى ئىچكى كېسەللەر ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ مەسئۇلى قىلىپ بېكىتكەندىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ تىرىشىپ، دوختۇرخانىنىڭ مۇھىتى، تازىلىقى، كەسپىي جەھەتلەردە ئالاھىدە نەتىجە ياراتتى.
قاھارنىڭ تېۋىپلارغا خاس سىلىق– يۇمشاق مۇئامىلىسى، كۆيۈمچانلىقى ۋە كەسپىگە پۇختىلىقى، بىمارلارنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى ئۇنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. نۇرغۇن ئىدارە– جەمئىيەت ۋە شەخىسلەر ئۇنىڭغا ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ رەھمەت خېتى ۋە تەشەككۈرنامە، لەۋھەلەرنى ئەۋەتتى. قاھارنىڭ بىمارنىڭ روھىي ھالىتى، كەسپىي، يۇرتى قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ، كېسەلگە توغرا دىئاگنوز قويۇشى بىمارلانى ھەيران قالدۇردى. بىمارلارنىڭ باشقا دوختۇرخانىلاردىكى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىدا تەكشۈرۈلگەن نەتىجىلىرى بىلەن قاھارنىڭ دىئاگنوزىنىڭ ئوخشاش چىققانلىقىدىن بىمارلار ئۇنى: «قاھار سىتى» دەپ ئاتىۋالدى.
بىر قېتىم قورغاس ناھىيىسىدىن موللاخۇن دېگەن كىشى «ئاشقازان راكى » دەپ دىئاگنوز قويۇلغان قەغەزنى كۆتۈرۈپ كېلىدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ ئىككى ئايلىقلا ئۆمرى قالدى دەپ ئويلىغانىكەن. قاھار ئۇنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇ دىئاگنوزنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېنىقلاپ، ئۆزى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاپ، ئاخىرى ئۇ بىمارنى ئاغرىق ئازابىدىن خالاس قىلدى.
غۇلجا ناھىيىسى ھېدىليۈزىلىك ئابدۇراخمان دېگەن كىشى 25 يىللىق ئېغىر پارالىچ ئىدى. تېۋىپ قاھار ئۇنى قېتىرقىنىپ ئىككى ئاي داۋالىغاندىن كېيىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭغۇدەك بولدى. قاھار بۇنىڭغا ئوخشاش ئېغىر، داۋالاش قىيىن بولغان تالاي–تالاي كېسەللەرنى ساقايتقانلىقى؛ ئۆزى بىر مەزگىل ئايرىپ تارماق دوختۇرخانا ئاچقاندا، غۇلجا شەھىرىدىلا ئەمەس بەلكى سىرت يېزا– قىشلاقلاردىنمۇ بىمارلانىڭ ئۇنى ئارزۇلاپ كەلگەنلىكى؛ بولۇپمۇ رېماتىزىم، كېزىك، بۆرەك، قان تومۇر كېسەللىكىلىرى، ئەرلەردىكى جىنسىي ئاجىزلىق، بۆرەك ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئەستايىدىل داۋالاپ ساقايتقانلىقى؛ كېسىلى ئېغىر، داۋالىنىش ئىمكانىيىتى يوق تالاي بىمارلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك روھى بىلەن ياردەم قىلغانلىقىنى غۇلجا شەھىرىدىكى كەڭ خەلق ئوبدان بىلىدۇ.
نۇرمۇھەممەد قاسىم
نۇرمۇھەممەد قاسىم 1965– يىلى 7–ئايدا غۇلجا شەھىرىنىڭ «ئايدۆڭ» مەھەللىسىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1973–يىلىدىن 1983–يىلغىچە 10– باشلانغۇچ ۋە 7– ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1983– يىلدىن 1986–يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تېببىي مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك كەسپىنى ئوقۇغان.
1986– يىلدىن 1933– يىلغىچە غۇلجا شەھەرلىك ئۇيغۇرتېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ تېرە كېسەللەر بۆلۈمىدە ئىشلەپ، كېيىنرەك بۆلۈم مەسئۇلى بولغان. 1993– يىلدىن كېيىن ئاقكېسەلنى داۋالاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاقكېسەلنى داۋالاش –تەتقىق قىلىش شىپاخانىسى قۇرۇپ، مەخسۇس ئاقكېسەل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.
نۇرمۇھەممەد ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا بۇ جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكىنى يېڭىش ئۈستىدە ئويلانغان ۋە ئاقكېسەلگە ئائىت ماتېرىياللارنى زور ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قىزغىن قوللىغان ۋە مەكتەپ پۈتتۈرىدىغان يىلى ئۇنى خوتەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەن. نۇرمۇھەممەد خوتەنگە بارغاندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى ھايات مەشھۇر تېۋىپلاردىن ئابدۇلھېمىت يۈسۈپ ھاجى، ئابدۇغۇپۇرھاجى، تۇرسۇن توختى، ئابدۇلھىمت مۇھەممەد، ئەيسا ھاجى، غوجا باۋۇدۇن ھاجى قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئەمەلىي تەجرىبە ۋە تېخنىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگەنگەن. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئاتاقلىق ئاقكېسەللىك مۇتەخەسسىسى تۇرسۇن توختى ھاجى نۇرمۇھەممەدنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىخلاسىنى كۆرۈپ، ئۆز تەجرىبىلىرىنى ئايانماي ئۆگەتكەن. نۇرمۇھەممەد خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ھەر يىلى خوتەنگە بېرىپ، ئۆزى دۇچ كەلگەن قىيىن مەسىللەرنى ئۇستازىدىن سوراپ كەسپىي بىلىمىنى ئاشۇرغان. خەت يېزىپ كەسپىي مەسلىھەت ئېلىپ تۇرغان. مانا مۇشۇنداق زور تىرىشچانلىق، پاك ئەقىدە ئۇنى ھازىرقىدەك زور نەتىجىلەرگە مۇيەسسەر قىلغان.
«شىنجاڭ گېزىتى»، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»ژۇرنىلى، «ئىلى گېزىتى»، «ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلى، «ئىلى كەچلىك گېزىتى» ۋە «ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى نۇرمۇھەممەدنىڭ نەتىجىلىرىنى مەخسۇس بەت، مەخسۇس پروگراممىلار ئارقىلىق جامائەتكە تونۇشتۇرغان.
2002–يىلى 11– ئايدا چاڭشادا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر مىللەت ئاقكېسەللىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئاپتونوم رايون بويىچە پەقەت نۇرمۇھەممەد قاتنىشىپ، ئاقكېسەللىكنى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە داۋالاش توغرىسىدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ 100 دىن ئارتۇق ئالىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.
نۇرمۇھەممەد خەنزۇچە يازغان ئىلمىي ماقالىلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 3–، 4– نۆۋەتلىك ئىلىم –پەن مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.
نۇرمۇھەممەد قاسىم ھازىر ئۆز تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاقكېسەلىنى داۋالاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاش يولىدا ھارماي– تالماي ئىزدىنىپ، بۇ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسىمىزنى پۈتۈن مەملىكەت، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش يولىدا تىرىشماقتا.
شەۋكەت مۆردىن
شەۋكەت مۆردىن 1965– يىلى 14– فېۋرالدا چاپچال ناھىيىسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سەككىز يېشىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولۇپ، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تۈگەتكەن.
شەۋكەت مۆردىن 1984– يىلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ، قەشقەر تېببىي مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكوم كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. 1988– يىلى مەكتەپنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، «غۇلجا شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى» غا تەقسىم قىلىنغان. دەسلەپتە دورا ياساش بۆلۈمىدە ئۈچ ئاي ئىشلەپ، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى پىششىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن بالنىتسىنىڭ ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. بىر يىل ئىشلەش داۋامىدا ئۇنىڭ ئەمەلىي داۋالاش ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش كۈچىنى كۆرگەن دوختۇرخانا رەھبەرلىكى ئۇنى ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى قىلىپ بېكىتكەن. شەۋكەت تۆت يىل بۇ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى ئىشلەش داۋامىدا بىمارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىدىكى بىردىنبىر ئاتاقلىق تېۋىپ بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ قولىدا داۋالىنىدىغان بىمارلارمۇ كۆپىيىپ، دوختۇرخانىنىڭ كىرىمىمۇ ئاشقان.
شەۋكەت مۆردىن ئۆز كەسپىي بىلىمىنى ئاشۇرۇش، بىمارلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبدان خىزمەت قىلىش، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى قېتىرقىنىپ تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ– تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىش مەقسىتىدە، دوختۇرخانا رەھبەرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن تارماق دوختۇرخانا ئېچىپ، كەڭ ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
ئۇ ئالدىغا كەلگەن نۇرغۇن بىمارلارنى كۆرۈش، ئەھۋاللىشىش، داۋالاش– كۆزىتىش داۋامىدا تېخىمۇ مول تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇپ، كەسپىي جەھەتتىن ناھايتتى تېز ئىلگىرىلىدى. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇ دوختۇرخانىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەينى رېتسېپلار بويىچە دورا ياساشتا ئىلى رايونىنىڭ ھاۋا كىلىماتى، ئىقلىمى ۋە باشقا جەھەتلەرگە ماس كېلىدىغان دورىلارنى ياساشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئەمەلىي ئىشلىتىپ، بىمارلارنىڭ ساقىيىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇنىڭ ئىشلىگەن دورىلىرىنىڭ خام ئەشياسى تولۇق، دورا سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، بىمارلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئۇ كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈپ– تەتقىق قىلىش داۋامىدا نۇرغۇن تەجرىبىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىللە ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى تەتقىق قىلىپ يېڭى رېتسېپلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۈنۈم قازاندى. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كېسەللەر ساقىيىپ شىپالىق تاپتى.
غۇلجا شەھىرىنىڭ «تۆت دۇكان» مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق يۈسۈپ ئاخۇن دېگەن كىشى 2002– يىلى 6– ئايدا بۆرىكىدە تاش پەيدا بولۇپ شىنخۇا دوختۇرخانىسىدا يېتىپ قالىدۇ. دورا كار قىلماي، بۆرەكتىكى تاشنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلگەندە، ئۇ كىشىنىڭ يۈرىكى يار بەرمەي دوختۇرخانىدىن بىئارام بولۇپ يېنىپ چىقىدۇ ۋە تېۋىپ شەۋكەتنى ئىزدەپ كېلىدۇ. شەۋكەت ئۆزى ياسىغان رېتسېپ بويىچە داۋالالىغاندىن كېيىن ئۇ كىشى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن خۇشال بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ. جاغىستايلىق بىر ئايال ئاياللار كېسەللىكى بولۇپ قىلىپ، غۇلجا شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا تەكشۈرۈتكەندە بالياتقۇدا ئۆسمە– جاراھەت بار دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ۋە ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدۇ، 3000 يۈەن پۇل ئەكىلىڭلار دېگەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلسىدىكىلەرنىڭ بېشى قېتىپ، نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالغان. ئاخىرى ئۇلار ئۆز يېزىسىدىن چىققان ياش تېۋىپ شەۋكەتنى ئىزدەپ تاپقان. شەۋكەت بۇ ئايالنى ئۆز بالنىتسىدا 15 كۈن ياتقۈزۈپ داۋاالاپ ساقايتقان. بۇ ئايال خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ B تىپلىق ئۇلتۇرا ئاۋاز دولقۇنلۇق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا(B چاۋ) چۈشۈپ، قايتا تەكشۈرۈتكەندە ئاساسىي جەھەتتىن ياخشى بولۇپ، شۇ جايدىكى ئايال دوختۇرلارمۇ بۇ ئىشتىن ھەيران قالغان.
ياش تېۋىپ شەۋكەت مۆردىن بۇنىڭدىن باشقا ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىكەرنىمۇ تەتقىق قىلىپ، ئۇلارغا ماس ئۈنۈملۈك دوىلارنى ياساپ ياخشى نەتىجە قازانغان.
ھازىر ئۇ ئىلى رايونىنىڭ تېبابەتچىلىك ئىشلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن، كېسەللىكلەر ۋە دورىلارنىڭ ئۈنۈمى، سۈپىتى ئۈستىدە تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.
ئابدۇقادىر ئابدۇرېھىم
ياش تېۋىپ ئابدۇقادىر ئابدۇرېھىم 1963–يىلى 6– ئاينىڭ 1– كۈنى غۇلجا شەھىرىدە بىر ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، 1980– يىلى غۇلجا شەھەرلىك 8– ئوتتۇرا مەكتەپتە خەنزۇ تىلى بويىچە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن شۇ يىلى غۇلجا شەھەرلىك مىللىي تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىغا شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىنغان. ئۇ دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن پېشقەدەم ئاتاقلىق تېۋىپلاردىن ئابدۇۋاھاب قارىم، مىرئەھمەد، مۇھەممەد ئىمىن قاتارلىقلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك نەزەرىيە ئاساسلىرى ۋە دورىگەرلىك ئىلمىنى ئۆگەنگەن.
1982– يىلى 9– ئايدىن 1984– يىلى 10– ئايغىچە بولغان ئىككى يىل جەريانىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا ئومۇمىي تۈرلەر بويىچە كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەن. دورا ئىسكىلاتىدا، دورا ياساش زاۋۇتىدا، ئىچكى كېسەللىكلەر، تېرە كېسەللىكلەر بۆلۈملىرىدە تۇرۇپ ئىشلەپ بىلىم ئاشۇرغان.
1984– يىلى 10–ئايدا غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ، دوختۇرخانىدا ئۈچ يىل ئىشلەپ تەجرىبىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، 1987–يىلى 10– ئايدا خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ ئوقوتقۇچىلارنى تەربىيلەش سىنىپىدا بىر يىل بىلىم ئاشۇرغان.
ئابدۇقادىر دوختۇرخانىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي سەۋىيىسىنى ئاشۇرغاندىن سىرت، 1999–يىلى 7– ئايغىچە شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇنىڭ داۋالاش سىنىپنى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن.
1944 –يىلى ئۇنىڭ يازغان 22 پارچە رېتسېپى«جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تېبابىتى مەخپىي رېتسېپلار توپلىمى» دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن.
1966– يىلى ئۇنىڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە ئائىت بىر قانچە ماقالىلىرى شىنجاڭ «ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى » ۋە «ئىلى گېزىتى» قاتارلىق گېزىت– ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان،
ئابدۇقادىر دوختۇرخانىدا ھەر مىللەت بىمارلىرىنى داۋالاش جەريانىدا ئۇلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىدەك كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ، ئەستايىدىل، سىلىق مۇئامىلە قىلىپ، قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن.
ئۇ، 1994–يىلى بۇ نەتىجلىرى ئۈچۈن تېرە كېسەللىكلىرى بويىچە مەسئۇل ۋراچلىق ئۇنۋانىغا ئېرشتى.
تۇرسۇنھاجىم مۇھەممەد
تۇرسۇنھاجىم مۇھەممەد 1949– يىلى 4– ئايدا قەشقەر شەھىرىدە ھۈنەرۋەن ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە تولۇقىسز ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن كىچىكىدىن ئۆزى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئاتا كەسپى بولغان چىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئىشتىياق باغلىغان. تۇرسۇنھاجىم بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللىرى بولسا يازلىق– قىشلىق تەتىللەردە دادىسىنىڭ دۇكىنىدا ئويناپ، ياردەملىشىپ يۈرگەچكە بۇ كەسىپ ئۇنىڭغا تونۇش بولۇپ قالغانىدى. بۇ ئۇنىڭ كەسىپنى تېز ئۆگىنىشىگە ئاساس بولدى.
تۇرسۇنھاجىنىڭ دادىسى مۇھەممەد ئەسلى تىجاەتچى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، بۇ كەسپتە جان بېقىشنىڭ تەسلىكىنى ھېس قىلىپ، قەشقەردە كەمدىن– كەم بولغان چىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە قىزىقىپ قالىدۇ ۋە 1938– يىللىرى قۇمۇل شەھىرىگە بېرىپ، مەخسۇس بىر چىش تېخنىكىسى ئۇستىدىن ھۈنەر ئۆگىنىدۇ. ئۇ چاغلاردا قەشقەر شەھىرىدە 18– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن «سۆڭەك چىش» يەنى تۆگىنىڭ ئىلىك سۆڭىكىنى چىش شەكلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئالتۇن بىلەن تۇتاشتۇرۇپ چىش ياسايتتى. بۇ ناھايتتى جاپالىق ۋە قىممەت بولغاچقا، پەقەت يۇقىرى تەبىقە كىشلىرىلا بۇ چىشقا مۇيەسسەربولالايتتى. كېيىرەك كاۋچۇك بىلەن ئىشلەيدىغان «تاش چىش»، «سۆڭەك چىش» نىڭ ئورنىنى بېسىپ، 2–ئەۋلاد چىش بولۇپ قالدى.
تۇرسۇنھاجىمنىڭ دادىسى مۇھەممەد بۇ تېخنىكىنى چوڭ قىزىقىش بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، كەسىپكە ئۇل سالغاندىن كېيىن يەنە قانائەت قىلماي تاشكەنت شەھىرىگە چىقىپ، كەسىپنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە 1940– يىللىرى قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئەنجان رەستىسىدە چىش سېلىش دۇكىنى ئاچىدۇ. ئەمما چىش داۋالاش ساھەسىنى ئۆگەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، 1946– يىلى شاڭخەيگە بېرىپ داۋالاشقا دائىر بىلىملەرنى ئىگلەپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ، ياپونيىنىڭ چىش ماشىنىلىرىنى ۋە چىش ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
مۇھەممەد ئۇستام ئوغلى تۇرسۇنھاجىمنى بىر ياراملىق چىش تېخنىكى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ئەستايىدىل قارايدۇ. ئوغلى تولۇقسىز مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا ئۇنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، چىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىدۇ. تۇرسۇنھاجىمۇ ئەستايىدىل، قىزىقىپ ئۆگىنىدۇ. ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا ئۇ تېز ئىلگىرلەپ چىش قامىقىنى پايات قىلش، چىشنى پەرداز قىلش، دېزىنفېكسىيە قىلىش، بولۇپمۇ دادىسىدىن ياندىكى چىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئاساسىدا چىش يۇلۇش تېخنىكىسىنى تېز ئىگلىۋالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، 1966–يىلى ياپونيىدە ئوقۇپ كەلگەن يۇلى زۇن ئىسىملىك بىر خەنزۇ ئۇستىدىن چىش تېخنىكىسىغا ئائىت رەسىملىك كىتابچىنى ئوقۇپ ئۆگىنىدۇ. ئۇنىڭدىن قانداق خىلدىكى ئادەمگە قانداق چىش قويۇلىدىغانلىقى؛ چىشلارنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى؛ تاڭلاي چىش، مۇقىم چىش قاتارلىقلارنى قانداق ئىشلەتكەندە ئۈنۈمى ياخشى، ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ، ئەمەليەتتە ئىشلىتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ.
ئۇ يەنە قەشقەر «كېرەمباغ» دوختۇرخانىسىدىكى پېشقەدەم چىش تېخنىكىلىرىدىن چىش داۋالاش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، 1970– يىلى كەسىپكە بىر قەدەر پىشقان ئۇستا بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.
ئۇ چىش تېخنىكىسى بىلەن شۇغۇللانغان 33 يىلدىن بۇيان 30 مىڭدىن ئارتۇق چىش بىمارلىرىنى داۋالاپ، چىش سېلىپ، ئۇلارنى چوڭقۇر رەھمىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئالتە نەپەت شاگىرىت تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدۇ. بۇ شاگىرتلارنىڭ بىر قسمى ھازىر چەتئەلدە، بىر قىسمى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئامما ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.
تۇرسۇنھاجىم ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئوغلى ئابدۇغەنى ۋە قىزى مىنەۋەرنى تەربىيىلەپ، ھازىر رەسمىي ئۇستا چىش تېخنىكى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
ئەركىن مىرئەھمەد
مىرمەرۇپ تېۋىپ ئائىلىسىنىڭ تەتتىنچى ئەۋلاد ياش تېۋىپى— ئەركىن مىرئەھمەد 1953– يىلى غۇلجا شەھىرىدە تېۋىپ ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. 1972– يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىن دادىسى ئىشلەۋاتقان غۇلجا شەھەرلىك مىللىي شىپاخانىغا ئورۇنلىشىپ، دادىسىنىڭ كەسپىنى ئۆگەنگەن. كىچىكىدىن باشلاپلا تېۋىپ ئائىلىسىدە چوڭ بولغان ئەركىن تېۋىپلىققا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغانىدى. ئۇ ئائىلسىدىكى چاغلىرىدىمۇ دادىسى مىرئەھمەد ۋە مومىسى ئائىشەلەردىن (ئائىشەمۇ ئۇستا تېۋىپ ئىدى) قېترقىنىپ ئۆگىنىپ، بىللە دورىلارنى ياسىشاتتى. ئۇلار ئەركىننى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلەپ، دورىلارنى ياساش قائىدىلىرىنى، مەلھەم دورىلارنى قانداق ياسىغاندا ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتەتتى.
ئەركىن مىللىي شىپاخانىدا دادىسى بىلەن بىللە ئىشلەشكە باشلىغاندىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئىزىنى بېسىپ كۆزگە كۆرۈنگەن تېۋىپلاردىن بولۇپ قالدى. دادىسى دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ مىللىي شىپاخانىدىكى بىردىنبىر تېرە كېسەللىكلەر تېۋىپى بولۇپ قالدى.
ئۇ دوختۇرخانىدا ئۇزۇن مەزگىل ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا ئەجدادلىرىنىڭ تەجرىبە رېتسېپلىرىدىن پايدىلىنىش بىلەن بىللە ئۆزىگە خاس داۋالاش تېخنىكىسىنى يېتىلدۇرۇپ، ئەجدادىغا ئوخشاش يارا– شىراق داۋالاشتا نام چىقاردى ۋە مەسئۇل ۋراچلىق ئۇنۋانىنى ئالدى.
ئابدۇسەمەت ئابلىمىت
ئابدۇسەمەت ئابلىمىت 1942– يىلى غۇلجا شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. غۇلجا شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1958– يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ خەنزۇتىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.
1961– يىلى بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، قەشقەر شەھىرىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەرجىمانلىق قىلغان.
1964– يىلى يېزا ئىگىلىكىنىڭ بىرىنچى سىنىپىنىڭ كۈچەيتىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، غۇلجا شەھىرى «قىزىلبايراق گۇڭشېسى» غا تۆۋەنگە چۈشكەن. شۇ چاغدىن باشلاپ ئۇيغۇر تېبابىتى ۋە يەككە ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى يىغىش– تەتقىق قىلىشقا قىزىقىپ قالغان. ئۇ ئۆزلۈكىدىن: «شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى»، «جۇڭگو ھايۋانات دورىلىرى»، «ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپ قوللىنىدىغان يەككە دورىلار»، «جۇڭگوچە چوڭ دورىلار لۇغىتى» ۋە ئىبنىسىنانىڭ «ئەلقانۇن» دېگەن كىتابلاردىن پايدىلىنىپ، نەزەرىيىۋى ئاساسىنى تۇرغۇزغان، شۇنداقلا 1969– يىلى جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ھەققىدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولغان لى دەيفۇ دېگەن دوختۇر بىلەن تۇنۇشۇپ، ئۇ ئاچقان كۇرىستا ئالتە ئاي تەرىبيىلىنىپ، 100 خىلغا يېقىن جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى بىلەن تونۇشقان.
1971~1972– يىلى غۇلجا شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسى «جۇڭگو ئۆسۈملۈك دورىلىرى»نى ئۆگىنىش بويىچە ئىككى نۆۋەت كۇرس ئاچقاندا لى دەيفۇ يۆتكىلىپ كەتكەچكە، ئابدۇسەمەتنى دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكىلىپ قىلغان. ئابدۇسەمەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 120 خىل دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۈستىدە سىنپتا نەزەرىيە دەرىسى، ئېتىز– ئېرىق، دالا– قىرلاردا ئەمەلىي دەرىسنى ئۆتۈپ بېرىپ، رەھبەرلىك ۋە كۇرسانتلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە شۇ يىلىلا غۇلجا شەھەرلىك ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان.
ئابدۇسەمەت ئابلىمىت شىپاخانىغا كەلگەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن دورىگەرلىك ۋە ئىسكىلاتچىلىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇستازى ئابدۇكېرىم ئاخچايىفنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن تېرە كېسەللىكىلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلش بىلەن شۇغۇللانغان. ئاقكېسەلنى تەتقىق قىلش، سىناق قىلش ئارقىلىق مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
ئابدۇسەمەت بۇ كېسەل ئۈستىدە بىر نەچچە يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق دەسلەپكى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن شۇ تەجرىبىلىرى ئاساسىدا 1983– يىلى: «ئاقكېسەل ۋە ئۇنى داۋالاش» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى جامائەت بىلەن يۈز كۆرۇشتۈرۈپ، كەڭ ئاممىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئالتاي، دورىبجىن، قارا شەھەر.... لەردىن ئارقا ئارقىدىن بىمارلار كېلىپ داۋالانغان، بەزىلىرى خەت ئارقىلىق مەسلىھەت سورىغان.
غۇلجا شەھەرلىك باسما زاۋۇتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق توققۇز ياشلىق يەن يەن دېگەن خەنزۇ قىزچاق ئاقكېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغىنى تۆت يىل بولۇپ، ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق ئورۇنلاردا داۋالانغان بولسىمۇ ھېچقانداق مەنپەئەت بولمىغان، قىزچاقنىڭ ئانىسى قىزىنى بۇ شىپاخانىغا ئېلىپ كەلگەندە، ئابدۇسەمەت بىر يىل داۋالاپ ساقايتقان. كېسەللىك قايتا قوزغالمىغان.
ئابدۇسەمەت تېرە كېسەللىكلىرىدىن باشقا بەزى جاھىل خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىمۇ تەتقىق قىلپ، نەتىجە قازانغان ۋە كەسىپداشلىرى ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان.
1987–يىلى ئىلى ئوبلاستلىق تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە يۆتكىلىپ، بۇ يەردە دورىگەرلىك ۋە سېسترالىق سىنىپىغا دەرس بەرگەن.
تېۋىپ ۋە دورىگەر ئابدۇسەمەت ئابلىمىت 1995–يىلى دەم ئېلىشقا چىققان بولسىمۇ، يەنىلا 40–يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىسىگە بىرلىشىپ، ئىبىنسىنانىڭ:«يۈرەكنى داۋالاش ئومۇمى قائىدىلىرى»، «يۈرەككە تەسىر يەتكۈزىدىغان سەۋەبلەر»، «تۇتقاقلىق كېسەللىكى» قاتارلىقلارنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر تېبابەت يەككە دورىلىرىدىن: ئەنبەر، زەپەر، بۆكەن مۈڭگۈزى، ئىپار... قاتارلىقلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە شىپالىق رولىنى يېزىپ نەشرگە تەييارلىدى.
مەنبە:« ئىلى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ۋە ئائىلىلەردە ئۆزىنى ئۆزى داۋالاش رېتسېپلىرى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ziba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-5 18:04  

بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

29

تېما

3

دوست

2653

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
666 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
477 سەر
شۆھرەت
454 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 20:47:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىبابىتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان كىشىلىرىمىزنى قەدىرلىشىمىز كىرەك.

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 22:49:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما يوللاپسىز ،رەھمەت سىزگە
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 15:54, Processed in 0.442563 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش