نەپلىك يىغىن ۋە نەپسىز يىغىن (فىليەتۇن) سۇڭ شاۋۋۇ كۆپ يىل ئىشخانا مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن لاۋ جيا مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىندى. مەن ئۇنىڭ ئورنىغا ئىشخانا مۇدىرلىقىغا قويۇلدۇم. يېڭى ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن ئوبدان چىقالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ، سابىق ئىشخانا مۇدىرىمىز لاۋ جيادىن مەسلىھەت ئېلىش، ئۇنىڭ ئۆزگىچە خىزمەت تەجرىبىلىرىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئۇنى بىرەردەم مۇڭدىشىشقا تەكلىپ قىلدىم. ھاراقنى بىر رومكا تولدۇرۇپ ئىچكەندىن كېيىن، لاۋ جيا كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ سىرلىق تەلەپپۇزدا ماڭا: — شياۋ سۇڭ، ئورگان خىزمىتى مۇرەككەپ، بىراق ئەمەلىي ئىشلەشتە ئاساسلىنىدىغان نۇرغۇن ‹‹قائىدە›› بار. مەسىلەن: يىغىن ئىشلىرى، قارىماققا ئاددىيدەك قىلغىنى بىلەن، يىغىنلارنى رەھبەرلەرنىڭ كۆڭلىگە ياققۇدەك ئورۇنلاشتۇرۇش، يىغىنغا كىملەرنى ئەۋەتىش دېگەندەكلەرنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق يولى بار. بۇلارنى ياخشى ئىگىلىيەلىسىڭىز، كۆپچىلىك سىزگە قايىل بولىدۇ، ۋەزىپە ئوڭۇشلۇق ئورۇندىلىدۇ، ھەممەيلەن نەپكە ئېرىشىدۇ، – دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قىزىقتىم ۋە ئۇنىڭغا يەنە بىر رومكا تۇتۇپ، كۆپرەك تەلىم بېرىشىنى ئۆتۈندۈم. ــــ كۆپ يىللىق تەجرىبەمگە ئاساسلانغاندا، يىغىنلار نەپلىك ۋە نەپسىز دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، - دېدى ئۇ سەل كۆتۈرۈلۈپ. ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيران بولدۇم. ــــ تۆھپە، نەتىجىلەرنى كۆز – كۆز قىلىدىغان يىغىنلارنى نەپلىك يىغىن دەيمىز، - دېدى ئۇ چۈشەندۈرۈپ، - ئىدارە خىزمەتتە نەتىجە قازىنىپ، يۇقىرىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە ئادەم كەلسە، ئىدارە رەھبەرلىرى سىزدەكلەرنى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجە توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. نەتىجە تىلغا ئېلىنسا، ھەممەيلەن خۇشال بولىدۇ. يەنە يۇقىرىدىن تەكشۈرۈشكە كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىش زىياپەتلىرىدە خىزمىتىمىزدىن مەلۇمات بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز، بۇ ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىدىغان ياخشى پۇرسەت... بۇلارنى ئاڭلاپ كېمىچى ماياكقا ئېرىشكەندەك يېنىكلەپ بېشىمنى لىڭشىتتىم، لاۋ جيامۇ كۆتۈرەڭگۈ كەيپىياتتا سۆزىنى داۋام قىلدى: — نەپ تېگىدىغان يىغىن بۇلا ئەمەس، رەھبەرلەرگە ھەمراھ بولۇپ مۇراسىملارغا قاتنىشىش، نامرات رايونلارغا ياردەم قىلىش، قېرىنداش ئورۇنلارنىڭ دوستلۇق پائالىيىتىگە قاتنىشىش قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ قاتاردا. بۇنداق سورۇنلارغا قاتناشقاندا، كۈتۈۋالغۇچى ئورۇنلار ‹‹كۆڭلى››نى ئىپادىلەيدۇ. رەھبەرلەرنىڭ قىزىل بولاق ئالغان – ئالمىغانلىقى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئۆزىڭىزگە تېگىدىغان خاتىرە بۇيۇمى، ئىستېمال كارتىسىدەك نەرسىلەرنى بىلسىڭىزلا بولىدۇ. — ئۇنداقتا نەپسىز يىغىنچۇ؟ – ئۇنىڭ ‹‹تەلىمى››گە تېخىمۇ قىزىقىشقا باشلىدىم. ــــ بۇنداق يىغىنلار كۆپ، - دېدى ئۇ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، - مەسىلەن: يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش يىغىنى دېگەنلەر؛ يەنە تېخى پاكلىق قۇرۇلۇشى يىغىنلىرىمۇ بار، ئىدارىدە ئېچىلغان يىغىنلاردا تېخىمۇ نەپ يوق. ئۇ بىر ئاز جىم تۇرغاندىن كېيىن نەسىھەت تەرىقىسىدە سۆز ئاچتى: ــــ ئىشخانىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر. ھازىر يىل ئاخىرى بولۇپ قالدى، ئېچىلىدىغان يىغىنلار كۆپ. شۇڭا قايسىسىنىڭ نەپلىك يىغىن، قايسىسىنىڭ نەپسىز يىغىنلىقىنى ئوبدان دەڭسەپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇڭ، شۇنداق قىلالىسىڭىز، ھەممىگە نەپ يەتكۈزەلەيسىز، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئۆزئارا ئاغرىنىشتىنمۇ خالىي بولۇپ، ياخشى نامغا ئېرىشىسىز... مەخمۇت مۇھەممەد تەرجىمىسى
|