baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

BAYKAXBIZ
كۆرۈش: 430|ئىنكاس: 6

ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىش،قۇشۇش،بۆلۈش كۈپەيتىش،قاتارلىقلارنى ئۆگۈتۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىش،قۇشۇش،بۆلۈش كۈپەيتىش،قاتارلىقلارنى ئۆگىتىشنىڭ قانداق ياخشى ئۇسۇللىرى بار؟


1-ماۋسۇملۇق خىزمەت تەخسىماتى ئىلان قىلىنغان ئىدى، مەن يېڭى ماۋسۇمدا 1-يىللىق سىنىپ تۇتىدىكەنمەن. مىنىڭ بۇ 1-يىللىقنى تۇنجى قېتىم تۇتۇشۇم بولغاچقا ئالدىن-ئالا مۇنبەردىكى بۇجەھەتتە تەجىربىسى بار تورداشلاردىن تەلىم ئالغاچ تۇراي دەپ ئويلىدىم. ھەمىمىزنىڭ مەقسىتى ئاشۇ ئاق قەغەزگە ئوخشايدىغان ئۆسمۈرلەرنى ياراملىق كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش، مىنىڭ ھەرگىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىسىكى بىلىمسىز ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانىلار نەزىرىدىكى نان قىېپى ئوقۇتقۇچى، مىللەت ئالدىدىكى جىنايەتچى ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق. مەن بۇنىڭدىن كىيىن ھەركۈنى بىر مۇھاكىمە تېمىسى يوللايمەن. تورداشلارنىڭ ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ بىر يىللىق خىزمىتىمنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بۇلىشىغا ھەمدەمدە بۇلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. بايقاشتەك تەجىربىسى مول مائارىپچىلار توپلاشقان ئورۇندا ماڭا ياردەم قىلىدىغان ئادەم چىقماسلىققا ئىشەنمەيمەن. مەن ئالدىن سىلەرگە رەھمەت دىگەچ تۇراي. كىيىنمۇ سىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-8-8 18:54:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2012-8-8 19:06:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بۇ نىيىتىڭىزدىن بەكمۇ سۈيۈندۈم. مەن ئىشخانا خىزمىتى بىلەن بۇلۇپ ئوقۇتۇش خىزمىتىدىن چىقىپ قاپتىمەن. بۇ جەھەتتە تەجىربىسى بار تورداشلار ياردەم قىلغايسىلەر.
ۋاقتى: 2012-8-8 19:42:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولغاندا سىز بۇ يېڭى مەۋسۇمدە 1-يىللىق سىنىپ تۇتىدىكەنسىز شۇڭا ئەڭ ئاۋال شۇ شاكىچىكلەر بىلەن ئەڭ يېقىن سىرداش ، مۇڭداش ، دوست بولۇڭ . ئۇلارغا يېقىنلاشماي تۇرۇپ مۇنبەرگە چىقىپ قانچە ۋاقىراپ -جاقىرسىڭىزمۇ بەرىبىر .قىزىقارلىق ،يۇمۇرىستىك تىللىرىڭىز ، كۇيۇمچان ،مۇلايىم ،مېھرىبانلىقىڭىز بىلەن ئۇلارنى ئۆزىڭىزگە قىزىقتۇرۇڭ . ھەر بىر سۆزىڭىز ئورۇنلۇق بولسۇن   ئاندىن ئۇلار سىزنىڭ ھەر بىر سۆزىڭىزگە قۇلاق سالىدۇ .
ئىلگىرلىك قىلىپ كۆپ سۆزلەپ كەتتىم .مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز قوللىنىڭ بولمىسا....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-8 19:45  

ۋاقتى: 2012-8-8 21:29:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلۋەتتە تۇتۇپ كىتەلەيسىز مەنمۇ كەينى كەينىدىن 5 يىل 1- يىللىقنى تۇتقانتىم . ياردەملىشىمىز دە.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-8-9 12:35:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولغاندا سىز بۇ يېڭى مەۋسۇمدە 1-يىللىق سىنىپ تۇتىدىكەنسىز

ماڭا روھى جەھەتتىن مەدەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مىنىڭمۇ بۇ جەھەتتە زور ئىشەنچ بىلەن تۇرىۋاتىمەن. بۇ سىنىپنى تۇتقان ئىكەنمەن چۇقۇم باشقا ئېلىپ چىقالايمەن. لېكىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چۇقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم، ئىزدىنىشىم كېرەك. تورداشلارنىڭ ماڭا ئەمىلى ئۈنۈم ئېلىپ كىلىدىغان ماتىرىياللارنى تەمىن ئىتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2012-8-12 22:19:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بۇقېتىم بىرنجى يىللىقنى تۇتۇپ ناھايىتى ياخشى قىلىپسىز توردا بولساملا سىزگە ياردىمىمنى ئايمايمەن چۈنكى قەيەردىكى ئوقۇغۇچى بولسا يەنىلامىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمۈد غۇنچىللىرى .ئالدى بىلەن سىزگە بىرقانچە تەكلىپ بىرەي مۇۋاپىق بولسا قوللۇنۇپ قۇيارسىز
1.بالىلارغا ئۆزىڭىز قىلالمايدىغان ئىشلار توغرىسىدا ھەرگىزمۇ ۋەدە بەرمەڭ ۋەدە بەرسىڭىز چۇقۇم ۋەدىڭىزدە تۇرۇڭ چۈنكى كىچىك ئەمدى مەكتەپ تەربىيسىگە ئىرىشكەن بالىلارغا مۇئەللىملەر يالغانچى دىگەن تۇيغىنى بىرىپ قۇيىسىز دە راس ئىشقا دۇچ كەلگەندە پەرۋاسىزقارايدىغان ھەممە ئىشقا بىرخىل قارايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قۇيۇسىز.
2.بالىلارغا ئىنتايىن ياخشى سىلىق مۇئامىلە قىلىڭ ھەرگىز قۇپال مۇئامىلە قىلماڭ ئۆزىڭىزنى ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆزقېرىنداشلىرىدەك ھېس قىلدۇرۇڭ كىچىك بالىلار سىزنى نۇرغۇن تالاي قېتىم جىلە، خاپا قىلىشى مومكىن شۇنداق بولسىمۇ سەۋرىچان بۇلۇپ تىرىكمەڭ يەنىلا ئالداپ سىلاپ سىلىق مۇئامىلە قىلىڭ سىزلا بەل قۇيۋەتمىسىڭىز بىر ئىككى يىلدا ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلدۇ.جاپايىڭىزنىڭ مىۋىسىنى تېتىيسىز.
3.سىنىپ كادىرلىرىنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىڭ ،ياخشى تاللاڭ خالىغانچە ئالماشتۇرماڭ پۇرسەتنى ساناقسىزبىرىڭ ئۇلارنىڭ بالىلار ئالدىدىكى ئىناۋىتىنى تىكلەشكە ئەھمىيەت بىرىڭ بالىلار شۇ سىنىپ كادىرىنى ھۆرمەتلەپ ھېيىقسۇن ئەگەر ياخشى سىنىپ كادىرنى يېتىشتۈرۈپ چىقۋالسىڭىز ئەسلىدىكى جاپايىڭىزنىڭ 50%يىنىكلەپ بۇشاپ قالغاندەك بۇلۇپ قالىسىز.
4.سىنىپ كوللىكتىپىنىڭ ئىتىپاقلىششى ھەمكارلىششى ياخشى ئىشقا  ئاشۇرۇڭ كوللىكتىپ پائالىيەتكە كۆپرەك تەشككىلەپ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ تۇرمۇشىنى دەرىسخانىدىن سىرىتقى پائالىيتى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن تۇنۇشۇشقا ئەھمىيەت بىرىڭ سىنىپ كوللىكتىپى ئىناق ئىتىپاق بۇلۇپ ياخشى ھەمكارلىشالىسىلا شۇ سىنىپ مەكتەپتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى سىنىپ بۇلۇپ قالغۇسى چۈنكى ئىش ئۆملۈكتە كۈچ بىرلىكتە.
5.بالىلارنىڭ ھەپتىلىك ئىش پالىيەتلىرىنى ياخشى ئۈنۈملۈك خۇلاسە قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىڭ بۇنداق بولغان بالىلار ئالدىدا مۇئەللىم بىزنىڭ ھەربىر ئىشىمىزدىن خەۋەردار دىگەن تۇيغىنى بىرىپ ئىشقىلغاندا ئەستايىدىل كۈيۈنۈپ قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز.
6.دەرىس مەزمۇنلىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشتىن كۆرسەتمىلىك سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلدىن پايدىلانسىڭىز ياخشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.چۈنكى باشلانغۇچتىكى بالىلارنىڭ ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىن كۆرۈپ چۈشىنى يۇقرى بولىدۇ.ھەم بالىلار كۆرگىنىنى ئاسان ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
7.بالىلارنىڭ ئۆگەنگىنىنى ئەملىيەتتە كۆرسىتىدىغان سۇرۇن ھازىرلاپ بىرىشكە ئەھمىيەت بىرىڭ بولمىسا بالىلار نېمە ئۈچۈن ئۆگىندىغىنىنى بىلەلمىگەچكە ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىق زىرىكىش ھىسياتى شەكىللىنىپ قالدۇدە ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


قاماقخانا|يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2014-3-26 15:51, Processed in 0.900819 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش