پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3603 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    مايۇر  ئەپەندىم  يۇقاپ كەتمەڭ، مۇنبەر سىزگە  مۇھتاج

  • سىرداش تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلار   مايۇر  ئەپەندىمنى  تۇنۇيسىلەر؟  جىددى  ئىزدەيمەن

  • سەھرا13 تۈنۈگۈن 21:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    خىزمەت بېسىمى نىمانچە ئېغىر بوپكەتتى،بۇ مائارىپ تەرەققىياتى،جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ؟

  • 94机械 تۈنۈگۈن 17:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھويلامنى بىزەپ شۇ

  • ak@# تۈنۈگۈن 11:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىلا.............................نەدىسەن ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

كۆرۈش: 56|ئىنكاس: 0

بۆلۈم باشلىقىنىڭ قىزىقىشى(فىليەتۇن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 01:29:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
   بۆلۈم باشلىقىنىڭ قىزىقىشى(فىليەتۇن)
ۋاڭ ۋېيفىڭ
   ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قىزىقىشى بولغىنىدەك، بۆلۈم باشلىقىمىزنىڭمۇ كەڭ دائىرىلىك قىزىقىشى بار. ئون يىل ئىلگىرى خىزمەتكە قاتنىشىپ بۆلۈمگە ئىشقا چۈشكىنىمدە، بۆلۈم باشلىقىمىز ۋاسكېتبول ئويناشقا ئامراق ئىكەن. ئۇ چاغدا ھازىرقى بۆلۈم باشلىقىمىز مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۆلۈم باشلىقىمىزنىڭ ۋاسكېتبول ئويناش سەۋىيەسى ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ۋاقتى بولسىلا تەنتەربىيە سارىيىغا بېرىپ ۋاسكېتبول ئوينايتتى. ئۇ ھەمىشە ۋاسكېتبول ئويناش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئائىلىسى بىلەن كارى بولمىغاچقا، ئايالى دائىم ئۇنىڭغا تاپا – تەنە قىلاتتى. ئەمما بۆلۈم باشلىقىمىز ئايالىنىڭ گېپىگە پەرۋامۇ قىلماي، بۇرۇنقىدەكلا ۋاسكېتبول ئويناۋېرەتتى.
   بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىقىدىن ئىدارىمىزگە باشلىق بولۇپ ئۆسكەن جاڭ xx يۆتكىلىپ كەتتى. ئىدارىمىزنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى xx مەسئۇل باشلىق بولىدىكەن، دېگەن گەپ تارقالدى . لى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شاھمات ماھىرى بولۇپ، ئىلگىرى شەھىرىمىزدە ئۆتكۈزۈلگەن شاھمات مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئىدى . لى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىمۇ بوش ۋاقىت تاپسىلا شاھمات ئويناتتى . ئىدارىمىزدە شاھمات ئويناشتا ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلەيدىغانلار يوق ئىدى. شۇڭا لى مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ‹‹شاھماتتا مەن بىلەن تۇتۇشالايدىغانلار بولسا، تازا تۇتۇشۇپ باقسام نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى›› دەپ ئويلايتتى.
   جاڭ ئىدارە باشلىقى ئىدارىمىزدىن يۆتكىلىپ كەتكەندىن بۇيان، بۆلۈم باشلىقىمىزنىڭ قىزىقىشى تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ، شاھمات ئويناشقا ھېرىسمەن بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ شاھماتقا بولغان قىزىقىشى ئەينى چاغلاردىكى ۋاسكېتبولغا بولغان قىزىقىشىدىن پەرقلىنىپ كەتمەيتتى. بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، مەن بۆلۈم باشلىقىمىزنىڭ ئىدارىنىڭ قىرائەتخانىسىدىن شاھمات بىلىملىرىگە ئائىت بىر مۇنچە كىتابنى ئارىيەتكە ئالغانلىقىنى كۆرگەنىدىم.
   ئۇزاق ئۆتمەي شەھەرلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاۋ xx ئىدارىمىزگە باشلىق بولۇپ كەلدى. ئىككىنچى كۈنى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىدارىمىزگە كېلىپ، شەھەرنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ئۇقتۇرۇشىنى ئوقۇدى. مەن بۆلۈم باشلىقىمىزنىڭ دەرھال بازاردىن بىر يۈرۈش نەپىس ياسالغان قارماق، چىغ شىلەپە، قاتلىنىدىغان ئورۇندۇق سېتىۋېلىپ، تەييارلىقنى پۇختا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە: ‹‹بۆلۈم باشلىقىمىزنىڭ قىزىقىشى ئەمدى بېلىق تۇتۇشقا ئۆزگەرگەن ئوخشايدۇ›› دەپ ئويلاپ قالدىم. خىزمەتداشلىرىممۇ پىخىلداپ كۈلگىنىچە ماڭا: ‹‹ئىدارىمىزگە يېڭىدىن كەلگەن جاۋ باشلىقنىڭ شەھەرلىك بېلىق تۇتۇش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدىغانلىقىدىن خەۋىرىڭىز يوق ئوخشىمامدۇ››؟ دېدى.
مەخمۇت مۇھەممەد تەرجىمىسى
بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-11 02:45, Processed in 0.347072 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش