خۇش كېلىپسىز بودەك سىڭلىم، بايقاش - بىلىم گۈلشىنىگە. بايقاش ئەھلى كۈلۈپ باقار، يېڭى مېھمان كەلگىنىگە.
ناۋات سېلىپ چاي تۇتۇپسىز، چىن سالامنى يەتكۈزۈپسىز. بايقاش قۇچاق ئاچار سىزگە، بۇلۇپ قېلىڭ بىر گۈلى سىز.
رۇزى ھېيتلىق بۇ ئايەمدە، بايقاشتا مەشرەپ قاينىسۇن. ئۆم-ئىناقلىق،يۈكسىلىشتىن، شاتلىق ساداسى ياڭرىسۇن.
رۇزى ھېيتلىق بۇ ئايەمدە، شاتلىق ياغدى بۇ ئالەمدە. تەييار بولدى سىزلەر ئۈچۈن، دوستلۇق چېيى پىيالەمدە.
قېنى دوستۇم چاينى ئېلىپ، ھۇزۇرلىنىڭ،ئوتلاپ-ئىچىپ. ئاۋاز قوشۇڭ بۇ مەشرەپكە، شېئىر-قۇشاق،نەزمە تىزىپ.
ئەمدى نۆۋەت كىمگە كەلدى؟ گۈلچاي سۇۋۇپ قالمىسۇن يەنە! قېنى دوستلار سەھنە سىلەرگە قالدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-18 03:44
|