پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3619 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 174|ئىنكاس: 6

كۈرەش رەجەپكە ئوچۇق خەت(يالقۇن روزى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 21:26:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                كۈرەش رەجەپكە ئوچۇق خەت
     
                                                         (يالقۇن روزى)


قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى، سىزنىڭ شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 5-قانىلىنىڭ«تەڭرىتاغ كۈيلىرى»پىروگىراممىسىدا رىياسەتچى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىڭىزدىكى بىر بىمەنە قارىشىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ، ئاتايىتەن تېلىۋىزىيە ئىستانىسىغا بېرىپ سىزنى زىيارەت قىلغان 51-سان پىروگىراممىنى كۆرۈپ، كىشىلەرنى ئۆكۈندۈرگەن ھېلىقى قارىشىڭىزنى قۇرمۇ-قۇر خاتىرەمگە كۆچۈرۈپ كەلدىم:

رىياسەتچى: كۈرەشكا، سىز ئۇسۇل ئورۇنداش ياكى ئۇسۇل ئىجاد قىلىشتا بولسۇن ئۆز خاسلىقىڭىزنى يارىتالايدىغان سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنداقتا يىتىشىۋاتقان ياش ئۇسۇلچىلىرىمىزغا دەيدىغان قانداق گېپىڭىز بار ؟
كۈرەش رەجەب: سىز بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر ئۇسۇلى ياكى باشقا مىللەت ئۇسۇلى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز شۇ ئىجاد قىلغان ئۇسۇلىڭىز، شۇ مىللەتكە تەۋە بولسۇن. بىر مىللەتنىڭ ئۇسۇل مەدەنىيىتى، ئۇسۇلنىڭ ھالىتى ئەبجەشلىشىپ كەتسە بۇنى تولدۇرۋالغىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. قوبۇل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئۇيغۇر ئۇسۇلىنى يوقىتىش ئورنىنى دەسسەپ قالسا، بۇ بىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىز.

بىز ئاشۇ كىلاسسىك ئۇسۇللىرىمىزنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز يارىتىپ بەرگەننى قۇچاغلاپ تۇرساق بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقىنىڭ 10 تۈرىدىن باشقا قۇياش ئۇسۇلچىلىقى، قېلىچ ئۇسۇلچىلىقى، ئات ئۈستى ئۇسۇل قاتارلىق نۇرغۇن جەڭگىۋار ئۇسسۇللىرىمىز بار. ئەلۋەتتە ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئۇسۇللىرىمىز مۆمىن چىراي بولۇپ قالدى. ئاستا ئوينايدىغان ، كىيىملەر ئۇزۇن، باش كىيىمىمىز ئېغىر بولۇپ جەڭگىۋارلىقىمىز ئاجىزلاپ كەتتى. بىز ئاشۇ جەڭگىۋارلىقىمىزنى تەكىتلىگەن ئاساستا، ئۇسۇلىمىزنى بېيىتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كىرەك. ئۇسۇل ئىجادىيەتچىلىرى ئۇسۇللا بىلسە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، رەسسامچىلىقى، سەنئەتنىڭ تۈرىدىن باشقا، تولۇق مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بولمىساق بولمايدۇ. ئۇيغۇر سەنئەتكارى بولدىكەنسىز، ئۇيغۇر ئۇسۇلچىسى بولىدىكەنسىز پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلىشىڭىز كىرەك.

قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى! سىزنىڭ پۈتكۈل ھاياتىڭىز ئۇيغۇر ئۇسۇل سەنئىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن مەشغۇل بولغان ھايات. سىز بۇ ساھەدە مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقى ھەققىدە سۆزلەش سالاھىيىتىگە ئىگە شەخىس. مەن سىزنىڭ ئۇسۇل سەنئىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىزغا رەددىيە بىرەلمەيمەن. چۈنكى ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ قائىدە-قانۇنىيىتىنى بىلمەيمەن. ئەمما، ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا كۆرسىتىدىغان پايدىلىق ياكى زىيانلىق تەسىراتقا خېلى ئىگە مەن. بۇ ئۇچۇق خەتتە سىزگە بۇ جەھەتتىكى تەسىراتلىرىمنى تولۇق ئاشكارلىغۇم يۇق. سىزگە بۇ ئوچۇق خەتنى يېزىشتىكى مەقسىدىم سىزنىڭ يۇقىرىقى جاۋابىڭىزدىكى بىمەنە چۈشەنچىڭىزگە رەددىيە بىرىش (جاۋابىڭىزدىكى لوگىكا ۋە گىرامماتىكىغا ياتىدىغان خاتالىقلارغا بىر نىمە دىيەلمەيمەن. )

سىز ئەلۋەتتە ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئۇسۇللىرىمىز مۆمىن چىراي بولۇپ قالدى. ئاستا ئوينايدىغان، كىيىملەر ئۇزۇن، باش كىيىمىمىز ئېغىر بولۇپ جەڭگىۋارلىقىمىز ئاجىزلاپ كەتتى. دەپسىز . بۇ سۆزىڭىزدىن قارىغاندا، سىزنىڭچە ئەۋرەتلىرىنى ئىككى تال دەرەخ يوپۇرمىقى بىلەن توسىۋىلىپ، يۈز-كۆزلىرىنى ئالا-يېشىل بويىۋىلىپ، يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى بىلەن يەرنى كۈچەپ دەسسەپ، ياۋايى ھايۋاندەك چىقىراپ، ئەسەبىيلىك بىلەن ئوينايدىغان ئافرىقىدىكى ئىپتىدائىي مىللەتلەر ئەڭ جەڭگىۋار بولسا كىرەك. ئۇلارنىڭ ئۇسۇل رېتىمىمۇ تېز، ئۇزۇن كىيىمىمۇ يوق، تېخى ئېغىر باش كىيىمىمۇ يۇق، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟!

رىياسەتچى سىزدىن كۈرەشكا ھازىر بەزىلەر ئۇيغۇر ئۇسۇلى بۇزۇلۇپ كەتتى، ھەتتا پۈتۈنلەي تۈگەشتى دەيدىكەن. سىز شۇ قاراشقا قانداق قارايسىز ؟ دەپ سورىغان سۇئالغا جاۋاب بەرگەندە قۇساقنى ئېچىپ كاسسىنى ئوينىتىپ پۈتۈنلەي چەتنىڭكىنى دورىغان. ئۇلارنىڭ ئېھتىياجى پەقەتلا ئىقتىسادىي ئۈنۈملا قۇغلىشىپ قىلىۋاتقان نەرسە، بۇنداق نەرسىلەرگە بىز قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇنىڭ بىزنىڭ ساپ سەنئىتىمىزگە كىرىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالمىساق بولمايدۇ دەپ سۆزلەپسىز . بۇ سۆزىڭىزدىن قۇساقنى ئېچىپ، كاسسىنى ئوينىتىپ ئۇسۇل ئويناشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا ئويغۇر سەنئىتىنى مۆمىن چىراي قىلىۋەتكەن ئاستا رېتىم، ئۇزۇن كىيىم،ئېغىر باش كىيىم قايسى ؟ سىز مۇشۇ ئۈچ نەرسىنى تىلغا ئاپسىزغۇ ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە ئايال ئۇسۇلچىلارنىڭ ئەڭ ئېغىر باش كىيىمى ئاتۇشنىڭ كەمچەت تۇمىقى، ئەر ئۇسۇلچىلارنىڭ يېڭىسار تۇمىقى: ئايال ئۇسۇلچىلارنىڭ ئۇزۇن كىيىمى بېغىشىغىچە يېڭى بار، ھوشۇقىغىچە ئىتىكى بار كۆڭلەكلەر، ئەر ئۇسۇلچىلارنىڭ ئۇزۇن كىيىمى پىشى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىۋىتىلىدىغان ئوخشىمىغان رەڭدىكى كۆڭلەكلەر، ئەڭ ئاستا ئوينىلىدىغان ئۇسۇل«تەزە ئۇسۇلى» مىكىن دەيمەن.

قاراپ باقسام مەيلى ئايال، مەيلى ئەر ئۇسۇلچىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىكىنى داۋاملىق قىسقارتىقىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇ تۇماقلارنىمۇ چۆرۈپ تاشلىۋەتكىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى، ئاشۇ كىيىملەرلا بىزگە ھەققىي مىللىي ئوبراز بېغىشلايدۇ. ئۇسۇل ھەركىتىنى قارا-قۇيۇق تېزلىتىشىنىڭ زۆرۈريىتى يۇق بولسا كىرەك، دەپ قارايمەن . چۈنكى ئاستا ياكى ئىتتتىك ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسىلا ئېھتىياجغا بېقىپ ئۆز جايىدا زۆرۈرمىكىن؟! بۇ بەك ئەقەللىي ساۋات بولسا كىرەك.

مەن گېپىڭىزنىڭ ئورامىدىن ئۇسسۇلچىلىرىمىزئىسلامىيەت مۆمىن چىراي قىلىۋەتتى جەڭگىۋارلىقىنى قويمىدى دىمەكچى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم. چۈنكى سىزنىڭ قۇساقنى ئېچىپ ئوينايدىغان ئۇسۇلغا قارشى مەيدانىڭىز بىلەن ئۇزۇن كىيىمگە بولغان نارازىلىقىڭىز ئوتتۇرىسىكى، كاسسىنى چايقاپ تېز ئوينايدىغان ئۇسۇلغا قارشى مەيدانىڭىز بىلەن ئاستا ئوينايدىغان ئۇسۇلغان بولغان قارشى پوزىتسىيىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى زىتلىق مېنى جىننىڭ قەستى شاپتولدا بولسا كېرەك دېگەن ئويغا كەلتۈرۈپ قويدى. قارىغاندا،  گەپنىڭ تىگىدە گەپ باردەك، ساقالنىڭ تىگىدە خەپ باردەك  تۇرىدۇ. سىز ئىىسلامىيەتنىڭ ئۆزىنى مۆمىن چىراي، ئۇ جەڭگىۋارلىقتىن مۇستەسنا ، دەپ چۈشنىدىكەنسىز. ھەتتا بۈگۈنكى ئارقىدا قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبىنىمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزدىن كۆرىدىغاندەك قىلىسىز.
قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى، ئەگەر راستنىلا مۇشۇنداق قارىغان بولسىڭىز تامامەن خاتا بولىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن نادان كىشىلەر دىن بىلەن تەرەققىياتنى مۇناسىۋەتلەشتۈرۈپ چۈشىنىۋالىدۇ. ئۇلارنىڭچە، بۈگۈنكى دۇنيادا تەرەققىي تاپقان ئەل خەلىقلىرىنىڭ ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىنى ئىلغار، شۇڭا ئۇلارنىڭ جەمىيئىتى تەرەققىي قىلغان. ئىسلام دىنى قالاق، شۇڭا ئىسلام ئەللىرى ۋە ئىسلام ئېتىقادىدىكى مىللەتلەرنىڭ جەمىيئىتى قالاق.

قارايدىغان بولساق، بۈگۈنكى دۇنيادا چوڭ ھەم مۇھىم دىنلاردىن ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى ، بۇددا دىنى، ھىندى دىنى قاتارلىقلار بار. بۇ دىنلارنىڭ پەيدا بولغىنىغا نەچچە مىڭ يىللار بولدى. ئەمما، بۇ دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەممىسىدە ئوخشاش بولمىغان دەۋىرلەردە گۈللىنىش، خارابلىشىش بولغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇ خىل دولقۇنسىمان ئەھۋالدىن ناھايىتى كۆپ مىللەت ياكى دۆلەت خالىي ئەمەس. مۇشۇ مەنىدىن مۇتەپپەككۈرلار دىن بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇتلەقلەشتۇرۇپ پىكىر قىلىشقا قۇشۇلمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر قانداق بىر دىننىڭ پەيغەمبەر ئەۋلىيالىرى ئۆزلىرىنى ھەرگىزمۇ ئىلىم پەننىڭ ئەلچىلىرى دىگەن ئەمەس. ھەر قانداق بىر مىللەت تەبىئەت دۇنياسىنى ئۆزگەرتىپ، تەبىئىي پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئۆز پەيغەمبەرلىرىنىڭ تەلىماتىغا تايانغانمۇ ئەمەس. پەقەت ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى تېخنىكا ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىشتىكى نىشانىنى بىكىتىشتە ئۇلارنىڭ تەلىماتىغا مۇراجىئەت قىلغان خالاس.

قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى ، سىز ئېيىتقان جەڭگىۋارلىقمۇ ئۇ دىندا بار، بۇ، دىندا يوق نەرسىمۇ ئەمەس. بىز ئالدى بىلەن جەڭگىۋار دىگەن سۆزنىڭ تىل تەۋەلىكى ۋە لۇغەت مەنىسىگە قاراپ باقايلى:«جەڭگىۋار» ـــــ سۈپەت سۆزى بولۇپ، ئۇ پارىس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن. مەنىسى :1. جەڭ ۋە كۆرەش قىلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىغان، كۈرەش قىلغۇچى، كۈرەشكە قاتناشقۇچى، كۈرەشچان. 2. جەڭلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن جەڭگە ئۆزىنى ئاتىغان. جەڭدىن قايىتمايدىغان، كۆچمە مەنىدە : كۈرەشكە تەييار ۋە كۈرەش روھىغا باي. جەسۇر. سىز «ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن » دېگەن سۆزنى تىلغا ئىلىش ئارقىلىق ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئۇسۇللىرىمىز جەڭگىۋار ئىدى، بىزمۇ جەڭگىۋار ئىدۇق، دىمەكچىدەك قىلىسىز.

توغرا، بىز ئىلگىرىكى ھەر قايسى جايلاردا ۋە ھەر قايسى تارىخىي باسقۇچلاردا كۆك تەڭرىگە، شامان دىنىغا، مانى دىنىغا، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئۇسۇللىرىمىز تازا تەرەققىي قىلغان، شۆھرىتى ھەر ياققا تارالغان مەزگىل خەلقىمىز بۇددا دىنغا ئېتىقاد قىلغان دەۋىرگە توغرا كېلىدۇ. ئەجەبا، بىز بۇددا دىنىي جەڭگىۋار خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئۇسۇللىرىمىز تەرەققىي قىلىپ چاڭئەن شەھرىنى زىلزىلىگە سالغان، سۈي-تاڭ سۇلالىسىدىكى بەي جۈيى قارتارلىق شائىرلارنىڭ نەزىم بىيىتلەرنى تۇقۇشغا سەۋەب بولغان دەپ قارىساق بولامدۇ؟ ھىندىستانلىقلارنى جەڭگىۋار خەلق دەپ تۇنۇساق تارىخي ئەمەليەتكە ئۇيغۇن كىلەرمۇ ؟ ئۇنداقتا بۇددا دىنى پەيدا بولغان ھىندىستانغا بۇنىڭدىن 1000يىل ئىلگىرى مۇسۇلمان تۈركلىرىدىن بولغان داڭلىق پادىشاھ مەھمۇت غەزنەۋىينىڭ ئون يەتتە قېتىم غەلبىلىك يۈرۈش قىلغانلىقىنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟ سۇلتان مەھمۇت غەزنەۋىي ھىندىستانلىقلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە ھىندىستاننى ئىستىلا قىلىشىنى گويا شىكارغا چىققاندەك پۈتكۈزگەن. پاكىستانلىق ئالىم سەئىد فەيياز مۇھمۇدنىڭ سۆزى بىلەن ئىيىتقاندەك بىر مەزگىل ئۇ ۋە ئۇنىڭ قۇماندان جەڭچىلىرى ھىندىستاننى ئىستىلا قىلىشنى ھەتتا يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان ئۇزۇن يوللۇق ساياھەت دەپ قاراشقان .

ئارىدىن 500يىل ئۆتكەندە، يەنى 1520-يىللىرى ئۇلۇغ ئىرادىگە ئىگە، جەسۇر شاھزادە، يەكەن خانلىقىنىڭ خانى سۇلتان سەئىدخاننىڭ نەۋرە ئاكىسى بابۇر ھىندىستاندا قۇدىرەتلىك بابۇريىلار سۇلتانلىقىنى، مۇشۇل ئىمپىريىسىنى قۇرغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى تاكى 1850-يىللارغىچە بۇ ئىمپىريىنى داۋام ئەتكۈزگەن. ئۇلار ھىندىستان تارىخىغا ئۆزلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى، ئىجادچانلىقى، مەدەنىيەت روھى بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.

قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى، مەن يەنە سىزنىڭ سەمىڭىزگە سۇلتان مەھمۇت غەزنەۋىيدىن ئىمپىراتۇر بابۇرغىچە بولغان 500 يىللىق ئارىلىقتا ھىندىستانغا قارا بوراندەك باستۇرۇپ يەنە بىر كىرىپ، ھىندىستانلىقلارنىڭ ئاللا-توۋىسىنى چىقىرىۋەتكەن يەنە بىر بۈيۈك ئىمپىراتۇر ئەمىر تۆمۈرنىمۇ سېلىپ قۇيغۇم كېلىۋاتىدۇ. بۈيۈك ئىمپىراتۇر ئەمىر تۆمۈر ئەتىراپىدىكى ئالتۇن ئۇردا خانلىقى، ئوسمان ئىمپىرىيىسى، پىرىسىيە، ھىندىستان خانلىقلىرىنى دەھشەتلىك مەغلۇب قىلىپ، ياپراقتەك تىتىرەتكەن. يىلدا بىر قېتىم ئەتىراپىدىكى دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەنلىرىنى چەكسىز ۋەھىمىدە قۇيغان بۇ غالىب ئىمپىراتۇر يازدا ئىستېلا يۈرىشىگە ئاتلىنىپ، قىشتا پايتەخىت سەمەرقەنىتكە قايتىپ كېلەتتى. ناپالىئۇن ، گىتلىردەك شەخىسلەرنى ئېسىدىن چىقمايدىغان دەرىجىدە ھەسرەتتە قۇيغان موسكىۋا شەﻫرىگە بېسىپ كىرىپ، بىر يىل تورغاندى. تۆت ئەتىراپىدىن ئۆزىگە تەڭ كەلگۈدەك بىرەر دۈشمەن تاپالماي ئىچى پۇشقان ئەمىر تۆمۈر 1405-يىلى 1-ئايدا ئېتىنىڭ بېشىنى شەرىققە بۇراپ سەددىچىننىڭ ئىچىنى كۆرۈپ بىقىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. ئۇ ھەرگىزمۇ سەمەرقەنىتنىڭ سەنئەت ئۆمىكىنى باشلاپ «ئات ئۈستى ئۇسۇلى»نى ئويناپ كېلىش ئۈچۈن يولغا چىقمىغان، بەلكى يېڭىلىش دىگەننى بىلمەيدىغان ئىككى يۈز مىڭ كىشىلىك جەڭگىۋار قۇشۇننى باشلاپ يولغا چىققان. بۈيۈك ئىمپىراتۇر ئەمىر تۆمۈرنىڭ بۇ زور قوشۇنى نەچچە كۈن يول يۈرۈپ ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتكەندە بۇ قابىليەتلىك ھۆكۈمرانغا تۇيۇقسىز كېسەل تىگىپ قازا قىلغان.

قىسقىسى، «ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، بەزى ئۇسۇلىرىمىز مۆمىن چىراي بولۇپ قالدى » دىيىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى دىنىي ئىتىقادلىرىمىز شارائىتىدا ئۇسۇللىرىمىز جەڭگىۋار ئىدى، بىزمۇ جەڭگىۋار ئىدۇق، چۈنكى ئۇ دىنلار جەڭگىۋار دىنلار ئىدى دىمەكچى بولغانلىقىڭىز تامامەن خاتا. شۇنداقلا بىز ئىسلامنى قۇبۇل قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن تەراققىياتتا ئارقىدا قالغان دېگەن تۇنۇشتا تۇرۇپ ئويلىغان ئويلىرىڭىز قىلچە ئاساسسىز. چۈنكى، جەڭگىۋارلىق ھەر قايسى دىنىي ئېتىقادتىكى مىللەت-قۇۋۇملارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە ئوخشىمىغان ئامىللار تۈپەيلى ئويغىنىدىغان بىر خىل يۈكسەك روھ. تارىختا تۈرلۈك ئېتىقادتىكى تۈرلۈك مىللەتلەر ئۆز ۋۇجۇدىدىكى بۇ خىل روھنى ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە، ئوخشىمىغان دەرىجىدە جەۋلان قىلدۇرغان.

قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى. بىزگە ئوخشاش تەپەككۈر تىپىدىكى ئەمەس، ھېسىيات تىپىدىكى مىللەتلەردە ئىلمىي روھ كەمچىل، قارىغۇلارچە قىزغىنلىق كۈچلۈك بولىدۇ. سىزنىڭ قاراشلىرىڭىز دەل مۇشۇنداق قارىغۇلارچە قىزغىنلىق بىلەن سۇغۇرۇلغان. سىز پۈتۈن دۇنياغا ئۇسۇلنىڭ كۆزى بىلەن قارايسىز.جەمىيئەتنىڭ تەرەققىيات سەۋىيسىنى ئۇسۇلنى ئۆلچەم قىلىپ ئۆلچەيسىز. پەقەت سىزلا ئەمەس، بىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسۇلنى مىللەتنىڭ بارلىقى دەپ قارايدۇ. شۇنداقلا، نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسۇللىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونىتىۋاتىدۇ دەپ پەخىرلىنىشىدۇ. توغرا، سەنئەتمۇ مەدەنىيەتنىڭ بىر قانىتى. ئۇمۇ خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس بىر بايلىقى. ئەمما بارلىقى ئەمەس!!! ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ئىقتىساد، ھاكىمىيەت، مائارىپ، پەن-تېخنىكا قاتارلىقلار جەمىيئەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىرلەمچى ئامىل. سەنئەت ئىككىلەمچى ئامىل. بىرلەمچى ئامىلنى شەكىللەندۈرگۈچىلەر پاراسەت تىپلىق بولسا، ئىككىلەمچى ئامىلنى شەكىللەندۈرگۈچىلەر ماھارەت تىپلىق بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا رىقابەت دۇنياسى ئىكەنلىكى ھەمىمىزگە ئايان. شۆھبىسىزكى، بىر مىللەتنىڭ نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسۇلى ھەر قانچە تەرەققىي قىلسىمۇ، مىللىي ئەزالىرى سەنئەت دېسە جېنىنى بەرگۈدەك پىداكارانە روھقا ئىگە بولسىمۇ، ئۇنداق مىللەت ئىككىنچى بىر مىللەتنىڭ نەزىرىدە رىقابەت ئوبىكتى دەپ تەن ئېلىنمايدۇ. ھەتتا ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللەت دەپمۇ تۇنۇلمايدۇ. ئىنسانىيەت جەمئيىتىدە بىر مىللەتنىڭ سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ياكى كۆلىمىنى رىقابەت كۈچى دەپ قارايدىغان ئادەت يوق. شۇڭا ناخشا-ئۇسۇل، نەغمە-ناۋانىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئىىجتىمائىي ھاياتىدىكى رولىنى بەك مۇبالىغىلەشتۇرۇپ چۈشىنىۋىلىپ «سەنئىتىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونىتىۋاتىدۇ»دەپ بىر تەرەپلىمە قاراشتا ھاياجانلىنىپ يۈرۈش نادانلىق. خەلقىمىز ھېسىيات تىپىدىكى خەلق بولغاچقا ناخشا -ئۇسۇل، نەغمە-ناۋاغا بەك ھېرىسمەن. ناخشا -ئۇسۇل، نەغىمە-ناۋا كىشىنى ئوڭاي ھاياجانلاندۇرىدۇ، ھەم ھوزۇر ھېس قىلغۇزىدۇ. بۇ ئۇنىڭ غىدىقلاش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن بولغان. بىزگە ئوخشاش ھېسىيات تىپىدىكى مىللەت بۇنداق غىدىقلاشقا دۈچ كەلگەندە سۇنى كۆرگەن بېلىقتەكيايراپ ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ. خۇدىنى يۇقىتىپ مەستانە ھېسلارغا چۆمۈلىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ خىل ھالەت ھازىر سېرىق سىزىقتىن ئۆتۈپ قىزىل سىزىققا يېقىنلاپ قالدى. ئىنىقىنى ئېيىتقاندا مىللىي روھىمىزنىڭ چۈشكۈنلەشكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئۆتكەن دانىشمەن بوۋىمىز ئەل فارابى «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى توغرىسىدا » دېگەن كاتتا ئەسىرىدە پاسىق شەھەرنىڭ پۇقرالىرى ئۈستىدە توختىلىپ «بۇ شەھەرنىڭ خەلقى تۇرمۇشنىڭ ماددىي ئىنتىلىشلىرىگە قۇل بولغاندۇر. يىمەك-ئىچمەك، شەھۋەتپەرەسلىك قىلماق، قۇرۇق خىيالغا بىرىلمەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ، بەزمە-مەشرەپ ، كۈلكە چاخچاقلارنى ھەممە نەرسىدىن ۋە ھەممە تەرەپتىن ئۈستۈن قويىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن. ئەل فارابىينىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىكى ئەھۋاللارغا بىر-بىرلەپ باغلاپ باقساق بىز ئۆزىمىزنىڭ پەزىلەتلىك شەھەر پۇقراسى ياكى پاسىق شەھەرنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىزنى دەرھال بىلىمىز. بىز مۇشۇ يىللاردا ئىككىلەمچى ئامىلنى، ماھارەت تىپلىق كىشىلەرنى ھەممىدىن ئۈستۈن قويىۋاتىمىز. بەزمە-مەشرەپلەردىن بېرى كېلەلمەيۋاتىمىز. مەنىسىز كۈلكە-چاخچاقلىرىمىز، بىزەپ يۇمۇرلىرىمىز، پاخپاق پاراڭلىرىمىز سورۇن-سورۇندا ياڭراپ تۇرۇپتۇ. ئاتالمىش ئۇسۇلچى قىزلىرىمىز شەمۇ-شەھەردىكى قاۋاق-قاۋاقلاردا غىلجىڭلاپ تۇرۇپتۇ. ھەر خىل نامدىكى سەنئەت كىچىلىكلىرىنى تۇشمۇ-تۇشتىن ئۆتكۈزۈپ، چوڭ-كىچىك سەنئەت چولپانلىرىمىزغا گۇيا كىۋەزگە سۇلياۋ يۇپۇق ياپقاندەك كەلسە-كەلمەس تون كىيگۈزۈشلەر مۇشۇ كۈنلەردە تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا شۇنداق يەكۈنگە كېلىشكە بولىدۇكى، بۈگۈنكى كۈندە نەغمە- ناۋاسى قانچە كۈچلۈك، تۇي - تۈكۈنى قانچە كۆپ مىللەتنىڭ ئۇزاققا بارمىغان كەلگۈسىدە قايغۇ ھەسرىتى شۇنچە كۆپ، يىغا زارىسى شۇنچە قاتتىق بولىدۇ. مەن بۇ ئارقىلىق مۇتەئەسسىپ مەيداندا تۇرۇپ نەغمە-ناۋانى تەرك ئىتەيلى دېمەكچى ئەمەس. بىرلەمچى ئامىل بىلەن ئىككىلەمچى ئامىلنىڭ رولىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى چۈشنىەيلى، پاراسەت تىپلىق كىشىلەر بىلەن ماھارەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىممىتىنى پەرق ئېتىشنى بىلەيلى، نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسۇلنى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن قويىۋىلىپ سېرىق سىزىقتىن ئۆتكۈزۋەتمەيلى دېمەكچى. نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدىكى « تارىختا تالاي خان- پادىشاھلار ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، سەنئەتكارلار ئۇنتۇلمايدۇ » دېگەن بىمەنە قاراش پەقەت بىزگە ئوخشاش نەغمە- ناۋا، ناخشا - ئۇسۇلنىڭ بەندىلىرىگە خاس قاراشتۇر. سەنئەتكە بولغان بۇنداق ئەخمىقانە مۇھەببەت ھازىر چېكىگە يەتتى. ئاگاھ بولىشىمىز كىرەككى، مىللىي پىسخىكىمىزدىكى بۇ خىل سەنئەت مەستانىلىقى لايىقىدا بولماي چەكتىن ئېشىپ كەتسە، خەلقىمىزنىڭ ھاياتىدا جەزمەن پۇشايمانلىق ئاقىۋەت شەكىللىنىدۇ. خۇددى خەلقارالىق تەسسىرگە ئىگە مىسىرلىق مۇتەپپەككۈر يۈسۈپ قەرزاۋى ئېيىتقاندەك «نەغمە-ناۋا، ئۇسۇل-ناخشا مىللەتنى مۇھىم غايىلىرى ۋە چوڭ مەسسللىرى ئۈستىدە غەم يىيىشتىن گول قىلىدىغان خەتەرلىك قۇرال»دۇر.

قەدىرلىك ئۇسۇلچىمىز كۈرەش ئەپەندى، ئىلھامبەخىش سۆھبىتىڭىزنىڭ تۈرتكىسىدە سىزگە دەيدىغانلىرىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك. ئەركىن-سۆھبەت مۇنازىرىلەر ئوتتۇرىمىزدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.


«ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى      2006-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-30 21:28  

ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3144 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8029 سەر
شۆھرەت
3085 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 23:25:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياىشى  تىما  ئىكەن.كۈرەش رىجەپ ئەپەندىنى    تەنقىتلەش ئەمەس بەلكى . ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىنى  بۇزۇپ  ئويناۋاتقانلارنى  قامچىلاپتۇ. رەھمەت سىزگە
مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟

63

تېما

28

دوست

4820

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1037 سەر
تىللا
184 دانە
تۆھپە
928 سەر
شۆھرەت
954 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 01:12:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرگەنلا كىشىگە نەشتىرىنى سانچىيدىغان ئاداشمۇ نىمە بۇ .ئوبزورچى دەپ قويسا ھەددىدىن ئاشقىلى تۇردى دىسە . ئۆزى تىلىۋۇزۇردا ئوڭلاپ ئىككى ئېغىز گەپ قىلامايدۇ . گەپ قىلغاننىڭ گىپىنى ماتىلاپ تاپمىغان قۇسۇرى قالمايدۇ بۇ ئاداشنىڭ .. تازا لاۋزىلىشىپ كەتتى دە بۇ يالقۇن رۇزى دىگەن .
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن

22

تېما

3

دوست

1236

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
418 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
183 سەر
شۆھرەت
153 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 19:31:54
دوستۇم ئەمدى سىز نىمە دەپ قاغا پۇتى گەپ قىلىۋاتىسىز......؟ئاچچىغىڭىز كەلسىمۇ شۇنى سەمىڭىزگە
سېلىپ قوياي قارىغاندا سىز يالغۇن ئەپەندىنىڭ يازمىسىنى يەنە بىر كۈرۈپ چىقسىڭىز بولغىدەك .

5

تېما

9

دوست

613

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
134 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
117 سەر
شۆھرەت
144 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 20:50:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يالقۇن روزىنىڭ ئوبزورلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتىم، لىكىن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ سەل كۆڭلۈم يېرىم بولدى...  مېنىڭچە كۆرەش ئاكىمىزنىڭ دېمەكچى بولغىنى قانداقتۇ ئافرىقىنىڭ ئۇسۇلى شوخ ياكى ياخشى ئەمەس،  بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرىكى ئۇسۇلى بىلەن ھازىرقىسىنىڭ پەرقى...  كىيىنكى سۆزلىرىمۇ بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىغۇ...

0

تېما

3

دوست

78

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
18 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
14 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 00:45:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

29

تېما

3

دوست

2653

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
666 سەر
تىللا
172 دانە
تۆھپە
477 سەر
شۆھرەت
454 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 14:12:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈرەش رەجەپ ئاكىمىز ئۇيغۇر ئۇسۇلچىلىقى ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن سەنئەتكارىمىز. ئۇنىڭ بىرەر ئېغىز سۆزىگە مۇنداق ئېسىلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەپ قارايمەن.
چۈنكى، نەزىريىۋى سەۋىيە ھەممە ئادەمدە ئوخشاش بولمايدۇ.  
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:08, Processed in 0.384979 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش