مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2082 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • 1چىچەك 18 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادىكى ئەڭ موھىم ئىش قەيەردە تۇرغانلىقىمىز ئەمەس،قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز.

  • 1چىچەك 27 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت ئالتۇن – كۆمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • siginix1212 22 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تىللاسىنى پۇل تۆلەپ ئىلىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتكەن بولساڭلار

  • 1چىچەك يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى كىمدە بار؟يوللاپ قويساڭلار.

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن 16 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(2)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • 1چىچەك 25 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلارنى بەختسىز قىلساڭ ،ئۆزۇڭمۇ بەخىتكە ئېرشەلمەيسەن .

  • زەپەر 5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

كۆرۈش: 205|ئىنكاس: 4

كاج كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈشنىڭ سىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

1

دوست

368

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
99 سەر
تىللا
25 دانە
تۆھپە
50 سەر
شۆھرەت
64 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 22:29:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاج كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۈشنىڭ سىرى


غالىب خۇجىئابدۇللا



ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا كاج كىشىلەرنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. كاج كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان ھەر قانداق كىشىدىن سورىسىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھەقتە ئازدۇر - كۆپتۇر كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىيەلەيدۇ. ئۇلار ھەتتا كاج كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۇلاردىن كۆڭلى قالغانلىقىنى ئەسلەپ بېرەلەيدۇ. بىز بەزىلەرنىڭ كاج كىشىلەرنى نېمە ئۈچۈن ياقتۇرمايدىغانلىقىنى تەھلىل قىلساق، كاجلار خاتا بولسىمۇ ئۆزىنىڭكىنىلا راس قىلغاچقا، كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. تۇرمۇشنى كۆزەتسەك، كاجلار بىلەن ئەپ ئۆتمەكنىڭ ھەقىقەتەن تەسلىكىنى ھېس قىلىمىز. ئەمما، بىز كۆڭۈل قويساقلا ئۇنداقلار بىلەن ئەپ ئۆتۈشنىڭ ئۇسۇلىنى چوقۇم تاپالايمىز.

ئات فېرمىسىدا بىر ئات ئېغىلدىن قېچىپ چىقىپتۇ. ئات باقار ئۇنى ئېغىلغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەر قانچە تارتسىمۇ، ئات تىرەجىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئات باقار ئىككى ئاغىنىسىنى ياردەمگە چاقىرغان بولسىمۇ، ئات كۈچلۈك بولغاچقا، چامى يەتمەپتۇ. ئات باقار ۋە ئۇنىڭ ئاغىنىلىرى قارا تەرگە چۆمۈلۈپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، يوچۇن بىرەيلەن كېلىپ ئات باقارنىڭ قولىدىن ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى ئاپتۇ - دە، ئاتنى سىرتقا يېتىلەپتۇ. بۇ چاغدا ئات تىرەجەپ تۇرۇۋېلىپ ئېغىلغا تارتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاتنى ئېغىلغا سولىۋاپتۇ.

بىز بۇ ھېكايىدىن تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئاشۇ ئاتقا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. شۇنداقلا ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا چوقۇم پەم ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن كاجلارنىڭ جاھىللىقىنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن قىلىۋالماسلىقىمىز لازىم. ئەگەر بىز كاجنى ئۆزىمىزگە دۈشمەن دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇلارمۇ بىزنى دۈشمەن دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ قارشىلىشىشى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ. ئەگەر بىز يۇقىرىقى ھېكايىدىكى يوچۇن ئادەمدەك كاج كىشىلەرگە پەم ئىشلىتىپ مۇئامىلە قىلساق، ھەتتا ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالساق، ئېھتىمال ئويلىمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
تۇرمۇشتا بەزى كاج كىشىلەرنىڭ كاجلىق دەرىجىسى يېنىك، بەزىلەرنىڭ ئېغىر بولىدۇ. ھەتتا بەزىلەر كاجلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنى پەقەت روھىي كېسەل دوختۇرخانىلىرىدا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. بىز تۇرمۇشتا مانا مۇشۇنداق ئېغىر دەرىجىدىكى كاجلىق كېسىلى بار كىشىلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ چاغدا بىز تېخىمۇ ياخشى پەم ئىشلەتسەك، ئاندىن ئۇلار بىلەن ئەپ ئۆتەلەيمىز.

مەشھۇر پىسخولوگىيە ئۇستازى ئەركسىن كاجلىقتا چېكىگە يەتكەن بىر ئاغرىقنى داۋالىماقچى بولۇپتۇ. ئۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنچە كېسەلخانىدىن سىرتقا چىقماي، تامغا توختىماي مىخ قاقىدىكەن. ئۇنىڭ خىيالىچە شۇنداق قىلسا، ئۇ بىخەتەر بولىدىكەن. دوختۇر - سېسترالار ھەر قانچە قېلىپمۇ ئۇنى سىرتقا چىقىرالماپتۇ. ئەركسىن ئۇنى تامغا مىخنى جىق قېقىشقا يېتەكلەپتۇ. ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تامغا مىخ قېقىپتۇ. ئۇلار تامغا مىخ قېقىپلا قالماي، پولغا، ياغاچلارنىڭ ئارىسىدىكى دەزلەرگىمۇ مىخ قېقىپتۇ. ئەركسىن ئاغرىققا «مۇشۇنداق قىلساق بىز پۈتۈنلەي بىخەتەر بولىمىز» دەپتۇ. ئاغرىق ئەركسىندىن خوش بولۇپتۇ. ئەركسىن ئاغرىققا يەنە «بىز ئۆزىمىزنى قوغداش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز لازىم. سىرتقا چىقىپ دوختۇرخانىنىڭ سىرتقى تېمىغىمۇ مىخ قېقىشىمىز لازىم، شۇنداق قىلساق تېخىمۇ بىخەتەر بولىمىز» دەپتۇ. ئاغرىق ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ سىرتقا چىقىپتۇ. ئەركسىن تۇنجى بولۇپ بۇ ئاغرىقنى نورمال داۋالاش كۈنتەرتىپىگە بويسۇندۇرۇپتۇ. دوختۇر - سېسترالار ئەركسىننىڭ بۇ پاراسىتىدىن ھەيران قاپتۇ.

بۇ ھېكايىدىن ئايانكى، دوختۇر - سېسترالار قىلالمىغان ئىشنى ئەركسىن پەم بىلەن قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئەركسىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدىكى سىر شۇكى، ئۇ ئاغرىقنىڭ تەپەككۇر لوگىكىسىنى ئىنكار قىلمىغان، بەلكى ئۇنى قوللىغان. ئاغرىقنىڭ جاھىللىقىنىمۇ بىر خىل كېسەل قاتارىدا كۆرمەي، ئۇنى ھۆرمەت قىلغان. ئەركسىن ئاغرىقنى ھۆرمەت قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ، ئاندىن ئاستا - ئاستا پەم ئىشلىتىپ، ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىققان. ئەركسىننىڭ بۇ پاراسىتى، كاجلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىمىز ھەققىدە بىزگە ئوچۇق دەرس بولالايدۇ.

كاجلىق بەزى كىشىلەرگە كېسەل، بەزى كىشىلەرگە مىجەز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەزىدە بىزنىڭ يېقىن دوستلىرىمىز، ئاتا - ئانىلىرىمىز، بالا - چاقىلىرىمىز، ھەتتا ئۆزىمىزمۇ بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قىلىشىمىز مۇمكىن. بىز پەقەت ئۆزىمىز يولۇققان كاج كىشىلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، تەپەككۇرىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلساقلا، ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ ئۆتەلەيمىز.

مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

31

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7210 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7892 سەر
شۆھرەت
5854 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 22:35:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىيما يوللاپسىز  چۇقۇم كەج كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۈتۈش تۇلىمۇ زۈرۈل . ئەسكىگە بىر قۇشۇق قۇياپ بەرمىگەندە .ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بۇلىدۇ  . ياخشى تىما يوللاپسىز
ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

87

تېما

22

دوست

6233

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1493 سەر
تىللا
360 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1121 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 09:13:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىلىپ كەپسىز، بىزنى تۇرمۇش ھەققىدە يىڭى بىر تەجرىبىگە ئىگە قىلدىڭىز ، رەھمەت سىزگە
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

52

تېما

24

دوست

3031

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

شاھ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
695 سەر
تىللا
136 دانە
تۆھپە
599 سەر
شۆھرەت
558 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىپوتوشوپ ئۇستىسىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 12:40:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز شاكىچىك ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېما ئېلىپ كەپسىز رەھمەت سىزگە
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.
ئالىمى كۆپ ئەل گۈل بولىدۇ، ھېكىمى كۆپ ئەل كۈل بولىدۇ.

75

تېما

32

دوست

9613

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2239 سەر
تىللا
391 دانە
تۆھپە
1800 سەر
شۆھرەت
1684 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 20:36:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن.
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 17:41, Processed in 0.465212 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش