كۆرۈش: 982|ئىنكاس: 1

نۇرۇز ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نۇرۇز ھەققىدە

1 نورۇز بايرىمى ۋە نورۇز ئاتالمىسى
نورۇز بايرىمى-ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەردە ئۆتكۇزۇلۇپ كېلىۋاتقىنىغا 4000يىلىدىن ئاشقان  ئورتاق يىل بېشى – باھار بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئىناقلىق بايرىمى. مەھمۇد كاشغەرى، ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى، نەۋائىي قاتارلىق شەرق ئەللامىلىرى قالدۇرغان ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نورۇز بايرىمىنىڭ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا 4000 يىل  بولدى.
دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت – گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ كۇپىيىش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەر يىلى يۇلتۇزلارنىڭ ئورنىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ، قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن ھەمدە قۇياشنىڭ ھەمەل ( قوزا ) بۇرچىغا كىرگەن ۋاقتىنى يىل بېشى قىلغان . دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹ يىل بېشى ›› ياكى ‹‹ كۈن تۇغدى ›› دەپ ئاتىغان بولسا ، 10- ئەسىرلەردىن كېيىن ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نەۋرۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلغان ۋە باھار بايرىمىنى ‹‹نورۇز بايرىمى›› دەپ ئاتايدىغان بولغان . ‹‹ نورۇز ›› دىكى ‹‹ نو ›› يەنى ‹‹ نەۋ ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹ يېڭى ›› ، ‹‹ ئېرىغ ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹ رۇز ›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ ، دېگەنلىكتۇر . دېمەك ، نورۇز يېڭى كۈن ، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە ( كۈن ) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى ( ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ.
يېشىللىق تەنتەنىسى ۋە ئەجدادلار يادنامىسى بولغان بۇ نورۇز يالغۇز سەھرا – قىشلاقلاردىلا ئۆتكۈزۈلىدىغان، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭلا بايرىمى ئەمەس، بەلكى ئومۇمىي خەلق بايرىمى. خەلقنىڭ قىش – زىمىستاندىن ئامان چىقىپ، ئىللىق باھارنى ئارزۇلىغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمننىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى ، ھەربىر كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئۆز كەسىپ – ئىشلىرىنى راۋاج تاپقۇزۇشقا بولغان ئىجتىھاد – ئىنتىلىشلىرىنى ، ئۆز – ئارا ھىممىتى – ساخاۋىتىنى ، ئىتتىپاق – ئىناقلىقىنى ، گۈزەل ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈىدىغان قۇتلۇق بايرامدۇر.
2. نورۇزنىڭ خاسىيەتلىرى ۋە رەسمىيەتلىرى
خەلقىمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق، خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ. نورۇز مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزلىرى تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىنى رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى بوۋىللىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك دېگەن چۈشەنچىسى بويىچە ، كىمكى يىل بېشىدا ، يەنى نورۇز مەزگىلىدە ساۋابلىق ئىش قىلسا شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىم زاماندىن تارتىپ ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان . شۇنداقلا نورۇز مەزگىلىدە تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا ‹‹نورۇز››، ‹‹نۇر››، ‹‹قۇتلۇق››، قىز بولسا ‹‹ئەلانۇر››، ‹‹چىمەن››، ‹‹بوستان››، ‹‹باھار›› دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ ، گۈل – گىياھ ناملىرىنى قويغان.
بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە ، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ . ئۆزئارا يوقلاشقاندا ، سەيلە – تاماشىلاردا ، مەشرەپ – سورۇنلاردا ، نورۇز ئېشى يىگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بىيىت – قۇشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىستە – مەكتەپلەردە مۇددەرس – ئۇستازلار ئوقۇغۇچى – تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى.
نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا . بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ‹‹ توققۇز توقۇ ›› يەنى ‹‹توققۇز مەرىكە_ مۇراسىم›› دېيىلگەن. ئۇلار : (1) نورۇز ناغرىسى؛ (2) نورۇز تازىلىقى(3) سوغۇق قوغلاش؛ (4) يوقلاش؛ (5) نورۇز ئېشى يېيىش؛ (6) نورۇز سەيلىسى؛ (7) نورۇز يارىشى ( مۇسابىقىسى )؛ (8) نورۇز مەشرىپى؛ (9) نورۇزلۇق تىلەك ( زاراخەتمە).
نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خاسىيىتى شۇكى، بۇ__بىرلىك- ئىناقلىق بايرىمى ئىدى. ئۆچ – ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىغا سۇغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر- خوتۇنلار ‹‹ ئۆتكەنگە سالاۋات ›› قىلىپ، يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرۇلاتتى.
ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن،يېڭى يىلدا قۇتلۇق كۈنلەر سىلەرگە يار بولسۇن.
مەنبە: كومپىيوتىرىم

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2016-3-15 17:09:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماتىرىيالغا بەك ئىھتىياجىم بار ئىدى.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش