ئىگىسى: umid0998

تورداشلار نىمە ئۇچۇن چ چ دا ساپ ئۇيغۇرچە يازمايسىلەر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-6-8 21:33:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
umid0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-5 17:45
كەچۇرىسىز، مەن بۇ ئىشنىڭ تىخنىكا تەلىپىنىڭ بۇنچىلىك  ...

سىلەر ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى بولسىمۇ، لىكىن «ئۈمد»نىڭ دېگىنى توغرا، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئاللىبۇرۇن بۇ پىنيىنچە يېزىقىمىزنى ئىشلەتمەي، تۇركچە تىل سىستىمىسى بويىچە دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان، سېستىمىلىق، مۇكەممەل بولغان، ئۇيغۇر يېزىقىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان، سىز ئېيىتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى» بىزنىڭ ئۈگەنگەن ئانا تىلىمىز ئەمەس، بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا 32ھەرپ بار، سىز دېگەندەك بىزنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىمىزنى ئانا تىلىمىزدەك، ھەقىقى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. بىز پەقەت ئىنگىلىزچە شۇ ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ، كۆز قارشىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمىز، خالاس.  تور ئالاقىسى كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىۋاتقان، ھەممە كىشى توردا بولۇپمۇ چ چ دا ئالاقىلىشىشقا يۈزلىنىۋاتقان مۇشۇ پەيىتتە،چ چ دا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللايدىغان قىلىش مەسلىسى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن.   
ۋاقتى: 2012-6-10 12:22:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زارچى يوللىغان ۋاقتى  2012-6-8 21:33
سىلەر ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى بولسىمۇ،  ...


سالام زارچى ئەپەندى :
ئىنكاسىڭىزنى كۆردۇم ئەسلى ئىزاھات بەرمىسەممۇ بولاتتى ، چۈنكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى دېيىش ھەم كۆز قارىشىدا قېلىش ھوقۇقى بار .مەن سىزنىڭ  ئۆز كۆز قارىشىڭىزدا قېلىش پوزىسىتسىيىسىدە تۇرۇپ پەقەت ئىزاھەت بېرىشنى لايىق كۆردۇم .

ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (UKY) ھەققىدە
ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى-- ULY) كومپيۇتېر ساھەسىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان لاتىن ھەرپلىرىدىن تۈزۈلگەن يېزىق بولۇپ، 2001- يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىبراھىم مۇتىھى، مىرسۇلتان ئوسمان، مۇھەببەت قاسىم، ئىمىن تۇرسۇن، ئابلىز ياقۇپ، خەمىت زاكىر، ئارسلان ئابدۇللا، ھوشۇر ئىسلام، تۈرگۈن ئىبراھىم .. قاتارلىق ئالىم، تىلشۇناس، دوكتور ۋە پروفېسسورلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 5 قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق 2000-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن 15 خىلدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان لاھىيىنى ئەستائىدىل مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2001-يىل 3-ئىيۇل كۈنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن لاھىيە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە تىل-يېزىق كومېتېتىگە يوللانغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شۇ يىلى باھاردا «ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىسى ۋە UKY توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ئاڭلاش يىغىنى» چاقىرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر ئىسىم - فامىلىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا UKY نىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى پۇختىلاش، ئۇندىن كېيىن شارائىت پىششىپ يېتىلگەندە قايتا مۇزاكىرە قىلىش قارارىغا كەلگەن.
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلاردا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى (يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى) نى ئىشلىتىش يېزىق ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى قىلىش بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ...» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن ھەم تەكىتلەنگەن.

http://www.ukij.org/html/

قالغان تەپسىلاتنى يۇقۇرىدىكى ئۇلانمىدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ .
تۇركچە تىل سىستىمىسى بويىچە دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان، سېستىمىلىق، مۇكەممەل بولغان، ئۇيغۇر يېزىقىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان، سىز ئېيىتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى» بىزنىڭ ئۈگەنگەن ئانا تىلىمىز ئەمەس،
بۇ ئىنكاسىڭىزدىكى لوگىكىلىق خاتالىقنى ئۆزىڭىز ھېس قىلدىڭىزمۇ بىلمىدىم . تۈركچە تىل سېستىمىسى بويىچە مۇكەممەل ئۇيغۇر يېزىقى ئىجاد قىلغان دەپسىز . مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىرقى بىز قوللىنىۋاتقان يېزىق ئەرەپ يېزىقىدىن ( دېققەت قىلىڭ مەن بۇ يەردە ئەرەپ تىلى دىمىدىم ) پايدىلىنىپ شەكىللىنەگەن ئۇيغۇر يېزىقى دەپ بىلىدىكەنمەن ، ناۋادا مەن خاتا دېگەن بولسام تۇزۇتۇپ دەپ بېرىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن . يېققىندا توردا مەھمۇت بوۋىمىزنىڭ < دىۋانى لۇغەتى تۈرك >  دېگەن ئەسىرىنىڭ ئىستانبولدا ساقلانغان ئەسلى قول يازما   نۇسخسىنى توردا 3 كۈنلا تارقاتتى ، بۇنى سىز چۇشۇرۇپ كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ بىلمەيمەن . بۇنىڭدا تىل تۈرك تىلى بولسىمۇ ئەرەپ يېىزىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن .  
سىز ئېيىتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى» بىزنىڭ ئۈگەنگەن ئانا تىلىمىز ئەمەس،
بۇ سۆزىڭىزنى نېمە دەپ چۇشۇنىشنى بىلمىدىم .ئەسلى سىز < ئۇيغۇر كومپۇيۇتېر يېزىقى> بىز ئۆگەنگەن ئۇيغۇر يېزىقى ئەمەس دېيىشىڭىز كېرەك ئىدى . لېكىن سىز يەنە بىر خاتالىققا يول قويۇپ بۇ سۆزلەرنى يېزىپسىز .
بىز پەقەت ئىنگىلىزچە شۇ ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ، كۆز قارشىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمىز، خالاس.
بۇ سۆزلىرىڭىزنى يەنە قانداق چۇشۇنىشنى بىلمىدىم ، مەلۇم دەرىجىدە دەپسىز، مەن چ چ سۆزلەشسەم پۇتۇن ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوي – پىكرىمنى ئىپادىلىدىم دەپ قاراپ كەلگەن ئىدىم . ىسز دېگەندەك مەلۇم دەرىجىدە دېگەن سۆزىڭىز توغرا بولغاندا < ئۇيغۇر كومپۇيۇتېر يېزىقى> نىڭ ئىجاد قىلىنىشىمۇ مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولغان بولىدۇ دەپ چۇشۇنىشكە ھەم بولىدۇ . مەسىلەن  kox baxlik bala   دەپ مىسال ئېلىپ باقايلى ، بۇنى < كوش باشلىق بالا > دەپ ئوقامدۇق ياكى < كۆش باشلىك بالا > دەپ ئوقامدۇق . مېنىڭ بۇ يەردە ئىپادىلىمەكچى بولغىنىم < قوش باشلىق بالا > ئىدى . ئەمىسە ئۇيغۇر كومپۇيۇتېر يېزىقى بويىچە qosh bashliq bala    دەپ يازساق مەنە ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ . سىز دېگەندەك قىسمەن ئەمەس بەلكى تولۇق ئىپادىلىنىدۇ .
مەن بۇ يېزىقنى بىزنىڭ يېزىقىمىز دېگىنىم ئەمەس ،يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك بىزگە كومپۇيۇتېر كىرگەندىن بۇيان كونا يېزىق بىلەن ئالاقە قىلىشقا ئىمكان بولمىغان شارائىتتا كومپۇيۇتېر ۋە تىل ئالىملىرىمىز بىزگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ۋاقىتلىق ، ئۇنۇملۈك يېزىق خالاس .بۇ يېزىقنى بىلىشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق ،ناۋادا بۇ يېزىقنى بىلسىڭىز ئۆزبېكچە تور بەتلەرگە كىرىپ ئۇ يەردىكى ئەسەرنى بىمالال ئوقۇيالىشىڭىز ھەم مۇمكىن ، چۈنكى ئۆزبېكلەر مۇشۇ يېزىقنى قوللىنىۋاتىدۇ ھازىر .
  مەنمۇ ئۆز قارىشىمنى يازدىم ، يەنە باشقا ئۇستازلار بولسا ئۇلارنىڭمۇ ياخشى پىكىرلىرىنى ئاڭلاشنى خالايمەن .  


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-10 21:02  

ۋاقتى: 2012-8-24 23:19:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخىچىلا  بىلمەي يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ، بىلىۋالدىم،ياخشى ئىكەن
ۋاقتى: 2013-9-15 22:55:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقۇل مەنمۇ ئىشلىتىپ كۆرەيچۇ.
ۋاقتى: 2014-12-11 10:34:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇدىگەنلىرڭىز  ناھايىتى   ئۇرۇنلۇق    لېكىن   تىلفۇندا  چىقىدىغانلا   قانداق   قىلامىز..........................
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش