مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2090 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئوگلان 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر دوسلار؟

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىزنىڭ بۇ ماۋسۇملۇق ئانا تىل جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقى كامدەك قىلىدۇ .

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(1)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • siginix1212 تۈنۈگۈن 17:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تىللاسىنى پۇل تۆلەپ ئىلىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتكەن بولساڭلار

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى كىمدە بار؟يوللاپ قويساڭلار.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىڭىرقاشتىن يۈلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ،يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىپ كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلارنى بەختسىز قىلساڭ ،ئۆزۇڭمۇ بەخىتكە ئېرشەلمەيسەن .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 12:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادىكى ئەڭ موھىم ئىش قەيەردە تۇرغانلىقىمىز ئەمەس،قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت ئالتۇن – كۆمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:01 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

كۆرۈش: 622|ئىنكاس: 7

ئوزۇقلۇق تولۇقلاش قائىدە-تۈزۈملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

4

دوست

66

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
23 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
7 سەر
شۆھرەت
9 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 21:53:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامانيار يېزا گەمىساڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ياخشىلاش پىلانىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپسى

گۇرۇپ باشلىقى: قۇربان ئېلى

مۇئاۋىن گۇرۇپ باشلىقى: قادىرجان ئىسلام

ئەزالىرى؛ ئەسقەر مەمەت،بارلىق سىنىپ مۇدىرلىرى






گەمىساڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش پىلانى
ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزىمى
亚曼牙乡盖米桑小学学生营养计划岗位职责
1.        مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇلىيىتى:                                校长职责

مەكتەپ مۇدىرى ئوقۇغۇچىلار ئوزۇقلۇق تولۇقلاش پىلانى خىزمىتىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى.
2.        ئىلمى مۇدىر ياكى ئىشچىلار ئويۇشما رەئىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى:
教务主任或工会主席职责:      
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش پىلانىنى كونكىرىتنى يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش، ئارخىپلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزگۈرۈش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى سېلىشتۇرۇش، ئامبارچىنىڭ مەشخۇلىيىتى ۋە پىششىقلاپ ئىشلەشكە نازارەتچىلىك قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىك ئىستىمال قىلىشىنى نازارەت قىلىش ۋە تەڭشەش، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش پىلانى خىزمىتى ئارخىۋىنى تۇرغۇزۇش، مەكتەپنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى دىمكىراتتىك نازارەت قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە ئارخىپلاشتۇرۇش، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش پىلانىنى ياخشىلاشنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئەھۋالىنى ئوچۇق ئاشكارلاش، ئاشخانا ۋە ئامبارنىڭ يىمەكلىك تازلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
3.ئامبارچىنىڭ مەسئۇلىيىتى:                                                  保管员职责     ئوزۇقلۇق يىمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلىش، سېلىشتۇرۇش، ساقلاش، تارقىتىش، ئەۋرىشكە ئېلىش، ئىلمى مۇدىرغا ياردەملىشىپ ئامبار ۋە ئاشخانىنىڭ تازلىق ۋە بىخەتەرلىكىنى ياخشى تۇتۇش، پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كىيىنكى ئوزۇقلۇق يىمەكلىكلەرنى سىنىپ مۇدىرلىرىغا تارقىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋىلىپ، ئامبارلاشتۇرۇش تۈزىمى

1-         يىمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش ئۆتكۈزىۋېلىش جەريانىنى، بولۇپمۇ ھەر قېتىملىق مال تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كونكىرىتنى مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
(1)        ئورالما يىمەكلىكلەر(سۈت)نىڭ سۈپىتىنى بىكىتىپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىش.
1.        ئورالمىنىڭ ئۈستىدىكى مەزمۇنلار بىلەن تەكشۈرۈش دوكىلاتىدىكى مەزمۇنلار ئوخشاش ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش لازىم.
2.        ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ئۈنۈملۈك ساقلاش مۇددىتىنى تەكشۈرۈش. ئەگەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا قەتئى تاپشۇرۇۋالماسلىق كېرەك.
3.        ئورالمىدا زاۋۇت ئىسمى، زاۋۇت ئادرىسى بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈش.
4.        يىمەكلىكلەرنى كۆرۈپ تەكشۈرۈش. يەنى بۇزۇلغانمۇ-يوق، بۇلغانغانمۇ-يوق، رەڭگى ئۆزگەرگەنمۇ-يوق، ئەخلەت يىمەكلىكمۇ-يوق، پاختىلىشىپ قالغانمۇ-يوقلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
5.        پۇراش سىزىمى ئارقىلىق غەيرى پۇراق بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
6.        قول سېزىمى ئارقىلىق غەيرىلىك بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
(2)        ئورالمىسىز يىمەكلىكلەر(تۇخۇم)نىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش.
1.        قاراش: يېڭى ياكى ئەمەسلىكى، بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقى، سېسىپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش
2.        پۇراش سېزىمى ئارقىلىق غەيرى پۇراق بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈش
3.        تۇتۇش ئارقىلىق غەيرىلىك بار-يوقلىقىنى تەكشۈرۈش.
2-        ئوزۇقلۇق تارقىتىشتا ھەر كۈنى ھەر قايسى سىنىپلارنىڭ سىنىپ مۇدىرلىرى ئۆزى قول قويۇپ ئېلىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملاش خاتىرىسىگە قول قويۇشىغا يىتەكچىلىك قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىشتىن ئاۋۋال يەنە بىر قېتىم غەيرىلىك بار-يوقلىقىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.
3-        بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىسپات ۋە تالۇنلاشتۇرۇش، مال كىرگۈزۈشنى تەكشۈرۈش ۋە سېتىۋىلىش خاتىرىسىنى تەكشۈرۈش تۈزىمى بويىچە، مال كىرگۈزۈش ھىساۋاتىنى ئەستايىدىل خاتىرلاش، سېتىۋىلىشتىن پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە بولغان ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ مەھسۇلات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.







زاپاس ساقلاش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش تۈزىمى
1-        مەكتەپ مەخسۇس يىمەكلىكلەرنى زاپاس ساقلاش ئۆيى ئاجرىتىپ، يىمەكلىكلەرنى زاپاس ساقلاش ئۈسكىنىلىرىنى سەپلەش، يىمەكلىكلەرنىڭ تازىلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
2-        ئوزۇقلۇق يىمەكلىكلەرنى ئامبارلاشتۇرۇش ۋە ئامباردىن چىقىرىشقا مەخسۇس مەسئۇل خادىم بىكىتىپ، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم قول قويۇپ ئۆتكۈزۋېلىشى، زاۋۇتتىن چىقىش ۋاقتى بىلەن تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرى ئوخشاش بولۇشى، ۋاقتى ئۆتكەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، بۇلغانغان يىمەكلىكلەرنى ئامبارغا كىرگۈزمەسلىك كېرەك. كىرگۈزۈش ۋە چىقىرىش ھېساۋاتىنى ياخشى تۇرغۇزۇش كېرەك.
3-        ئوزۇقلۇق يىمەكلىكلەرنىڭ ئاۋۋال كىرىپ، ئاۋۋال چىقىش تۈرىگە ئايرىش، جازىغا ئايرىش، يەردىن ئايرىش، تامدىن يىراقلاشتۇرۇپ تىزىپ سا
قلاش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، شۇنداقلا يىمەكلىكلەرنىڭ كىرگۈزۈلۈش ۋاقتى ئېنىق كۆرسىتىلىشى، ھەر قايسى ماللارنى ساقلاش ئورنىنىڭ ئېنىق بەلگىسى بولۇشى لازىم. پارچىلانغان يىمەكلىكلەرنى رايۇنلار بويىچە قاچىلاپ ساقلاش، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى، ئۈنۈملۈك ساقلاش مۇددىتى، مال ئىسمى، مال تەمىنلىگۈچى ئورۇن بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق مەزمۇنلار ساقلاش ئورنىدا ئېنىق كۆرسىتىلىشى، يىمەكلىكلەرنى قاچىلاش، ساقلاش ئەسۋابى بىخەتەرلىك تەلىۋىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
4-        قەرەرلىك ھالدا ئامباردىكى مەھسۇلاتلارنى ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، رەسمىيەتلەرنى تولۇق ئىشلەش، مەھسۇلات ھېساۋىنى سېلىشتۇرۇش، ئېنىقلاشتىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك خادىملار قالدۇق ھېساپلاش تالۇنىغا قول قويۇش كېرەك. ناۋادا سۈپىتى ئۆزگەرگەن، ۋاقتى ئۆتكەن يىمەكلىكلەر بايقالسا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
5-        ھەر قېتىم يىمەكلىكلەرنى ئامبارلاشتۇرغاندىن كىيىن، ۋاقتىدا نۇسقا ئېلىش، ھەمدە نۇسقىنى 48سائەت ساقلاش كېرەك.
6-        خام تۇخۇملارنى تارقىتىشتىن ئىلگىرى پىشۇرۇشقا ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، پىششىق پىشۇرۇش كېرەك. پىشۇرۇشتىن ئىلگىرى تۇخۇملارنى پاكىز يۇيۇشى، يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ بۇزۇلۇپ قالغان، چېقىلىپ كەتكەن لاياقەتسىز تۇخۇملارنى ئايرىۋىتىش كېرەك. پىشۇرغان ۋاقىتتا سۇس ئوتتا ئالدىرىماي پىشۇرۇشى، تۇخۇملارنىڭ يېرىلىپ، بۇلغىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
7-        زاپاس ساقلاش ئۆيىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر قانداق كىشىنىڭ زاپاس ساقلاش ئۆيىگە كىرىشىنى چەكلەش كېرەك. زاپاس ساقلاش ئۆيىدە تاماكا چېكىش ۋە مەھسۇلاتلارنى زاپاس ساقلاشقا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلىش قەتئى چەكلىنىدۇ.
8-        زاپاس ساقلاشنى باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ كەسپى تەربىيلىنىشنى ياخشى ئىشلەش، زاپاس ساقلاش ئۆيىنىڭ تازلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆي ئىچىنىڭ پاكىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. باشقۇرغۇچى خادىم ھەر كۈنى ئۆي ئىچىنى پاكىز تازىلىشى، قەرەرلىك ھالدا زاپاس ساقلاش ئۆيىنى دېزىنفىكسىيە قىلىشى، شۇنداقلا ۋاقتى ئۆتكەن، سۈپىتىنى ئۆزگەرگەن يىمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
9-        دېجورنىلىكنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز ئونسۇرلارنىڭ زەھەر تاشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.






يىمەكلىكلەرنى تېتىپ كۆرۈش ۋە  ئەۋرىشكە ئېلىش تۈزىمى
ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق يىمەكلىكلەرنى تېتىپ كۆرۈش ۋە ئەۋرىشكە ئېلىش تۈزىمى تۈزۈپ چىقىلدى.
1-        ئوقۇغۇچىلارغا تەمىنلىگەن ئوزۇقلۇق يىمەكلىكلەرنى چوقۇم مەخسۇس ئادەم تېتىپ كۆرۈپ، خاتىرلەش ئېلىپ بېرىش، ھېچقانداق غەيرى ئەھۋال بايقالمىسا، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىش لازىم.
2-        ھەر بىر قېتىملىق تاماقتىن، ھەر خىل ئوزۇقلۇقتىن چوقۇم مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇپ، ئەۋرىشكە ئېلىش لازىم.
3-        ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەرنى قاچىلاش ئەسۋابى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى چوقۇم قاتتىق دىزىنفىكسىيە قىلىنىشى، ئەۋرىشكە ئالغاندا مىكروپسىز مەشغۇلىيەت ئېلىپ بېرىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھەر قايسى ئەۋرىشكىلەرنى ئايرىم-ئايرىم قاچىلاش ئەسۋابىغا قاچىلاش، ئېلىنغان ئەۋرىشكە 100گرام ياكى بىر كىشىلىكتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئېلىنغان ئەۋرىشكە پىچەتلەنگەندىن كىيىن، مەخسۇس توڭلاتقۇغا سېلىپ، 48سائەت ساقلىنىشى كېرەك. ھەمدە ئەۋرىشكە ئېلىنغان يىمەكلىنىڭ ئىسمى، مىقدارى، ئەۋرىشكە ئېلىنغان ۋاقىت، ئەۋرىشكە ئالغۇچى، تەكشۈرگۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلار تولۇق خاتىرلىنىشى كېرەك.
4-        ئېلىنغان ئەۋرىشكىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كىيىن، ئىستىمال قىلغۇچىدا ئەكىس تەسىر بولمىغاندىن كىيىن، ئاندىن پىچەتنى ئېچىش لازىم.
5-        ئوزۇقلۇقنى تېتىش، ئەۋرىشكە پىچىتىنى ئېچىش قاتارلىقلارنى ياخشى خاتىرلەپ ساقلاش كېرەك.








ئاشخانىدا مەشغۇلىيەت قىلغۇچى خادىمنى باشقۇرۇش تۈزىمى
1-        مەكتەپ ئاشخانىسىدا مەشغۇلىيەت قىلغۇچى خادىم(ۋاقىتلىق ئىشچىنىمۇ ئۆز ئالىدۇ) ھەر ماۋسۇمدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى، ناھىيىلىك ئوزۇقلۇق دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار ئويۇشتۇرغان يىمەكلىك بىخەتەرلىك بىلىملىرى، قانۇن تۈزۈم تەربىيسى،  كەسپى تەربىيلىنىشلەرگە قاتنىشىشى لازىم.
2-        مەكتەپ ئاشخانىسىدا مەشغۇلىيەت قىلغۇچى خادىم (ۋاقىتلىق ئىشچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر يىلى چوقۇم سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشى، ئۈنۈملۈك بولغان سالامەتلىك لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى ئېلىشى كېرەك.
3-        ئاشخانا باشقۇرغۇچى خادىم( ۋاقىتلىق ئىشچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەر كۈنى ئەتىگەندە تاماق ئېتىش باشلىنىشتىن بۇرۇن، ھەر بىر مەشغۇلىيەت ئېلىپ بارغۇچى خادىمنىڭ سالامەتلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، ھەمدە تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى خاتىرلەپ، ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلاش كېرەك. قىزىتىش، ئىچى سۈرۈش، تىرىسى زەخمىلىنىش ياكى يۇقۇملىنىش، نەپەس يولىدا يىمەكلىك بىخەتەرلىكىگە توسالغۇ بولىدىغان كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە دەرھال خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلىپ، داۋالىنىپ ساقايغاندىن كىيىن ئىشقا چىقىشى كېرەك.
4-        ئاشخانىدا مەشغۇلىيەت قىلغۇچى خادىم( ۋاقىتلىق ئىشچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ئىددىيىدە تەۋرىنىش قىلمىشلىرى، روھى جەھەتتىن غەيرىلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دەرھال خىزمەت ئورنىنى تەڭشەپ ئىشلىتىش كېرەك.
5-        ئاشخانىدا مەشغۇلىيەت قىلغۇچى خادىم( ۋاقىتلىق ئىشچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياخشى بولغان تازلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرگەن بولۇشى، يىمەكلىكلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن بۇرۇن، ھاجەتتىن كىيىن چوقۇم سوپۇن پاراشۇكى بىلەن، ئاقما سۇ بىلەن قولىنى پاكىز دېزىنفىكسىيە قىلىشى كېرەك. پاكىز بولغان خىزمەت كىيىمى ۋە باش كىيىمى كىيىش، چېچىنى چوقۇم باش كىيىمىنىڭ ئىچىگە سېلىش كېرەك. تىرناقنى ئۇزۇن قويۇشقا، خېنە قويۇشقا، ئۈزۈك تاقاپ تاماق ئىتىشكە قەتئى بولمايدۇ. يىمەكلىككە ئىش قوشۇدىغان ۋە سېتىۋالغان جايلاردا تاماكا چىكىشكە قەتئى يول قويۇلمايدۇ.

تەشۋىقى تەربىيە تۈزىمى
يېزىلاردىكى مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خەلققە پايدىلىق ئىتىبار سىياسەتنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئائىلە، ھەر بىر نوپۇسقا ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانى تەشۋىقى تەربىيە تۈزىمى تۈزۈپ چىقىلدى.
1-        تەشۋىقى تەربىيە مەزمۇنى:
مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانىنىڭ زور ئەھمىيىتى، ئاساسى مەزمۇنى، ئەمەلىلەشتۈرۈش قەدەم باسقۇچلىرى، خىراجەت باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىش، ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى پىلانىدىكى ياخشى ئۇسۇل تەجرىبىلەرنى تەشۋىق قىلىش، بۇ خىزمەت جەريانىدىكى ئىلغار كوللىكتىپ ۋە شەخىسلەرنى تەشۋىق قىلىش
2-        تەشۋىقى تەربىيە شەكلى:
(1)مەكتەپتە تەشۋىق قىلىش.مەكتەپ ئۇزۇلىدا دۆلەت، ئاپتونۇم رايۇن، ۋىلايەت، ناھىيە ۋە يېزا مەجبۇرى مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانى خىزمىتى سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى، ئەڭ يېڭى تەرەققىيات ئەھۋالى، ھەمدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى تەشۋىق قىلىش
(2)ئاشكارلاش خېتى ئىلان قىلىش.ھەر قايسى مەكتەپلەر قەرەرلىك ھالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىغا ئاشكارلاش خېتى تارقىتپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تونۇشتۇرۇش لازىم.
(3)دەرسخانا تەربىيسى ۋە تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىشنى قانات يايدۇرۇش. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانى تۈزۈپ چىقىپ، تېمىلىق سىنىپ يىغىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ئوزۇقلۇق بىلىملىرى ۋە تەكشى ئوزۇقلىنىش نەزەرىيىسىنى تەشۋىق قىلىش لازىم.
(4)مەركەزلىك تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش. ھەر قايسى ئالاقىدار ئورۇنلار، ھەر قايسى مەكتەپلەر ئاساسلىق يول بۆلەكلىرىدە ۋە نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا قارا دوسكا گېزىتى، تەشۋىقات دوسكىسى، لوزۇتكا، پلاكات قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى ھەقىقى تەشۋىق قىلىش كېرەك.
(5)مەخسۇس تۈردىكى تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش. ناھىيىلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى دائىملىق ئايلانما شەكىلدە ئوزۇقلاندۇرۇش پىلانىنىڭ سىياسەت مەزمۇنلىرىنى تارقىتىپ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمىيئەتكە پارتىيە،ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تۈردىكى خەلققە پايدىلىق ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئائىلىلەرگىچە كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك.










مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزىمى
1-        سۈپەت مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرمىسى
(1)مەكتەپكە دۆلەت تازلىق بىخەتەرلىكى ۋە سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان ئوقۇغۇچىلار يىمەكلىكى ۋە خام ماتىرىياللار كىرگۈزگەن بولسا، زەھەرلىنىش ھادىسىلىرى كېلىپ چىققان بولسا، مۇناسىۋەتلىك خادىملار قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش سالاھىتىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(2)ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىمەكلىكىدە سۈپەت مەسلىسى كۆرۈلسە، مال بىلەن تەمىنلىگۈچى سودا-ساراي زاۋۇتلار شۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىققان بارلىق زىياننى ھەسسىلەپ تۆلەشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە شۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولىدۇ.
(3)سۈپەت مەسلىسى بولسا: سۈپىتى ئۆزگۈرۈش، كۆكىرىپ قېلىش، بۇلغىنىش، ناچار، ياخشى قاچىلانمىغان يىمەكلىكلەر(ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس، ساقلاش مۇددىتى ئېنىق ئەمەس) كۆرۈلسە، ئادەم كۈچى، ئىقتىسادى كۈچ، ماددى بويۇم قاتارلىق بارلىق ئاقىۋەتكە مەسئۇل بولىدۇ.
2- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرمىسى
(1)مەكتەپ چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە بىر تۇتاش بەلگىلەنگەن يىمەكلىكلەرنى ۋە خام ماتىرىياللارنى ئىشلىتىشى كېرەك. باشقۇرۇشى قاتتىق بولمىغان، باشقۇرۇشى مۇۋاپىق بولمىغان ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان، كوللىكتىپ تازلىق ھادىسىسى پەيدا قىلغان، ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلار، مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچى خادىملار بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
(2)مال سۈپىتى ۋە ئۈنۈملۈك ۋاقتىنى قاتتىق باشقۇرماسلىق، ئوزۇقلۇق يىمەكلىكلەرنى ساقلاش تۈزىمىگە خىلاپ بولۇش، لاياقەتلىك يىمەكلىكلەرنىڭ بۇلغىنىشى، كۆكىرىپ قېلىشى، ۋاقتى ئۆتۈپ كىتىشى، سۈپىتى ئۆزگىرىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلار؛
بۇلغانغان، ۋاقتى ئۆتكەن، سۈپىتى ئۆزگەرگەن، كۆكىرىپ قالغان يىمەكلىكلەرنى ئىشلىتىش ۋە تارقىتىش؛ تۇخۇم ۋە كالا سۈتىنىڭ پىشۇرۇلۇش جەريانى ئۆلچەملىك بولماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە كونكىرىتنى باشقۇرغۇچى خادىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك خادىملار مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدۇ.
3-ئىش تەقسىملەش مەسئۇلىيىتى
مەسئۇلىيەتنى ئېنىقلاشتۇرۇش كېرەك. بەلگىلىمە بويىچە مەشغۇلىيەت ئېلىپ بارمىغان ياكى ئوزۇقلۇق پىلانى تۈزىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلمىغان، يىمەكلىك تازلىق ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ جىنايى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلار، باشقۇرۇشقا سەل قارىغانلار، كەسىپنى كۆزگە ئىلمىغانلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەرلىنىپ قېلىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ياكى يىمەكلىك بىخەتەرلىك ھادىسىدىن كىيىن كىچىكىپ دوكىلات قىلغانلار، چالا دوكىلات قىلغانلار، دوكىلاتنى يوشۇرغانلار، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلىدۇ.
4-مەبلەغ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرمىسى
خىراجەتنى باشقا ئىھتىياج ئۈچۈن ئىشلىتىش، قىسىپ ئىگىلىۋىلىش، ئاشۇرۇپ قېلىش، تۇتۇپ قېلىش، ئىسراپ قىلىۋىتىش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئوزۇقلۇق پىلانى مەبلىغىنى يۆتكىۋىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بىۋاستە ئاساسى مەسئۇل خادىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولغانلار تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.



ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

99

تېما

42

دوست

5431

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1376 سەر
تىللا
373 دانە
تۆھپە
887 سەر
شۆھرەت
907 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 22:10:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ھەممە مەكتەپلەردە ئۇقۇغۇچىلارغا ھەقسىز ئۇزۇقلۇق تارقىتىۋاتىدۇ،ھەمدە ئۇزۇقلۇق بىخەتەرلىكى،سۇپىتىگە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلىنىۋاتىدۇ.تور بىتىمىزدە مۇشۇنڭغا ئائىت يازمىلار كەم ئىدى.بۇ بوشلۇقنى تۇلۇقلاپ ياخشى قىلدىڭىز.رەھمەت سىزگە.
ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.

815

تېما

13

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
8560 سەر
تىللا
7306 دانە
تۆھپە
5647 سەر
شۆھرەت
6177 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 22:35:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى تۈزۈلگەن پىلان ئىكەن !كۆپ رەھمەت سىزگە ياخشى تېما يوللاپسىز لېكىن بۇنىڭىدىن كىيىن تېما يوللىغاندا مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنىڭ ئسمىنى ئۈچۈرۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !

0

تېما

2

دوست

63

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
63 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
-33 سەر
شۆھرەت
-33 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-21 23:48:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان ماتېريالىڭىز بىز بەك ئىھتىياجلىق ئەتراپلىق تۈزۈلگەن ماتىريال ئىكەن،دەل ۋاختىدا يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە رەھمەت! لېكىن مەكتەپ ئىسمى،مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى .......

22

تېما

12

دوست

1869

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
450 سەر
تىللا
213 دانە
تۆھپە
323 سەر
شۆھرەت
321 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنىپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 01:15:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپسىز رەھمەت سىزگە. داۋاملىق مۇشۇنداق پايدىلىنىش قىممىتى يوقىرى يازمىلارنى ئوتتۇرغا قۇيىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز

54

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1428 سەر
تىللا
10243 دانە
تۆھپە
1083 سەر
شۆھرەت
955 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-22 12:31:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ ئۇزۇقلىنىشقا ھەممەيلەن كۈچ چىقىرىپ نازارەتنى كۈچەيتىپ ساختا، ناچار مەھسۇلاتلارنىڭ مەكتەپلەرگە كىرىشنى تۇسايلى؟!!!!!!!!!!!

0

تېما

0

دوست

79

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
18 سەر
تىللا
4 دانە
تۆھپە
14 سەر
شۆھرەت
14 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-28 00:39:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى تىمىكەن ،ساپلا پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى تىمىلار  يوللىنىپ تۇ،رەھمەت !!

18

تېما

2

دوست

882

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
301 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
102 سەر
شۆھرەت
107 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-7 20:00:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى تىمىكەن    .مەكتەپنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ قۇرۇش ئارخىۋىدا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش خىزمەت خۇلاسىسى تەلەپ قىلىنغان ئىكەن ، بولسا  يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن ،رەخمەت سىزگە ....................................................................................................
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-12 03:51, Processed in 0.421140 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش