«خىزمەت يوقمۇ، ساپامۇ»غا دېئاگونۇز ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت مەن تۇردى لېتىپ ئەپەندىمنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى«خىزمەت يوقمۇ، ساپامۇ»دېگەن يازمىسىنىڭ تۇنجى ئابزاسىنى ئوقۇپلا، ئۇنىڭدىكى نۇقتىئىينەزەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقاپ، مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان بىر قىسقا ئىنكاس قالدۇرغان ئىدىم. دەرۋەقە، بۇ قىسقا ئىنكاسىمغا تېما يوللىغۇچى شام ئەپەندىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى كۆپ مۇنبەرداشلار، جۈملىدىن مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار نارازىلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەپ ئىنكاس قايتۇردى. بۇنداق بولۇشىدا ئىككى تۈرلۈك سەۋەپ بار: بىرى، مەن شام ئەپەندىمدەك مۇنبىرىمىزنىڭ غوللۇق بىر ئەزاسىنىڭ بۇنداق بىر ناچار يازمىنى مۇنبەرگە يوللىغىننى ۋە ئۇنىڭ تەستىقلانغىنىنى توغرا تاپمىدىم، شۇنىڭ بىلەن شام ئەپەندىمگە مۇنبىرىمىزگە يېڭى قەدەم قويغان ھەۋەسكارلارغا قويۇدىغان تەلەپ ۋە قايتۇرىدىغان ئىنكاستىن پەرقلىق ھالدا يۇقىرى تەلەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇردۇم. لېكىن، ئىنكاسنىڭ قوپال كەتكىنى ماڭا ئايان بولسىمۇ،«دوست ئاغرىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ(ئېيتار)»دېگەن بىباھا ھېكمەتنى شام ئەپەندىمنىڭ سەمىگە سېلىپ قويۇش كۇپايە دەپ قارىدىم. يەنە بىرى، مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز مۇنبەرگە يوللانغان ھەرقانداق بىر يوللانمىغا ھە دېسىلا قېلىپلىشىپ قالغان، ھېچقانداق قىممىتى بولمىغان پۈچەك ئىنكاسلارنى قايتۇرۇشقا، قارىسىغا ماختاپ ئۇچۇرۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان. مېنىڭچە، ھەر بىر ئىنكاس چوقۇم بىر مىكرو ئوبزور بولۇشى كېرەك! مەسىلەن: ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شېئىرغا«ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز! يەنىمۇ تىرىشىڭ»دېگەندەك ئىنكاسلارنى يېزىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟! بۇ مۇنبەردىكىلەر بىر تال كەمپۈت ياكى كەمپۈت سۆزدىن ئۆزىگە غايەت زور مەنىۋىي ئېنىرگىيە قوبۇل قىلىدىغان يەسلى بالىلىرىمۇ ياكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ؟ ئەگەر سىز ئۇ شېئىرنى ھەقىقەتەن مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى بولسىڭىز، ئەقەللىيسى ئۇنىڭدىكى شېئىرىي تىل ئالاھىدىلىكلىرى، تىل مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىجادىيلىقى، ھېس-تۇيغۇنى ئىپادىلەشتىكى خاسلىقى، شېئىرىي ئوبراز يارىتىشتىكى ۋە شېئىرىي ئىماگلارنى قوللىنىشتىكى ئۆزگىچىلىلىرىنى كۆرسىتىش كېرەكقۇ! مۇشۇنداق بولغاندا يازغان ئىنكاسىمىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچى، باشقىلارنى يېتەكلەشتە رولى بولمامدۇ؟! مەن«خىزمەت يوقمۇ، ساپامۇ»دېگەن يازمىغا يازغان ئىنكاسىمغا يەنە قانداق ئىنكاسلار چۈشەر دەپ خېلى ئۇزاق سۈكۈت قىلىپ تۇردۇم. ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتىگە قاراپ چوڭقۇر ئويغا پاتتىم، مىللىي مائارىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىزلىقىدىن ئېچىندىم. ئىنكاسلار بېسىققاندەك قىلىۋىدى، ئاخىرى مەلۇم بىر داڭلىق يازغۇچىغا مۇھەررىر ئەپەندىمنىڭ بەرگەن ئەپچىل جاۋابى (سېسىق تۇخۇمنى يېمەي تۇرۇپ پەرق قىلغىلى بولغاندەك، بىر ناچار ئەسەرنى تولۇق ئوقۇماي تۇرۇپمۇ پەرق قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى جاۋاب خەت) ئېسىمدە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى ئىنكاسىمدا دېيىلگەندەك، بۇ يازمىنى باشتىن-ئاخىر ئوقۇشقا مەيلىم بولمىسىمۇ، ئۇنى لېۋىمنى چىشلەپ تۇرۇپ بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. مەقسىتىم مۇنبەرداشلارغا بۇ يازما ۋە ھېلىقى قوپال ئىنكاسىم ھەققىدە ئىزاھات بېرىش. ئەمدى، ئەسلى گەپكە قايتىپ، ئۆزەمنىڭ «خىزمەت يوقمۇ، ساپامۇ»دېگەن يازمىغا بولغان قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. 1. «خىزمەت»دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنىسى «ئوكيانۇس»(辞海(تا«خىزمەت»دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنىسى مۇنداق شەرھىلەنگەن: ئەقلىي ئەمگەك ياكى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىش، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ماشىنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. (工作:从事脑力或体力劳动; 泛指机器发挥生产作用) ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان«خىزمەت» دېگەن ئۇقۇم دەل يۇقىرىقى مەنىدە كەلگەن. يەنى، ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىدىكى ياكى باشقىلارغا ياللىنىپ ماشىنىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان خىزمەتنىلا كۆرسەتكەن. بۇ يازمىدا«خىزمەت» دېگەن ئۇقۇم ھەر گىزمۇ بىر قىسىم مۇنبەرداشلار كۆزىنى يۇمۇپلا ئېيتقاندەك، ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى كەڭ مەنىدىكى«خىزمەت»نى، يەنى ھاياتلىق ئۈچۈن ئىزدىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنى، ئادىمىيلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئۇرۇنۇشنى، ئادەملەرنىڭ دېھقانچىلىق، سودا-تىجارەت قاتارلىق تىرىكچىلىك يولى، شۇغۇللىنىۋاتقان ھۈنەر-كەسپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. مەسىلەن: «جەمئىيەتكە يېڭىلا قەدەم قويغان، ئۆزەمدە بەش خىل تىل بىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە ئېلېكتىر كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغان نەتىجەم بولغان چاغلىرىمدا خىزمەت تاللاش يۈزىسىدىن بىر مەزگىل خىزمەتسىز ئۆتكەن ۋاقتىم بولغان». ئەگەر ئاپتور بۇ يازمىسىدا«خىزمەت»نى تار مەنىدە ئىستىمال قىلمىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ۋايساپ تۇرۇپ«بىر مەزگىل خىزمەتسىز ئۆتكەن ۋاقتىم بولغان» دەيدۇ؟ ئاتا-ئانىسىغا خىزمەت قىلىپ پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش، باشقا تىرىكچىلىك يولىنى تېپىش ئاپتور ئۈچۈن«خىزمەت» ھېسابلانماپتىغۇ؟! قېنى، كاللىسى سەگەكلەر بۇنىڭغا نېمە دەيدىكىن؟بۇ يەردە مەزكۇر يازمىدىن يەنە ئۈزۈندە ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدىم. 2. نۇقتىئىينەزەردىكى بىر تەرەپلىمىلىك بۇ يازمىنى بىر مۇكەممەل مۇھاكىمە ماقالىسى دەپ تۇرساق، ئۇنىڭدىكى ئاساسىي نۇقتىئىينەزەر«مائاش»قا ئىگە قىلىدىغان«خىزمەت»ئورنى بولمىغانلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتى يوق دېگەندىن ئىبارەت. مەسىلەن: «خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاتا-ئانا، دوست يارەنلەرنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسنا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، مۇستەققىل ياشاشنىڭ مۇقەررەر شەرتى. خىزمىتى بار بولۇش تاپاۋىتى بار، يەيدىغان ئىچىدىغىنى، كىيىدىغىنى ۋە تۇرىدىغان جايى بار دېگەنلىك بىلەن باراۋەر.» «خىزمەت تېپىش ياشاش شارائىتى ھازىرلاش بىلەن باراۋەر. بالىلىق، ياشلىق مەزگىلىدە مەيلى قانداقلىكى ئالەمشۇمۇل ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولمىسۇن، مەلۇم خىزمەت ئورنىغا ئېرىششىلگەندىلا ياشاشنىڭ، ئۆزىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنىڭ بىردىن-بىر شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ.» «خىزمەت تېپىش دېگەن ھاياتلىق يولى تېپىش بىلەن باراۋەر، ئۇ خۇددى چۆلدە ئۇسسۇلۇقتا ھالى قالمىغان يولۇچىنىڭ سۇغا تەشنا بولغىنىدەك تەشنالىق جەريان بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ياراتساڭ ئىشلەيمەن، ياراتمىساڭ تۇرقۇم شۇ ماڭىمۇ ئامال يوق دەيدىغان بەخۇتلۇق ئىچىدىكى تاللاش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بىر ئۆلۈش خىزمەت قىلىپ قېلىش پۇرسىتىنى بايقىغان ھامان يۈز ئۆلۈش تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە ئەشۇ خىزمەتكە ئېرىشىشنى كۆزلەش كېرەك. بولمايدىكەن جەمئىيەتتە پۇت تېرەپ تۇرۇشقا ئامال يوق، ھەتتا نورمال ياشاشقىمۇ ئىلاج يوق، كوچا بىكار تەلەپلىرى سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ.» بۇ ئىنتايىن بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش. قاتتىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ بىر ئادەم زەھەرلەيدىغان، ئەكسىيەتچىل كۆز قاراش. ئەگەر ئاپتورنىڭ مۇشۇ نۇقتىئىنەزىرى توغرا بولىدىغان بولسا، بىز ئوقۇتقۇچىلار بىر تۈركۈم ماشىنا ئادەملەرنىلا ئىشلەپچىقارغۇچىلار بولۇپ قالىمىز، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىمۇ ئۈزۈل-كېسىل خاتا بولغان بولىدۇ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي مىللىي قىممەت قاراشلىرىنى تولۇق ئىنكار قىلغان بولىمىز. 3. نۇقتىئىينەزەرنى دەلىلەشىتىكى ئاساسنىڭ يېتەرسىزلىكى يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، باشقىلارغا تاڭماقچى بولغان نۇقتىئىينەزەر«مائاش»قا ئىگە قىلىدىغان«خىزمەت»ئورنى بولمىغانلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتى يوق دېگەندىن ئىبارەت. نۇقتىئىنەزەر مۇكەممەل ئاساسقا ئىگە بولمىسا، ئۇنى باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك دەرجىدە ئىسپاتلاش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا ھەقلىقمىز. بۇ يازمىدا، ئاپتور«يېشى سەكسەنگە ئۇلاشقان، بىر ئۆمۈر خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئائىلە قۇرۇپ پەرزەنتلىك بولمىغان بىر ياپونىيەلىك تونۇشى»نىڭ«مۇشۇ يېشىدا يەنىلا خىزمەتنى قولدىن بەرمىگەن»لىكى، «يېنىدىكى خىزمەت تېلېفونى سايراپ، تېز كېلىش تەلەپ قىلىنسا مەيلى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شەرتسىز خىزمەت ئورنىغا قايتىدىغان»لىقىدەك كىچىككىنە بىر تەپسىلاتنى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى نۇقتىئىينەزىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئۇنى ئىسپاتلاشتىكى ئىسپات ئاساسىي قىلغان. بۇ بىراۋنىڭ تاغدىكى بىر مايمۇننى كۆرۈپ، «تاغدا ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى مايمۇن!»دېگەن كۈلكىلىك ھۆكۈمنى چىقارغىنىغا ئوخشاش. كۆزىڭىزنى ئېچىپ قاراڭ: تاغدا يولۋاسمۇ، يەنە باشقىلارمۇ بار! 4. بۇ يازمىدىكى ئاساسىي نۇقتىئىينەزەر خاتا بولغانىكەن، ئەلۋەتتە، تارماق نۇقتىئىينەزەرلەردىمۇ خاتالىق ساقلانغان. مەسىلەن: «خىزمەتتىن ئېچىرقاپ كەتكەن مەن، كەسپىمگە ۋە تىل ئالاھىدىلىكىمگە ماس كېلىدىغان خىزمەت تېپىش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا بارغان ئىدىم. تۈنجى قېتىملىق ئوڭۇشلۇق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشكەن ۋاقتىمدا دەسلپكى ئۇچرىشىشتا ئۆزەمنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىم، تاماقلىنىش شارائىتىمنىڭ باشقا خىزمەتچىلەرنىڭكى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدىم. كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشىش بەدىلىگە بىر ئاي مۇسۇلمانچە ئەمەس تاماق ئۈستىلىدە گاڭپەن دۈملەيدىغان قازاندىن ئۆزەمنىڭ خاس قاچامغا گاڭپەننى ئۇسۇپ ئېلىپ، ئۈستىگە ئاچچىقسۇ ۋە لازا تەككۈزۈپلا تەخسىدىكى قورۇمىلارغا چوكا سوزماي يېيىشكە مەجبۇر بولغانمەن.» يۇقىرىقى پارچىدىن ئاپتورنىڭ تەييار مائاشقا ئىگە قىلىدىغان«خىزمەت» تېپىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنىمۇ ئۇنتۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى مانا مەن دەپ تۇرمامدۇ؟! بۇنى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ؟ئۆزىنىڭ ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىنىمۇ ئۇنتۇش قاچاندىن بېرى «ساپا» بولۇپ قالدى؟ جان بېقىش ئۈچۈن ئەشۇنداق «ساپا»غا ئىگە بولۇش نومۇسلۇق ئەمەسمۇ؟! «ئوقۇغۇچىلىق دەۋردىكى بىلىم ئېلىش باسقۇچىدا يەنە مەلۇم ۋاقىت ۋە زېھىن چىقىرىپ خۇددى كۈندىلىك خاتىرە يازغانغا ئوخشاش ئۆزىگە ئۆزى باھا بېرىپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى، پۇرسەتلا بولسا ئۆزىنىڭ تونۇشتۇرۇش ماتېرىيالىنى تۈزۈپ چىقىپ بىر قىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىغا خىزمەت ئىلتىماسى سۇنۇپ بېقىشى كېرەك.» «كېيىنكى تەغدىرىگە بېرىپ چېتىدىلىدىغان ھەل قىلغۇچ ئىشقا قورقماي جۈرئەت قىلغۇدەك جاسارەت بولمىغان، ئۆز ئارزۇسى ۋە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا جۈرئىتى بولمىغان ياكى مۇستەقىل، يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشكە پېتىنالمىغان خىزمەت ئىزدىگۈچىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلىشى تۈپتىن مۇمكىن ئەمەس.» «خىزمەت دېمەك شۇ خىزمەتكە ئېرىشكۈچىنىڭ كېيىنكى ھاياتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل بولغانىكەن، خىزمەت پۇرسىتى قەدىرلەش جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇچۇن ئورتاق مەجبۇرىيەت. مەيلى ئۇ خىزمەت سىزگە لايىق كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، ھەتتا سىزگە لازىم بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئەشۇ خىزمەت ئورنى ئېھتىياجىنىڭ بولغانلىقىلا قەدىرلەشكە تېگىشلىك مۇھىم پۇرسەت.» ئاپتورنىڭ دېگىنىدەك بولسا، دۆلەتنىڭ پۇخرالارنى«خىزمەت»كە ئورۇنلاشتۇرۇش مەجبۇرىتى يوقمۇ؟ ھەر دەرىجىلىك كادىرلار تارماقلىرى، ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ھەممە ئادەم ئۆزىنى داۋراڭ قىلىمىسا، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئەمەلدارلارغا، خوجايىنلارغا قۇللۇق بىلدۈرۈپ پايپېتەك بولمىسا«خىزمەت»كە ئېرىشەلمەمدۇ؟ ئۆزىنى داۋراڭ قىلىش، ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئەمەلدارلارغا، خوجايىنلارغا قۇللۇق بىلدۈرۈپ پايپېتەك بولۇش زادى قانداق ساپا؟ ئاخىرىدا، مۇنبەرداشلارنىڭ مېنى ئاۋۇ يازمىنى تولۇق ئوقۇشقا دەۋەت قىلغاندەك، ئۆزلىرىمۇ سەگەك كاللا بىلەن ئۇنى ئەستايىدىل ئوقۇپ پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. ئورۇنلۇق بولمىغان، خاتا كەتكەن كۆز قاراشلىرىمغا پاكىتلىق ئاساستا تەنقىدىي پىكىر بېرىشنى قارشى ئالىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-22 19:46
|