كۆرۈش: 603|ئىنكاس: 2

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات
2012-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 11-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا بېرىلگەن

ۋەكىللەر:
   ھازىر مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىدىن دوكلات بېرىمەن، ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشىنى ھەم مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن.

1. 2011 -يىللىق خىزمەت ئەسلىمىسى
   ئۆتكەن بىر يىلدا، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان  خەلقئارا سىياسىي -ئىقتىسادىي مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات-تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەت-بىر مەقسەتكە كېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 47 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9.2 ئاشتى؛ جامائەت مالىيە كىرىمى 10 تىرىليون 140 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، 24.8% ئاشتى؛ ئاشلىق مەھسۇلاتى 1 تىرىليون 140 مىليارد جىڭغا يېتىپ، يەنە تارىخىي يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى؛ شەھەر-بازارلاردا 12 مىليون 210 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى %8.4، يېزا ئاھالىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 11.4% نەق ئاشتى. بىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە زورايتىپ، ‹‹12-بەش يىل›› مەزگىلىنىڭ ياخشى باشلانمىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق.
  بىر يىلدىن بۇيان بىز ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق:
  (1) ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، مال باھاسىنىڭ بەك تېز ئۆرلەپ كېتىشىنى تورمۇزلاپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك راۋاجلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.بىز ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە پۇختا پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك راۋاجلىنىش ھالىتىنى ساقلاش، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى تەڭشەش ۋە پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى باشقۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، سالمىقى ۋە رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەشكە تېخىمۇ ۋاقتىدا، لايىقىدا بولۇش تەلىپىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسەتنىڭ نىشانلىق، جانلىق ۋە ئالدىنكۆرەر بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. يەر شارى مىقياسىدا پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتقان، خەلقئارا بازاردا كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى يۇقىرىھالەتتە داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان، ئىچكى ئامىللار تەننەرخى روشەن ئۆرلەۋاتقان، قىسمەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتى قىسلىشىپ قېلىۋاتقان جىددىي ۋەزىيەتتە، بىز مال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى تۇراقلاشتۇرۇشنى ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشتە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە تەدبىر كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇل سىياسىتى قورالىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، پۇل كىرېدىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تەڭشەپ، ئىشلەپچىقىرىشىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نازارەتچىلىك - باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ، ئاھالە ئىستېمالىنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ زاۋۇت باھاسى كۆرسەتكۈچى ئۆرلەش نىسبىتى 8 - ئايدىن باشلاپ ئايمۇئاي تۆۋەنلەپ، بىر مەھەل بەك تېز ئۆرلەپ كېتىش ھالىتى ئۆزگەرتىلدى. كېيىنكى يېرىم يىلدا ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ئىچكى ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە بەزى يېڭى ئەھۋال ، يېڭى مەسىلە كۆرۈلدى، بىز بىر تەرەپتىن ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئاساسىي يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ماكرو ئىگىلىك سىياسىتىنىڭ ئساساسىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پۇل پاخاللىقىنى داۋاملىق داۋاملىق تىزگىنلىدۇق؛ بىر تەرەپتىن ، مۇۋاپىق پەيتتە، مۇۋاپىق دەرىجىدە ئالدىن تەڭشەپ ، مىكرولۇق تەڭشەپ، كىرېدىت سىياسىتى بىلەن كەسىپ سىياسىتىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ، بولۇپمۇ كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، دۆلەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان چوڭ- چوڭ تۈرلىرىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى گەۋدىلىك زىددىيەتنى نىشانلىق ھەل قىلدۇق. بىز ئۆز - زېمىن بازىرىغا قارىتىلغان تەڭشەش - تىزگىنلەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچەيتىپ،تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياستىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. ھايانكەشلىك، سېلىنما خاراكتېرىدىكى ئېھتىياجنى كۆرۈنەرلىك تورمۇزلىدۇق. شەھەرلەردىكى كۆپ سانلىق ئۆي باھاسىنىڭ زەنجىرسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى تۆۋەنلىدى، تەڭشەش-تىزگىنلەش ئۈنۈمى نامايان بولماقتا. بىز مالىيە-پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە خەۋپ-خەتەردىكى يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي تەپتىشلىكىنى ئۆز ۋاقتىدا ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان شەكىللەنگەن يەرلىك ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى شەكىللىنىش سەۋەبى، قايتۇرۇش سۈرۈكى ۋە رايون بويىچە جايلىشىشىنى ئىگىلەپ چىقتۇق، ئاشۇ قەرزلەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئىجابىي رول ئوينىدى، شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان سۈپەتلىك مۈلۈك شەكىللەندى؛ بەزى خەۋپ-خەتەردىكى يوشۇرۇن ئاپەت، بولۇپمۇ قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىزراق رايونلاردا قىسمەن خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرمۇ ساقلاندى. بىز قەرزنى ئېنىقلاش-تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ئېشىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، قەرز قايتۇرۇش ۋە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ داۋاملاشما مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى ئاكتىپلىق ۋە سالماقلىق بىلەن ھەل قىلدۇق. ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك قەرزى تىزگىنلەشكە بولىدىغان بىخەتەر سەۋىيەدە تۇرماقتا. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق ئىگىلىكى داۋاملىق تۈردە ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە كۆزلەنگەن يۆنىلىش بويىچە راۋاجلانماقتا، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە، ھازىر ئېشىش تېزرەك بولغان، باھا مۇقىملىشىشقا يۈزلەنگەن، ئۈنۈم بىر قەدەر ياخشى بولغان، خەلق تۇرمۇشى ياخشىلىنىۋاتقان ياخشى ھالەت بارلىققا كەلدى.
   (2) ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىپ، تەرەققىياتنىڭ تەڭشەكلىكى ۋە كەسىپنىڭ رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردۇق.بىز ھەم يۆلەش، ھەم تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلمىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە ياخشىلىنىشنى، يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ زاپاس كۈچىنى ئاشۇردۇق.
   يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىدۇق ۋە كۈچەيتتۇق. يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ئەتراپلىق ئەمەلىليلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئشلەپچىقىرىشىغا ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىقى مۇھىم نۇقتا قىلىنغان يېزا ئىگىلىك-يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا يېرىنى تۈزلەش ئىشىنى قانات يايدۇردۇق، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا مۇلازىمىتى ۋە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتنى ئازايتىش خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق، مەركەز ،مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا قارىتىلغان چىقىمى 1 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 183 مىليارد 900 مىليون يۈەن كۆپەيدى، يېزا ئىگىلىكىدىن ئەتراپلىق مول ھوسۇل ئېلىندى، ئاشلىق ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان دەرىجىدە ئۇدا 8 يىل ئاشتى، ئۇدا 5 يىل 1 تىرىليون جىڭدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يېڭى پەللىگە چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، 63 مىليون 980 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ قىيىنچىلىقىنى ۋە توكسىز رايوندىكى 600 مىڭ ئاھالىنىڭ توك ئىشلتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، يېزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىپ ياخشىلىدۇق.
   كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ ياخشىلىنىشى-يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىنى تېزلەتتۇق. ئىستىراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈردۇق، يېڭى ئېنىرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، بىيو تىبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، ئالىي جابدۇقچىلىق، يېڭى ئېنىرگىيەلىك ئاپتوموبىل تېز راۋاجلاندى، ئۈچ تورنى يۇغۇرۇش، بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورى سىنىقى ئېلىپ بېرىپ ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتىدە قەدەم تېزلەشتى. كارخانىلارنى قوشۇۋېلىش-قايتا تەشكىللەشتە يېڭى نەتىجە قولغا كەلدى. نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشىگە مەدەت بېرىش يۈزىسىدىن مەركەز خامچوتىدا 15 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 4000 دىن ئارتۇق تۈرگە مەدەت بېرىلىپ، 300 مىليارد يۈەنلىك ئومۇمىي مەبلەغنىڭ سېلىنىشى ئالغا سۈرۈلدى. ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىكى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق زامانىۋىي مۇلازىمەتچىلىكى تېز راۋاجلاندى، گۈللەنمە مۇلازىمەت ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، قاتناش-ترانسىپورت كەسپى تېز راۋاجلاندى، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئاساسى تېخىمۇ چىڭدالدى.
   ئېنېرگىيە تېجەش-بۇلغىما ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى ئالغا سىلجىتتۇق. << 12 -بەش يىل >> دا ئېنېرگىيە تېجەش-بۇلغىما ئازايتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال خىزمەت لايىھەسى، پارنىك گازى چىقىرىش مىقدارىنى تىزگىنلەشنىڭ خىزمەت لايىھەسى بىلەن مۇھىت ئاسراشقا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى ئېلان قىلىپ يولغا قويدۇق. پاكىز ئېنېرگىيەلىك گېنىراتور سىغىمى290 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 33 مىليون 560 مىڭ كىلوۋات كۆپەيدى. نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، شەھەر-بازارلاردا كۈنىگە 11 مىليون توننا پاسكىنا سۇ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يېڭىدىن كۆپەيدى. يېڭىدىن كۆپەيگەن 50 مىليون كىلوۋاتلىقتىن ئارتۇق كۆمۈر گېنىراتور گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسىگە گۈڭگۈرتسىزلەندۈرۈش ئەسلىھەسى ئورنىتىلدى. ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى، بۇلغىنىشى ئېغىر، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ساھەلەرنىڭ تەڭشەش-تىزگىنلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، 150 مىليون توننىلىق قالاق سېمونت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، 31 مىليون 221 مىڭ توننىلىق چۆيۈن تاۋلاش ئىقتىدارى، 19 مىليون 250 مىڭ توننىلىق كوكس ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى شاللاپ چىقىرىلدى. تەبىئىي ئورمان ئاسراشنىڭ 2-قارارلىق قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى ھەم ياردەمچى ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلدى، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى ئاسراش بويىچە مۇكاپاتلاش-تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى يولغا قويۇلدى، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەكىك مۇھىتىنى ئاسراش سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى. 92 مىليون مودىن ئارتۇق دەرەخ تىكىلدى ۋە ئورمان بىنا قىلىندى.
   رايون ئىقتىسادىنىڭ تەڭكەش راۋاجلىنىشىنى ئالغا سۈردۇق.رايون تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىستىراتېگىيەسى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاساسىي فۇنكىسيەلىك رايون يىرىك پىلانى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى. شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە يولغا قويۇلدى. يېزىلاردا ئېچىش-يۆلەشنىڭ يېڭى 10 يىللىق پروگراممىسى ۋە چېگرا رايوننى گۈلەندۈرۈش- خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنىڭ يىرىك پىلانى تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلدى. رايون تەرەققىياتىنىڭ تەڭكەشلىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيدى، ئوتتۇرا-غەربىي رايونلاردا ۋە شەرقىي شىمال رايونىدا ئاساسىي ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، شەرقىي رايوندا كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش-دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پەيدىنپەي تېزلەشتى. بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى %50 دىن ئاشتى، بۇ ــ جۇڭگونىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىكى بىر تارىخىي ئۆزگىرىش. سىچۈەندىكى ۋېنچۈەن پەۋقۇلئاددە چوڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسى غەلبىلىك ئورۇندالدى، چىڭخەينىڭ يۈشۇ، گەنسۇنىڭ جوۋچۈ، يۈننەننىڭ يىڭجاڭ رايونلىرىدىكى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش-قايتا قۇرۇش خىزمىتى پائال ئالغا سۈرۈلدى.
(3) ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەڭكەش راۋاجلىنىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق.ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ سېلىنمىسىنى ئاشۇردى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە چىقىمى 2 تىرىليون 820 مىليارد يۈەنگە يەتتى .
   پەن-تېخنىكىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىنى داۋاملىق يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردۇق.ئاساسىي تەتقىقات ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەتقىقاتى كۈچەيتىلدى. دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى يولغا قويۇلۇپ، بەزى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، بىر مۇنچە چوڭ-چوڭ مەھسۇلات ۋە جابدۇقتىكى بوشلۇق تولدۇرۇلدى. ‹‹ ئەرش ئوردىسى -1›› ناملىق نىشانلىق ئۇچقۇ بىلەن ‹‹ خاسىيەتلىك كېمە-8›› ناملىق ئۇچار كېمە ئارقا-ئارقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىپ ھەمدە ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى تەرەققىياتىدا يېڭى نامايەندە بولۇپ قالدى.

  مائارىپ ئاددىللىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق.مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يىرىك پىلانىنىڭ پىروگراممىسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. 25 يىل بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ‹‹ ئىككى ئاساسەن›› نىشانى ئەتراپلىق ئەمەلگە ئاشتى. يېتىپ ئوقۇش تۈزۈمىدىكى يېزا مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدىغان 30 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ ياتاق پۇلى كەچۈرۈپ قىلىندى،بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بولغان 12 مىليون 280 مىڭ ئوقۇغۇچى تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولدى. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىشنىڭ مۇكەممەل سىستېمىسى بەرپا قىلىندى. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ شەھەردە مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە بىلىم ئېلىش مەسىلىسى دەسلەپكى قەدەمدە ھەل قىلىندى. ‹‹ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى››نىڭ يولغا قويۇلۇشى ئالغا سۈرۈلۈپ، بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى. كەسپىي مائارىپ زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇلدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش خىزمىتى كۈچەيتىلدى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتىلغان ئۇنۋان ئىسلاھاتىنى سىناق قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ئۆستۈرۈلدى. پىداگوگىكا مەكتەپلىرىدە تۇنجى قارار ھەقسىز ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ %90تىن ئارتۇقى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردا ئىشلەۋاتىدۇ.
   مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى تازا كۈچەيتتۇق. مەركەز مالىيەسى مەدەنىيەتتە ئەلگە نەپ بېرىش قۇرۇلۇشىغا قارىتىلغان مەدەتكارلىقنى ئاشۇردى، جايلار جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ سېلىنمىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. جامائەت مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى، مۇلازىمەت دائىرىسى پەيدىنپەي كېڭەيتىلدى. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىلدى، مەدەنىيەت كەسپى تېز راۋاجلاندى. مەدەنىيەتيادىكارلىقىنى قوغداش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە داۋاملاشتۇرۇشتا زور نەتىجە قولغا كەلدى. ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى تازا كۈچەيتىلدى، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پائالىيىتى جۇشقۇنلۇق بىلەن قانات يايدۇرۇلدى، تەنتەربىيە ئىشلىرىدا يېڭى نەتىجە قولغا كەلدى.
   تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك، ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئاكتىپلىق ۋە سالماقلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى.ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيتىلدى، 1 مىليارد 300 مىليون شەھەر - يېزا ئاھالىسى سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ، ئومۇمىي خەلق ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ سىياسەت دائىرىسىدە ئاتچوت قىلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى، چوڭ كېسەللىكنى داۋالاشقا كاپالەتلىك قىلىش تۈرىگە كىرگۈزۈش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلدى. ھەر دەرىجىلىك مالىيە شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردەم ئۆلچىمى ۋە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش ياردەم ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى، ئىلگىرى ھەر بىر كىشىگە يىلىغا 120 يۈەن بېرىلگەن بولسا، ئەمدى 200 يۈەن بېرىلىدىغان بولدى. دۆلەتنىڭ ئاساسىي دورا تۈزۈمى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى تولۇق قاپلىدى، ئاساسىي دورىلارنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ئۆستى، باھاسى تۆۋەنلىدى. ھۆكۈمەت دوختۇرخانلىرىنىڭ ئىسلاھات سىنىقى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى. ئاساسىي قاتلام داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بارلىققا كەلدى. ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشتە يېڭى نەتىجە قولغا كەلدى.
   (4) خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق ۋە ياخشىلىدۇق، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق.بىز خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ ، پۈتۈن خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بەھرىمەن قىلىشقا تىرىشتۇق، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈردۇق.
  تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق. كۆپ يوللار بىلەن ئىش ئورنى تېپىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق يېتەكلەشكە بارلىق كۈچ بىلەن تۈركە بولۇپ، كەسىپي ماھارەت تەربىيەسى ۋە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردۇق. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەسلەپكى ئىشقا ئورۇنلىشى نىسبىتى %77.8گە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىىدىن 1.2 پىرسەنت پوئىنتى ئاشتى. دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 253 مىليون يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %4.4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە سىرتقا ئىشلەشكە چىققان دېھقان ئىشلەمچىلەر 159 مىليونغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %3.4 ئاشتى.
  كىرىم تەقسىملەش مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپ تەڭشىدۇق.تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۈچەپ ئۆستۈردۇق. يېزا ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمنىڭ ئەمەلىي ئېشىش سۈرئىتى 1985-يىلدىن بېرى ئەڭ يۇقىرى، ئۇدا ئىككى يىل شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭكىدىن تېز بولدى؛ جايلار ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى خېلى زور دەرىجىدە ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى؛ كارخانىلاردىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا يەتتە يىل ئۆستۈرۈلۈپ، پۈتۈن بىر يىلدا كىشى بېشىغا 1680 يۈەندىن قوشۇلدى، بۇنىڭدىن 57 مىليوندىن ئارتۇق كىشى مەنپەئەتلەندى؛ شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ياردەم سەۋىيەسى، قىسمەن نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ نەپىقە ئۆلچىمى ۋە تۇرمۇش ياردەم ئۆلچىمى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆستۈرۈلدى، مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، يېزىلاردىكى بەش كاپالەت بويىچە بېقىلىدىغانلار قاتارلىق قىيىنچىلىقتا قالغان 86 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە بىر قېتىمدا بىراقلا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلدى؛ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ئۆلچىمى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە چاتىدىغان ھەمتۈرتكە مېخانىزمى بەرپا قىلىندى. ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى ئاشۇرۇلدى. شەخسىيلەر تاپاۋىتىدىن باج ئېلىش نۇقتىسى 2000 يۈەندىن 3500 يۈەنگە كۆتۈرۈلدى. 9 مىليوندىن ئارتۇق يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ باج سېلىقى تۆۋەنلىتىلدى. مەركەز دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ 2300 يۈەن (2010-يىلىدىكى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە) بولۇشىنى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى يېڭى ئۆلچىمى قىلىپ، 2009-يىلىدىكىدىن 92 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى نامراتلارنى يۆلەش دەئىرىسىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ ـــ غايەت زور ئىجتىمائىي تەرەققىيات.
   ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق. ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ قاپلاش دائىرىسى داۋاملىق كېڭەيدى، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار زور نىسبەتتە كۆپەيدى. 2147 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىنىقى يولغا قويۇلدى، 13 مىليون 340 مىڭ كىشى سۇغۇرتىغا قاتناشتى، 6 مىليون 410 مىڭ كىشى كۈتۈنۈش پۇلى ئالدى. 2343 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە يېزىلارنىڭ يېڭىچە ئىجتىمائىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىنىقى يولغا قويۇلدى، 385 مىليون كىشى سۇغۇرتىغا قاتناشتى، 98 مىليون 800 مىڭ كىشى كۈتۈنۈش پۇلى ئالدى، قاپلاش دائىرىسى كېڭىيىپ 60 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاشتى. كوللېكتىپ كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان 5 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ كۈتۈنۈش كاپالىتى جەھەتتىكى تارىخىي قالدۇق مەسىلە ھەل قىلىندى. كارخانىلاردىكى ئىشتا يارىلانغىنىغا ئۇزۇن بولغان خادىملار ۋە ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ باقىدىغان تۇغقانكىرى بولۇپ 3 مىليون 120 مىڭ كىشى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە بىر تۇتاش باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى رايون ئاتلاپ يۆتكەش-داۋاملاشتۇرۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، تۈزۈمنىڭ قاپلىشىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە زور قەدەم تاشلاندى، بۇ - ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلگەن مۇھىم مۇۋەپپەقىيەت.
   كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىش ۋە باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مالىيەدىن مەبلەغ سېلىش، يەر بىلەن تەمىنلەش، كىرېدىت جەھەتتىن مەدەت بېرىش، باج-ھەقنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق سىياسەتلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قۇرۇلۇش لايىھەلەش ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتى سەۋىيەسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلدى. كاپالەتلىك تۇرالغۇغا دائىر تەقسىملەش، باشقۇرۇش، چېكىنىش تۈزۈمى ۋە چارىسى تۈزۈلدى. مەركەز مالىيەسىدىن 171 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ 2010 - يىلدىكىنىڭ 2.2 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر-بازارلاردا 4 مىليون 320 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، 10 مىليون 430 مىڭ يۈرۈش تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن ئىش باشلاندى.
   ئىجتىمائىي جامائەت بىخەتەرلىكىنى تىرىشىپ قوغدىدۇق. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، زور ۋە پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىگە دائىر بىر تەرەپ قىلىش، تەكشۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى ياخشى ئىشلەندى. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزىمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېمەكلىككە خۇرۇجنى قانۇنسىز ئارىلاشتۇرىدىغان، يېمەكلىكنى قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە پىششىقلايدىغان قىلمىشلارغا مەركەزلىك زەربە بېرىلدى ۋە شۇ قىلمىشلار تۈزىتىلدى. ئادەمنى ئاساس قىلىش، مۇلازىمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلدى، جەمئىيەت باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى ۋە يېڭىلاندى، ھەرخىل ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كۈچەپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى ۋە تۈگىتىلدى، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق ساقلاپ قېلىندى.
   (5) ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېڭى ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدۇق.بىز 12-بەش يىللىق يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە ئاساسەن، قىيىن جەڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولدۇق.
   جامائەت مالىيەسى سىستېمىسى، بولۇپمۇ خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەمەللەشتۈرۈلۈپ، خامچوت سىرتىدىكى مەبلەغنىڭ ھەممسى خامچوت باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ خامچوتىنى يولغا قويۇش دائىرىسى كېڭەيتىلدى، تارماق خامچوتى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت خامچوتى، نەق چوتىنى ئاشكارىلاش ئىلگىرى سۈرۈلدى، 98 مەركەز تارمىقى ۋە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، شەنشى قاتارلىق ئۆلكە، شەھەردە ‹‹ھۆكۈمەت ھېسابىدىكى ئۈچ خىراجەت›› ئاشكارا قىلىندى. پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىق بېجىنى باھاغا قاراپ ئېلىش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلدى، تىجارەت بېجى ئېلىشنى قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىشقا ئۆزگەرتىشنى سىناق قىلىش لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چېگرا ھالقىغان سودىدا خەلق پۇلى بىلە راسچوت قىلىش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىلدى، چېگرا سىرتىغا بىۋاستە مەبلەغ سېلىشتا، خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش سىنىقى باشلاندى، چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاستە سالغان مەبلەغنى خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش كەسپى يولغا قويۇلدى. كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورمانچىلىق مەيدانلىرىنىڭ ئىسلاھات سىنىقى باشلاندى، ئوتلاقنى قانۇن بويىچە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشنى تىزىملاش يولى تۇتۇلدى. سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يېڭىلاندى. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىدا ئاساسىي كەسىپ بىلەن قوشۇمچە كەسىپنى ئايرىش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، قايتا تەشكىللەش، توردىكى توك باھاسى ۋە ئاھالىدىن باقشىلارنىڭ توك ئىستېمالى باھاسىنى تەڭشەش لايىھەسى يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. يېزا-بازارلارنىڭ ئورگان ئىسلاھاتى ئاساسەن تاماملاندى. كەسپىي ئورۇنلارنى تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا.
   بىز ئىمپورت بىلەن ئېكسپورتقا تەڭ ئېتىبار بېرىشتە، چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش بىلەن چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى تەڭ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوچۇق ئىقتىساد سەۋىيەمىزنى ئەتراپلىق ئۆستۈردۇق. بازارنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا قۇرۇلمىسىنى تىرىشىپ ياخشىلىدۇق. پۈتۈن بىر يىلدا ماللارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 3 تىرىليون 640 مىليارد دوللارغا يېتىپ، %22.5 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورتنىڭكى %20.3، ئىمپورتنىڭكى %24.9 ئاشتى، سودا ئوڭ پەرقى تېخىمۇ كىچىكلىدى. چەت ئەل سودىگەرلىرى بىۋاستە سالغان مەبلەغدىن ئەمەلىيەتتە 116 مىليارد دوللار ئىشلەتتۇق، مۇلازىمەتچىلىكتە ۋە ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردا چەت ئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئاشتى. كارخانىنىڭ سىرتقا ‹‹چىقىرىش›› قەدىمى تېزلىشىپ، غەيرىي پۇل مۇئامىلە ساھەلىرىنىڭ چەت ئەلگە بىۋاستە سالغان مەبلىغى 60 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتتى. خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا ئاكتىپ قاتناشتۇق، كۆپ تەرەپلىك، قوش تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇردۇق.
   بىز دېموكراتىيە - قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ، تەيۋەن خىزمىتى ۋە دىپلوماتىيە خىزمىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىشلارنى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك ئالغا سۈردۇق.
   ئۆتكەن بىر يىللىق نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلگىنى يوق، بۇ نەتىجىلەر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلدى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىپتىخارلىقى ۋە ئۇيۇشقاقلىقىنى كۈچەيتتى. بۇ ـــ يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلمىي ئاساستا تەدبىر بەلگىلەپ، توغرا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە ، پۈتۈن ئارمىيە ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مەن گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ، دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارغا ، خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋە ھەر ساھە زاتلىرىغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ۋە چەت ئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن! جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىگە ، خەلقئارا تەشكىلاتلارغا ۋە ھەر قايسى ئەللەردىكى دوستلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن!
   بىز شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھېلىھەم بىر مۇنچە قىيىنچىلىق ۋە سىناققا دۇچ كەلمەكتە. خەلقئارادىن قارىغاندا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى قىيىنلىشىپ ئەگرى - توقايلىق ئىچىدە قالدى، خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە كىرىزىسى ھېلىھەم ئەۋج ئالماقتا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خاس قەرزكىرىزىسنى قىسقا مەزگىل ئىچىدە پەسەيتىش قىيىن، تەرەققىي تاپقان ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە ئىشسىزلىق نىسبىتى تۆۋەنلىمەيۋاتىدۇ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرسىز بولۇۋاتىدۇ، گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر پۇل پاخاللىشىدىغان ۋە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىدىغان قوش بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئاساسىي پۇلنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى قاتتىق داۋالغۇۋاتىدۇ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىدىمۇ داۋالغۇش بولۇۋاتىدۇ. خەلقئارا سودا-سېلىنما قورۇقچىلىقى كۈچىيىۋاتىدۇ.مەملىكەت ئىچىدىن قارىغاندا،تۈزۈلمىلىك -قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى ھەل قىلىش، تەرەققىياتتىكى تەڭپۇڭسىزلىق، تەڭكەشسىزلىك، سىجىلسىزلىق مەسىلىسىنى تۈگىتىش تېخىمۇ تەخىرسىزلىشىپ كەتتى، تېخىمۇ قىيىنلىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە بىر مۇنچە يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر كۆرۈلدى. ئاساسلىقى: ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا تۆۋەنلەپ كېتىش بېسىمى ساقلانماقتا، مال باھاسى سەۋىيەسى ھېلىھەم يۇقىرى ھالەتتە تۇرماقتا، ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا تۇرماقتا، يېزا ئىگىلىكىنى مۇقىم راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى داۋاملىق كۆپەيتىش قىيىنلاشماقتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتىكى بېسىم بىلەن قۇرۇلمىلىق زىددىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، بەزى كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقى كۆپەيمەكتە، قىسمەن كەسىپلەردە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى گەۋدىلەنمەكتە، ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بەك تېز ئاشماقتا. ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان زىددىيەتلەر بىلەن قىسقا مەزگىللىك مەسىلىلەر ئۆزئارا گىرەلىشىپ، قۇرۇلمىلىق ئامىللار بىلەن دەۋرىيلىك ئامىللار بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچكى مەسىلىلەر بىلەن خەلقئارا مەسىلىلەر بىر-بىرىگە باغلىنىپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە يۈزلەندى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدەھېلىھەم بەزى كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، ئېنىرگىيە تېجەش-بولغىما ئازايتىش، مال باھاسىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانى ئورۇندالمىدى، يەر ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك-دورا بىخەتەرلىكى، كىرىم تەقسىماتى قاتارلىق جەھەتلەردە مەسىلە ھېلىھەم ئىنتايىن گەۋدىلىك، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە، پاكلىق قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.
   بىز چوقۇم دۆلەت ۋە خەلق ئالدىدا يۈكسەك دەرىجىدە جاۋابكار بولۇش روھى بىلەن، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ تېخىمۇ ئوبدان ئىشلەپ، خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ھەرگىز يەردە قويماسلىقىمىز كېرەك.

مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى


baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2012-3-22 11:58:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتۇش بىلەن بۇلۇپ كىتىپ بەزىدە ياخشى ئۇچۇرلاردىن خەۋەرسىز قالىدىكەنمىز. يۇقىرىنىڭ دوكلات ئۇقتۇرۇشلىرىنى بايقاشقا ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.
ۋاقتى: 2012-3-27 16:33:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىياسى ئۆگۇنۇش قىلمىساق ئۇيقىمىز كەلمەيدىغان خەق بولغاندىكىن . بۇ ماتريالنى ياخشى ئۆگۇنۇشىمىز كىرەك.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش