كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 4

‹‹خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ؟››ناملىق تىما ئىنكاسىلىرى ئۈستىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‹‹خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ؟››ناملىق تىما ئىنكاسىلىرى ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل.

‹‹خىزمەت يوقمۇ ياكى ساپامۇ؟››ناملىق تىما بايقاش مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، بۇ تىمىغا قارىتا خىلمۇ-خىل ئىنكاسلار ئوتتۇرغا چىقىپ،تورداشلارنى نۇرمال بولمىغان ئىنكاس ئىپادىللىرىگە سۆرەپ كىردى.
مەن بۇ جەھەتتە ئويلۇنۇپ تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
1.مەزكۇر ماقالىنىڭ مۇئەللىپى تۇردى لېتىپ بولۇپ،بۇ دوستىمىز ماقالە بايانلىرىدىن قارىغاندا ئىچكىر ئۆلكىلەردە ئوقىغان، شۇ رايۇنلاردا خىزمەت ئەمىلىيتىگە قاتناشقان،ھەتتا چەتئەللىك كەسپداشلار بىلەنمۇ ئالاقە ئورناتقان زىيالىدەك قىلىدۇ.
قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ماقالىسىدا ‹‹خىزمەت تېپىش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى›› نى ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ كۆز قارشى ۋە نوقتى نەزىرى سۈپتىدە ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. بۇ نۇقتىنەزەرلىرىنى بىرنەچچە ئەمىلى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىپتۇ. بۇماقالىدا ئىپادىلەنگەن نۇقتىنەزەر بولسا،ھازىرچە شۇ مۇئەلىپنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان بىرقاراش.
ماقالىنى ئوقۇغاندىن كىيىن،كىتپخانىلار ئۇنى ئېتىراپ قىلامدۇ،قىلمامدۇ ، بۇ كىتاپخانىلارنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى مەسىلە.
ماقالىدىكى نوقتىنەزەرنى كىتاپخانىلار ئېتىراپ قىلسا ئۇنى ئۆز كۆز قارشى بىلەن بىرلەشتۈرىۋالىدۇ. ئېتىراپ قىلمىسا،بولدى قىلىدۇ خالاس.
ئەمىلىيەت بولسا ئۇنى تاللاش ۋە شاللاشنىڭ ھەقىقى مەيدانى.ئۇنداق بولغان ئىكەن بىزمۇ بىر ئوقۇرمەن بولغان ئىكەنمىز، باشقىلارنىڭ كوز قاراشلىرىغا يۇقاقى يوسۇندا پوزىتسىيە بىلدۈرسەك.
2.بۇ ماقالىدىكى بىرقىسىم جۈملىلەر ئۇقۇم دائىرسى جەھەتتىن بەزى كۆرگۈچىلەرنىڭ نارازلىق ئىنكاسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مەسىلەن:
‹1›‹‹خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاتا-ئانا، دوست يارەنلەرنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسنا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، مۇستەققىل ياشاشنىڭ مۇقەررەر شەرتى. خىزمىتى بار بولۇش تاپاۋىتى بار، يەيدىغان ئىچىدىغىنى، كىيىدىغىنى ۋە تۇرىدىغان جايى بار  دېگەنلىك بىلەن باراۋەر.››
ئەگەر بۇ جۈملىنى بىزگە ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغان ئادەمدىن باشقا يەنە بىر كەسپدىكىلەر كۆرسە قانداق ئويلارئ....
‹2›خىزمەت تېپىش ياشاش شارائىتى ھازىرلاش بىلەن باراۋەر. بالىلىق، ياشلىق مەزگىلىدە مەيلى قانداقلىكى ئالەمشۇمۇل ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولمىسۇن، مەلۇم خىزمەت ئورنىغا ئېرىششىلگەندىلا ياشاشنىڭ، ئۆزىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشنىڭ بىردىن-بىر شەرتى ھازىرلانغان بولىدۇ.›
‹3›‹‹خىزمەت تېپىش دېگەن ھاياتلىق يولى تېپىش بىلەن باراۋەر، ئۇ خۇددى چۆلدە ئۇسسۇلۇقتا ھالى قالمىغان يولۇچىنىڭ سۇغا تەشنا بولغىنىدەك تەشنالىق جەريان بولۇشى كېرەككى....››مېنىڭچە، يۇقارقى جۈملىلەردە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە ئۇقۇم مەنىسى جەھەتتىن يېتەرسىز تەرەپلەر بارمىكىن دەيمەن.
ئەگەر بۇنداق مەسلىلەرنى مۇئەيەنلەشتۈرگەن بولساق،تۈزىتىش پىكرى بەرسەك بولىدۇ.
3.مەن ئالاھىدىن ئەپەندىمنىڭ دەسلەپتە يازغان ئىنكاسىغا قوشۇلمايمەن.چۈنكى ؛ئالاھىدىن ئەپەندىم ئۇ تىمىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسا يوللۇق ئىنكاس يازسسا بولىدۇ، ياكى يازمىسىمۇ بولىدۇ. ئارتۇقچە كايىشنىڭ ھاجىتى يوق.ياكى ئەڭ ياخشىسى ئۇستازلىق سۈپتى بىلەن تۈزۈتۈپ قويسا ئەڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟؟؟؟؟؟
ئلاھىدىن ئەپەندىم چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ....
ھۆرمەتلىك تورداشلار، مۇشۇ نۇقتىدىن ئويلاپ كۆرسەك قانداق دەيسىلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saba007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 19:33  

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-9-20 19:26:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز ساپا ئەپەندىم . رەحمەت سىزگە

باھا سۆز

سابا تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-9-20 19:36
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-20 19:36:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 19:26
يارايسىز ساپا ئەپەندىم . رەحمەت سىزگە

سابا
ۋاقتى: 2012-9-22 13:19:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقلا بولمىسۇن ئۇ ماقالىسىدا ‹‹خىزمەت تېپىش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى›› نى ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ كۆز قارشى ۋە نوقتى نەزىرى سۈپتىدە ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. بۇ نۇقتىنەزەرلىرىنى بىرنەچچە ئەمىلى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىپتۇ. بۇماقالىدا ئىپادىلەنگەن نۇقتىنەزەر بولسا،ھازىرچە شۇ مۇئەلىپنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان بىرقاراش...

دوستۇم، مېنىڭچە ماقالىدىكى خىزمەت تېپىش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلار يالغۇز ماقالە ئاپتورىنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان سوبىكتىپ قارىشى بولماستىن، بەلكى نۆۋەتتە ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ھەممە باش قاتۇرىدىغان ئومۇمى قاراش. ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان ‹‹خىزمەت›› دىگەن ئۇقۇم يالغۇز ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىدىكى خىزمەتنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى يەنە ئادەملەرنىڭ تىرىكچىلىك يولى، شۇغۇللىنىۋاتقان ھۈنەر-كەسپى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەپ قارايمەن.
‹‹خىزمەت دېگەن تۇرمۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، ياشاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئاتا-ئانا، دوست يارەنلەرنىڭ ياردىمىدىن مۇستەسنا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، مۇستەققىل ياشاشنىڭ مۇقەررەر شەرتى. خىزمىتى بار بولۇش تاپاۋىتى بار، يەيدىغان ئىچىدىغىنى، كىيىدىغىنى ۋە تۇرىدىغان جايى بار  دېگەنلىك بىلەن باراۋەر.››
ئەگەر بۇ جۈملىنى بىزگە ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغان ئادەمدىن باشقا يەنە بىر كەسپدىكىلەر كۆرسە قانداق ئويلار...

بۇ جۈملىلەرنى بىزگە ئوخشاش خىزمەت قىلىدىغان ئادەمدىن باشقا يەنە بىر كەسپدىكىلەر كۆرسە قانداق ئويلاپ قېلىشى مۈمكىن؟!..... باشقا كەسىپتىكىلەرنىڭ مۇشۇ جۈملىلەرنى چۈشەنگىدەك ئەقلى يوقمىدۇ؟!.....
كىشىلەر مەلۇم كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىختىزادى قىممەت يارىتىش ئىختىدارىغا ئىگە بولسا ئاتا-ئانىسىغا يۆلىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇپ، يەيدىغىنى، ئىچىدىغىنى ۋە كىيىدىغىنىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ ئەمەسمۇ؟! .... مېنىڭچە بۇلار ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ھىس قىلالايدىغان ئاددى تىرىكچىلىك ساۋادى بولسا كېرەك.
ۋاقتى: 2012-9-22 19:56:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدىكى ئىدىيە تۇغرا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان  مەسىلە ئىپادىلەش جەھەتتەكۆرۈلگەن....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش