پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3620 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 阿布都艾尼江  5 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى بارلىق باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر . ھەممىڭلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان . تىماڭلارنىڭ سەھىپىسىگ...

  • 阿布都艾尼江  1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقۇرغۇچىلار ئۈزەڭلار تەسىقلىغان تىمىغا. ئۈزەڭلار  تەپسىلى قاراپ ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈتىنىمەن

  • سىرداش ئۈلۈشكۈن 23:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى دەرس تەييارلىقىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇپ يوللاڭلار.  باھالاشتىن چۈشۈپ قالمىسۇن...

كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 0

ئالتۇن ھەپتىدە ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەتنى ئويلىشىپ قويۇڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

197

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3145 سەر
تىللا
483 دانە
تۆھپە
8030 سەر
شۆھرەت
3086 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 16:41:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن ھەپتىدە ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەتنى ئويلىشىپ قويۇڭ

مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى


   بۇ يىل تاۋۇز چاغىنى بىلەن دۆلەت بايرىمى بىللە كەلگەچكە سەككىز كۈن قويۇپ بېرىلىدىغان بولدى. بۇ سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىشتا نۇرغۇن كىشى ساياھەتكە چىقىشنى، ئاتا – ئانا، ئۇرۇق –تۇغقانلىرىنى يوقلاشنى پىلانلىماقتا. مەيلى باشقا جايغا بېرىڭ ياكى ئۆيىڭىزدە ئارام ئېلىڭ، ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغان مەبلىغىڭىز ئارام ئېلىپ قالمىسۇن.

   ئالتۇن ھەپتىلىك دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئېشىنچا مەبلەغنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە قىممىتىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى بارمۇ – يوق؟ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەتتۇر. جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شۆبە بانكىسى مەبلەغ كەسپىي بۆلۈمىنىڭ روزغارچىسى ئەسقەر جاپپار بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئالتۇن ھەپتىلىك دەم ئېلىش مەزگىلىدە پاي چېكى، فوند بازىرى قاتارلىق مەبلەغ بازارلىرى تاقىلىدىغان بولغاچقا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن نەق پۇلى ئاكسىيە ھېسابىدا ساقلىنىپ تۇرىدۇ، كىچىك كارخانىلار دائىملىق خىراجەت مەبلىغىنى، شەخسلەر ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغان ئېشىنچا پۇللىرىنى بانكىغا قەرەلسىز ئامانەت قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بانكىلار ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەت مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇ دەل يۇقىرىقى كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ تاللىشىغا باپ كېلىدۇ.

   ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەت مۇئامىلىدارلار پۇلنى ئامانەت قويغاندا بانكا بىلەن ئامانەت قويۇش قەرەلىنى ئالدىن بېكىتمەيدىغان، لېكىن پۇلنى ئېلىشتىن ئىلگىرى بانكىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ بەلگىلەنگەن كۈنى ھېساب بوغۇپ ئۆسۈم ھېسابلايدىغان پۇل ئامانەت تۈرىدۇر. بۇنداق پۇل ئامانەت ئادەتتە ئەمەلىي ئامانەت قويۇلغان قەرەلى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇئامىلىدارلارنىڭ پۇلنى ئېلىشتىن بۇرۇنقى تەلىپى بويىچە بىر كۈنلۈك ۋە يەتتە كۈنلۈك، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. يەنى بىر كۈنلۈك ئۇقتۇرۇشلۇق ئامانەتنى ئېلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، يەتتە كۈنلۈك ئۇقتۇرۇشلۇق ئامانەتنى ئېلىشتىن چوقۇم يەتتە كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئەمەلىي ئامانەت قويۇلغان ۋاقىت يەتتە كۈنگە توشمىسا، قەرەلسىز ئامانەتنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.

   ئەسقەر جاپپارنىڭ تونۇشتۇرۈشىچە، شەخسلەر ھېسابىدىكى ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەتنىڭ باشلىنىش سوممىسى 50 مىڭ يۈەن، كارخانىلار ھېسابىدىكى ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەتنىڭ باشلىنىش سوممىسى 500 مىڭ يۈەن بولىدىكەن. تور بانكىسى مۇلازىمىتى ئاچقان مۇئامىلىدارلار ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەتنى بانكىغا بارمايمۇ تور بانكىسى ئارقىلىق بېجىرەلەيدىكەن. نۆۋەتتە بانكىلار بېجىرىۋاتقان بىر كۈنلۈك ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەتنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى % 0.8، يەتتە كۈنلۈك ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەتنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى % 1.35 بولۇپ، قەرەلسىز ئامانەتنىڭ % 0.35 لىك ئۆسۈم نىسبىتىدىن ئۈچ – تۆت ھەسسە يۇقىرى ئىكەن. بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغان ئېشىنچا مەبلەغنى ئۇقتۇرۇشلۇق ئامانەتكە قويغاندا مەبلەغنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

   ئەگەر بۇ يىلقى سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئىشلەتمەيدىغان 100 مىڭ يۈەن مەبلىغىڭىز بولسا، ئۇنى بانكىغا سەككىز كۈنلۈك قەرەلسىز ئامانەتكە قويسىڭىز 7.67 يۈەن ئۆسۈم كىرىمىگە ئېرىشىسىز؛ يەتتە كۈنلۈك ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەت بېجىرسىڭىز 25.89 يۈەن ئۆسۈم كىرىمىدىن سىرت يەنە بىر كۈنلۈك قەرەلسىز ئۆسۈم كىرىمى 0.96 يۈەنگە ئېرىشىسىز. يەنى سەككىز كۈنلۈك پايدىڭىز قەرەلسىز ئامانەتنىڭكىدىن 3.5 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭدا ئامانەت قويىدىغان مەبلەغ قانچە كۆپ بولسا ئېرىشىدىغان ئۆسۈم كىرىمىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئادەتتە ئۇقتۇرۇشلۇق پۇل ئامانەتنىڭ ئۆسۈم ھېسابلاش قەرەلى يەتتە كۈن بولۇپ، پۇلنى يەتتە كۈن توشماي تۇرۇپ ئېلىۋالسىڭىز، يەنىلا قەرەلسىز پۇل ئامانەتنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئۆسۈم ھېسابلىنىدۇ.

مۇنبەرنىڭ  سەھرى جىمجىت  ئىدى ھازىر  كەچلىكىمۇ جىمجىت بوپ قالدىغۇ؟
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 01:40, Processed in 0.144393 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش