ئىگىسى: ئۇستاز

بايقاش نەۋرۇز مەشرىپى ‹1›

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-3-18 02:12:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراپ تۇرسام جاۋاب يوق سىرىتقا چىقىپ سودىلىقلىرىمنى قىلىپ كىرىپ بولغىچە قايناق سورۇننى كۆرەلمەي قاپتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ قۇرۇك كىرمىدىم، ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنىنىڭ «نورۇز» نامىسىنى ئېلىپ كەلدىم.

زىمىنغا يىشىل تون ياپتى نورۇز،
قۇياشتىن ئىللىق نۇر چاچتى نورۇز.
ھاياتى كۈچ بىرىپ گۈزەل ئەتىگە،
يېڭى بىر سەھىپە ئاچتى نورۇز.

ئويغۇتۇپ ھەممىنى قىشلىق ئۈچەكتىن،
تەبەسسۇم چىھرىدە باقتى نورۇز.
تاغۇ-تاش چۆل-جەزىر چىمەنلەر ئارا،
مۇھەببەت تارىتىپ ئاقتى نورۇز.

ھاياجان ئىلكىدە جىمى مەۋجۇدات،
ھاياتقا كۈي ئىلھام قاتتى نورۇز.
تەبىئەت ھۆسنىگە رەڭ بىرىپ، بىزەپ،
رىشتىنى كۆڭۈلگە چاتتى نۇرۇز.

ئاداۋەت ھەسەتتىن كۆڭۈلدە قاتقان،
توڭ مۇزنى سۇندۇرۇپ چاقتى نۇرۇز.
ئىش قايناپ ئېتىز-قىر،يېزا-قىشلاقتا،
ھەممىنىڭ كۆڭلىگە ياقتى نورۇز.

تۇنجى رەت يۇرتۇمغا باھارنى چىللاپ،
قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشتى نورۇز.
گۈزەللىك تۇيغۇسى جۇش ئۇرۇپ دىلدا،
قاينىغان بۇلاقتەك تاشتى نورۇز.

تاڭ سەھەر پىچىرلاپ توپ-توپ جانۋارلار،
ئۆملۈكتىن زەر لەۋھە ئاستى نورۇز.
تورنىلار قاتارى كۆكلەردە لەگلەك،
ساماغا ئىز مۆھۈر باستى نورۇز.

سۆيگەندە جاناندەك مەيىن شاماللار،
يۈرەككە چىڭ ئورناپ قالدى نورۇز.
ئارزۇلارچىچەكلەپ چاچقاندا خۇش ھىد،
ھەممەجان ساپ نەپەس ئالدى نورۇز.

يۇرت-يۇرتلارئەۋجىدە چېلىش بەزمىنىڭ،
خىسلىتى بال كەبى تامدى نورۇز.
شەنىگە ئېيتىلىپ نەزمە قوشاقلار،
تىللاردا داستان بوپ ياندى نورۇز.

ۋاقتى: 2012-3-18 02:58:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز يوللىغان ۋاقتى  2012-3-17 14:58
كىلىڭلار دوستلار قاراپ تۇرماي، تارتىنىپ ناز قىلغانغا  ...

ئۇستازغا:
قىزغىن قايناق سورۇنلارنى ھازىرلاپ،
ئۇستاز بۇلۇپ پەندى نەسىھەت بەردىڭىز.
ئىناقلىقنى، ئۆملۈكنى تەكىتلەپ،
بۇ پۇرسەتتىن نەۋروز گۈلى تەردىڭىز.

ئىلھامى يوق ئوتتۇز ئوغۇل ئەتراپتا،
توققۇز قىزنى قايسى يولغا سالدىڭىز.
« شام»كۆيىدۇ خىرە يۇرۇق بەرسىمۇ،
كۈيۈپ تۈگەشتىن قورقمايدۇ بىلسىڭىز.

