| 
2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە ھاياتىنى ئۇيغۇر مائارىپى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە "قۇتادغۇ بىلىك تەتقىقاتى"، "تۈرك تىل دېۋانى" تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ، ئۇيغۇر مەنىۋىي ھاياتىنىڭ بوشلۇقلىرىنى تولدۇرۇش تىنىمسىز ھىممەت كۆرسەتكەن سۈيۈملۈك ئۇستاز، يېتىشكەن پېداگوگ، ۋىجدانلىق يازغۇچى، رىغبىتى كۈچلۈك تەتقىقاتچى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئاكا بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 1958- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاتۇش شورۇقتا دۇنياغا كەلگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. 1983- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1997-يىلدىن تاكى كۆز يۇمغانغا قەدەر ئۈرۈمچىدە ياشىغان. «قۇتادغۇبىلىك» شۇناس، پېداگوگ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە پېداگوگىكىغا ئائىت تېمىلاردا يازغان نۇرغۇن ماقالىلىرى، «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا»، «ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت»، «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» ناملىق كىتابلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇشلۇق، ئىرادىلىك ۋە جاسارەتلىك ئاپتور يەنە پەلسەپىۋى ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»نى رومانلاشتۇرۇپ ئىشلەپ جەمئىيەتكە سۇنغان. «بوۋام شۇنداق ئۆگەتكەن» دېگەن تېمىدىكى بىر يۈرۈش كىتابلىرىدىن «ھايات بوسۇغۇسىدا»، «ئادىمىلىك مىزانلىرى«، «قۇتادغۇبىلىك دەرسخانىسى» دېگەن قىسىملىرىنى نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە، 30 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان. قېرىنداشلار، ھەممەيلەن مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى ! ئامىن !!! |
|