تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيسىدىكى «ئەڭ» تولۇقىسز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى «ئەڭ»لەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بىلىمنى مۇستەھكەملەش ۋە چۈشىنىشىمىزگە يارىدىمى بولۇپ قالماسىتىن، يەنە خىمىيە بىلىملىرنى تېخمۇ ياخشى ئۆگىنىش، خىمىيگە بولغان قىزىقىشىمىزنى قوزغاشقىمۇ پايدىلىق. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتكى «ئەڭ» لەر تۆۋەندىكىچە: 1. ئەڭ يىنىڭ گاز –ھىدروگىن. 2. ئەڭ كىچىڭ مۇلېكۇلا- ھىدروگىن مۇلېكۇلاسى . 3. ئەڭ ئاددى ئاتوم – ھىدروگىن ئاتومى. 4. نىسپىي ئاتوم ماسسى ئەڭ كىچىك بولغان ئېلېمېنى ئاتومى- ھىدروگىن ئاتومى. 5. ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك گاز يىقىلغۇچ – ھىدروگىن گازى. 6. ئەڭ بۇرۇن ھىدروگىن گازىنى بايقىغان كىشى – شىۋىتسارىيەلىك پالاسەيس. 7. كائىناتتا مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئېلېمىنت – ھىدروگىن گازى. 8. نىسپىي مۇلېكۇلا ماسسى ئەڭ كىچىك بولغان ئوكسىد – سذ. 9. ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلدىغان ئېرىتكۈچى- سۇ . 10. ئەڭ ئاددىي ئورگانىك بىرىكمە- مېتان. 11. تەركىۋىدىكى ئازۇت مىقىدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئوغۇت-ئورىيا. 12. ھايۋان، ئۆسۈملۈك تىنىدە مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ماددا – سۇ . 13. يەر شارى يۈزىگە تارقالغان مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان گاز ھالەتتە بولمىغان ماددا – سۇ . 14. داتلارنى چىقىرىپ تاشلاش ئۈنىمى ئەڭ ياخشى ماددا - تۇز كىسلاتاسى. 15. ئەڭ پاسسىپ بولغان مىتاللوئىد – گىلىي. ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ ھەرقانداق بىرىكمىسى ئىلىنمىدى. 16. ئىرىش نۇقتىىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان ئاددا ماددا گىلىي بولۇپ، ئىرىش نۇقتىسى 272 ºC -. 17. ئىرىش نۇقتىىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاددا ماددائالماس بولۇپ، قايناش نۇقتىسى 3652 ºC. 18. ئەڭ قاتتىق بولغان تەبىي ماددا – ئالماس. 19. ئەڭ ئاسان «ئۇيشىدىغان» گاز – كاربون (Ⅳ)-ئوكسىد. 20. بىرىكمىسى ئەڭ كۆپ بولغان ئېلېمىنت –كاربون. ھازىرغىچە ئىنقلانغان كاربونلۇق بىرىكمىلەر نەچچە ئون مىليون خلىغا يىتىدۇ. 21. بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ مۇھىم بولغان ئۈچ خىل مىنرالنى يىقىلغۇ- كۆمۈر،نېفىت ۋە تەبىي گازدىن ئىبارەت. 22. ھاۋادىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان گاز – ئازۇت. ھاۋا ھەجمىنىڭ %75نى ئىگلەيدۇ. 23. ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ يىتىلىشتە ئەڭ ئىھتىياجلىق ئېلېمېنىت- ئازۇت. 24. ئەڭ بۇرۇن تەجرىبە ئارقىلىق ھاۋا – ئازۇت بىلەن ئوكسىگىندىن تەركىپ تاپقانلىقىنى تىپىپ چىققان كىشى - فىرانسىيە ئالىمىي لاۋازىيە. 25. يەر پوستىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئېلېمېنىت – ئوكسىگىن. ئىگىلگەن مىقدارى % 46.6بولۇپ، يەر پوستى مىقدارنىڭ يىرىمىنى دىگۇدەك ئىگلەيدۇ. 26. ئەڭ بۇرۇن ئوكسىگىنى بايقىغان ۋە ئالغان كىشى شىۋىتسىيە ئالىمى شىلى ۋە ئەنگىلىيە ئالمىي پىرىستىلىي. 27. ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئېلېمېنىت – ئوكسىگىن. 28. ئۆسۈملۈك ھۆجەرىسىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئېلېمىنىت – ئوكسىگىن . 29. دېڭىز – ئوكيانىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئېلېمىنت- ئوكسىگىن . 30. يەر پوستىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان مېتال ئېلېمىنت – ئاليومىن. مىقدارى يەر پوستى مىقدارىنىڭ %7.73نى ئىگلەيدۇ. 31. ئەڭ ئاكتىپ بولغان مېتاللوئىد ئېلېمېنىت فىتور(F)، ئادەتتىكى شارائىتتا بارلىق ئېلېمېنىتلار بىلەن دىگۇدەك بىۋاستە بىرىكەلەيدۇ. 32. ئەڭ ئاكتىپ بولغان مېتال – فىرانسىي(Fr). 33. ئوت ئېلىش نۇقتىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان مېتاللوئىد ئېلېمىنت – ئاق فوسفور . ئۇنىڭ ئوت ئېلىش نۇقتىسى 40ºC. 34. سۇيۇقلۇنۇش نۇقتىسى ئەڭ تۆۋەن بولغان مېتال – سىماپ بولۇپ، سۇيۇقلۇقلىنىش نۇقتىىسى ºC 38.9- . سۇيۇقلۇنۇش نۇقتىىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان مېتال ۋانادىي بولۇپ، سۇيۇقلۇنىش نۇقتىىسى ºC3410 . 35. ئەڭ پاسسىپ مېتال – ئالتۇن. 36. توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئەڭ ياخىشى بولغان مېتال – كۆمۈش، ئۇنڭدىن قالسا مىس. 37. يىيلىشچانلىقى ئەڭ ياخشى بولغان مېتال – ئالتۇن. بىر گىرام ئالتۇننى سوزۇپ 3000مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئالتۇن سىمغا ئايلاندۇرۇشقا بولىدۇ. 38. نۆۋەتتە ئېلىنغان ئەڭ ساپ ماددا – يىرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال يۇقىرى ساپلىقتىكى –كۇۋارتىس. ئۇنىڭ ساپلىقى %99.999999999غا يەتتى. 39. ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ئىشلەتكەن مېتال- مىس. 40. ئەڭ بۇرۇن تەبىي گازدىن پايدىلانغان دۆلەت – جۇڭگۇ. 41. ئەڭ بۇرۇن پۇلات-تۆمۈر تاۋلىغان دۆلەت- جۇڭگۇ. 42. ئەڭ بۇرۇن ھۆللەش ئۇسۇلى ئارقىلىق مىس تاۋلاپ چىققان دۆلەت – جۇڭگۇ. 43. ئەڭ بۇرۇن ئېلېكتروننى بايقىغان ئادەم- ئەنگىلىيە ئالىمى- ياڭمۇ سۇن. 44. ئەڭ بۇرۇن ئىنرىتنى گازلارنى بايقىغان كىشى- ئەنگىلىيلىك لېي لىي ۋە ---------. 45. ئەڭ بۇرۇن ماسسىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى قوللنغان كىشى- فىرانسىيلىك – تومسۇن. 46. ئەڭ بۇرۇن تارازىنى خىمىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن قوللانغان كىشى- فىرانسىيە ئالىمى لاۋازىيە. 47. يىقىنقى زامان ئاتوم تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويغان ئالىم – دالتۇن. 48. ئەڭ بۇرۇن مۇلېكۇل ئۇقۇمىنى ئوتۇرىغا قويغان كىشى- ئىتالىيە ئالىمى ئاۋاگادىرو. توپلۇغۇچى : يەكەن 1-ئوتتۇرا مەكتەپ خىمىيە ئوقوتۇش گورۇپپىسىدىن: ئىزىزجان ھۆسەيىن
|