| ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ، بارلىق ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچى دوسىتلار ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تىنى ئامان بولسۇن ، مەن بۇ تىمىنى ھەمدە ھەر بىرڭلارنىڭ قىممەتلىك ئىنكاسلىرىڭلارنى تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم ، ھەمدە شۇنداق قاراشقا كەلدىم ، سىلەردەك مەسئۇلىيەتچان ، دانا ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە باشقۇرغۇچىلار بار يەردە مۇنبىرىمىزنىڭ كۈنسىرى تەرەققىي قىلىشىداگەپ يوق ، مىنىڭمۇ بىر قانچە ئېغىز تەكلىۋىم بار ئىدى ، بىراق باشقا دوستلىرىمىز ئوتتۇرىغا قويۇپ بولغاننى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇپ يۈرمەي ، بىراق دەيدىغىنىم ، تىمىلارنى ھەقلىق قىلىشتا ئېنىق بىر ئۆلچەم بىكىتىۋالساق ، ئىلھاملاندۇرىدىغاننى ئىلھاملاندۇرساق ، ئەمما چوقۇم لايىقىدا بولسا ، بىر دەملىك ھېسياتقا تايىنىپلا يۇقىرى باھا بىرىۋىتىشتى ساقلانساق ،تىما باھالىغاندا ئوبىكتىپ بولۇشكا كاپالەتلىك قىلساق ، مەزمۇنى ، لاھىيىسى ، ئۈنۈمى ، لاھىيە جەھەتتىكى خاسلىقى ، ئىجادىيلىقى ، بىر پۈتۈنلىكى … قاتارلىق كۆپ نوقتا بويىچە باھالىساق مۇنبىرىمىزنىڭ ماتىريال ئامبىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرەلەيمىز… |
|