كىچە - كۈندۈز ئاھ چىكىپ، دەرت تۆكۈش.
« شام»روھىغا ناباپ ئىكەن بىلسىڭىز.
ھەممە بىردەك قىزىتايلى نەۋروزنى،
مەجبۇرىيەتنى ياخشى ئادا قىلسىڭىز.

ئوقۇپ قويدۇم نەۋروز ئۈچۈن مۇشائىرە،
ئىلھام كەلدى ئەمەسمەن شائىرە.
« شام»روھىنى جارى قىلىپ مەشرەپتە،
ئوقىۋەرسەم بوپ قالامدىم شائىرە.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +5يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-3-18 09:24:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبىرىمىزنىڭ گۈلى بولغان ئوتتۇز ئوغۇل، توققۇز قىز. كەڭ مەشرەپ ئەھلى ! سىلەرگەئوتلۇق سالام!
ھەممىڭىزلارنىڭ قۇتلۇق نورۇز بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
مەن سىلەرگە يۇتىمىزنىڭ يەرلىك نېمەتلىرىدىن  ئالغاچ كەلدىم!

u=3974478634,1157371726&fm=52&gp=0.jpg

u=3552119865,3609383438&fm=52&gp=0.jpg

u=2792442784,3504095624&fm=52&gp=0.jpg
u=2703180632,4178058491&fm=52&gp=0.jpg

u=2147811366,1332586220&fm=52&gp=0.jpg

u=1454849172,4142146050&fm=52&gp=0.jpg

u=441036360,823560260&fm=52&gp=0.jpg


u=391434035,119217561&fm=52&gp=0.jpg

نۇرۇز بايرىمى قۇتلۇق ئۆتكەي

باھا سۆز

نىئمەتلىرىڭىزگە رەھمەت!!  ۋاقتى: 2012-3-18 12:50
ۋاقتى: 2012-3-18 09:59:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى ئالىمغا
ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭىكى ،
مالىم بولساڭ دەپتەر سېنىڭكى ،
كەلگىن  دوستۇم  نۇرۇزغا ،
بايقاشتىكى نۇرۇز ھەممىمىزنىڭكى .

ئامان ئەپەندىمگە:

ئامان ئاتلىق ياش يىگىت ،
ئەجەپ يۇقاپ كەتتىڭىز،
سورۇن ئەھلى ئەنسىرەپ ،
ئېلان بېرەي دەپتىمىز!

كېلىڭ سىزمۇ نۇرۇزغا ،
ئېلىپ كېلېڭ يەڭگەمنى،
قىززىتايلى بايقاشتا،
نۇرۇز ئاتلىق شەنگەننى .

پەرشتىگە

نەگە كەتتىڭ پەرشتەم ،
مۇنداق قۇتلۇق نۇرۇزدا.
كەلگىن بىللە ئوينايلى ،
بايقاشتىكى نۇرۇزدا .

كىچىك بالىغا:
كېلىڭ سىزمۇ كىچىك دوست ،
بايقاشتىكى نۇرۇزغا .
سىزمۇ ئويناپ كۈلۋېلىڭ!
ئەجدات مىراس نۇرۇزدا.

سەگەردان ئەپەندىمگە:

شۇنداق قۇتلۇق نۇرۇزدا ،
قايەرلەردە  يۇرۇسىز.
تىزراق كېلىڭ نۇرۇزغا ،
بولمىسا قاپاق تۇرىسىز!

شام ئەپەندىمگە

شام بولغاچقا بۇ مۇنبەر،
ئەجەپ يۇرۇپ كېتىپتۇ.
دوستلار بىرگەبولغاچقا ،
بېشى كۆككە يېتىپتۇ.

ئاينۇر قىزغا

شۇنداق قۇتلۇق نۇرۇزدا
نەگە كەتتىڭ ئاينۇرخان.
ئوتتۇرز قىزنىڭ ئارىسىدا.
بارتتىڭ سەنمۇ ئاينۇرخان.

ئەخمەتجانغا:

بايقاشتا بولدى نۇرۇز ،
كېلىڭ دوستۇم ئەخمەتجان .
لايسۇ تورىدىن خەۋەر ،
ئېلىپ كېلىڭ ئەخمەتجان .

كۈيچى ۋە ۋارىس ئەپەندىمگە

شۇنداق قۇتلۇق نۇرۇزدا،
كۇي بولمىسا بۇلامدۇ .
ئەجدات مىراس نۇرۇزدا ،
ۋارىس بولمىسا بۇلامدۇ .؟

كۆكنۇر ئەپەندىمگە:

نەگە كەتتىڭ كۆكنۇرجان ،
نۇرۇز بولدى بايقاشتا.
كەلاگىن تىزراق نۇرۇزغا ،
بارچە قالسۇن داڭ قاشتا.


قاملاشمىسىمۇ شۇنچىلىك يېزىپ قويدۇم ئەپۇقىلارسىلەر!

باھا سۆز

ياقتۇردۇم...  ۋاقتى: 2012-3-18 12:48

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +5يىغىشسەۋەبى
بايقاش + 5

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-3-18 10:04:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازى يوللىغان ۋاقتى  2012-3-18 09:59
مۇنبەردىكى ئالىمغا
ئالىم بولساڭ ئالەم سېنىڭىكى ،
مالى ...


شۇنداق ياخشى يېزىپسىز!
سۆزدىن ئۈنچە تىزىپسىز!
مۇنبەرنىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە،
قۇشاق  بىلەن  كىزىپسىز.

ۋاقتى: 2012-3-18 10:17:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمتلىك يىگىت بېشى ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ قاتارىدىكى بىر قانچە بۇردەر كەلمەپتۇ !
مەسلەن ؛كارۇل بىر ،تايلاق،بۇلاق ،ئابلىز،雪豹(图尔荪江،barqin،007،رۇزىمەممەت،بۇلاق ...قاتارلىقلار
بۇيەردە نازى خېنىم ئېيتقىننى دىمىدىم !بۇلاغا قانداق جازا بەرسەڭ بۇلار؟
ۋاقتى: 2012-3-18 10:22:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاشتا قىززىپتۇ ئالامەت نۇرۇز ،
ۋاقتىدا كىرەلمەي چۈشتۇم بۇ ھالغا،
بىرلىكتە قىززىتىپ بايقاشتا نۇرۇز ،
بىرلىكتە جەم بۇلۇپ باسايلى ئالغا ،

باھا سۆز

ياخشى يېزىپسىز!!  ۋاقتى: 2012-3-18 12:51
ۋاقتى: 2012-3-18 10:30:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇيەردە جازا بېرىلىپ بولغۇچە دۆلىتمىزنىڭ كۈلكە چولپىنى ئىشلىگەن مۇنۇ فىلمىنى سىلەرگە سۇنىمەن!



خاتالىقىمنى تۇنۇدۇم !جازا بەرمەڭلار ھا!
ۋاقتى: 2012-3-18 10:38:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىمىن ئەپەندىمگە :
قاچانغىچە شۇئارنى كۆتۈرۈپلا تۇرىسىز،
نۇرۇزغىمۇ  ئارلاشماي ئەجەپ چەتتە قالدىڭىز.
كېلىڭ تىزراق نۇرۇزغا ئەجەپ بىزدىن تاندىڭىز.
‹‹ناز قىلىش ››دىگەن سۆز يېقىنلاپ قالدى بىلىسڭىز.
ۋاقتى: 2012-3-18 10:47:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزىز 862 گە :

ئەي ئەزىزىم ئەزىزىم،
نەگە يۇقاپ كەتتىڭ سەن .
بايقاشتىكى نۇزۇردىن ،
يا !خەۋەرسىزمۇ سەن.

سېنى بەكمۇ سېغىندۇق نۇرۇز ئايەمدە ،
سېنىڭمۇ ئسمىڭ بارتتى،كۆڭۈل خانەمدە .
قىززىپ كەتتى بايقاشتا نۇرۇز مەشرىپى ،
ئولتۇرۋالغىن تىز كېلىپ مېنىڭ يانەمدە.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش