سەھرا كۈيى مىجىت ماڭسۇر(سابا)
مەپتۇن ئەيلىدىڭ قوينۇڭغا مېنى، ئانامنىڭ ئەللىيى ياڭرىغان سەھرا. مەن يۈرسەم سېنىڭدىن يىراق-يىراقتا، شۇ ئەللەي كۈيلىرى بولدىغۇ ھەمرا.
پۇرايدۇ كىندىكىم قېنىنىڭ ھىدى، ھەر دانە تۇپرىقىڭ جىسمىدىن سەھرا، تىندۇرماي يۈرەكنى چىللايدۇ مىھرىڭ، مىڭ ئاشىق ئوتىدا ئەيلەپ مەھلىيا.
ئېرىقىڭ سۇلىرى ئۆركەشلىرىدىن، ئاتامنىڭ قەدىمى بىلىنەر سەھرا. ئېقىننىڭ مۇڭلىرى ئېيتىدۇ يەنە، -‹‹بۇ سېنىڭ بوۋاڭنىڭ ۋەتىنى بەرنا››.
يۈزلەنسەم شەرقنىڭ شاماللىرىغا، باغلىرىڭ ھىدىنى سېزىمەن سەھرا، كۆيۈمچان ئانىنىڭ سۆيۈشلىرىدەك، خىسلىتىڭ تېنىمنى قىلدىغۇ ئەسرا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-3 17:44
|