پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3624 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • MUSLIMA 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سوئال قويۇلمىسا،جاۋابمۇ بېرىلمەيدۇ.ياخشى سوئالنىڭ قىممىتى ياخشى جاۋابنىڭ قىممىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

  • 阿布都艾尼江  15 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخىشمۇسسللەر 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆچەت تىكىش بايرىمڭلارغا مۇبارەك بولسۇن؟

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 23:27 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆرگىنىڭدىن كوپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كورمىگەننى كورىسەن .

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تەڭگىسنى قانداق ئالىمىز . 3-يللىق ئەخلاق تەييارلىق بەك جىددى ئىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. چۈنكى توردا بىلىم  تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 买买提艾力,吐 تۈنۈگۈن 13:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يەنە دەرس تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم ، بەك زىرىكىشلىك ئىش ھە بۇ

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم!

  • باتۇق 7 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇق ئوتتۇرا ئىدىيە-سىياسىي ئوقۇتقۇچىلىرى تەجىرىبە ئالماشتۇرمايلىمۇ؟!

  • 阿布都艾尼江  17 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرباشقۇرغۇچى ئۇستازلارمەن باياتتىن ئادەتتكى 6-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات دەرسنى چۇشۇ...

  • زەپەر تۈنۈگۈن 18:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىما يوللىسىڭىز تىللا قۇشۇلىدۇ. ئىجادىي تىما يوللىسىڭىز ، باھالاپ تىللا بەرسەك بۇلىدۇ

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق، تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا، شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • 肉孜买买提 تۈنۈگۈن 17:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېپىشماق  : 12 دۆلەتنى 3 ساقچى باشقۇرىدۇ ؟ جاۋابى نىمە ؟  

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:34 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراقتەييارلانغان بۇلسا.ياردەم

  • ئوتلۇق تۈنۈگۈن 12:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    2-3كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قالدىم .

  • زەپەر 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ قوش تىل 5- يىللىق 2- ماۋسۇملۇق . خەنزۇ تىلى ۋە ئانا تىل - ئەدەبىيات دەرىس تەييارلىقى بولسا  يوللاپ .....

  • 阿布都艾尼江  18 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش مائارىپ توردىكى بارلىق دوسلارنىڭ تىنىڭىگە سالامەتلىك تىلەيمەن،ھەم تۇرمۇشنىڭ كۆڭۇللۇك بولۇشنى...

  • ★Uighurum★ تۈنۈگۈن 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    3-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە تۇرمۇش تەييارلىقى بار پۇلۇم يەتمىدى

  • xaxtekin تۈنۈگۈن 17:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈنى خىزمەتتە ماڭا ئارام يوق،تۈنى توردا كومغا ئارام يوق. توردا بىلىم تولا،شۇڭا كۆڭلۈم توق.

  • yadikar0998 تۈنۈگۈن 15:36 [ئىنكاس(0)] [...]

    قانداق تۇزنى ئاشقا سالغىلى بولمايدۇ؟

  • 麦提图尔荪 تۈنۈگۈن 12:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    قايسىڭلاردا 7-يىللىق2-ماۋسۇملۇق تارىخ تەييارلىق بار ،(ئۇيغۇرچە)تۇلۇقراق قىلغان.ياردەم

  • كەشپى تۈنۈگۈن 10:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قېرىنداشلار ياخشىمىسىلەر.

ئىگىسى: ئۇستاز

بايقاش نورۇز مەشرىپى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

53

تېما

49

دوست

5095

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1374 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
847 سەر
شۆھرەت
951 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 10:27:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز يوللىغان ۋاقتى  2012-3-18 22:53
تۇلا مىنىڭ غەيۋىتىمنى قىلمايلى. مەن ھەممىنى تۆردە كۈرۈ ...

ئاخرىدا خۇلاسە قىلغۇچە ھازىردىن باشلىسىڭىز ياخشىمىكىن ...
火山ئەپەندى بايقاش ئائىلىسى سىزنى سىغىندى!!!!!1

53

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1416 سەر
تىللا
10225 دانە
تۆھپە
1081 سەر
شۆھرەت
961 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 12:32:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىپ كىتىپتىغۇ
سورۇننىڭ تېخىمۇ قىزىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇرۇز ناخشىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم تەڭ ئۇسۇلغا چۈشەيلى قېنى ئەمىسە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاينۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-19 12:32  

3

تېما

2

دوست

422

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
166 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
38 سەر
شۆھرەت
42 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 13:25:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇز بايرىمىغا مۇناسىۋەتلىك نادىر ماتىرېياللار بىلەن كۆپچىلىكنى تەنىملىگىنىڭلارغا رەخمەت.

406

تېما

57

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
5046 سەر
تىللا
2203 دانە
تۆھپە
8462 سەر
شۆھرەت
3661 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 14:24:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا نورۇز

ئامان

كەلدى نۇرۇز، كۈلدى ئالەم، كەلدى پەسىل ئەركىسى،
ئېرىدى مۇز، ئاقتى ئەگىز، ئەستى كۆكلەم سەلكىنى،
بارچە ئەل شاتلىق ئىچىدە، قىزىدى تور مەشرىپى،
ياندۇرۇپ دىللارغا دوستلۇق، ئۆم-ئىناقلىق مەشئىلى،
قىزىسۇن مەشرەپلىرىمىز ھەر باھاردا، ھەر يىلى.

نەۋباھار ئەييامىدا جانلاندى  «بايقاش مۇنبىرى»،
ھەممە قۇتلۇقلاپ نورۇزنى ، قاتتى ھەرخىل دىل كۈيى،
بېزىدى مۇنبەرنى ئۇز گۈلدەستىلەرنىڭ سەرخىلى،
تارىدى ئەتراپقا: شاتلىق، نەۋباھارنىڭ خۇش ھىدى،
ئىتتىپاقلىق، تەڭ يۈكسىلىش ـــ مەشرىپىمىز مەنزىلى.

نەۋباھار ــ نورۇز ئۆزى، يىلنىڭ بېشى، ئىشنىڭ بېشى،
نەۋباھاردا گۈللىسۇن شوخ، دېھقىنىمنىڭ ئېتىز-قىرى،
مول-ھوسۇلغا تولۇپ خامان، غەمسىز ئۆتسۇن ياز-قىشى،
يىراق تارىخ بۇلۇپ قالسۇن، نانغا زارلىق ئۆتمۈشى،
نەۋباھاردا–نورۇزدىدۇر ــــــ باي بۇلۇشنىڭ ئاچقۇچى.

نەۋباھار ــ نورۇز ئۆزى، يىلنىڭ بېشى، ئىشنىڭ بېشى،
نەۋباھاردا چىڭ تۈرۈلسۇن، باغۋىنىمنىڭ جۈپ يېڭى،
باغۋىنىمنى چاقىرىدۇ، ئىجتىھاتنىڭ تۈن-تېڭى،
باغۋىنىمگە قاراشلىقتۇر، ئۇيغۇرۇمنىڭ كۆپ غېمى،
نەۋباھاردا–نورۇزدىدۇر ــــــ يۈكسىلىشنىڭ ئاچقۇچى.

بىزگە غەيرەت، كۈچ قوشسۇن بۇ، قۇتلۇق نورۇز بايرىمى،
كۈل قىلايلى، ئۆم-ئىناقسىز، زىتلىشىشتەك يايمىنى،
تولسۇن تېزراق، نادانلىق ھەم جاھالەتنىڭ پايمىنى
ئۆركەشلىسۇن، دولقۇنلىسۇن ئىجتىھاتنىڭ قاينىمى،
ئەجرىمىزدىن يېتىشسۇن كۆپ، مىللىتىمنىڭ سەرخىلى.

بىرلىك بولماي كۈچ بولماس ھەم بىرلىك بولماي نەتىجە،
ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى يەتكۈزەيلى يەتكۈچە،
مائارىپنىڭ بوستانىنى گۈللىتەيلى چەككىچە،
ئەجرىمىزدىن كۆز ئاچسۇن بۇ مىللىتىمىز يېڭىچە،
نەۋباھاردا–نورۇزدىدۇر ــــ ئاقارتىشنىڭ مەشئىلى!

تورداشلارغا:

كەلدى نۇرۇز، كۈلدى ئالەم، كەلدى پەسىللەر ئەركىسى،
ھەممە ياقتا ياڭرىدى، شاتلىق ناۋاسى، ناخشا-ساز.
بېزىدى مۇنبەرنى ئۇز گۈلدەستىلەرنىڭ سەرخىلى،
«تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر،تاپالمىغىنى بىر باش پىياز».
ھەممە خوراز ئۆز بىلگىنىچە چىللاپ تاڭنى ئويغىتار،
سەنمۇ قەلەم ئېلىپ قولغا ، «نورۇزنامە» توقو-ياز
!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-19 14:36  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

72

تېما

18

دوست

3080

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
569 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
358 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 15:09:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012319104917.jpg

2012319104520.jpg

2012319105226.jpg

2012319105713.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   barqin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-19 15:11  

20123191147.jpg
20123191113.jpg
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

72

تېما

18

دوست

3080

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
569 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
358 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 15:57:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!(دۇختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىمدىن كىچىكىپ قالدىم،يىگىت بېشى ۋە مىرشاپتىن ئۆزرە سۇرايمەن)

كەل بايقاشقا نۇرۇز مەشرىپى ئۆتكۈزەي  دىسەڭ ،
كەل بايقاشقا قايغۇ ئۇنتۇپ كۈلەي دىسەڭ .
ئۇشبۇ كۈلكە –چاقچاق تىمىسدىن نەپ ئېلىپ،
نۇرۇز مەشرەپ سورۇنىنى قىزىتاي دىسەڭ.


نۇرۇز مەشرىپىگە قاتنىشىۋاتقان دوسلارغا يۇمۇر:

  

يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان بىر ئەترەت ئەسكەر مەشىق قىلىۋاتقاندا يىگىت بېشى ئۇستاز كوماندا بېرىپتۇ :
__سول پۇتۇڭلارنى ئالدىغا سوزوڭلار !
ئەسكەر ئادمىن ئەپەندى جىددىيلىشىپ ئوڭ پۇتىنى سۇنۇپ ساپتۇ ، نەتىجىدە ئۇنىڭ پۇتى ياندىكى ئەسكەرنىڭ سول پۇتى بىلەن جۈپلىشىپ قاپتۇ . يىگىت بېشى ئۇستازنىڭ  ئاچچىغى كېلىپ :
__قايسى ئۆلگۈر ئىككىلا پۇتىنى سوزىۋالدى ؟ !

  

بىركۈنى شام ئەپەندىنىڭ ئايالىنىڭ بېشى ئاغرىپ زادىلا ئۇخلىيالماي قاپتۇ ، ئۇ شام ئەپەندىنى زەردە بىلەن ئويغىتىپ كايىپتۇ :
__مەن بېشىم ئاغرىپ ئىنجىقلاپ ياتسام ، سەن غېمىڭدە يوق ئۇخلاۋاتىسەنغۇ ؟
__بوپتۇ ، بوپتۇ ، ئەمسە سەن ئۇخلا ، مەن ئىنجىقلاي . _ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ شام ئەپەندى.



ئۈچ ئاغىنە تاماق يېگەچ پاراڭغا چۇشۇپتۇ .پاراڭ ئارىسىدا ،مائارىپ ،ئاماندىن سوراپتۇ :

-ئاڭلىسام ،ئايالىڭ قوشكىزەك تۇغۇپتۇ .بۇنىڭدا بىرەر سىر بارمۇ ؟

-بولمامدىغان ،ئايالىم ھامىلدار ۋاقتىدا‹ئىككى ئەسكەر› دېگەن كىتاپنى كۆرگەن ،-دەپتۇ .

-سېنىڭ ئايالىڭ ئۈچ گىزەك تۇغۇپتىغۇ ،بۇنىڭدىنمۇ بىرەر سىر بارمۇ ؟-دەپ سوراپتۇ،مائارىپ  ئۇستازدىن .

-ئەلۋەتتە سىر بار ،ئايالىم ھامىلدار ۋاقتىدا ‹ئۈچ چەۋەنداز › دىگەن كىتابنى ئوقۇغان ،-دەپتۇ ئۇستاز .

بۇ گەپنى ئاڭلىغان مائارىپ چۆچىگەن ھالدا :

-مېنىڭ ئايالىمنڭ بويىدا بار ئىدى .ئۇ ھازىر ‹ئەلى بابا ۋە قىرىق قاراقچى ›دىگەن كىتابنى ئوقۇۋاتاتتى ، دېگىنىچە ئۆيگە قاراپ يۈگرەپتۇ ....

  

مەرىپەتنىڭ  يولدىشى  كېلىپ مەرىپەتنى ئويغىتىپ دەپتۇ :

-قەدىرلىگىم ،ئۆيىمىزدە جىن بار ئىكەن !

مەرىپەت ئورنىدىن تۇرۇپ دەپتۇ :

-نىمە ئىش بولدى ؟

-بايا مەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ھاجەتخانىغا كىرگەن ، ئىشىكنى ئېچىشىمغىلا چىراق ياندى .

-راسمۇ ؟سىزگە يەنە شامال ئۇرۇلغاندەك تۇيۇلدىمۇ ؟

- توغرا ،بۇنىڭ نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنسىز -.دە

مەرىپەت ئۇنى كېلىشتۇرۇپ بىر شاپىلاق ئۇرۇپ بولۇپ دەپتۇ :

-ئۆلمەيدىغان بۇ سېنىڭ مەستلىكتە ئۈچىنچى قىتىم توڭلاتقۇغا سېيىپ قويوشۇڭ !


  

يەنە مەس بولۇپ كەلگەن كارول1 ئايالىدىن تىل ئاڭلاشتىن قورقۇپ ئۆيدىكى مۆشۈكنىڭ يىنىغا كېلىپ بېشىنى ساڭگىلتىپ تۇرۇپتۇ .
كارولنىڭ1 ئايالى : ھەي ، ئەشۇ كالۋا ئېشەك بىلەن بىللە تۇرغۇچە ئۆلىۋالساڭچۇ .
كارول1: بۇ ئېشەك ئەمەس ، مۆشۈك .
كارولنىڭ ئايالى : كىم ساڭا گەپ قىپتۇ ، مەن مۆشۈككە گەپ قىلىۋاتىمەن .



نۇرزىبا ئوقوغۇچىسى ئاينۇرنىڭ خەنزۇچە سەۋيىسىنى سىناپ بىقىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :

-مۇبادا بىرسىنى بۇ ياققا كېلىڭ دىمەكچى بولسام ،خەنزۇچە نىمە دىسەم بۇلىدۇ ؟

ئاينۇر : بۇياققا مەرھەممەت ،-دىسىڭىز بولىدۇ .

نۇرزىبا: مۇبادا مەن بىرسىنى چىقىرۋەتمەكچى بولسام ،خەنزۇچە نىمە دىسەم بولىدۇ ؟

ئاينۇر :ئاۋال مەن چىقىپ كېتىپ ئاندىن ئۇنىڭغا بۇياققا مەرھەممەت !دەيمەن ..

  

ئۇستاز بەنجاڭ ئەسكەرلەرگە ‹ ئوڭغا بۇرۇل › دەپ كوماندا بېرىپتۇ ، ھەممە ئەسكەرلەر ئوڭغا بۇرۇلغان بولسىمۇ خوشەن سولغا بۇرۇلۇۋاپتۇ . بۇنى كۆرگەن بەنجاڭ ئۇستاز خاپا بولۇپ ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :
__سەن ئوڭ بىلەن سولنى بىلمەمسەن ، نېمە دەپ ئوڭغا دېسەم سولغا بۇرۇلىسەن ؟
خوشەن : مەن ھەممىمىز ئوڭغا قاراپ تۇرغان چاغدا دۈشمەن سولدىن ھۇجۇم قىلىپ قالارمىكىن دەپتىمەن .

-   


-    نازى چەتئەلگە چىقىپ بىر رېستۇرانغا تاماق يىگىلى كىرىپتۇ.ئۇنىڭ موگو قورمىسى يىگۈسى بار ئىكەنتۇق.
بىراق ئۇ چەتئەل تىلىنى بىلمىگەچكە كۈتكۈچىلەرگە مەخسىتىنى بىلدۈرەلمەي قەغەزگە موگونىڭ رەسىمىنى سىزىپتۇ.كۈتكۈچى ئۇنىڭ مەخسىتىنى چۈشەنگەندەك قىلىپ چىقىپ كېتىپ خېلى ئۇزۇندىن كىيىن بىر كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپتۇ.

مەرىپەت بىلەن نۇرزىبا بازار ئايلانغاچ مۇڭدىشىپ قاپتۇ :

-    سىلەر ئەر –ئايال بازار ئايلانغاندا قانداق ماڭسىلەر ؟-دەپ سوراپتۇ نۇرزىبادىن  مەرىپەت.

-    يېڭى توي قىلغان مەزگىلدە قولىمىزنى تۇتۇشۇپ بىر –بىرمىزگە تويماي قارشىپ ماڭاتتۇق ..دەپتۇ نۇرزىبا.

-    ھازىرچۇ ؟

ھازىر .-دەپتۇ نۇرزىبا  نارازى بولغان ھالدا ، ئۇ سومكا بىلەن كوكتات سېۋىتىنى كۆتۇرۇپ ماڭدۇ .مەن پورتىمالنى ئېلىپ ئالدىدا ماڭمەن ....


پەرىشتە  مۈشۈكىنى ئەگەشتۇرۇپ چوڭ يولدا كىتىپ بارسا ،ئابلىمىت ئەپەندى ھەيدىگەن پىكاپ مۈشۈكنى سوقۇپ ئۆلتۇرىۋىتپتۇ .

ئابلىمىت ئەپەندى پىكاپتىن ئىتتىك چۈشۈپ پەرىشتىگە :

-ئاچامەن سىزگە ئورنىنى تولدۇرۇپ بىرەي ،-دەپتۇ .

- بۇ بەك ياخشى گەپ بولدى ،ئۇنداقتا ،سىزنىڭ چاشقان تۇتۇش ماھارىيىڭىز قانداقراق ؟ -دەپتۇ پەرىشتە .




  

Hap-爱情 ئېرىنى يوقلاپ تۈرمىگە بېرىپتۇ ېە ئۇنىڭدىن :
__ بۇ يەردىكى كۈنلىرىڭىز قانداق ئۆتىۋاتىدۇ ، جاپا چېكىۋاتامسىز ؟__دەپ سوراپتۇ .
__ئۆيدىكى كۈنلىرىم بىلەن ئانچە پەرىقى يوق ، بۇ يەردىمۇ سىرىتقا چىققىلى قويمايدۇ ، ھاراق ئىچكىلى قويمايدۇ . تامىقىمۇ بەك ناچار __دەپتۇ Hap-爱情نىڭ ئېرى زارلانغان ھالدا .

چاچلىرى ئۆسۈپ پاخپىيىپ كەتكەن ئالىم  ساتراچخانىغا چېچىنى ياساتقىلى كىرىپتۇ . ساتراچ ۋارىس ئەمدىلا ئىشنى باشلاپ بىردەمدىن كىيىن بىر ماگىنىتنى كۈيچىنىڭ بېشىدا ئۇياقتىن بۇياققا يۈگۈرۈتكىلى تۇرۇپتۇ . بۇنىڭدىن قاتتىق ئىچى پۇشقان ئالىم ئۇنىڭدىن :
__ئۇستام ، بۇ سىزنىڭ يېڭىچە چاچ ياساش تېخنىكىڭىزمۇ ؟ __دەپ سوراپتۇ .
__ياق ، مەن قايچىنى ئىزدەۋاتىمەن __دەپتۇ ساتىراچ ۋارىسجان پەرۋاسىزلا .



بايىقى ئادەم چىش تارتىش كەسپىنى پەقەتلا بىلمەيدىكەن ، نېمىشقا ئۇنى خىزمەتكە تەكلىپ قىلىسىز ؟ __ دەپ سوراپتۇ چىش دوختۇرى ئاماندىن.
__ئۇ ئىلگىرى ئارغامچا تارتىش مۇسابىقىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقانىكەن__ دەپتۇ ئامان.



مائارىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ ، ئۇنىڭ بىر قىزى بار ئىكەن . قىزىنى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىكەن .
بىر كۈنى مائارىپ لوگىكا دەرىسىدە :
كىتاب ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ، ئۈستەل يەرنىڭ ئۈستىدە ، شۇڭا كىتاب يەرنىڭ ئۈستىدە ، دەپ سۆزلەپ تۇرىشىغا بىر ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ :
مۇئەللىم ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، سىز قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز ، شۇڭا مەن سىزنىڭ قىزىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن ._ دەپتۇ .



پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاينۇر ، نۇرزىبا ، مەرىپەت ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇغاق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدە دەرىت ئېيتىپتۇ :
__مەن توڭلاتقۇنى ئاچسام ، توڭلاتقۇدىن نېمە ئالىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن.__دەپتۇ ئاينۇر.
__ئۇ قانچىلىك ئىشتى ، مەن لېفىتقا چىقسام ، يۇقۇرغا چىقىدىغانلىقىم ياكى تۆۋەنگە چۈشىدىغانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن . __دەپتۇ نۇرزىبا.
__خۇداغا شۈكرى ، مەندە ئۇنداق ئىش يوق ئىكەن .
مەرىپەت  ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دەۋىتىپ ئالدىدىكى شىرەنى چېكىپ قويۇپتۇ . ھەمدە ئۆزىنىڭ شىرەنى چەككەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىپ دەپتۇ :
__ھوي قاراڭلارچۇ ،ئىشىكنى بىرسى چىكىۋاتىدۇ .



دادىسى تەشناغا  كۆيۈنگەن قىياپەتتە دەپتۇ :
__تۈنۈگۈن ئوغۇل دوستۇڭ مېنى ئىزدەپ كەپتۇ . سەن بىلەن بەك توي قىلغۇسى باركەن . مەن ئاخىرى قوشۇلدۇم .
تەشنا  : بىراق دادا ، مەن ئاپامدىن ئايرىلالمايمەن . شۇڭا توي قىلغۇم يوق __دەپتۇ .
دادىسى : شۇنداقمۇ قىزىم ، سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرغۇم يوق . بولدى ، ئاپاڭنىمۇ ئېلىپ كەتكىن .



ئەخمەتجان بەك قورقۇنچاق ئىكەن ، ئۇ كېسەل بولۇپ قىلىپ ئوپراتسىيە ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلىپتۇ . ئۇ دوختۇر ۋە سېستىرالاردىن ماسكىنى تاقىماسلىقنى ئۆتۈنۈپتۇ .
__بولمايدۇ ، بىز چوقۇم ماسكا تاقىشىمز كېرەك ، بۇ دېگەن تۈزۈم __دەپتۇ دوختۇر .
__بولدى مېنى ئالدىماڭلار ، سىلەر ئوپراتسىيە جەريانىدا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا ، مېنىڭ سىلەرنى تونىۋىلىپ كىيىن ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشىمدىن ئەنسىرەپ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر .__دەپتۇ ئەخمەتجان  .



007  ئىنىسىدىن سوراپتۇ :
__ بەزىدە كالۋا ئادەمنىڭ سورىغان سوئالىغا ، ناھايتى ئەقىللىق ئادەممۇ جاۋاب بېرەلمەيدۇ شۇنداقمۇ ئۇكام ؟
ئۇكىسى ناھايتى ئەستايدىل ئويلانغاندىن كىيىن مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ :
__ئاكا . سېنىڭ بۇ سوئالىڭغا جاۋاب بېرەلمىگۈدەكمەن .



باگۋەن111 دەرىسكە كىچىكىپ قاپتۇ ، مۇئەللىم سەۋەبىنى سوراپتۇ .
__بۈگۈن يول بەك تىيىلغان بولۇپ كېتىپتۇ ، ئالدىمغا بىر قەدەم ماڭسام ، كەينىمگە ئىككى قەدەم چىكىنىپ كەتتىم .
__ئەگەر دىگۈنىڭدەك بولسا ، مەكتەپتىن يىراقلاپ كەتكەن بولمامسەن ؟
__كىين ئامال تاپتىم . مەكتەپكە كەينىچە مېڭىپ كەلدىم .__دەپتۇ باگۋەن111.



قاتتىق سوغۇق بولغان بىر كۈنى تايلاق  پاختىلىق چاپان ئوغۇرلاپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ .
سوتچى : بۇ چاپاننى ئوغۇرلىغان چاغدا سەن نېمىنى ئويلىدىڭ ؟
تايلاق : ئەگەر تۇتۇلۇپ قالمىسام بىر ئىسسىق چاپانغا ئېرىشىدىغىنمنى ، تۇتۇلۇپ قالسام ئىسسىق تۇرار جايغا ئىگە بولىدىغىنىمنى ئويلىدىم .



باگۋەن111 باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلاتتى ، ئۇ جىددىيلىشىپ كەتسە بەزىدە كىكەچلەپ قالاتتى ، بىر كۈنى ئۇ ئېمتىھانغا كومسىسىيلىك قىلىۋاتقاندا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۆچۈرۋاتقانلىقىنى بايقاپ دەرھال ۋارقىرىدى :
__ سەن ...سەن ...سەن...كۆچۈرۈشكە پېتىنىۋاتامسەن ، تۇرە ئورنۇڭدىن !
باگۋەن111نىڭ گېپى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ، ئارقا ، ئارقىدىن بەش ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .



نازىنىڭ يولدىشىنىڭ چىشى ئاغىرىپ قاپتۇ ،چىشنىڭ ئاغرىقىغا ۋاي-ۋايلاپ خوشنىلارنىمۇ ئارامىدا قويماپتۇ ، بىر قوشنىسى نازىدىن :
__يولدىشىڭىزنىڭ چىشىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىغا بىر نەچچە كۈن بولدى ، بىرەر ئامال قىلمىدىڭىزمۇ ؟__ دەپ سوراپتۇ .
__قىلدىم __دەپتۇ نازى ، __بىرنەچچە كۈن بولدى ، مەن قۇلىقىمغا پاختا تىقىۋالدىم .



بىركۈنى سەرگەردان  ئايالىغا خاپا بولۇپ قايناپ كېتىپتۇ :
__مۇشۇ كۈندە سەن مېنى كۈندىن كۈنگە ياخشى كۆرمەس بولۇپ قېلىۋاتىسەن .
ئايالى : نېمە دەيدىغانسىز ، ياخشى كۆرگەچكە ھەممە ئىشىڭىزنى قىلىۋاتقاندىمەن ، ئۆزىڭىز بىلىسىزغۇ گالىستۇكىڭىزنىمۇ كۈندە مەن تاقاپ قويىۋاتىمەنغۇ .
سەرگەردان: بىراق گالىستۇكنى تاقىشىڭ كۈندىن - كۈنگە چىڭىپ كېتىۋاتىدۇ .


007 بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ :
__تۈنۈگۈن ئايالىم شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا مېنى ماختىدى .
كۆپچىلىك : نېمە دەپ ماختىدى ؟
007: ئېرىم نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزى ھەل قىلالايدۇ، مەسلەن ، پايپىقى كىر بولۇپ كەتكەندە ، ئۇنى ئۆرۈپ يەنە بىر ھەپتە كىيەلەيدۇ .



ئۇستاز  كەچلىك تاماققا ئېغىز تىگىپلا ئايالىغا كايىپ كىتىپتۇ :
__نېمانچە تەمسىز تاماق بۇ ؟ قاچان بىر مېنىڭ ئاغىزىمغا تېتىغۇدەك تاماق ئېتەرسەم ؟
__يائاللا ، سىز ئەسلى بىر ئاشپەز خوتۇن ئالسىڭىز بوپتىكەن .
شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار چىراغنى ئۆچۈرۈپ ئەمدىلا كۆز يۇمۇشىغا كارىدوردىن تاراق - تۇرۇق قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ ، بۇ ئاۋازدىن قورقۇپ كەتكەن ئايال ئۇستازغا  دەپتۇ :
__سىرىتتا تاراقشىتىۋاتقان چوقۇم ئوغرى ،چىقىپ قاراپ باقسىڭىز بوپتىكەن ؟
__بولدى ئۇخلا ،سەن ساقچىغا تەگسەڭ بوپتىكەن .

  


دوختۇرخانىدا ئېغىر كېسەل ھالدا ياتقان 天马نىڭ ئايالى ئېرىگە بەزى ئىشلارنى تاپشۇرماقچى بوپتۇ :
-    ئۆزۇمنىڭ ئۇزۇن ياشىيالمايدىغىنىمنى بىلىمەن ،شۇڭا سۆيۈملۇگۈم ،مەن كۆز يۇمۇشدىن ئىلگىرى بىر ئىشقا ماقۇل بولسىڭىز .مەن ئۆلۇپ كەتكەندىن كېيىن سىز مېنىڭ سىڭلىمنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز ..
-    天马 يۈرەكنى ئەزگۇدەك يۇم –يۇم يىغلاپ تۇرۇپ ئايالىغا كاپالەت بىرىپتۇ :
-    سۆيۇملۇگۈم ،سىز خاتىرجەم بولۇڭ ،مېنىڭ بۇ ئىشنى ئويلاۋاتقىنىمغا بىر نەچچە يىل بولغان ...



-   رېستۇراندا تاماق يەۋاتقان تەشنا تۇيۇقسىز ۋارقىراپ كېتىپتۇ:
_توۋا قىلدىم،ماۋۇ مانتىنىڭ ئىچىدە ئادەم بار ئىكەن.
كۈتكۈچى:نىمە دەيدىغانسىز؟ساراڭ بولۇپ قالمىغانسىز؟
تەشنا:كىم ساراڭ بوپتۇ؟مانتىنىڭ ئىچىدە ئادەم بولمىسا چاچ نىمە ئىش قىلىدۇ؟




توي سورىنىغا كىچىكىپ كىرگەن ئادمىن  تائامغا تۇتۇش قىلىغان  خوشەنگە :
-قولىڭىزنى يۇيغانمۇ ؟ -دەپ سوراپتۇ .
قانداق دەيسىز ؟ دەپتۇ   خوشەن.
-يۇيغان بولسىڭىز مەيلى -بولمىسا ئىككىمىز تالاغا چىقىپ تەڭ يۇيۇپ كىرەيلى ..........،دەپتۇئادمىن .



نوپوس تەكشۈرگۈچى؛قانچە ياشقا كىردىڭىز؟
سەلكىن:29 ياشقا كىرىپ نەچچە ئاي ئاشتىم.
نوپۇس تەكشۈرگۈچى:زادى قانچە ئاي ئاشتى؟
سەلكىن: بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن قىزىرىپ تۇرۇپ دەپتۇ:
_72 ئاي ئاشتى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەيىغىشسەۋەبى
ئابلىمىت + 5 + 3 + 5يارايسىز

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 3 تۆھپە + 5  باھا خاتىرىسى

ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!

53

تېما

49

دوست

5095

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1374 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
847 سەر
شۆھرەت
951 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 16:29:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلمىڭىز ناھايىتى ئوتكۈر ئىكەن  مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى توختىماي يىزىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
火山ئەپەندى بايقاش ئائىلىسى سىزنى سىغىندى!!!!!1

53

تېما

49

دوست

5095

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1374 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
847 سەر
شۆھرەت
951 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 16:50:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشرىپىمىزنىڭ قىزغىن كەيپىاتىنى تىخىمۇ يۇقرى كۆرۈش ئۈچۈن سۆز ئويۇنى ئوينىساق قانداق؟!!!!!
   ئويۇن شەكلى مۇنداق ئادەتتە تىز دىيىش قىيىن بولغان سۆزلەرنى تىز سۈرەتتە دەيمىز   بۇيەردە  ئىغىزدا گەپ كىلىش مۇمكىن  بولمىغاندىن كىيىن بىز ئەل ئارىسىدىكى شۇنداق جۈمىلەرنى تىپىپ چىقساق قانداق ؟؟؟؟
بىشىنى مەن باشلاي:
  قىشتا كىشمىش پىشماسمىش پىشسىمۇ يىگىلى بولماسمىش.
.......
ئاخىرىنى ئەمدە مەشرەپ ئەھلى داۋام قىلسۇن   قىنى مەرھەممەت  

باھا سۆز

ئابلىمىت ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 18:52
admin ياخشى پىكىر، ئايرىم تېما باشلىسىڭىز ياخشى بۇلامىكىن دەيمەن!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 17:22
火山ئەپەندى بايقاش ئائىلىسى سىزنى سىغىندى!!!!!1

53

تېما

49

دوست

5095

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1374 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
847 سەر
شۆھرەت
951 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 16:51:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىت بىشى بۇ ئويلىغىنىم بولامتىكىن يا....
火山ئەپەندى بايقاش ئائىلىسى سىزنى سىغىندى!!!!!1

72

تېما

18

دوست

3080

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
707 سەر
تىللا
569 دانە
تۆھپە
472 سەر
شۆھرەت
358 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 20:18:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز_ قۇتلۇق بايرام

نورۇز-باھار بايرىمى؛ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن(قەدىمكى زاماندا ”ئەجداد“ ،بىلىم ئىگىسى،ئۇستاز دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈردىغان سۆز)باشلىنىپ،بوغۇنمۇ بوغۇن داۋام قىلىپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي بايرام.شۇڭا ئۇ يېشىللىق تەنتەنىسى ۋە ئاغۇنلار يادنامىسى.نورۇز پەيتىدە قەدىمكى ئاغۇنلىرىمىز ئۆز قوشاقلىرىدا تەسۋىرلىگەن كۆرۈكلۈك-مەنزىرە گەۋدىلىنىدۇ.بۇنىڭغا“ تۈركىي تىللار دىۋانى“غا كىرگۈزۈلگەن قەدىمكى خەلق قوشاقلىرىدىن مىسال كەلتۈرىمىز:



تۈرلۈگ چېچەك يېزىلدى،

بارچىن يېيىم كېرىلدى؛

ئۇجماق يېرى كۆرۈلدى،

تۇملۇغ يەنە كەلگۈسىز.



قار-مۇز قامۇغ ئېرشىدى،

تاغلار سۈيى ئېقىشدى؛

كۆكشىن بۇلۇت ئۆرۈشىدى،

قېيىق بولۇپ ئەگرىشۇر.



”قۇتادغۇبىلىك“تە،شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ ”يارۇق ياز_ئەتىياز پەسلى“نى مۇنداق تەرىپلىگەن:



تۇغاردىن ئېسە كەلدى باھار يەلى،

ئاجۇن بېزەشكە ئاچتى جەننەت يولى.



ياشىق ياندى بولغاي يانا ئورنىغا،

بالىق قۇيرۇقىدىن قوزى بۇرنىغا.



يازىق،تاغ،قىر،ئورمان تۆشەندى يېپىپ،

تۈزەندى قولى،قاشى كۆك – ئال كىيىپ.



شۇنىڭدەك 13-ئەسىردە ياشىغان ئەدىب نەسىرىدىدىن رابغۇزى كۆكلەم پەيتىنى ”باھارىيات“غەزىلىدە مۇنداق تەسۋىرلىگەن:



كۈن ھەمەلگە كىردى ئەرسە كەلدى ئالەم نەۋرۇزى،

كەچتى بەھمەن زەمھەرىر قىش قالمادى قارى-بۇزى.



كۈن كېلەر مىڭ كۆركى ئارتىپ،تىرىلۇر ئۆلمىش جاھان،

تاڭ بەدىزلەپ نەقشى بىرلە بىزەنۇر بۇ يەر يۈزى.



تاڭ ئاتاردا تۆت سەرىدىن ئەسنەيۇر بادى سابا،

كىك تۈزەر كىندىك يىپارتەك يىدلانۇر يابان يازى.



تەرلىگى ئەپكۈن- ياغىزدىن،ئۇيۇغى ياشىل- قىزىل،

ئاراسى پۇتاق- ياپۇرغاق ئال چېچەكلەر تۈپ تۈزى.



ئۆزلەسە يىغلاپ بۇلۇتلار،گۈل چىقار بوستانۇ باغ،

تال ياغاچلار يەڭ سالىشۇر،ئوينايۇر بەك،باي- قىزى.



كىرشەنى قىرقانى ئەڭلىك ياقسا تاغلار سۈرەتى،

تولۇغى تانسۇق تاۋاردىن،خىتاي ئەتلەس چۈزى.



لالە ساغراقىن ئىچەردە سايرار ئۇسرۇپ ساندۇۋاچ،

تۇرنا ئۈن تارتىپ ئۆتەردە سەكرەشۇر پاقلان قوزى.



كۆكدە ئويناپ قول سالىشۇر قوغۇ،قاز،قىل،قارلۇغاچ،

يەردە يۈگرۈپ جۈفت ئالىشۇر ئاس،تىيىن،كىش،قۇندۇزى.



نەي شېكەرلەر مىنبەرىندە تۇرى قۇش مەجلىس تۇتار،

قۇمرى،بۇلبۇل مۇقرى بولۇپ ئۈن تۈزەر تۈن- كۈندۈزى.



بىر ياغىز يەر كۆك مەڭىزلىك ياشنايۇر مەيدان بولۇپ،

ئوغراشۇر ئايتەك چېچەكلەر تەگرەسىدە يۇلدۇزى.



ھۇرى ئېيىن ئۇجماق ئىچىندە يەك سالىپ تەھسىن قىلۇر،

ياز ئۈزە مۇنداق غەزەلنى ئايدى ناسىر رابغۇزى.



14-ئەسىردە ئۆتكەن شائىر ئەتائىي نۇرۇز پەيتىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:



ساقىيا كەلتۈر مەيى گۈلگۈنكى خۇش دەمدۇر بۇكۈن،

ئالەمى فەرخۇندەئى نەۋرۇزى ئالەمدۇر بۇ كۈن.



قامەتى گۈلبۇن چىمەنلەر سەھنىدە تەزىم ئۈچۈن،

ساقىي گۈلرۇخ بىكىن سەرۋ ئالدىدا ھەمدۇر بۇ كۈن.



يەر يۈزىندە گۈلشەنۇ باغۇ باھارۇ باغچە،

گۈلبەزى خەزرا مەڭىزلىك سەبزۇ خۇرەمدۇر بۇ كۈن.



ھەر كىشىگەكىم مۇيەسسەردۇر پەرىۋەش يار ئىلە،

جۈرئەئى نۇش ئەيلەمەك ھاشاكى ئادەمدۇر بۇ كۈن.



كىمگەكىم بولسا ساپالى بىر مەيدىن جۈرئەئى،

ئۇشبۇ تۇققۇز شېشەدىن كۆڭلىگە نە غەمدۇر بۇ كۈن.



سەلسەبىلۇ كەۋسەرۇ مائى مەيىن كەلتۈرسەلەر،

جامى مەي مەجلىسىدە بارچەدىن مۇقەددەمدۇر بۇ كۈن.



كەل دەمى مەيخانەنىڭ بەيتۇل – ھىرامىن قىل تەۋاف،

كىم سەنەملەر لەئلىدىن مەي ئابى زەمزەمدۇر بۇكۈن.



ئەي ئەتائىي ،بولما غافىل،بىر نەفەس ھەمدەم تىلە،

ئۆمرىنى ھەمدەم كەچۈرمەكلىك بەسى كەمدۇر بۇ كۈن.



ئەلىشىر نەۋائىيمۇ دىۋانلىرىدا نۇرۇزنى خۇشاللىق بايرىمى،تۈن-كۈننىڭ تەڭلىشىدىغان پەيتى دەپ،يارنىڭ ھەر كۈنى نۇرۇز بولۇشىنى تىلەپ يازغان غەزەللىرى كۆپ،شۇلاردىن بىر قانچە بېيىتنى مىسال قىلىمىز:



مۇۋافىق كىيدىلەر بولمىش مەگەر نەۋرۇز ئىلە بەيرەم،

چىمەن سەرۋى ياشىل خىلئەت مېنىڭ سەرۋى رەۋانىم ھەم.

_ فەۋائىدۇل كىبەر



ۋەسىل ئارا كۆردۈم،تەڭ ئىمىش بويىيۇ ساچى،

تۈن-كۈن تەڭ ئىكەن زاھىر ئولۇر بولدى چۇ نەۋرۇز.



ئەي يۈزۈڭ باغى نەسىمدە ھەۋايى نەۋرۇز،

لەئلى تاجىڭ بولۇپ ئول باغدا بوستان ئەفرۇز.



زۇلفۇ رۇخسار ئىلە كامىمغا مېنى يەتكۈزسەڭ،

ھەر تۈنۈڭ قەدىر ئولۇبان،ھەر كۈنۈڭ ئولسۇن نەۋرۇز.

_ بەدايىئۇل ۋىسىئەت

نۇرۇز__ يالغۇز دېھقان چارۋىچىلارنىڭلا بايرىمى ئەمەس،بەلكى ئومۇمىي خەلق بايرىمى.خەلقنىڭ قىش-زىمىستاندىن ئامان چىقىپ،ئىللىق ئاپتاپنى ئارزۇلىغان خۇشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان،ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زىمىننىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى،ھەر بىر كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئۆز كەسىپ-كارلىرىنى راۋاج تاپقۇزۇشقا بولغان ئىجتىھاد-ئىنتىلىشلىرىنى،ئۆز-ئارا ھىممىتى-ساخاۋىتىنى،ئىتتىپاق-ئىناقلىقنى ، بەختلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئەمگەك بايرىمىدۇر.



نۇرۇزنىڭ خاسىيەتلىرى



خەلقىمىز نۇرۇزنى قۇتلۇق-خاسىيەتلىك بايرام دەپ بىلىدۇ،نۇرۇز ئالدىدا ۋە مەزگىلدە،ھەر قانداق كىشى ياخشى – ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۆزلىرى تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ.ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك دېگەن چۈشەنچىسى بويىچە،كىمىكى يىل بېشىدا،يەنى،نۇرۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا،شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نىسىپ بولىدۇ دەپ بىلەتتى.شۇڭا قەدىم زاماندىن تارتىپ كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشنى ئارزۇلاپ،نۇرۇزغا ئاتاپ ھەر خىل ساۋاپلىق ئىشلارنى قىلىشنى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. مەسىلەن:ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلارنى قىلىش( مەكتەپ سېلىش،يول-كۆۋرۈك ياساش ۋ.ب) مۇققەددەس كىتاپلارنى كۆچۈرۈش ياكى كۆچۈرگۈزۈش،ئىبادەت ئورۇنلىرىغا قىممەتلىك كىتاب ياكى يەر-مال ۋەخپە قىلىش ئەنە شۇنداق چوڭ ئىشلار جۈملىسىدىن ئىدى.

       10-ئەسىرنىڭ ئاخىرى،توخرى(كۇچا-ئاگنى) تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ”مايتىرى-سىمىت“ نومىنى تەڭرى بۆگۈ ئىل بىلگە ئارسلان ئېدىقۇت زامانىدا(تەخمىنەن 10-ئەسىردە) يۇقىرى مەنسەپ تۇتقان چۇتاش يىگەن تۇتۇڭ كۆچۈرگۈزگەن .شۇ كىتاپتا ”يۈكۈنچ بۆلۈم“ نىڭ ئاخىرقى ۋارىقىغا مۇنداق دەپ يازدۇرغان:

   ”يانا ئالقىشقا ئەرزىيدىغان ئايغا،ئارزۇلىغان كۈنگە ،تاللانغان ئەزگۈ چاغقا،قۇتلۇق خەيرىلىك ۋاقىتقا،قۇتلۇق قوي يىلى،ژۇن ئۈچىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىگە توغرىلاپ، مەن_ ئۈچ ئەردەنگە ئېتىقادچان كۆڭۈللۈك ئۇپاسى چۇتاش يىگەن تۇتۇڭ كىشىم(ئايالىم) تۈزۈن بىلەن بىللە،كىيىن كېلدىغان مايتىرى بۇرخانغا ئۇچىرىشايلى دەپ،بىر دانە مايتىرى ھەيكىلىنى بېزەتتۇق(ياساتتۇق)،بىر پارچە مايتىرى سىمىت نومىنى كۆچۈرگۈزدۇق.“

           ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىنمۇ بۇ ئادەت داۋاملىشىۋەرگەن.13-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ۋە 14-ئەسىرنىڭ بېشىدا ياشىغان ئەدىب نەرىدىدىن رابغۇزى ئۆز ئەسىرى__ ”قىسسەئى رابغۇزى“ (ياكى ”قىسسەسۇل ئەنبىيا“ ) نى ئاشۇ قۇتلۇق كۈندە پۈتتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلغان:

  

”ئۇش تۈگەتتىم بۇ كىتابنى،ئەي يارەنلەر ئەر يۈزى،

بىر يىل ئىچىرە كەچتى ئانىڭ ياي،قىشى،يازۇ كۈزى،



يەتتە يۈز ئون ئەردى يىلىغا كىم بىتىلدى بۇ كىتاب،

تۇغمىش ئەردى ئول ئوغۇردا،ھوت سائادەت يۇلتۇزى“



(ھىجىرىيە 710-يىلى ھوت يۇلتۇزى تۇغۇلغان كۈنى مىلادىيە 1311-يىلى مارت ئاخىرىغا ،يەنە نورۇز پەيتىگە توغرا كېلىدۇ.)



14-ئەسىردە تۇغۇلغان ئۇلۇغ شائىرىمىز لۇتفى ئەنە شۇ نۇرۇزنى نىشانلاپ، ”گۈل ۋە نەۋرۇز“داستانىنى يازغان:



”يېڭى يىلنىڭ باشىدا روزى نەۋرۇز،

سەدەفدىن چىقتى بىر دۇرى ئەفرۇز…..



چۇ نەۋرۇز بولدى نەۋرۇز ئىچىرە پىرۇز،

ئاتادى ئوغلىنىڭ ئاتىنى نەۋرۇز“.



15-ئەسىردە ئۆتكەن شائىر يۈسۈف ئەمىرىي ”دېھنامە“ئەسرىدە مۇنداق يازغان:

”بارىپ بۇلبۇلنى قىلغىل مەجلىس ئەفرۇز،

دېگىن:ئاھەڭ تۈزەكىم بولدى نەۋرۇز.



ئادەتتە نۇرۇز ئەييامىدا تۇغۇلغان بالىلارغا قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ،گۈل-گىياھ ناملىرى قويۇلاتتى.مەسىلەن : ئوغۇل بالىلارغا ”نورۇز“،“نۇر“،“قۇتلۇق“ ، قىز بالىلارغا ”نۇرئەلانۇر“، ياكى كۆپىنچە ئەتىياز پەسلىنىڭ كۆركىدىن ئېلىپ گۈل-چېچەك ئاتلىرى ۋە ”چىمەن“،“بوستان“،“باھار“دېگەندەك ئىسىملار قويۇلاتتى.

بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە،كىشىلەر ئۆزلىرى ساۋابلىق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە بىر –بىرىگە ياخشىلىق تىلەيتتى.ئۆزئارا يوقلاشقانلىرىدا،سەير-تاماشالاردا،مەشرەپ سورۇنلاردا،نۇرۇز ئېشى يېگەنلىرىدە،ئامانلىق-ياخشىلىق تىلىگەن بېيىت-قوشاقلارنى ئېيتىشاتتى:



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

سىزگە بولسۇن قۇتلۇق كۈن.

پەسلى جاھان ھۇت كەلدى،

جۇتلار ئۆتۈپ قۇت كەلدى.

نۇرۇز كەلدى نۇر بولدى،

ھەممە جانلىق ھۆر بولدى.

ھەي خالايىق شادلىنىڭ،

كەسىپ-كارغا ئاتلىنىڭ.

ھەمەلدە بىلىپ ھەپتىنى،

تۇتۇپ نۇرۇز پەيتىنى.

ئەمىلىڭ بولسۇن ساۋاب،

ئەجداتنى قىلغىن تاۋاب.

دېھقان دەرھال كەتمەن ئال،

يەرگە ساپان ئۈرەن سال.

چەش دۆۋىلەنسۇن خامانغا،

بۇغداي تولسۇن باداڭغا.

باغۋەن بولساڭ باغ-راغ قىل،

باغدىن رىزقىڭنى تاغ قىل.

مالچى كۆپلەپ تۆل بولسۇن،

سۈت-قايمىقىڭ مول بولسۇن.

باپكار بولساڭ يىپ ئولغا،

بوز-چەكمەننى خوپ تولغا.

تۆمۈرچى تاۋلا كەتمەننى،

تاپ ھۈنەرگە زوقمەننى.

ماشىنىچى راسچىل بول،

ھۈنىرىڭدە ئەپچىل بول.

موزدوز تارتقىل بېخىنى،

خۇدا بەرسۇن سېخىنى.

ئاشپەز بولساڭ تەملىك قول،

غەللىدە بولۇر كۆپ پۇل.

زەرگەر كۆرسەن ھۈنەرنى،

قېتىش قىلما مىس-زەرنى.

تىجارەتچى سەپەر قىل،

ھارام مالدىن ھەزەر قىل.

تامچى-خارەت بىنا قىل،

ئەلگە ئوبدان پاناھ قىل.

موللا بولساڭ ئوقۇپ يە،

نەسىۋەڭنى ئۇقۇپ يە.

قازى-مۇپتى ھەق سۆزلە،

شەرىئەتتىن نەق سۆزلە.

ھاكىم بولغىل دادىخاھ،

ئەلگە دائىم خەيرىخاھ.

ئۆم بولايلى خالايىق،

قىلمايلى ئىش نالايىق.

يۇرتىمىز بولغاي ئاۋات،

مەئىشەت توق، كۆڭۈل شاد.

ئەل-كۈن ھامان ئامان بول،

ئامان بول،ئامان بول.



نۇرۇز مەزگىلىدە،ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنەرنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قوياتتى.مەدىرىسە مەكتەپلەردە موللىلار تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى. نورۇزنامىلە مۇنداق باشلىناتتى:



كەلدى نۇرۇز ئەيش بۇنياد ئەتكىلى،

بارچە ئادەم كۆڭلىنى ياد ئەتكىلى.



قىز-ئوغۇللار موللاسىدىن ئېلىپ دۇئا،

مۈشكۇلاتتىن ئۆزىنى كۇشاد ئەتكىلى.



ئوقۇ،ئىلمىي تالىپ بول ھەق يولىدا،

جاھالەتتىن ئەلنى ئازاد ئەتكىلى.



ئەل ئىچىدە بولسۇن ئېرپان – مەرىپەت،

ئۆم بولايلى يۇرتنى نىجاد ئەتكىلى………



نۇرۇزنىڭ رەسمىيەتلىرى



      نۇرۇز كۈنلىرى ھەر خىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ،ئومۇمي خەلق سەيلىسى بولىدۇ.بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا.بۇلار يىغىشتۇرلۇپ ”توققۇز توقۇ“ ( ”تۇققۇز مەرىكە-مۇراسىم“) دېيىلگەن.

1.نۇرۇز ناغرىسى

نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا،بالىق-كەنت،قىر –يېزىلاردا،نۇرۇز بايرىمى كەلگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ،ناغرا سوناي چېلىناتتى،ئەل-يۇرت نۇرۇزغا جابدۇناتتى،تەنتەنىلىك ھېيت-بايرام تۈسىنى ئالاتتى.

2.نۇرۇز تازىلىقى

نۇرۇز ئالدىدا باشلىنىدىغان ”ئارىغ توقۇ“ (ئېرىغدىلىنىش_ تازىلىق ھەرىكىتى) ھارپا كۈنى ئەۋجىگە كۆتۈرلەتتى؛ئېرىق-ئۆستەڭ كۆللەرنى تازىلاش،ئېغىل-ئارانلارنى ئېرىغداش،كوزا-ئىدىشلارنى ئوبدان تازىلاپ،تازا باھار سۈيى بىلەن توشقۇزۇپ،ھويلا-ئارام،يول-خامانلارنى سېرىپ سۈپۈرۈش(ۋ.ب).

3.سوغۇق قوغلاش

ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ-توپ بولۇشۇپ،ساغانغۇ(ياغ قاچىلاپ، پىلىك چىقىرىلغان قاپاق) كۆيدۈرۈپ،يۇرت-مەھەللىدىن چىققىنىچە،قىر سەھرالارغا يۈزلىنىپ،سوغۇق قوغلايدۇ.سوغۇقنى ھەجىۋى قىلىپ قوشاق-بېيىت ئېيتىشىدۇ،نورۇزغا بېغىشلانغان ئۆلەن كۈيلەيدۇ.گۈلخان يېقىپ ئەتىراپىدا قۇيۇپ ئۇسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ.بۇنىڭدا بىر-بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان توققۇز داپ چېلىنىدۇ.قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ.باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ.تاڭ ئاتاردا،سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىگە يانغانلىرىدا،ھەر بىر ئۆيلۈك ئۆز ھالىغا يارىشا ھەر خىل غىزالارنى ئىتىپ،ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ،ئۇلارنى كۈتىۋالىدۇ.بۇ سوغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى دېيىلىدۇ.

نۇرۇز ھارپىسى سوغۇقنى ئۇزىتىپ قويۇش ئۈچۈن،سوغۇق يېمەكلىكلەر يېيىلەتتى.بۇنداق يۇسۇننى ”قاڭسىق“دەيتتى.ھازىرقى كۈندە بىرەر يېمەكلىك ئاغزىغا تېتىمىسا ياكى سەك قىرتاق بولۇپ قالسا،“قاڭسىق“دېيىلىدۇ.دېمەك،بالدۇرقى چاغلاردا،قىش ئۇزۇقىدىن قالغان نەرسىلەر،يەنى سوغۇق يېمەكلىكلەر ”قاڭسىق“دېيىلگەن.

4.يوقلاش

نۇرۇز كۈنى چۈشكىچە يوقلاش پائالىيىتى بولىدۇ؛ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلىرىنى يوقلاش؛قەبرە يوقلاش(سېرىپ سۈپۈرۈپ،بەلگىلىرىنى ئوڭشاش،دۇئا قىلىش)؛ئىگە-چاقىسىز قېرى چۈرى،يېتىم-يېسىر،مېيىپلارنى يوقلاش(ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۆمەكلىشىش).

5.نۇرۇز ئېشى

نۇرۇز كۈنلىرىدە،قۇربى يەتكەن ئائىلىلەردە قۇتلۇق كۈننى ئىپادىلەپ، ”ق“ تاۋۇشى بىلەن باشلانغان يەتتە خىل (ئىسلام دىنغا كىرىشتىن ئىلگىرى توققۇز خىل) يېمەكلىك تەييارلايدۇ. مەسىلەن: قايماق،قېتىق،قۇرت،قۇيماق،قاتلىما،قۇيرۇق-بېغىر،قوزا گۆشى( تۇنۇر كاۋاپ ياكى قورداق)دېگەندەك.بۇنداق غىزالارنى تەييارلاش بىلەن نۇرۇز باشلانغان يېڭى يىلدا ”تۇققۇزى تەل“ بولۇشنى تىلەيتتى، ياكى بولمىسا ”س“ تاۋۇشى بىلەن باشلانغان خېرىتلاردىن، مەسىلەن: سىراق-باش(كاللا –پاقالچاق)،سۈت،سېرىق ياغ، سۇ يېغى،سۆك-تېرىق،ساغۇن،سىركە،سامساق قاتارلىق نەرسىلەردىن ئۆز خۇرۇچىغا لايىق ھەر خىل غىزالارنى تەييارلايتتى.نۇرۇز ئېشىنى ”تۇتماچ“دەيتتى،يەنى“بۇ يىل بىزنى تۇتما ئاچ (ئاچ تۇتما)“ دەپ تەڭرىدىن ئۈمىد كۈتۈپ،يىل بويى ساغلام توق بولۇشنى تىلەيتتى.

نۇرۇزلۇق ئاشلاردىن بىر خىلى _ ”ھېلىسە“ (ئېھتىمال“ ھېلى يېسە“ دىن ئىخچاملانغان بولۇشى مومكىن).بۇ ئاش مۇنداق ئىتىلەتتى:كالا-قوي گۆشلىرىنى (قۇيرۇقى بىلەنلا) داشقا سېلىپ،بۇغداي يارمىسى قوشۇلاتتى.قازاننىڭ تېگىگە ئولتۇرۇپ قالمىسۇن دەپ،قازانغا مۇشتتەك تاشلار سېلىناتتى.

يەنە بىر خىل ئاش_ سۈمۈلەك .ھەرخىل دانلار (بولۇپمۇ بۇغداي مايسىلىرى) بىلەن ئېتىلەتتى.توققۇز خىل دان ۋە قوشۇمچە چامغۇر،ھەر خىل تۇرۇپ بىلەن تەييارلىناتتى.

6. نۇرۇز سەيلىسى

نۇرۇز باشلانغان كۈنى يوقلاش تۇقۇسىنى ئاساسەن ئورۇنداپ بولۇپ،چۈشتىن كېيىن ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممەيلەن خامانغا،بوستانغا چىقىپ،سەيلە-تاماشا قىلاتتى. يىگىت-قىزلار ئۆزئارا ياكى ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەرەپ بولۇپ قوشاق يارىشى ئۆتكۈزەتتى.قوشاقتا ئۇتتۇرۇپ قويغانلار جازالىناتتى يەنى ناخشا ،لەتىپە ئېيتىپ بېرىش،ئۇسسۇل ئويناش دوراش ۋە باشقا ھەرقكەتلەرنى ئورۇنداشقا مەجبۇر ئىدى.بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن،ئۇتتۇرغان تەرەپ ئۇتقۇچى تەرەپكە شۇ ئاخشىمى بەزمە ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى.

قىز-چوكانلار بوستا-چىمەنلەردە،“ئۇچار تىلىگەن“ (چاقى پېلەك)،يالىڭۇ (يالىڭۇچ-ئىلەڭگۈچ)،تەپۈك(تەپكۈچ)،ئوقتاش،ئاتلامچۇق،ئوردىكام ( ياڭاق تاشلاش)، ”كۈچۈڭ يەتسە ئال“ ياكى ”قارا-قارا قۇشناچىم“،مۆكۈشمەك قاتارلىق ئۇيۇنلارنى ئوينايتتى.

ئوغۇل بالىلار نۇرۇز ئاخشىمى ”باندال ئويناپ، ”سوغۇقنىڭ چۈپۈرەندىلىرى“نى قوغلايتتى(باندال__ تاغاق سۆڭەك ياكى تارغاققا ئوخشاش تارىشا ئۇچىغا ئوت يېقىپ كېچىسى بىر –بىرىگە ئېتىشىپ ئوينايدىغان ئويۇن)

7.نورۇز يارىشى

نۇرۇزنىڭ ياندۇرقى كۈنى ”يارىش“(مۇسابىقە) ئۆتكۈزلەتتى.بۇ ئاساسەن تەنھەرىكەت ئىدى.مەسىلەن: چېلىشىش،بەيگە،ئوغلاق تارتىشىش،دارۋازلىق،قوچقار سوقۇشتۇرۇش،يۈگۈرۈش،سەكرەش،سالغۇ تاشلاش،ئوقيا ئېتىش ۋە باشقىلار.

8.نۇرۇز مەشرىپى

نۇرۇزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۇرت مەھەللە بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزلەتتى.بۇنداق مەشرەپنى يۇرتنىڭ چوڭلىرى ئۆتكۈزۈپ بېرەتتى ياكى ئەھەلە-مەھەللە قۇربى يەتكىنىچە،يىغىش قىلىپ(ھەر كىم ئۆز ھالىغا يارىشا قوي،توپاق،توخو،ئۇن_گۈرۈچ،نان،ياغ،كۆكتات،قەنت-گېزەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ) داستىخان تەييارلايتتى.مەشرەپ ناھايتى تەرتىپلىك،كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزلەتتى،مەشرەپنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپ ئىدى.شۇڭا كونىلار“بالاڭنى مەكتەپكە،بولمىسا مەشرەپكە بەر“ياكى يۈرۈش-تۇرۇش،ئەدەپ سۈلكەتنى بىلمەيدىغان كىشلەرنى ”مەشرەپ كۆرمىگەن“دەيتتى.

9.نۇرۇزلۇق تىلەك

نۇرۇزنىڭ تۆتىنچى كۈنى ئەھەللە-مەھەللە ئاخۇن-موللىلارنىڭ باشچىلىقىدا“زىرائخەتمە“ئۆتكۈزلەتتى.خەتمە ئەسلىدە قۇرئاننى باشتىن ئوقۇپ تاماملاش مەنىسىنى بىلدۈرەتتى.بارا-بارا ئومۇمەن دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزۈشنىمۇ ”خەتمە“دەيدىغان بولغان.بۇ پائالىيەتتە نۇرۇزنىڭ ياخشى باشلىنىپ،مۇراسىمنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىگە ۋە ئۆتكەن يىلقى نىممەتلەرگە شۈكرانە بىلدۈرۈش،شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ يىلنىڭ ئامان-ئېسەن،توقچىلىق بىلەن ئۆتىشىنى،يەنى،زىرائەت-ئېكىنچىلىكنىڭ مول ھۇسۇللۇق بولۇشىنى تىلەش يۈزسىدىن كوللىكتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىناتتى.قۇرئان سۈرىلىرىدىن بىرەرنى قىرائەت قىلغاندىن كېيىن مۇناجات ئوقۇلاتتى.ئاندىن تەبىئى ئاپەتلەرنىڭ بولماسلىقى،ھۆل-يىغىننىڭ مۇۋاپىق بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلىناتتى.

نۇرۇزنىڭ يەنە بىر موھىم خاسىيىتى شۇكى،بۇ_ بىرلىك-ئىناقلىق بايرىمى ئىدى.ئۆچ-ئاداۋەتلەر،جۈملىدىن ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشكەن ئە-خوتۇنلار ”ئۆتكەنگە سالىۋات“قىلىپ قايتىدىن يارىشاتتى ياكى ياراشتۇرلاتتى.بۇ كۆپىنچە يوقلاش پائالىيىتىدە ياكى مەشرەپ سەيلىلەردە،ياكى بولمىسا، ”زىرائخەتمە“ ۋاقتىدا چوقۇم ئادا قىلىناتتى.

نۇرۇز__ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام،ئەمگەك بايرىمى،دوستلۇق_ئىناقلىق بايرىمى،ساۋابلىق بايرىمى،ئامانلىق بايرىمى،شادلىق بايرىمى،شۇڭا بۇ قۇتلۇق بايرامدۇر.



مەنبە:مەرھۇم ھاجى ئىمىن تۇرسۇننىڭ ”نۇرۇزنامە“ناملىق كىتابىدىن
تور مەنبەسى:http://www.lopnuri.com/?p=153
ئەگەر باشقىلار ئالدىدا ئابروي تىكلىمەكچى بولساڭ توختىماي بىلىم ئال!!!!!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-12 18:47, Processed in 0.333757 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش