«جازالاش»مۇ تەلىم-تەربىيىنىڭ بىر خىل ۋاستىسى يېقىندا بىر مەكتەپتە مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن:بىر ئوقۇغۇچى داۋاملىق كېچىككەنلىكى ئۈچۈن ،سىنىپ مەسئۇلى ئۇنى ئۆرە تۇرۇپ دەرس ئاڭلاشقا بۇيرۇغان .ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا- ئانىسى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن،مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئەرىز قىلىپ قاتتىق گەپ قىلغان.ئەمما سىنىپ مەسئۇلىمۇ بۇنىڭدىن ئاغرىنىپ:«ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان بۇنداق ئوقۇغۇچىغا ئاز تولا جازا بېرىلمىسە ،ئۇنى قانداق تۈزىگىلى بولسۇن،باشقا ئوقۇغۇچىلارنى قانداق باشقۇرالايمەن؟»دەيدۇ.
ھازىر ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار مەۋجۇت،مەسىلەن،دەرىسكە كېچىكىپ كېلىش،باشقىلار بىلەن مۇشىتلىشىش ،كىچىك ساۋاقداشلىرىنى بوزەك قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ،بەزى ئوقۇتقۇچىلار مەلۇم ۋاستىلارنى قوللىنىپ جازالايدۇ،ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا قانداق قاراش كېرەك؟ئەمەلىيەتتە،ئادەم تەربىلەش ئۇسۇلى ھەرخىل بولۇپ،«جازالاش»مۇ بۇنىڭ بىر خىلى ھىساپلىنىدۇ.ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى كىچىك ۋە بىلىم سەۋىيەسى چەكلىك بولغاچقا ،ئويۇنغا قىزىقىپ ،شوخلۇق قىلىدۇ،ئۇلارغا ئىجابى جەھەتتىن ئىلھاملاندۇرۇش،تەربىيە بېرىش،قايىل قىلىشتىن باشقا ،مۇۋاپىق جازا بېرىشمۇ زۆرۆر دەپ قارايمەن.ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن نەسىھەتنى قايتا-قايتا بېرىشنىڭ ئورنىغا ،بىرەر قېتىم مۇۋاپىق جازالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.قىسقىسى،«جازا تەربىيىسى»بولمىغان تەربىيە مۇكەممەل تەربىيە بولالمايدۇ.جازا تەربىيىسى بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش تەربىيىسى بىر-بىرىنى تۇلۇقلايدىغان تەربىيە،ئىككىلىسى مۇھىم تەربىيە ۋاستىسىدۇر.
ھازىر مەكتەپلەردە مۇنداق بىر ئەھۋال ساقلانماقتا:ئوقۇتقۇچى نورمال ئوقۇتۇش تەربىيىسىنى قوغداش ئۈچۈن ،بالىلاردا كۆرۈلگەن قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا جازالاش ۋاستىسى قوللانسا،ئاتا- ئانىلار خەۋەردار بولغاندىن كېيىن ،ئەرىز قىلىشنى باشلايدۇ،جامائەت پىكرىمۇ بىر تەرەپلىمە ھالدا مەكتەپنى،ئوقۇتقۇچىنى ئەيىپلەيدۇ،نەتىجىدە مەكتەپمۇ ،ئوقۇتقۇچىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.
ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىسىغا كۆيۈنۈشنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ،ئەمما ،مائارىپ ۋاستىسىنىڭ بىرى بولغان جازا،تەن جازاسىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.تەن جازاسى دۆلەت قانۇنىدا ئېنىق چەكلەنگەن،ئەمما جازا تەربىيىسى ئوقۇتۇش پائالىيىتىدە ئەزەلدىن ساقلىنىپ كەلگەن ئادەم تەربىلەش ۋاستىسى .ئوقۇتقۇچى جازانى بالىنىڭ كىشلىك ھوقوقى ۋە ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋەسىيلىك ھوقوقىغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ،ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلالايدىغان ئاساستا بېرىش كېرەك.بەزى ئوقۇتقۇچىلاردا تەجرىبىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بۇنى توغرا بىر تەرەپ قىلالماسلىق ئەھۋال كۆرۈلگەندە ،ئاتا- ئانا ئوقۇتقۇچى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ ،چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى ناھايىتى مۇھىم.
مېنىڭچە ،بالىنى مۇۋاپەقىيەتلىك تەربىلەش ،ئوقۇتقۇچى ،ئاتا- ئانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى،پەقەت بىرلا تەرەپنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشى يېتەرلىك بولمايدۇ شۇڭا ،مەن ئاتا- ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى چۈشۈنۈپ،مائارىپنىڭ ماھىيىتىگە ئەھمىيەت بېرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
|