پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3604 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 10 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 35|ئىنكاس: 0

بىز قانداق ياشاۋاتىمىز؟(كۆچۈرۈلمە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 14:27:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قانداق ياشاۋاتىمىز؟(كۆچۈرۈلمە) - [Studyئوقۇش]
بىز قانداق ياشاۋاتىمىز؟
                  ياشاش ـــ جانلىقنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش جەريانى. ياشاش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى بولغان ماددىي ئېھتىياج كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بۇ، ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان ھەقىقەت، ئەلۋەتتە. ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتتە ھەركىم ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ۋە غايىسى، قابىلىيىتى ۋە ئىقتىدارى بويىچە تۈرلۈك كەسىپلەر ۋە ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ياراتقان ئەقلىي ۋە جىسمانىي ئەمگەك قىممىتىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى، تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ، شۇنداقلا تۇرمۇشتىكى ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ھەقىقەتكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر باياشات تۇرمۇشقا، يۇقىرى ئىستېمالغا ئىنتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ، ئۇنىڭغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ياشاش ـــ مول ئەقىل- پاراسەت، يۈكسەك شىجائەت، ئۆلمەس ئۈمىد - ئىشەنچ ئاساسىدىكى قىممەتلىك پۇرسەت.سىز جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھاياتلىق سەھنىسىدە قانداق ياشاۋاتقانلىقىڭىز ھەققىدە ئويلىشىپ كۆردىڭىزمۇ؟
                    بىز، ئاتا - ئانىمىز بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىپ قويغىنى ئۈچۈنلا زورمۇزور ياشايمىزمۇ؟ ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بەلگىسى بولمىش تەننىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا بىرەر ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىمىزمۇ؟ ياكى بولمىسا بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان «گۇناھى» ئۈچۈن ئاتا - ئانىمىزغا بارلىق ئېغىرچىلىقىمىزنى ئارتىپ، ئەتراپىمىزدا قانداق ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى بىلەن پەرۋايىمىز پەلەك ھالدا، ئۆيگە كىرسەك قاچا بىكارلاپ، تالاغا چىقساق كوچا چىڭداپ كۈن ئۆتكۈزىمىزمۇ؟ ھايات بىز ئۈچۈن ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى نوقۇل ھالدا دورايدىغان، قىلچە ئىلجادكارلىق بولمايدىغان ئەھمىيەتسىز جەريانمۇ؟ ھاياتلىق ـــ بىرەر كەسىپ، خىزمەت ۋە ھۈنەرنىڭ پېشىنى تۇتا - تۇتمايلا ھەر خىل ئەيش - ئىشرەت سورۇنلىرىغا چېپىپ، تاپقان تۆت تەڭگىمىزنىڭ توپىسىنى كۆككە سورۇپ، ئۆزىمىزنى بىلمەيدىغان جەريانمۇ؟ ھايات دېگەن باشقىلار نېمە قىلسا بىزمۇ شۇنى تەكرارلايدىغان، نېمە قىلسا شۇنىلا قىلىدىغان قېلىپلاشقان پائالىيەتمۇ؟ ئاشۇنداق ياشاشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟ ئۆزىنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەي ياشاۋاتقانلار ئىنتايىن ئاز ساننى تەشكىل قىلسىمۇ، ئۇ بەدەندىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئوخشاش بىر كۈنلەرگە بارغاندا بىزنى، يەنى «ئۇيغۇر» ئاتىلىپ ياشاۋاتقان ھەربىرىمىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ئۈلگۈرەلمەيدىغان پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە ئىتتىرىشى مۇمكىن.
                 تارىخ بىزنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەرگە ئوخشاشلا يېڭى ئەسىرگە ئىختىيارسىز باشلاپ كىردى، بىز يېڭى ئەسىردە رەھىمسىز رىقابەت ئېقىمىنىڭ كەسكىن سىناقلىرىغا دۇچ كەلدۇق. دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، جەمئىيەت تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. جۈملىدىن بىزمۇ تەرەققىياتلاردىن چەتتە قالماي، مۇئەييەن دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇق ھەم ئۈزلۈكسىز تۈردە تەرەققىي قىلىۋاتىمىز. كىشىلەرنىڭ ياشاشقا بولغان ئېھتىياجى ۋە تەلىپى ئاللىقاچان ئەنئەنىۋى تار رامكىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. تۇرمۇشتىكى ئاددىي مەئىشەتلەرنىڭ غېمىدىن باشقا، جەمئىيەتتە ھەركىم ئۆزىگە خاس ئىمتىياز، ئورۇن ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىش، شۇنداقلا ئۆزىگە خاس روھ بىلەن ياشاش ئۈچۈن كەسكىن رىقابەتكە ئاتلاندى. رىقابەتتە شاللىنىش ۋە تاللىنىش ھەربىرىمىزنىڭ روھىيەت ئاسمىنىدا گۈلدۈرلەپ چاقىدىغان چاقماققا ئوخشاش مەزگىلسىزلا ۋەھىمە سالىدىغان، جان - جەھلىمىز بىلەن تىرىشىشقا ئۈندەيدىغان ئۈنۈملۈك سىگنالغا ئايلاندى. ئەتىكى تۇرمۇش، ئەتىكى ھايات ھەققىدىكى تۈرلۈك سوئاللار ئەزەلدىنلا «ئالا» پېتى كېلىۋاتقان تەپەككۇرىمىزنى چارچىتىپ، يىگىلىتىپ قويۇش تەرىپىگە يۈزلەندۈردى. بىز بەئەينى ئۇۋىسى بۇزۇلغان ھەرىدەك ھەر تەرەپكە قاترايمىز - يۇ، ئۆزىمىز ۋە باشقىلار رازى بولغۇدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەيمىز. قىلغان ئەمگىكىمىز ۋە دەسمايىمىزنىڭ مېۋىسى مەي بولغۇچە تاقەت قىلالماي «غورا» پېتى تاشلاپ قويىمىز، گاھى ئۇنىڭغا، گاھى بۇنىڭغا زەھىرىمىزنى چېچىپ، ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن باشقا ھېچقانچە قىممەت يارىتالماي، يەتكۈچە قەرزگە، غەمگە بوغۇلىمىز، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
                      جەمئىيەتتىكى خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر قانداق ياشاش ھەققىدە ئويلىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئۆزلۈك دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. ياشاش گويا مەڭگۈ تەكرارلىنىدىغان پائالىيەتتەك بىرەر ئۆزگىچە شەكىل ۋە ئەندىزە يارىتىش ئۈچۈن ئىزدەنمەيدۇ. «ئاتا - بوۋام دېھقان بولۇپ ياشاپتۇ، مەن چوقۇم كادىر بولىمەن»، «ئاتا - بوۋام كادىر ئىكەن، مەن چوقۇم دوكتور، پروفېسسور، ئالىم … بولىمەن»، «ئاتا - بوۋام ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان قورۇ - جايلاردا ئولتۇرۇپتۇ، مەن بۇ قورۇ - جايلارنى يېڭىلاپ زامانغا لايىق سالىمەن …» دېگەندەك ئويلارنى ئويلاشنى خالىمايدۇ؛ ھەتتا ئوقۇپ بىلىم ئىگىلەش، خىزمەت قىلىپ تۆھپە يارىتىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئىنسانىي بۇرچقىمۇ سۇس مۇئامىلە قىلىدۇ. يەنە تېخى ئوقۇپ بىلىم ئىگىلەش، بىرەر كەسىپ ۋە ھۈنەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن مەقسەت پۇل تېپىش، دېگەن بىر تەرەپلىمە ئىدىيىنىڭ تەسىرىدىنمۇ، ئەيتاۋۇر، بالىلىرى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلسە كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت تاپالماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ۋەياكى مىڭ تەستە تاپقان پۇلىنى بۇزۇپ - چېچىۋەتكەندەك تۇيۇلۇپ، بالىلىرىنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشتىن ۋاز كېچىدۇ. بالىلارمۇ ھەتتا ئوقۇش، خىزمەت قىلىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى پۇل تېپىش ئىكەن، ئوقۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن پۇل تاپقان ياخشى ئىكەن، دەيدىغان كۆزقاراشتا بولىدۇ. ئەمدىلا تولۇقسىز ياكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىگە قارىماي، بىرمۇنچە بالا ھەرقايسى رېستوران ۋە مېھانسارايلاردا، تۈرلۈك نامدىكى شىركەتلەردە ھەر خىل مۇلازىملىق كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا. بۇ جەرياندا جەمئىيەتتىكى ناچار ئىش - ھەرىكەتلەرگە، ئەخلاقسىزلىقلارغا، قانۇنسىز ھەرىكەتلەرگە چېتىلىپ قېلىپ، تۈگىمەس كۆڭۈل ئاغرىقلىرىغا مۇپتىلا بولۇپلا قالماي، يەنە ياشلىق مەزگىللىرىنى تۈرمىلەردە پايخان قىلماقتا. ئۇلار مەكتەپلەردە تىرىشىپ ئوقۇغان، بىلىم ۋە تېخنىكا ئىگىلىگەن بولسا، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت شارائىتى ۋە پۇل تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەسمىدى - ھە؟ ئەلۋەتتە، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنى نابۇت قىلماي نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا، نېمىنىڭ ئەخلاقسىزلىق، نېمىنىڭ قانۇنسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئايرىپ، ئۆزىنى ئۆزى قوغدىيالىغان بولاتتى. توغرا، پۇل ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەركىزى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. ھازىر خەلقئارادىمۇ ئىقتىسادىي كۈچلۈكلۈك تەكىتلىنىدىغان، ئالقىشلىنىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى، ئەمما پۇلغا قانداق ئېرىشىش، ئۇنى نېىمىلەرگە سەرپ قىلىش بىلەن قانداق مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. تاپقان پۇلنى ئەھمىيەتلىك جايلارغا ئىشلىتىش، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ رازى قىلىش شۇ پۇلغا ئېرىشكۈچىنىڭ سەۋىيىسىگە، ۋىجدانىغا باغلىق. پۇل ياخشى نىيەتلىك ئادەمنىڭ ئالىقىنىدا بەخت، يامان نىيەتلىك ئادەمنىڭ ئالىقىنىدا بەختسىزلىك پەيدا قىلىدىغان قوش بىسلىق شەمشەر. بۇ شەمشەرگە قانداق ئېرىشىش ۋە ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىش، ياشلار جىددىي ئويلىشىدىغان، ئىزدىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئەلۋەتتە.
                     بەزىلەر: «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، بىرەر خىزمەتكە ئېرىشەلمىسەڭ، دېھقان بولىسەن» دەيدۇ، ئۆگىنىشكە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقان بالىلىرىغا. ئەمما ھازىرقى دەۋردە دېھقان بولۇش ئۈچۈنمۇ بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت كېرەك. ھازىرقى جەمئىيەتتە قانداق دېھقان بولۇش، قانداق ئادەم بولغانغا ئوخشاشلا مۇھىم. بىز ھەممىمىز ئەلمىساقتىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاپ كەلگەن دېھقان مىللەتنىڭ ئەۋلادى. بىزگە نىسبەتەن ئەڭ قورقۇنچلۇقى دېھقان بولۇشنى نومۇس، دېھقانچىلىق قىلىشنى ئۆچ كۆرىدىغان ناچار روھىي ھالەت. قانداق دېھقان بولۇشنى بىلمەسلىك، ياراملىق، ھەقىقىي دېھقان بولالماسلىقتۇر.
                        بىز جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ كەڭرى سەھنىدە ياشاشقا بولغان پوزىتسىيىمىزنىڭ، تەلىپىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئىجادكارلىق، سەركىلىك، سەردارلىق روھىمىزنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىز. تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن رىقابەت بىزنى ھەر تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئالدى، خېلى بىر تۈركۈم ئىلىم خۇمار، ئىرادىلىك كىشىلىرىمىز سەپنىڭ ئالدىدا غالىب قەدەملىرى بىلەن بېشىنى تىك تۇتۇپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېلىۋاتقانلىرىمىز زادى قانچىلىك؟ قانائەتچانلىق، ھۇرۇنلۇق، پۇرسەتپەرەسلىك، تەمەخورلۇق، تەخسىكەشلىك، قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىشقا ئوخشاش بولمىغۇر ئىللەتلىرىمىز؛ بۈگۈننىلا ئويلاپ ئەتىنى ئويلىمايدىغان، يېقىننىلا ئويلاپ، يىراققا نەزەر سالمايدىغان تار مەزمۇندىكى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئادەتلىرىمىز... ئۆمۈربويى ئۈزلۈكسىز تۈردە بىلىم ئېلىش، ئۆگىنىش يولىمىزدىكى ساغلام روھىمىزنى قۇرتتەك غاجاپ، ئۆزىمىزگە تېگىشلىك بولغان تالاي پۇرسەتلەردىن، ئىمتىيازلاردىن مەھرۇم قالدۇرماقتا.
                  بىلىم ئېلىش، ئوقۇش دېگەن مەكتەپ يېشىدىكى، مەكتەپ ئىچىدىكى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭلا ۋەزىپىسىدەك، خىزمەتكە چىقىۋالغانلىرىمىز ئۈزلۈكسىز تۈردە بىلىم ئېلىش ۋە ئۆگىنىش دېگەنلەرنى ئويلىمايدىغان بولدۇق. ئۆز كەسپىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇنۋان ئېلىش، دەرىجە ئاتلاش ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىش، ئۆتۈش دېگەنلەر گويا پۇلسىرات كۆۋرۈكىگە ئوخشاش تۇيۇلۇپ، تىزىملىتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمىز، ئەكسىچە كىچىك بولسىمۇ بىرەر ئەمەلگە ئېرىشىشنىڭ كويىدا ئىشىكمۇئىشىك دوقۇرۇپ، تىمىسقىلاپ يۈرىمىز. تەلىيىمىز ئوڭدىن كېلىپ بىرەر ئەمەلگە ئېرىشىپ قالغانلىرىمىز يۇقىرىغا «خوش - خوش» دەپ بەل ئېگىپ، تۆۋەننى خالىغانچە بېسىپ گىدىيىپ، تېرىمىزگە سىغماي يۈرىمىز. دوكلات يوللىغاندا يېزىلغان ماتېرىيالدىكى ئاتالمىش زور نەتىجىلىرىمىز بىلەن يۇقىرىنى ئالداپ، تېخىمۇ چوڭراق ئەمەلگە ئېرىشىشنىڭ كويىدا بولىمىز. يۇقىرى رەھبەرلىك تۈرلۈك ھىيلە - ۋاسىتىلىرىمىزنىڭ تەسىرىدە بىرەر قېتىم ماختاپ، مۇكاپاتلاپ قويسىغۇ تېخىمۇ كۆرەڭلەپ ئۆزىمىزنى بىلەلمەي، ئۆزىمىزنى كۆككە كۆتۈرۈپ قويارغا يەر تاپالماي قالىمىز. رەھبەرلىكنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالسام خىزمەت ئورنۇمدىن، يەۋاتقان ئېشىمدىن قۇرۇق قالارمەنمىكىن، دەپ كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتنىلا ئويلايمىز. ئۆزىمىز بىر كادىرغا، زىيالىيغا خاس دادىل پىكىر قىلىپ، نامۇۋاپىق ئىشلارغا قارىتا نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلىيەلمەيمىز، ئەكسىچە ساپانغا قوشقان كالىدەك ئولتۇرغىنىمىز ئولتۇرغان. ھەرقانداق بىر ئىش بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك يوقنىڭ ئورنىدا ياشايمىز. يەنە بەزىلىرىمىز خىزمەت ئورنىمىزدا ھېچقانداق نەتىجە ياراتمىساقمۇ، ئىقتىدار ۋە بىلىملىرىمىز كۈنسېرى يېڭىلىنىپ ئۆزگىرىۋاتقان تەرەققىياتقا ماسلىشالماي، «قېرىپ» قالسىمۇ، قىلچە ئۇيالماي ۋاقتى ئۆتكەن نەتىجىلىرىمىز، دىپلوملىرىمىز ۋە نەچچە ئون يىللىق خىزمەت ستاژىمىزنى پەش قىلىپ ئۆز - ئۆزىمىزدىن پەخىرلىنىپ، خىزمەت ئورنىمىز بولغانلىقىغا مىڭ شۈكرى قىلىپ، ھۆكۈمەت بەرسە ئېلىپ، بەرمىسە قاراپ، بولمىسا كىملەردىندۇر زارلاپ، قاقشايمىز. ئالىي مەكتەپلەرنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن، ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىشكە پۇرسەت تاپالمايۋاتقان، ئەمما خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقى ئۈستۈن بىر قىسىم ياشلىرىمىز ئۆز بىلىمىنىڭ تېخىمۇ تاكامۇللىشىشى، ۋاقىتنىڭ بىكار ئۆتمەسلىكى، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلماي، بىر قىسىم ئورۇنلارغا كىرىپ، ئۆزلۈكىدىن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلسىمۇ، نېمىشقىدۇر ئۇلارنى ياراتمايمىز؛ بىز قىلالمايۋاتقان، قىلىشنى خالىمايدىغان بىرەر ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ سالسىغۇ قوقاسقا ئولتۇرۇۋالغاندەك چىدىيالماي قالىمىز. ئورنىمىزنى تارتىۋالارمىكىن، «ئالتۇن تاۋاق»ىمىزدىن قۇرۇق قالامدۇقكىن دەپ ئەنسىرەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ماسلاشماقتا يوق، ياردەم بەرمەكتە يوق، تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ھەر خىل توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپ، پۇتلىكاشاڭ بولۇشقا ئۇرۇنىمىز. ۋاسىتە تاللىماي ئۇلارنى رەھبەرلىككە سەت كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز. رەھبەرلىك قىلغانلىرىمىزغا ئىشەنمىسە، ئەكسىچە ئۇلارنى قوللىسا، خىزمەتلىرىگە قۇلايلىقلارنى يارىتىپ ياردەم بەرسە، ئۇلارغا ھەر خىل بەتناملارنى چاپلاپ، سامان ئاستىدىن سۇ يۈگۈرتۈپ، سۆز - چۆچەك ئوبيېكتى قىلىپ قويىمىز. رەھبەرلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكۈچى ناۋادا بىر قىز بولۇپ قالسىغۇ بىزگە بولۇپ بېرىدۇ، خىلمۇخىل پەرەزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇنى جەمئىيەتتە باش كۆتۈرۈپ يۈرۈشكىمۇ ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىمىز. ئاقىۋەتتە نېمىگە ئېرىشىمىز؟ ساڭىمۇ يوق، ماڭىمۇ يوق بولۇپ رەللە بولىمىز. تېخى نادانلىقىمىز، بىلىمسىزلىكىمىز، ئىقتىدارسىزلىقىمىز ۋە ئىرادىسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن خىزمەت ئورنىمىزدىكى رىقابەتتە مەغلۇپ بولۇپ، كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغىنىمىزدا، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆز قولىمىزدا يارىتالمىغان دىتسىزلىقىمىزدىن، نادانلىقىمىزدىن ئۆكۈنمەي، ئەكسىچە ياراتقان تەڭرىدىن، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى چېكىپ بېقىپ قاتارغا قوشقان، ئاشۇ خىزمەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىغان ئاتا - ئانىمىزنىڭ كىملەرگىدۇر خۇشامەت داستىخانلىرىنى يايمىغىنىدىن ئاغرىنىمىز. ئۆزىمىزنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ھامان جەمئىيەتتىن، ئىجتىمائىي تۈزۈمدىن، ئاتا - ئانىلىرىمىز ۋە باشقىلاردىن باھانە ئىزدەيمىز.
                 ئايرىم ساندىكى بىر قىسىملىرىمىزنىڭ كۆڭلىدە «بىرەر مەكتەپنى ئەپلەپ - سەپلەپ پۈتتۈرسەك، خىزمەتنىڭ پېشىنى تۇتساق بولدى» دەيدىغان ئىدىيە ئىنتايىن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولغاچقىمۇ، خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىرىمىز ئۆرلەپ ئوقۇش، بىلىمىمىزنى يېڭىلاش دېگەنلەرنى ئەسلا ئويلىماي، قانداقتۇر تۈگىمەس مېھماندارچىلىقىمىز ۋە باردى - كەلدىمىز بىلەن، ھەر خىل نامدىكى ئولتۇرۇشلار بىلەن كۈن ئۆتكۈزىمىز. يۈرەك پارىمىز بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىشى، تەلەپ - ئارزۇلىرى، ئىستىقبالى ھەققىدە ئەسلا ئويلاپ قويمايمىز. بالىلىرىمىزنى گاھى ئۇ چوڭ ئۆيگە، گاھى بۇ چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپ، گاھى ئۆيلىرىمىزدە يالغۇز قالدۇرۇپ، ئۆزىمىز بىلگەننى قىلىمىز. ئەرلەر «بالا تەربىيىلەش ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتى» دېسە، ئاياللار «بالا يالغۇز مېنىڭمۇ، ئەرنىڭ مەجبۇرىيىتى يوقمۇ؟» دەپ مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىمىزگە ئىتتىرىپ، بالىلىرىمىزنىڭ تەربىيىلىنىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇۋاتقانلىقىمىزنى ئويلاپ قويمايمىز.
                  بەزىلىرىمىز ھەتتا ئۆزىمىز بىر يىل قىلغان خىزمەتنىڭ خۇلاسە ماتېرىيالى ياكى جاپالىق خىزمەت قىلىپ، مىڭبىر جاپادا ئېرىشكەن «ئىلغار»لىقىمىزنىڭ ماتېرىيالىنىمۇ يازالمايدىغان ھالىمىزغا، كۆڭلىمىزدە ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىمنى ياراتمايمىز. گاھى ئۇنى، گاھى بۇنى ئاق - كۆك دەپ، غەيۋەت - شىكايەت، ئورۇنسىز قاقشاشلار بىلەن كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى سەزمەي قالىمىز. خىزمەت قىلىش شەرىپىگە ئېرىشەلمەي سودا - سېتىقتا تەلىيىمىز ئوڭدىن كېلىپ ئاز - تولا پۇل تاپقانلىرىمىز شۇنچە تىرىشىپ تاپقان پۇلىمىزنى تېجەشلىك، پىلانلىق، ئورۇنلۇق جايلارغا سەرپ قىلماي، خالىغانچە بۇزۇپ - چاچىمىز. تۈرلۈك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بىز ئۈچۈنلا ئېچىلغاندەك، ئۇلارغا پۇل خەجلەپ بەرمىسەك كۈنىمىز كەچ بولمايدۇ. پۇل تاپالمايۋاتقانلىرىمىز نېمە ئۈچۈن پۇل تاپالمايۋاتقانلىقىمىز ئۈستىدە ئويلانمايمىز. ئەكسىچە، كىچىك ئىشنى ياراتمايمىز، چوڭ ئىشلارغا چامىمىز يەتمەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، جاھاندىن نارازى بولۇپ قاقشايمىز. جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئىش بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك، ئۆزىمىز بىلگەن سەنەمگە دەسسەيمىز. غورىگۈل تۇرمۇش كەچۈرسەكمۇ قورسىقىمىز ئاچ، ئۇچىمىز يالىڭاچ قالمىغانغا شۈكرى قىلىپ ياشاشقا رازى بولىمىز. جېنىمىزنى ئۇپراتماي، قولىمىزنى ئەگرى قىلماي باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش شېرىن چۈشىنى كۆرۈپ، ئاغزىمىزنى تاتلىق قىلىمىز. ئاشۇنداق تۇرمۇش خىيال قىلغانغا پەيدا بولۇپ قالمايدىغۇ - ھە؟! نېمىلەرگە تەلپۈنۈش، نېمىلەرگە ئېرىشىش، تىرىشىش، ئىزدىنىش، ئۆز - ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش دېگەن ئوي - پىكىرلەر كۆڭلىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەك، تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئېھتىياجلارنىڭمۇ ھۆددىسىدىن چىقالماي، تېنەپ - تەمتىرەپ ياشايمىز.
                    خىزمەت بىلەن پۇل بىر - بىرىنى شەرت قىلىدىغان، ھاياتلىق پائالىيىتىمىزدىكى ئىككى ئەڭگۈشتەر. بۇ ئىككى ئەڭگۈشتەر يۈكسەك پەزىلەت، ئىنسانىي خىسلەتلەر بىلەن بىرىكەلىسە، بىزنى ئاجايىپ ھۆرمەتكە، قىممەتكە، شان - شەرەپكە ئىگە قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۆز خىزمىت تەرەققىياتىنىڭ تەلىپى بولۇپلا قالماستىن، ئىقتىسادىي تۇرمۇىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق، كەسپىي تېخنىكىمىزنىڭ زامانغا لايىق، ھۈنىرىمىزنىڭ كامالەتكە يېتىشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە جاپاغا چىداپ تىرىشىشىمىز، تىرىشىشىمىز، يەنە تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ۋە ھايات قېلىش ئۈچۈن جىسمانىي جەھەتتىن ئۆزلىرىنى چېنىقتۇرغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە ياشاش ئۈچۈن بۇرۇنقىدەك جىسمانىي ئۈستۈنلۈك ئەمەس، قابىلىيەت، ئىقتىدار، تېخنىكا ئۈستۈنلۈكى جەمئىيەتشىمىزنىڭ، ياشاشتىكى ئېھتىياجىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى. تەرەققىيات تېزلەشكەنسېرى رىقابەت كەسكىنلىشىدۇ، رىقابەت كەسكىنلەشكەنسېرى ئىقتىدارسىز خىزمەتچى، لاياقەتسىز كەسىپ ئەھلى، نائۇستا ھۈنەرۋەنلەر ھامان ھەرقايسى جەھەتلەردىن پىشىپ يېتىشكەن بىلىم ئەھلىلىرى تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ.
                  ئەجدادلىرىمىز ئۆز زامانىسىدا ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جاھان مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. قانداق ياشاشنىڭ ئۆلمەس ئابىدىسىنى تىكلەپ بەرگەن. ئۇلارنىڭ جاپاغا چىداش روھى، ئىلىم - مەرىپەتكە بولغان كۈچلۈك ھېرىسمەنلىكى، قىيىنچىلىق، توسالغۇ ئالدىدا ئۈمىدۋارلىقى ھازىرمۇ ھەرقايسى ساھەلەردە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئۈمىد يۇلتۇزلىرىمىزنىڭ قېنىدا جۇش ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا. ئەلۋەتتە، ئەجدادلىرىمىز ناخشا - ئۇسسۇلدىلا ئالەمگە مەشھۇر بولۇپ قالماستىن ئىلىم خۇمارلىقى، ھۈنەر - كەسىپتە ماھىرلىقى، ئېسىل پەزىلىتى، تىرىشچانلىقى، ئەمگەك سۆيەرلىكىگە ئوخشاش بۈيۈك سۈپەتلىرى بىلەنمۇ ئالەمگە مەشھۇر.
                  مۆھتەرەم ئوقۇرمەن، ياشلىق __ تەننىڭ بىر مەزگىللىك بەردەم ۋە بەرنالىقى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل ئۆمۈر دەرىخىنى سۇغىرىپ تۇرىدىغان قۇرۇماس بۇلاق؛ تۈرلۈك مۈشكۈل قىسمەتلەر، ئازاب - ئوقۇبەتلەر، ئاچچىق خورلۇقلار ئىچىدىمۇ ياشاشقا ئۈندەپ تۇرىدىغان مەنىۋى كۈچ؛ زۇلمەت ئىچىدە نۇرلىنىپ تۇرىدىغان ئابىھايات؛ ھالسىزلانغانلارغا ئىلھام - مەدەت بەرگۈچى سۇنماس ئىشەنچ؛ تاغلارنى تالقان، چۆللەرنى بوستان قىلغۇچە توختىمايدىغان چىدام، غەيرەت ۋە ئىرادە. يىللارنىڭ ئۆتۈشى تېنىمىزنىڭ ساغلاملىقى ۋە گۈزەللىكىنى مۇقەررەر ھالدا ئېلىپ كېتىدۇ، ئەمما قەلبىمىزدىكى يۈكسەك غايىمىزنى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ، ياشلىق ھېس - تۇيغۇلىرىمىزنى قېرىتالمايدۇ. شۇڭا، ياشلىق ئۆمرىمىزنىڭ ھەربىر دەقىقىسىگىچە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ، شۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدىغان، ئىنسان روھىنى پاكلاپ تۇرىدىغان تەڭداشسىز روھ. ئۈمىدسىز كىشىلەر ئاشۇنداق روھتىن ئايرىلغان كىشىلەردۇر. شۇ تاپتا، سىز «مەندە ئاشۇنداق تەڭداشسىز روھ بار، كەلگۈسىدە غالىبلاردىن بولۇش ئۈچۈن چوقۇم بىلىم ئىگىلەپ، ئۆزۈمگە خاس ئىقتىدار ۋە قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپ، ئۆزۈم ۋە باشقىلار رازى بولغۇدەك ياشاپ، ئۆمۈر گۈلۈمنى ئېچىلدۇرۇپ خۇشپۇراق چاچقۇزىمەن» دەپ، ئىرادە تىكلىيەلەمسىز؟ ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ سىز قانداق ياشىدىڭىز؟ قانداق ياشاۋاتىسىز؟ قانداق ياشىماقچى؟

مەنبە: http://bbs.salkin.cn/read.php?tid=84116




مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 10:33, Processed in 0.149819 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش