ئىگىسى: kok~bora

مۇشائىرە باشلاندى ئەمسە تېز كىرىڭلا!!تېز

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-6-30 22:01:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرىپەت يوللىغان ۋاقتى  2012-6-28 22:17
شئېر دېگەن ئالامەت يېزىپ قۇيۇپسىزغۇ... يارايسىز تايلا ...

ئاشۇرۋەتتىڭىز، رەھمەت .
ۋاقتى: 2012-7-1 11:29:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كەلدىم يۈگىرەپ،
تاقلاپ ئەمەس سەكىرەپ.
مېنى ئايرىپ قويماڭلار،
ئەجەپمۇ بىر ئەنسىرەپ.

يېڭى مېھمان بولساممۇ،
سۇ قۇيۇشقا ئېپىم بار.
داستىخاننى تۈزەشتە،
خېلى داڭلىق گېپىم بار.

باھا سۆز

يارايسىز.  ۋاقتى: 2012-7-1 14:21
ۋاقتى: 2012-7-1 18:31:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھام كەلمەيدىغۇ تورداشلار نىمە دەپ قۇشاق قاتسام بۇلار ،



بايقاش تورى قۇرۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىتتا ،
ئەزالىرىمىز كۈپىيىپ ھەممە كىشى بايقىدى.
باشلىقىمىز رۇزاخۇن تورداشلارنى ئويلاڭ سىز.
ئۇلارمۇ ئانچە-مۇنچە چاڭقىدى.

تورداشلارنىڭ بايقاش تورى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى بىكارغا كەتمىگەي ، جاپا تارتتىڭلار تورداشلار ،رەخمەت سىلەرگە
بايقاش تورىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى !!!!!!!!!

باھا سۆز

رەخمەت.  ۋاقتى: 2012-7-2 02:28
ۋاقتى: 2012-7-2 18:46:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچەتۈندە ياتاتتىم،
بايقىشىمدىن خەتكەلدى.
ئېچىپبەتنى قارىسام،
مۇشائېرە باشلاندى.

كۆكبۆرىلەرھۇلىشىپ
مۇشائېرنى باشلاپتۇ.
بۇبايقاشنى قىززىتىپ،
بارچەخەلقىم تەڭ كەپتۇ.
ۋاقتى: 2012-7-4 18:33:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشائىرە قزىپلا كېتىپتۇ. لېكىن تېما ئېگىسىنىڭ باشلىغىنى ماڭا تازا يارىمىغان ئىدى، ئاستىدىكىلەرنىڭ ياخشى چىقىپتۇ
ۋاقتى: 2012-7-9 08:34:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2012-7-10 00:27:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ قىزىپ كىتىپتۇ ،
بۈگۈن كىرسەم بايقاشقا .
مەجبۇر بولدۇم شېئىرغا ،
ئىمكان يوق باش چايقاشقا.

كىلىڭ دوستلار سۇرۇنغا ،
قىزىپ كەتسۇن بەزمىمىز .
مۇشائىرە  ئايلانسۇن ،
چىقىپ قالماس ئەزمىمىز .





ۋاقتى: 2012-7-10 15:25:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەم قىلىمەن دەپ دوستلارنى ھۇۋلاپ كەپتۇ كۆك بۆرە ،
مۇشائىرە باشلىنىپتۇ بولدى  火山 چوڭ تۆرە  .
كەلسىلچۇ  بۇ سۇرۇنغا ئابلىمىتجان  ھەي ئۇستاز ،
ئويلاپ قالدۇق  سىلەرنىمۇ ئولتۇرالماي تىك ئۆرە  .


ۋاقتى: 2012-8-1 19:02:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېلىڭ دوستلار بىرلىكتە،
مۇشائىرە تۈزەيلى.
قىزىپ كەتسۇن سەھنىمىز،
چىن يۈرەكتىن كۈلەيلى.

مۇشائىرە تۈزۇشتۇق،
ھەم قاقاقلاپ كۈلۈشتۇق.
باسالماي ھىس-ھاياجان،
ئۆلچەمنىمۇ بۇزۇشتۇق.

مۇشائىرە ئەسلىدە،
شىئېرىيەتنىڭ بىر تۈرى.
مەزمۇن شەكلى مۇكەممەل،
داڭقىسىمۇ بار تېخى.

مۇشائىرە تۈزگەندە،
توغرا بولسۇن گېپىمىز.
خۇددى بىزمۇ شائىردەك،
چىڭ باغلانسۇن بېلىمىز.

ھاياجانغا بېرىلىپ،
يوقاتمايلى ئەندىزنى.
ھاماقەتكەن دىمىسۇن،
ئۇچراتقانلار سەن-بىزنى.

خۇددى رەڭدار شەكلى بار،
مۇشائىرنىڭ ئەزەلدىن.
ئۆرنەك ئېلىپ كۆرەيلى،
مۇخەممەس ھەم غەزەلدىن.

شام ئەپەندى،ئامانجان،
باشقۇرغۇچى قازىلار.
سەللەڭلەرنى ئېپقويۇپ،
بۇ داۋانى سوراڭلار....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 15:52  

باھا سۆز

بايقاش تورىمىز سىزدەك ئوبزورچىلارغا مۇھتاج، يارايسىز، تىخىمۇ تىرىشىڭ تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2012-8-2 11:18

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2قىزغىنلىق +10تىللا +10تۆھپە +10شۆھرەت +10يىغىشسەۋەبى
ئامان + 5 + 5 + 5 + 5بارىكاللار تېرىشىڭ!
umid0998 + 5 + 5 + 5 + 5قوللايمەن!

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-8-2 11:18:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saba007 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 19:02
كېلىڭ دوستلار بىرلىكتە،
مۇشائىرە تۈزەيلى.
قىزىپ كەتسۇ ...

بايقاش تورىمىز سىزدەك ئوبزورچىلارغا مۇھتاج، يارايسىز، تىخىمۇ تىرىشىڭ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش