پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3620 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  2 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • 阿布都艾尼江  1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 233|ئىنكاس: 3

سىز ئاڭلىمىغان ماقال-تەمسىللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

175

تېما

19

دوست

4917

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1051 سەر
تىللا
261 دانە
تۆھپە
1589 سەر
شۆھرەت
723 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 17:38:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئاڭلىمىغان ماقال-تەمسىللەر
*بوراننىڭ گۈركىرشىگە تاغ تەۋرىمەس (ماقال).
* بېخىلغا قول بىلەن يانچۇقنىڭ ئارسى 40كۈنلۈك يول.
* قارغىشچىنىڭ  ئېغىزغا قاغا چىچسۇن.
* قۇشنىڭ سايرىمايدىغنى يوق ، دۈشمەننىڭ قارغىمايدىغنى.
* دوستۇڭ دوسىت بولسۇن،ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن.
* چىشقاق بالىغا ئىت ئەگىشەر،ھېجايغاق قىزغا يىگىت.
* بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە بەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ ھىيلىسى قىرىق ئېشەككە يۈك.
* ھىيلىگەردىن تۇخۇم ئالساڭ،ئىچىدىن سېرىقى چىقماس.
* چىرايلىقتا ۋاپا يوق.
* ۋاپا تاق، جاپا جۈپ.
* موللىنىڭ يامىنى ۋاراقچى، ئوغرىنىڭ يامىنى قاراقچى.
* ئىشچان خوتۇن سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن خۇتۇن ۋاقچە تۇرۇپ كۇلۇڭنى كولايدۇ.
* ئاپەت كۆرمەي دېسەڭ ھۇشيار بول.
* تۆگىنىڭ مازار بىلەن ئىشى يوق، سىيگەكنىڭ كېگىز بىلەن.
* باللىق ئۆي بازار، بالسىز ئۆي مازار.
* كۆز قورققاق ،قول باتۇر.
* ئەندىشنىڭ ئېتى قورققاق.
* ئورۇق كالىنىڭ پوقى يوغان.
* ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك.
* باردا پولدۇرۇڭ-پولدۇرۇڭ، يوقتا قاراپ ئولتۇرۇڭ.
* دورامچۇقنىڭ ئاغزى پۇچۇق.
* دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە.
* پۇرۇچ يىغساڭ تون بۇلۇر.
* كېيىنكى پۇشمان ئۆزۈڭگە دۈشمەن.
* ئامبال ئوت قويسا يوق سوراق،پۇقرا ياقالمايدۇ جىن چىراغ.
* ھارۋىنىڭ جابدۇقى پۈتمەس ، خوتۇن كىشىنىڭ كىيىمى پۈتمەس.
* بوغۇزنى پۈتۈن يېسە ، ئايغىدىن تۈتۈن چىقار.
* يىمەي تويدۇم بۇ شالنىڭ كۈرمىكدىن، پۈتۈن چىقتى ق**ۇمنىڭ پۈرمكدىن.
* سۈت ئىچىپ ئاغزى كۆيگەن قېتتىقنىمۇ پۈۋلەپ ئىچەر.
* زاغرا نان قېتتىققا ياخشى،قېرى كالا پېتىققا ياخشى.
* ئەخمەقنى ناماز ئوقۇ دېسە، پىشانىسنى يېرۋالار.
* بۇلۇتنىڭ قەدرى يوق ئاي يېنىدا، پېقىرنىڭ قەدرى يوق باي يېنىدا.
* بايلىق بىلەن پېقىرلىق ئىككىسى ئىككى ئات.
* ئۆردەك گۆشى يىسەڭ غازنىڭ پېيدە بول.
* پىتنىخورنىڭ سۆزى يامان، سۆزىدىنمۇ ئۆزى يامان.
* گەپنىڭ يامىنى پىچىر، ئاتنىڭ يامىنى قېچىر.
* كېڭەش بىلەن پىچىلغان تون قىسقا كەلمەس.
* مىڭ پىراقتىن بىر ئەلەم يامان.
* پىشقان قوغۇن ساپقىدا تۇرماس.
* بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، پىشسىمۇ ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس.
* پىلانسىز ئىش يوق ئىش.
* پىل بىلەن دوسىت بولساڭ، پىلخاناڭنى راسلا.
* ئاتلىق يالغۇز ماڭغۇچە، پىيادە بىللە ماڭ.
* ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام.
* خوتۇن قالسا ئەر تاپار، ئەر قالسا مال تاپار.
* ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق، ھورۇننىڭ جېنى تاتلىق.
* توخۇنى تاخ دېمە، مۈشۈكنى پەش دېمە.
* نادان قازانغا قارايدۇ، تادان ئوچاققا .
* قىش ئوچىقى تار، قوپ ئۆيۈڭگە بار.
* تاي تىپىرلايدۇ، ھارۋىنى ئات تارتىدۇ.
* ئەخمەققە مەنسەپ تەگسە، قوتانغا زەدىۋال تارتار.
* كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ  ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.
* ئۆي تارلىقىدىن كۆڭۈل تارلىقى يامان.
* بەل باغلىغان بىلەن ئەر ئەمەس،باش تارىغان بىلەن خوتۇن.
* ئېشىمنى ئاز دېمەڭ، بېشىمنى تاز دېمەڭ.
* بىكار بولساڭ كېپەك تاسقاپ يە.
* تاشنى سوقسا قۇم بۇلۇر ، تۈمۈرنى سوقسا قىل بۇلۇر.
* ئۆچكە تاغدا پۇل ، ئۈزۈم باغدا پۇل .
* دەرت كەلسە جۈپ ، دۆلەت كەلسە تاق .
* تاقىسىز ئېشەك تاشتا يۈرەلمەس .
* ئۆلگەن بولسا ئېڭىكىنى تاڭاي ، تىرىك بولسا يارىسىنى تاڭاي .
* بارلىق ياراشتۇرىدۇ ، يوقلۇق تالاشتۇرىدۇ .
* ئاقساق يول تالىشار ، پىخسىق پۇل تالىشار .
* تاما - تاما كۆل تۇلار .
* پۇل - پىششىق تاماق .
* تامچە سۇدا تال كۆكىرەر .
* تامغىلىق مال يۇقالماس .
* ئاغزىدىن ھەسەل تامىدۇ ، كۆڭلىدىن زەھەر تامىدۇ .
* تويغا بارساڭ تويۇپ بار، تاۋار تورقا كىيىپ بار .
* ئايدا كەلگەنگە ئاياغ ، كۈندە كەلگەنگە تاياق .
* ياتقان ئورنىڭدىن تايىنىپ قوپما .
* ئات ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق .
* ئالدىرىغاننىڭ ئوشۇقى تېيىپتۇ .
* ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن .
* ئاتنىڭ تەپكىنىگە ئات چىدايدۇ .
* تەدبىرىڭ قانداق بلسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بۇلار .
* ئالتۇن چىقىدۇ يەردىن ، بەخىت كېلىدۇ تەردىن .
* ئۆينىڭ تۆرىگە قارىما ، سايىبخاننىڭ تەرىگە قارا .
* تەرگىسەڭ تېرىق بۇلىدۇ ، تەرگىمىسەڭ ئېرىق .
* كېسەلنىڭ كىلىشى ئاسان ، كېتىشى تەس .
* تامچە سۇ تاشنى تېشەر .
* بېلىق دەريادا سۇغا تەشنا .
* تەر بىلەن كەلگەن ، تەشنالىققا داۋا .
* تاز باشقا يېشىل تەقىيە .
* سۆزۈڭ تاتلىق بولسىمۇ ، تەكرار سۆزلىمە .
* گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار ، ساقالنىڭ تۈۋىدە خەپ بار .
* باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە ، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە .
* ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي ، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە .
* تەڭ تېڭى بىلەن ، تېزەك قېپى بىلەن .
* تەن ساقلىق - تەڭدىشى يوق بايلىق .
* مەن قىلارمەن ئوتتۇز ، تەڭرى قىلار توققۇز.
* تەڭشەلمىگەن ئالەم ماتاكقا سالمىغان جان .
* قورققان مۇش تەڭلەر .
* كىشى نان تەڭلىسە يىمەيمەن دېمە ، قۇلۇڭغا ئال ، يېمىسەڭ يېمە .
* تەلەيلىكنىڭ خوتۇنى ئۆلەر ، تەلەيسىزنىڭ ئۆيى كۆيەر .
* غوجامنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن ئىشى يوق.
* چوڭ توقاچ پىشقۇچە كىچىك توقاچ كۆيۈپتۇ.
* قورساقنىڭ توقلۇقى، كۆڭۈلنىڭ شوقلۇقى.
* تۇغقاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى.
* توغرا سۆزنىڭ توقمىقى بار.
* ئاتتىن ئايرىلساڭمۇ،توقۇمىدىن ئايرىلما.
* توكورنىڭ يۇلى كۆپ، گاچىنىڭ ئېپى كۆپ.
* پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ،پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ.
* ھاپتىغا شاپتى، توڭىرلىققا مەرەزدا.
* قېرى دوڭغاق كېلەر،سوغوقتا توڭغاق كېلەر.
* توخۇ توڭغانسېرى دەرەخنىڭ ئۇچىغا چىقار.
* ئۇماچ ئىچىپ چىش كولاپتۇ، مۇز يالاپ بۇرۇت تولغاپتۇ.
* ئوڭ ئايا،سول ئاياغ،بىزنى قىلدىڭ تومتاياق.
* تونلۇققا كۆپ سوغوق ، تونسىزغا ئاز سوغوق.
* توي-تونلۇقنىڭ، ھېيىت ئاتلىقنىڭ.
* بېخىل باي بولسا، ئانسىنى تونۇماس.
* ياخشى مالنى تونۇشقا كۆز كېرەك،ناچار مالنى سېتىشقا سۆز كېرەك.
* سەدىقە بالانى يەر ، توۋا گۇناھنى يەر.
* تويدىن يامانلىساڭ، توي قىلىپ كۆر.
* ئوۋنى ئوۋلا ئوۋچى بىلەن،توينى ئوينا تويچى بىلەن.
* يەر تويدۇرار، ئوت كۆيدۈرەر.
* تويمىساڭ تويۇڭدا تۇيارسەن.
* كىشىنىڭ قولى بىلەن يىلان تۇت.
* كۆپ سۆزلىگەن تۇتۇلار، ئاز سۆزلىگەن قۇتۇلار.
* گەپ دېگەننىڭ تۇرغۇچى بار.
* تىز پۈكۈپ ياشىغاندىن تىك تۇرۇپ ئۆلگەن ياخشى.
* گالدا نان تۇرسا،سۇغا يۈگۈر،گالدا سۇ تۇرسا، گۆرگە يۈگۈر.
* ئادەمنىڭ تەمى سۆز بىلەن،  ئاشنىڭ تەمى تۇز بىلەن.
* تۇزۇڭنى يەپ تۇزلۇقۇڭغا چىچاي.
* سۇ كەلگۈچە تۇغان سال.
*  تۇغماس خوتۇن شۈمەك يىغىپتۇ.
* چۆگۈن ئالساڭ چەپچەكلىكنى ئال، خوتۇن ئالساڭ ئەمچەكلىكنى ئال.
* تۇغۇۋالمىغۇچە، بالا بولماس.
* توخۇ سەمرىسە،تۇغمىقى تەس؛ ئادەم سەمرىسە، قوپمىقى تەس.
* سوراقچىدىن تۇڭچى يامان.
* چالا تىلماچ ئادەم ئۆلتۈرەر.
* خوتۇن كىشىنىڭ تۇللۇقىدىن ئەر كىشىنىڭ بويتاقلىقى يامان.
* جان تۇمشۇققا كەلگۈچە جان بەرمە.
* ئادەم قۇلاقتىن سەمرىيدۇ، ھايۋان تۇياقتىن.
* تۆشۈك قۇلاق نىمىنى ئاڭلىماس.
* يىرتىق تۆشۈكتىن كۈلەر،چۆمۈچ قازاندىن.
* تۆشۈك مونچاق يەردە ياتماس،يەردە ياتسا توپا باسماس.
* قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونچۇڭغا.
* ئون تال يىڭنىنى سوقسا،بىر تال تۆمۈنە بولماس.
* تۆھمەت تاش يارىدۇ، بايقىمىساڭ باش يارىدۇ.
* تۆھمەتخور ئاخىرى تۆھمەت بىلەن ئۆلەر.
* مېۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۈۋەن.
* تۈتۈننىڭ ئاچچىقنى مورا بىلەر.
* ئەركىشىگە يەتمىش تۈرلۈك ھۈنەر ئاز.
* تاي ئات بولغۇچە، ئەر مات بۇلار.
* ئۆتمەس ماتا زورلاپ ساتا.
* دۇمباقنىڭ ئاۋازى يوغان،ئىچى قۇرۇق،ماختانچاقنىڭ گېپى يوغان،مېغىزى يوق.
* بار ماختانسا ئېچىلىدۇ،يوق ماختانسا چېچىلىدۇ.
* دوسىت كەينىڭدە ماختار ، دۈشمەن ئالدىڭدا ماختار.
* ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەخمەق خوتۇنىنى ماختايدۇ.
* ياخشىنىڭ ئىزى قالىدۇ، ياماننىڭ مېزى.
* قوشتا يوق،ماشاقتا يوق،خاماندا بار.
* بېشىڭنى كىم سىلسا،ماشايىخىڭ شۇ،يېنىڭدا كىم ئولتۇرسا ،چىرايلىقىڭ شۇ.
* يۇمشاققا ماقۇل، قاتتىققا ياق-ياق.
* پىچاق گۆشكە ماڭار،سۆڭەككە ماڭماس.
* مېلى بارنىڭ مېلىغا،مېلى يوقنىڭ جېنىغا.
* ماندارلىقتا ئات ئۆلمەس، ئەمەنلىكتە ئەر ئۆلمەس.
* ئورۇق قوينىڭ مايىقى چوڭ.
* ئاغزى قايماق، كۆڭلى مايماق.
* غەرەزدىن غەرەز  تۇغۇلار، تاز باشتىن مەرەز.
* مەردنى مەيداندا سىنا.
* مەردنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن.
* كۆپ ئاتقان بىلەن مەرگەن بولماس، كۆپ سۆزلىگەن بىلەن چېچەن بولماس.
* <<تۇر تۇر>> كۆپ بولسا ، ئۇيقۇدا مەززە يوق.
* مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس.
* چۆچۈرە يىمەكتىن مەقسەت گۆش يىمەك.
*ئون سوقۇرنىڭ توققۇزى مەككار.
* يولۋاس ياتقىندىن مەلۇم.
* تېرىق قۇلقىدىن، بالا كىچكىدىن مەلۇم.
* سەن ئۆل مەن تىرىلەي.
* مەنمەنلىك-شەيتانلىق.
* ئۆزۈڭنى مەھكەم تۇت،قوشناڭنى ئوغرى تۇتما.
* قۇرساقنىڭ مەيلىچە بولسا، ئابرۇيۇڭنى قوشۇپ يەر.
* ئادەمنىڭ سۆلىتىگە قارىما، مېھنىتگە قارا.
* ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس.
* ئۇستا باردا قولۇڭنى تارىت،موللا باردا تىلىڭنى تارت.
* قازى بىلەن قالامسەن،مۇپتى بىلەن كېتەمسەن.
* يازدا توڭلىغان قىشتا مۇزلايدۇ.
* مۇساپىر ئىتنىڭ قۇيرۇقى ئىچكىرى.
* مۇساپىر بولمىغۇچە،مۇسۇلمان بولماس.
* مۇسۇلمانچىلىق ئاستا - ئاستا بۇلىدۇ.
* مۇشەققەتسىز ھۈنەر بولماس.
* ئاش بەرگەنگە ، مۇشىت بېرىپتۇ.
* ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرىت ھەر مۇقامدا يورغىلار.
* بىر سۆزلىشىپ مۇڭداش دېمە، بىللە مېڭىپ يولداش دېمە.
* مۇھەببەتنى سېتۋالغىلى بولماس.
* ياشلىقىڭدا ئۆگەنگەن تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك.
* بىر مۈدۈرگەن ئون مۈدۈرەر.
* ئاۋۋال چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۆڭگۈز ئېشىپ كېتەر.
* ئىت دېسەڭ قۇيرۇقى يوق، ئۆچكە دېسەڭ مۆڭگۈزى يوق.
* ياۋاشنىڭ مۆڭگۈزى ئىچىدە.
* ياخشى مۈلۈك ھېكىمنىڭ، بۇزۇلغاندا ھېچكىمنىڭ.
* چۈجىنىڭ شۇملۇقىدىن مېكياننىڭ ئەمچىكى يوق.
* مېۋىسىز دەرەخنى قاقما.
* بىلىمسىز ئادەم- مېۋىسىز دەرەخ.
* ئاتا كەسپى بالىغا مىراس.
* مىھنەتتىن قاچما،مىننەتتىن قاچ.
* ئىشلەپ يىگەن لەززەتلىك، تىلەپ يىگەن مىننەتلىك.
* قىز بالنىڭ يىغلىغىنى- نازلىغىنى.
* تاپقىنى ناماقۇللۇقتىن ئاشماپتۇ.
* قىز چوڭ بولسا گەپ تۇلا، ئوغۇل چوڭ بولسا نەپ تۇلا.
* ۋالاقتەگكۈر گەپ بەرمەس،سۇنۇق كەپكۈر نەپ بەرمەس.
* دوسىتقا مۇھەببەت،دۈشمەنگە نەپرەت.
* ئاش نەرقى ئاسمان.
* بىر ئاتا ئون بالنى بېقىپتۇ، ئون بالا بىر ئاتىنى باقالماپتۇ.  
* نەزرى ئۈستۈن نەرقى پەس.
* نەقتىن ھەسەل چىقتى،نېسىدىن كېسەل .
* يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر.
* ئاتنىڭ نوختىسى ئېشەككە توغرا كەلمەپتۇ.
* ئېغىزنىڭ نوختىسى يوق ،تىلنىڭ سۆڭكى.
* نوختىلانغان ئات يېتلەككە ماڭار.
* ئەرگە بىر نۆۋەت ،يەرگە بىر نۆۋەت.
* ئانسى ناننى نىپىز ياقىدۇ،بالسى تويماي قوشلاپ يەيدۇ.
* نېسى يىمەڭ گۆشنى ، يېرىپ چىقىدۇ تۆشنى.
* ئېشىمدا يوق پۇرچاق پوقۇمدا نىمە قىلار.
* قاسساپ تۆت سەركەم بار دەپ ئۆلەر، جۇۋىدار نىمئششەك كىم دەپ ئۆلەر.
* يىگىتلىككە ھەشەم كېرەك، ھاجىلىققا ھەرەم.
* غالجىر خۇدانى بىلمەس، ئىت ھارامنى.
* يول يۈرگەندە ئېتىڭ ھارمىسۇن، قېرىغاندا ئايالىڭ ئۆلمىسۇن.
* قارىغۇ ھاسسىنى بىر قېتىم يۇقىتار.
* ھاقارەتلىك تۇرمۇشتىن ساداقەتلىك ئۆلۈم ياخشى.
* ئۇنچى ھاكچىنى كۆرەلمەپتۇ.
* قاراڭغۇ دەپ ھاڭۋاقما، يورۇقلىقنى ئىزلەپ تاپ.
* بار بارى بىلەن، يوقى ھالى بىلەن.
* دۈشمىنىڭگە ھال ئېيىتما، كۈلگىسى كېلىدۇ؛ دوستۇڭدىن سىر ئايىما،بىلگۈسى كېلىدۇ.
* ھالىڭغا بېقىپ ھال تارىت ،خالتاڭغا بېقىپ ئۇن تارىت.
* ئېشەكنىڭ ئۆزى ھارام، كۈچى ھالال.
* تەر   قىلغان -ئەتكەننى  ھالاللايدۇ.
* جاپا چەكمىگۈچە ھالاۋەت يوق.
* بورىچى ھالۋىچى بولسا كۆزىنى چاپاق بېسىپتۇ.
* ھاماقەتنى ھارماڭ دېمە، ھارغاندا ئۆزى توختايدۇ.
* ئوت كۆرۈنگەن يەرگە بارما، ئىت ھاۋشىغان يەرگە بار.
* كىشىدىن ھايا كەتسەئورنىغا بالا كېلەر.
* ھايا يوق يەردە ئىمان يوق.
* ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا.
* ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن،جايلايدۇ ھەرباب بىلەن.
* ھەركىم باتۇرغا باتۇر.
* بولسا ھەرنىمە ئوخشايدۇ.
* قورقۇنچاق ھەسەتخور بۇلار،نامەرد قەسەمخۇر بۇلار.
* تىلى ھەسەل،دىلى زەھەر.
* داۋاسىز دەرد بولماس،ھەسرەتسىز قېرى.
* مەن بارالماي ھەلەك،ئۇ بارمايمەن دەپ ھەلەك.
* يەر ھەيدىسەڭ كۈزدە ھەيدە، كۈزدە ھەيدىمسەڭ يۈز ھەيدە.
* ئون تازنىڭ توققۇزى ھەييار.
* يولۋاسقا يۇلۇقما، يۇلۇقساڭمۇ ھولۇقما.
* ھورۇن ئېشەك يۈكنى ئېغىر كۆتۈرەر.
* سەھەردە ھاۋشغان ئىتتىن قورق.
* بۇلبۇل گۈل بار يەردە، ھۆرمەت دوسىت بار يەردە.
* كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قۇلىدا.
* ئوچىقىمنىڭ چىشى يوق، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
* ھۈنرى بار قول ئۆلمەس.
* گۆھەرلىك بۇلۇشتىن،ھۈنەرلىك بۇلۇش ئارتۇق.
* كۆپنى بىلمىگەن ئازنى ھېچ بىلمەس.
* ئۆچكىنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئېچىلىپ قالسا ھۇيىت-ھۇيىت.
بەختىيار ئوبۇلقاسىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

482

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5665 سەر
تىللا
1771 دانە
تۆھپە
6472 سەر
شۆھرەت
4273 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 17:57:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ماقال تەمسىللەركەن رەخمەت سىزگە . مۇنبەرداشلار بۇ ماقال تمسىلنى ساقلاپ قۇيۇپ كۇرۇپ قۇيۇڭلار . 10-  ئاينىڭ 11- كۈندىكى كەسپىي ئىنتاھانغا پايدىسى بۇلۇپ قالغۇسى دەپ قارايمەن .
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

406

تېما

56

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5038 سەر
تىللا
2201 دانە
تۆھپە
8455 سەر
شۆھرەت
3654 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 20:48:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مول ھېكمەتلەر يۇغۇرۇلغان ماقال-تەمسىللەر ئىكەن، رەخمەت سىزگە.
ئۆچكىنىڭ دائىم ئوچۇق تۇرسا گەپ يوق، قوينىڭ بىر قېتىم ئېچىلىپ قالسا ھۇيىت-ھۇيىت

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

63

تېما

28

دوست

4820

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1037 سەر
تىللا
184 دانە
تۆھپە
928 سەر
شۆھرەت
954 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-1 15:04:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ خېلى نۇرغۇنلىرىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن . بىلىۋالدىم ھەم ساقلىۋالدىم مانا . رەھمەت سىزگە !
بايرىمىڭلارنى تەبرىكلەيمەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:36, Processed in 0.377008 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش