مەن ئەسلىدە تورداش ‹‹كۆك بۆرە›› ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان تورداشلار مۇشائىرەسىگە ئاتاپ بىر يازما تەييارلىغان ئىدىم، قارىسام ئەتىگەندىن بېرى بۇ مۇشائىرە بەك قىزىپ كېتىۋاتىدۇ، راستىنى ئېيتسام چاقچاقلار بىرئاز ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. مۇنبەردە سىزدىن كىچىكلەرمۇ، سىز بىلەن تەڭتۈشلەرمۇ، شۇنداقلا سىزدىن چوڭ، ئاتا سۈپەت ئادەملەرمۇ بار، تور دۇنياسىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بۇ چەكسىز بوشلۇققا كىرىپ-چىقىدىغان ئادەملەرمۇ كۆپ ۋە ھەر خىل. ھەر خىل سۈپەتلەش ۋە ئوخشۇتۇشلار بىلەن بىر-بىرىمىزنى كەمسىتىشسەك-ھە!!!.... بايقاشتىكىلەرغۇ دوستلارچە ‹‹چاقچاق›› دەپ چۈشۈنەرمىز، باشقا مۇنبەردىكىلەرچۇ؟!!.... تورداشلارنىڭ ئائىلە تاۋابات، دوست-بۇرادەرلىرىچۇ؟!!... ئۇلار قانداق چۈشۈنىشى مۈمكىن؟!!
‹‹كۆك بۆرە›› ئەپەندىم: سىز كىم؟ نەچچە ياش؟ نىمە ئىش قىلىسىز؟ قەيەرلىك؟.... قىسقىسى سالاھىيىتىڭىزنى بىلمەيمەن، تورغا چىقىشنى بىلگەنكەنسىز، ئەلۋەتتە تور دۇنياسىنىڭ نىمىلىكىنىمۇ بىلىسىز. سىزگە تەكلىۋىم: مۇنبەر يۈزىدە چاقچىقىڭىز چەكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن! مۇنبەرگە يولانغاننى ئۆچۈرۈشكە بۇلىدۇ، ئەمما ئوقۇلۇپ بولغاننى باشقىلارنىڭ مىڭىسىدىن ئۆچۈرەلمەيسىز.
ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان ھېكمەت: ‹‹ ھۆرمەت قىلساڭ، ئىززەت تاپارسەن! ›› |