ئىگىسى: بايقاش

ياخشى تېمىلارنى تىللالىق قىلىشقا قانداق قارايسىز؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-8-26 10:10:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ قېتىمقى يىغىندا نادىر تېمىلارنى تىللالىق قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى ناھايىتى ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، بۇ مەسىلىگە قارىتا يۇقۇرىدا ئامان ئەپەندىم تەپسىلى قىلىپ ناھايىتى ياخشى، قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىپتۇ. مەن بۇ تېمىنى يېڭىلا ئىشقا چۈشۈپ خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بولۇپ كۆرەلمەي  ۋاختىدا پىكىر قاتناشتۇرالمىدىم. ئامان ئەپەندىم تەپسىلى خۇلاسىلەپ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ مەن تامامەن قوللايمەن.
   ئامان ئەپەندىم ئېيىتقىنىدەك
         بىز مۇنبەردە نادىر تېمىلار بىلەن ئادەتتىكى تېمىلارنى پەرىقلەندۈرۈشىمىز، نادىر تېمىلارنى چوقۇم تىللالىق قىلىشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلغاندا: بىرىنچىدىن، نادىر تېما يوللىغان تورداشلارغا بولغان رەخمىتىمىزنى ئىپادىلەپ، ئۇلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرەلەيمىز. ئىككىنچىدىن، باشقا تورداشلارنى نادىر تېما يوللاشقا قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق، ئىجاتچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتالايمىز. ئۈچۈنچىدىن، مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولمىغان سەيياھلارنىڭ نادىر تېمىلىرىمىزنى چۈشۈرۈپلا قېچىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.
      قانداق تېمىلار «نادىر تېما» بۇلىدۇ؟ نادىر تېمىلارنى نەچچە تىللالىق قىلىپ تەڭشەيمىز؟ قانداق تېمىلار يۇرۇتىلىدۇ؟ قانداق تېما، قانداق ئىنكاسلارنى باھالاپ مۇكاپاتلايمىز؟ مۇكاپاتلىساق نەچچە تىللا بىلەن مۇكاپاتلايمىز؟...... دىگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەردە ئىگىز-پەسلىك ئەھۋاللىرى مەۋجۇت، بۇنىڭغا ھېچقايسىمىز كۆز يۇمالمايمىز.
     يوقلىمىدىن ئۆتكەنلەرگە تىللا قوشۇپ بېرىشكە بولمايدۇ، ئەگەر يوقلىمىدىن ئۆتكەنلەرگە تىللا قوشۇپ بەرسەك بىزنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمىز ۋە باشقا مۇنبەردىكىلەرمۇ مۇنبەرگە تىزىملىتىپ، مۇنبەردە ھەركۈنى يوقلىمىدىن ئۆتۈپ قويۇپ، ھېچقانداق تېما-ئىنكاس يوللىمايلا توردىن چۈشۈپ كېتىدىغان، ھەتتا نادىر تېمىلىرىمىزنى چۈشۈرۈپ قاچىدىغان بىر تۈركۈم «تىللا خۇمارلار» باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، نەتىجىدە تىللا كۆپ، تېما-ئىنكاس ئاز بۇلۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، تىللا پاخاللىقى كېلىپ چىقىدۇ.
     ئۇنداقتا باشقۇرغۇچى دىگەن نىمە؟! ئۇنىڭ مۇنبەردىكى رولى نىمە؟! (ھەممىمىز ئويلاپ بېقىشىمىزغا تېگىشلىك)
        بىز ھەممىمىز «ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيمىز، ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغدايمىز» دەپ جار سالىمىز، تېمىلارغا «ئىملاغا دىققەت قىلىڭ» دەپ ئىنكاس يازىمىز، ئەمما ئۆزىمىز ئىملا خاتالىقىغا يول قويۇۋاتىمىز، بۇ ئەھۋال بىزدە بەك ئېغىر. خەلق ئارىسىدىكى «موللامنىڭ دىگىنىنى قىل، قىلغىنىنى قىلما» دىگەن ماقال بىزگە قارىتىلغانمۇ-يا؟ ھېچ بىلمىدىم. بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىكى مۇشۇ ئىللەتنى تۈزەتسەك.
        بۇ نىمە دىگەن ئورۇنلۇق پىكىرلەر ھە!




باھا سۆز

دوستۇم ئامان دانا پىكىرىڭىزنى قوللايمەن! تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-8-27 15:07
قوللايمەن!  ۋاقتى: 2012-8-27 11:15
ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!  ۋاقتى: 2012-8-26 13:20
ۋاقتى: 2012-8-26 14:03:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەسلىگە نىسبەتەن مىنىڭ ئىككى تۇرلۇك تەكلىۋىم بار.
1-ئىنكاس يازغانلارغا تىللا قوشۇپ بەرسەك، يەنى بىركۇن ئىچىدە مۇنبەردىكى 20تىمىغا ياكى30تىمىغا ئىنكاس يازغانلارنى نىسبەتەن 1تىللا قوشۇپ بەرسەك، ئىنكاسلارنى تەستىقلاشتا تەلەپنى قاتتىق قويساق. مۇنبەردە يازما يوللاش سانى ئەك كۆپ بولغان ئۇچ ئەزاغا تىللا قوشۇپ بىرىلىدىغان قائىدىنى ئۆزگەرتسەك
2-مۇنبەرگە كىرگەن كۇن سانى ئۇدا 10كۇنگە يەتكەنلەرگە 1تىللا قوشۇپ بەرسەك.
مۇشۇنداق قىلساق مۇنبەرنىڭ زىيارەت قىتىم سانىنى ئاشۇرغىلى، شۇنداقلا يىڭى ئەزالارنىڭ تىزىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . بۇمۇ ھەم ئىشلىگىنىگە قاراپ ھەق ئىلىش ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن دەپ ئويلايمەن.
باشقۇرغۇچىلار ئويلىشىپ كۆرگەيسىزلەر

باھا سۆز

بۇرادەر، سىزمۇ بىر باشقۇرغۇچىغۇ؟! .... تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-8-26 22:13
ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!  ۋاقتى: 2012-8-26 14:31
ۋاقتى: 2012-8-26 15:41:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىللا ئىلىش ئۈچۈنلا يوقلىمىدىن ئۈتسە ئەزا پاخاللىقى بولغان بىلەن ،تىللا تىپىش ئۈچۈنلا تىما يوللىسا تىما پاخاللىقى بۇلامىكىن
ۋاقتى: 2012-8-26 22:13:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umid0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 14:03
بۇ مەسلىگە نىسبەتەن مىنىڭ ئىككى تۇرلۇك تەكلىۋىم بار.
1- ...
....باشقۇرغۇچىلار ئويلىشىپ كۆرگەيسىزلەر....

بۇرادەر، سىزمۇ بىر باشقۇرغۇچىغۇ؟! ....
ۋاقتى: 2012-8-27 15:07:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
XAM يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 10:10
بۇ قېتىمقى يىغىندا نادىر تېمىلارنى تىللالىق قىلىش-ق ...

دوستۇم ئامان دانا پىكىرىڭىزنى قوللايمەن!
ۋاقتى: 2012-8-28 01:57:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ كۆپچىلىككە يەنە بىر تەكلىۋىم:
نادىرلاش دەرىجىسىگە چۈشمەيدىغان(يەنى نادىرلىساق سەل ئارتۇق كېتىدۇ دەپ قارىغان)، ئەمما ئوقۇتۇش، ئۈگىنىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا پايدىلىنىش قىممىتى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان تېمىلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرگىلى بۇلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويساق. بۇنى دىيىش ئارقىلىق بۇنداق تېمىلاردىن مۇنبىرىمىزگە ئەزا بولغان تورداشلىرىمىز بەھىرلەنسە، چۈشۈرۈش ئادرىسىنى كۆرەلمىگەن سەيياھلارنىڭ بايقاش مۇنبىرىگە كىرىش ئىستىگى يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە دىمەكچىمەن. چۈنكى ئاغزى يېپىقلىق ئاياققا ھەركىمنىڭ كۆزى چۈشىدۇ ۋە قىزىقىشى قوزغىلىدۇ ئەمەسمۇ؟!

باھا سۆز

ياخشى پىكىر  ۋاقتى: 2012-8-28 14:58
ۋاقتى: 2012-8-28 12:59:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك كىچىكىپ قالدىم ھەممىڭلاردىن كەچۈرۈپ سورايمەن. يۇقارقى تېما مەزمۇنى ۋە ئىنكاسلارنى تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم. مۇنبەرنىڭ كىينكى تەرەققىياتى توغرىسىدا ياخشى پىكىرلەر بوپتۇ.
مىنىڭچىمۇ بۇ نادىر تېمىلارنى تىللالىق قىلىپ ئۇلارنىڭ تېخىمۇ نادىر ماتىرىياللارنى يوللىشىغا ئىلھام بېرىش زۆرۈر دەپ قارايمەن.
يۇقىرىدا باشقۇرغۇچىلار توغرىسىدا قىلىنغان بەزى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بەكلا خېجىل بولدۇم. يېقىندىن بۇيان بەك ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ تورغا كىرەلمىدىم. مەن بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق كىرىپ ئۆز مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلىمەن. ماڭا بىر قېتىم پۇرسەت بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

باھا سۆز

كەمچىلىگىنى بىلگەن، دانادۇر.  ۋاقتى: 2012-8-28 15:01
ۋاقتى: 2012-8-28 12:59:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسقا ، يوقلىمىغا تىللا قوشۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. ناۋادا ئىنكاسقا ۋە يوقلىمىغا تىللا قوشۇپ بېرىلسە يەنىلا ئوخشاش ھەقىلىق قىلىنغان تېمىلارنىڭ باھاسى ھەسسىلەپ ئۆسۈپ تىللا پاخاللىقى يۈزبېرىدۇ.
ناۋادا ئىنكاسقا تىللا قوشۇپ بەرسەك ھازىر 10تىللادىن سېتىۋالدىغان تېما بەلكىم كېلەر يىلىغا بارغاندا 1000تىللائۆسۈپ كېتىشى مۇمكىن . بۇنداق قىلىشقا قەتئى قارشى تۇرىمەن . بۇمېنىڭ شەخسى پىكىرىم
تىللانى يېڭى يوللانغان شۇنداقلا تەكرار يوللانمىغان تېمىلارغا قوشۇپ بېرىلسە مۇۋاپىق بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.
مەن «ئامان»نىڭ پىكىرىنى قوللايمەن.
ۋاقتى: 2012-8-28 14:56:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2012-8-25 23:19
بىز چۈشۈرۈپ ئىشلەتمەيمز دە . ئۇنداق قىلساق نىمە  پايدى ...

تەستىقلاش كۆزنىكىدىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ تەستىقلىسىڭىز بولىدۇ.
تەستىقلاپ بولۇپ چۈشۈرسىڭىز ھەق تۆلەيدىغاننى دەيمەن. زەپەرجان
ۋاقتى: 2012-8-31 23:33:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىغىنغا مەن كىچىپ قاپتىمەن.( بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار) مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇنبەرگە ۋاقتىدا كىرەلمىدىم،بۇنىڭ ئۈچۈن دوستلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن. يۇقۇردا دوستلار ياخشى پىكىر بېرىپتۇ، بولۇپمۇ ئامان ئەپەندىم ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپتۇ، ئامان ئەپەندىمنىڭ پىكرىنى قوللايمەن.
مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي، يۇقۇردا زەپەر ئەپەندىم:‹‹ بەزى باشقۇرغۇچىلار باشقا مۇنبەردىمۇ باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتىدۇ، بۇ مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقارمايۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى بىراقلا سوقىمىز دېگەن ئىدىيىدە ...›› دەپتۇ. باشقا مۇنبەردە  باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئەزانىڭ بىرسى مەن ، يەنە باشقا ئەزالارمۇ بار، بۇنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر...  مېنىڭ مەقسىتىم ھەرگىزمۇ ‹‹بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى بىراقلا سوقۇش ۋەياكى مۇنبەر بىلەن كارى بولماسلىق ››ئەمەس،  مەن ئامالنىڭ بارىچە بايقاش مۇنبىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمەن ھەم بايقاش مۇنبىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توختاپ قالماي بايقاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن.
مېنىڭ ئويلايدىغىنىم :توغرا يولدا ماڭغان كۈچلۈكلەرنى قوللاش ، ئۇلارغا مەدەت بېرىش،  تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن ئىلھام بېرىش. ئۇنىڭدىن باشقا  ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش ، ئۇلارنى يۆلەپ تۇرغۇزۇش، يېڭى دوستنى  تاپقاندا كونا دوستنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش... بولدى مۇشۇنچىلىك سوزلەپ تۇراي.
ئاخىرىدا مەن  بايقاش مۇنبىرى شۇنداقلا بارىلىق مائارىپ تور  بېكەتلىرىنىڭ  بىر ئىزىدا توختاپ قالماي تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.ھەم كۈچ چىقىرىمەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش