| ناھايتى ياخشى تېما ئىكەن . بولۇپمۇ ھازىرقى مائارىپىمىزدا قىززىق نۇقتا بولىۋاتقان بۇ قوش تىل ئوقۇتۇشى ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا . ھەم بەزىلىرىمىزنى ئويغا سالماقتا . ئەسلى قوش تىل ئوقۇتۇشى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشنى مەقدەت قىلغان ئىدى ئەمما بىر قىسىم مەكتەپلەر بۇ « قوش تىل » ئوقۇتۇشىنىڭ ماھىيىتى چۇشەنمەسلىك تۇپەيلىدىن ئانا تىلنى چورۇپ تاشلاپ ئاتالمىش « قوش تىل » مائارىپىغا بېشىچىلاپلا كىرىپ كەتتى. نەتىجىدە بىز تەربىيلىگەن « قوش تىل » ئوقۇغۇچىلىرى بۇ « قوش تىل» نىڭ ئۈنىمىنى كۆرەلمەيلا قالماي بەلكى ھەر ئىككى تىلدا ساۋاتسىز قالماقتا . بولۇپمۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇشتىن بىزار بولۇش پىسخىكىسى شەكىللەنمەكتە .يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يوقۇردا ئېيتىلغاندەك ئۆزىنىڭ ئاشۇ گۈزەل ، ئەۋرىشىم ، كۆپ خىل مەنىگە ئىگە بولغان تىلىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۆز ھېسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ شەكىللەنمەكتە . بۇلارنى ئويلىسام تېنىم شۇركىنىدۇ . كەلگۈسىمىزدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالدىم .
بولدىلا سۆزلىسەم گەپ تولا . ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ يەردە توختاپ قالاي . ئەڭ مۇھىمى سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن . بىزگە مۇشۇنداق ياخشى سۆھبەت خاتىرسىنى كۆرۈش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت .
سوۋغا : مائارپى شەكىلۋازلىققا يۈزلەنگەن مىللەت كەلگۈسىنى كۈتمىسۇن . تىل- ئادەمنى ئالەمگە باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە .
|
|