پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 49|ئىنكاس: 0

ئەخلەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 21:41:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلەت
ئەركىن سابىر
    — توۋا، توۋا، بۇ بوۋاينىڭ قىلىپ يۈرگىنىنى! ھوي، ئۆيدىكى ئەخلەت ئازمۇ دەيمەن، تالادىن كۆتۈرۈپ كىرگىنى نېمىسى!؟
    گۈلسۈم موماي شۇنداق دېگىنىچە زوردۇن بوۋاي ئەكىرگەن ئەخلەتنى بالكونغا ئەپچىقىپ جايلاشتۇردى.
    — تېخى دورا دەيدۇ بۇنى! – دەپ غۇدۇڭشۇپ قويدى ئارقىدىن يەنە. ئۇ زوردۇن بوۋاينى يېقىننىڭياقى بىر قانداق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دەپ ئەنسىرەپ يۈرەتتى. دېمىسىمۇ، ئۆتكەندە گۈلسۈم موماي قوشنىلار بىلەن ئاغرىق يوقلىغىلى كەتكەندە، بوۋىيى يانچۇقىدا ئاچقۇچ تۇرۇپمۇ ئۆيىگە كىرەلمەي يۈرگەنىدى.
    — قېرىپتىلا دادىسى، ئاچقۇچ يانچۇقلىرىدا تۇرسا، تاپالمىدىم دېگەنلىرى نېمىسى؟
    — شۇ، ئىزدىدىم، ھېچ يانچۇقتا يوق، جىن ئەپقاچقان چېغى، كېيىن ئۆزىچىلا پەيدا بولۇپ قالدى.
    — ئوھۇش، يوق گەپ ئۇ، جىن ئەپقاچسا سىلىنى قويۇپ، ئاچقۇچنى نېمە قىلاتتى!
    — نېمە قىلاتتى؟ ئۆيگە كىرىدۇ – دە.
    — ئۆيگە كىرىپ نېمە ئەمدى؟ يەيدىغان نەرسە ئىزدەمتى يا؟
    — مەن نىم بىلەي، جىن دېگەننى! بوۋاي مۈرىسىنى قىستى.
    توۋا، بۇنداق قىلىقى يوق ئىدى بۇ ئادەمنىڭ دەپ ئويلاندى گۈلسۈم موماي، بۇ ئادەمگە راستىنلا ‹‹ جىن تەگكەن ›› ئوخشايدۇ....
    موماي چۈشكىچە يۈرىكى ئاغقاندەك بىئارام يۈردى، بوۋاي ئەتىگەن چىقىپ كەتكەنچە تېخى قايتىپ كىرمىگەنىدى. ‹‹ھاۋا تۇتۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ ئادەم يېلىڭلا ئىدى، نەلەردە يۈرىدىغاندۇ؟›› دەپ ئەنسىرەيتتى ئۇ.
    — ھوي، ئېرپان، كەلدىڭمۇ؟ – دېدى موماي بىر چاغدا مەكتەپتىن كەلگەن نەۋرىسىگە، – دەرھال سومكاڭنى قويۇپ، بوۋاڭنى ئىزدەپ باققىنا.
    — بوۋام تالادا ئولتۇرىدۇ، يەنە جىق خەقلەر بار، – دېدى نەۋرىسى چاڭىلداپ.
     — بارمىكەن؟ قېرى قاقباش، مەن بار دەپ قويمايدا!
    گۈلسۈم موماي غۇدۇڭشۇپ ئاشخانا ئۆيگە چىقتى، لېكىن نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىردەمدە ئۇنتۇدى.
    مەنمۇ قېرىپتىمەن، ھەممىمىز قېرىپتىمىز...
     — نېمە دېدىڭ موما؟ بىز ھەممىمىز قېرىپتىمىزما؟
    ئېرپان مومىسىنىڭ ئارقىسىدىن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ سورىدى. موماي ئۇنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمەي كۈلۈپ كەتتى.
    شۇنىڭدىن ھايال ئۆتمەيلا سىرتتا سىمىلداپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.
    — يائاللا، بىردەمدىلا يامغۇر يېغىپ كەتتا، – دېدى زوردۇن بوۋاي بىرسى قوغلىغاندەك ئۆيگە كىرىپ، – خەقلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىلىمۇ قويمىدى.
    — قويمىسا، ئەتىمۇ بارغۇ.
    — ئەتىمۇ بار دېگىنىنى. ئەتە خەقلەر بارمىتى؟
    زوردۇن بوۋاي شۇنداق دەپ بولۇپ، بىردىنلا موماينى يېنىغا چاقىردى.
    — بۇ ياققا كەل ئانىسى، – دېدى ئۇ.
    — ھە، نېمە گەپ، يېنىغا كەلمىسە ئاڭلىمايدىغاندەك! – دەپ غۇدۇڭشىدى موماي.
    — ھېلىقى دورىنى قەيەرگە قويدۇڭ؟
    — بالكوندا. مەن دەيمەن دادىسى، ئۆيدىكى ئەخلەتنى تۈگىتەلمەيۋاتقاندا خەقنىڭ ئەخلىتىنى ئۆيگە ئەكىرىپ، سىلىگە نېمە كېسەل تەگدى؟ يا ئۇنىڭغا بىرسى سۈپكۈشلەپتىكەنمۇ؟
    — ۋاي، چېچى ئۇزۇن، ئەقلى قىسقا خوتۇن، سەن نېمە بىلىسەن، ئۇ دېگەن دورا دېدىمغۇ!
    — دورا، دورا دەيدۇ، ئۆزۈمىزنىڭ ئەخلىتى تۇرۇپ، خەقنىڭ ئەخلىتى دورا بوپتىما؟ ئۇ نېمىگە دورىكەن؟
    — گۈللەرگە. ئاۋۇ يۈسۈپ كەپتەرۋازغا دېگەنتىم، سەھەردە دۇكانغا ماڭغاچ بىنانىڭ ئالدىغا قويۇپ قوياي دېگەن، ئەتىگەن قارىسام راستىنلا قويۇپ قويۇپتۇ، ئېلىپ كىردىم.
    موماي زوردۇن بوۋاينىڭ دېگەنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ چۈشەنمەي، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. ‹‹يۈسۈپ كەپتەرۋاز بىزنىڭ بىنانىڭ ئالدىغا ئەخلەت قوپقويۇپتۇ، بىزنىڭ ماۋۇ بوۋاي ئۇنى ئەپكىرىپتۇ، ئۇ تېخى بىزنىڭ گۈللەرگە دورىمىش! ۋاي – ۋۇي، نېمانداق جىق گەپ بۇ؟›› دەپ ئويلىغانىدى ئۇ. ئەمما زوردۇن بوۋاي ئۇنىڭ ئويىنى بۇزۇپ:
    — نېمىگە قاراپ تۇرىدىغانسەن، ئۇنى ئەكىر، گۈللەرنىڭ توپىسىنى بوشىتىپ، ئاستىغا ئاز – ئازدىن سېلىۋېتەي، دەپ بۇيرۇدى. موماي بالكونغا چىقىپ ھېلىقى بىر خالتا ئەخلەتنى ئېلىپ كىردى.
    — ھوي، بۇ ئەخلەتقۇ؟ – دېدى بوۋاي خالتىنى ئېچىپلا.
    — ئەخلەت دېدىمغۇ، – دېدى موماي.
    — سەن... سەن ئالماشتۇرۇپ قويمىغانسەن؟ يۈسۈپ كەپتەرۋاز ماڭا كەپتەر مايىقى بەرمەكچى بولغان...
    — نەدىكى كەپتەر مايىقىكەن، ئەكىرگەنلىرى مۇشۇ شۇ.
    — مۇشۇ شۇ دەمسەن؟ بۇ يۈسۈپ كەپتەرۋاز مېنى ئالداپتىمۇ نېمە؟!
    زوردۇن بوۋاينىڭ بىردىنلا ئاچچىقى تۇتتى. ئۇ شۇ ئاچچىقىدا ئەخلەتنى كۆتۈرۈپ يامغۇرغىمۇ قارىماي يۈسۈپ كەپتەرۋازنىڭكىگە چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا يۈسۈپ كەپتەرۋاز دۇكاندىن تېخى قايتىپ كەلمىگەنىدى.
    — ئۇنىڭغا دەپ قويۇڭ! – دېدى بوۋاي يۈسۈپ كەپتەرۋازنىڭ ئايالى مارىگۈلگە، – ماڭا ئۇنىڭ ئەخلىتى كېرەك بولۇپ قاپتىمىكەن؟ ئالسۇن بۇ نېمىسىنى!
    — خاپا بولمىسىلا، ئۇ ھېلى دۇكاندىن كېلىدۇ، شۇ چاغدا سوراپ باقاي.
    مارىگۈل شۇنداق دەپ بوۋاينىڭ قولىدىن ئەخلەتنى ئالدى. ئۇ شۇ چاققىچە بوۋاينىڭ بۇنچە ئاچچىقلاپ باققىنىنى كۆرمىگەنىدى.
    ئەتىسى زوردۇن بوۋاي بامدات نامازدىن ئەمدىلا كېلىپ تۇرۇشىغا، يۈسۈپ كەپتەرۋاز ئۇنىڭ ئىشىكىنى چەكتى.
    — خاپا بولما، زوردۇنكا، – دېدى ئۇ بوۋاينىڭ تۈرۈلگەن قاپاقلىرىغا تىك قارىيالماي، – تۈنۈگۈن كەپتەر مايىقىنى ئەپچىقىپ قويىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
    — ئۇنتۇپ قاپتىمەن دەيدۇ تېخى! ئەمسە ئەخلەت قويۇپ قويۇپسەنغۇ؟
    — ئۇنى مەن قويمىغان.
     — ئەمسە كىم قويدى؟ جىن قويۇپتىما؟
     — بىلمەيمەن.
     — سەنمۇ بىلمىسەڭ، بۇ قايسى ناكەسنىڭ قىلغان ئىشىدۇ؟! – دېدى بوۋاي دەرغەزەپ بولۇپ، – ئەخلىتىنى بىنانىڭ ئالدىغا قويۇپ قويغىنىنى دەيمەن! قارىغاندا كېچىدە، ھېچكىم كۆرمەستە ئەخلىتىنى شۇ يەرگە ئەپچىقىپ قويۇپتۇ!
    — ھازىر خەقلەر ئەسكىلىشىپ كەتتى، – دېدى يۈسۈپ كەپتەرۋاز، – ئەخلىتىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تۆكۈۋېتىش خۇشياقماي، بىنالارنىڭ ئالدىلىرىغا تاشلايدۇ.
    — شۇنداقلاردىن بىرەرىنى تۇتۇۋالسامتى دەيمەن!
    — ۋاي پالۋانەي! – دېدى گۈلسۈم موماي يۈسۈپ كەپتەرۋاز كەتكەندىن كېيىن نېرىقى ئۆيدىن چىقىپ، – قېرىغاندا نېمە ھال سىلىدە. بىكاردىنلا خەقنىڭ ئەخلىتىنى ئۆيدە بىر كۈن ساقلىدۇق. مەن تېخى جىن تەگكەن چېغى، بولمىسا ئەخلەت يىغىپ يۈرمەيتتى، دەپ سىلىدىن ئەنسىرەپ يۈردۈم.
    زوردۇن بوۋاي ئۇنىڭ گېپىگە ئۈندىمىدى، پەقەت قاشلىرىنى ھىمىرىپ قاراپ قويدى، خالاس! ئۇ بۇرۇنلاردا جىن بار دېسە زادى ئىشەنمەيتتى، مانا ئەمدى ئىشەندى، كىچىدە بىنانىڭ ئالدىغا ئەخلەتنى ئوغرىلىقچە قويغان قايسى جىندۇ!؟
بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:07, Processed in 0.176335 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش