كۆرۈش: 120|ئىنكاس: 1

بوۋامنىڭ چۆچىگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
4.بوۋامنىڭ چۆچىكى
دەرس مەزمۇنى:
بۇ كۆز يۈگۈرتۈپ ئوقۇلىدىغان ئەسەر بولۇپ، ژانىر جەھەتتە ھىكايە ھىسابلىنىدۇ. ئۇنىڭغا قۇشقا ئامراق بىر بالىنىڭ بوۋىسى ئىيتىپ بەرگەن چۆچەكتىن قۇشلارنىڭ ئىنسانلار ھاياىتغا بولغان رولىنى چۈشىنىپ، قۇشلارغا بولغان قارىشىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى، قەپەسكە سولاپ سىتىلىۋاتقان قۇشلارنى كۆرۈپ، تەنھەرىكەت ئايىغىئالماقچى بولغان پۇلغا قۇشتىن بىرنى سىتىۋىلىپ، ئۇنى قويۇپ بەرگەنلىكى ھىكايە قىلىش ئارقىلىق قۇشلارنىڭ قىممىتى، قۇشلارغا كۆيۈنۈش، قۇشلارنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، قۇشلار بىلەن دوستانا ئىناق مۇناسىۋەتتە ئۆتۈش، ئۇلارنى قوغداش ئىددىتىسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتا:
ئوقۇغۇچىلارنى كامالنىڭ قۇشنى سىتىۋىلىش ۋە ئۇنى قويىۋىتىش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا يىتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ھايۋانلارنى قوغداش ئىڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەسەرنىڭ يىزىلىش ئالاھىدىلىكى ھەققىدە بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.
ئۆگىنىش نىشانى:
1.ئەسەرنى ھەرخىل ئۇسۇلدا ئوقۇشنى مەشىق قىلىش، مۇستەقىل ئوقۇش ئارقىلىق ئاساسىي مەزمۇنى ئىگىلەش.
2.كامالنىڭ قۇشنى سىتىۋىلىش، ئۇنى قويىۋىتىش سەۋەبىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قۇشلارنى ئاسراش، قوغداش ئىڭىنى تىخىمۇ ئاشۇرۇش.
3.ئەسەرنى ئوقۇش جەريانىدا تىل تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش، تىل جۇغلانمىسىنى بىيىتىش. مۇستەقىل ئوقۇش قابىلىيىتنى چىنىقتۇرۇش.
كۆرسەتمە:
كىتابتىكى رەسىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىياللىرى
ۋاقتى:
بۇ دەرس بىر سائەت ئۆتۈلىدۇ.
ئوقۇتۇش جەريانى:

ساۋاقداشلار سىلەر چۆچەك ئاڭلاشنى ياخشى كۆرەمسىلار؟ قۇشلار ھەققىدە قانداق ھىكايىلەرنى بىلىسىلەر دىيىش ئارقىلىق يىڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش.

ئوقۇغۇچىلار بىلىدىغان چۆچەكلىرىنى ساۋاقداشلىرىغا سۆزلەپ بىرىدۇ.

ئۇنداقتا بۈگۈنكى بوۋامنىڭ چۆچىكى بىلەن تونۇشۇپ باقايلى دەپ تىمىنى دوسكىغا يازىمەن.

ئوقۇغۇچىلار تىمىنى كوللىكتىپ ئوقۇيدۇ.

قېنى بوۋامنىڭ چۆچىكى قانداقكەن ؟ ھەممىمىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى

. ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىدىكى تەلەپكە ئاساسەن تېكىستنى بىر قېتىم كىتاب ئوقۇش قائىدىسى بويىچە ئوقۇپ چىقىدۇ .

تېكىستنى ئوقۇشقا يىتەكلەش .
تەلەپ : كامال قۇشقا قانداق مۇئامىلدە بولدى ؟نېمە ئۈچۈن ؟

بىر نەچچە ئوقۇغۇچى دىئالوگلار بويىچە بۆلۈنۈپ تېكىستنى بىر قېتىم ئوقۇيدۇ.

تېكىستنى دىئالوگلارغا بۆلۈنۈپ بىر قېتىم ئوقۇشقا تەشكىللەش .
ساۋاقداشلار تېكىستتە قانداق ۋەقەلىك بايان قىلىنغان ؟سىلەر تېكىستتىن نېمىنى چۈشەندىڭلار ؟
ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغانلىرىغا ئاساسەن تېكىست مەزمۇنىنى سۆزلەپ بىرىدۇ .

كامالنىڭ قۇشنى سېتىۋېلىشتىكى مەقسىتى نېمە ؟ ئۇ نىمىشقا سېتىۋالغان قۇشنى قويۇپ بىرىدۇ ؟
ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىدىكى سوئالغا شەخىسلەر بويىچە جاۋاب بىرىدۇ .

كامالنىڭ قۇشنى قويىۋىتىشتىكى مەقسىتى بوۋىسىنىڭ چۆچىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ؟سىز بۇنىڭدىن نىمىنى بىلدىڭىز ؟
ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىدىكى سوئالغا ئويلىغانلىرىغا ئاساسەن جاۋاب بىرىدۇ .

‹‹قۇشلارنىڭ بەزىلىرى دان يەيدىكەن ،
بەزىلىرى گۆش يەيدىكەن ، يەنە بەزىلىرى قۇرت-قوڭغۇز يەيدىكەن ››
ئېكىراندىن يۇقىرىدىكى جۈملىنى كۆرسىتىمەن .
ئاۋۋال كوللېكتىپ ئوقۇيدۇ ،
‹‹…… بەزىلىرى ……  ؛
…… بەزىلىرى ..…. بەزىلىرى…… ›› دېگەن جۈمىلە شكلىگە ئاساسەن جۈمىلە تۈزىدۇ .

سىلەرچە كامالنىڭ بوۋىسى ئېيتقان چۆچەكنى ئەسەردىن چىقىرىۋىتىشكە بولامدۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟
ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىدىكى سوئا ئوقۇغۇچى بىرلىشىپ مۇنازىرلىشىپ جاۋاب بىرىدۇ

سىزنىڭچە بىتتى بىلەن كامال ئوتتۇرسىدا قانداق ئورتاقلىق بار ئىكەن ؟ سىز بۇنىڭدىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز ؟
ئوقۇغۇچىلار بىتتى بىلەن كامالنىڭ ئورتاقلىقىنى تېپىپ چىقىدۇ

ساۋاقداشلار سىلەر تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار،كامال قۇشنى قويىۋەتكەندە كىشىلەرگە نېمە دەپ جاۋاب بەرگەندۇ ؟ دېيىش ئارقىلىق ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇتۇپ يېزىشقا يىتەكلەيمەن .
ئوقۇغۇچىلار تەسەۋۋۇرىنى قانات يايدۇرۇپ بۇ سوئالغا ئىختىيارى جاۋاب بىرىدۇ .
ئاندىن دەپتىرىگە ھېكايىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ يازىدۇ .

سىز بۇ تېكىستتىن قانداق تەسىراتقا ئىگە بولدىڭىز ؟
قۇشلارنى ئاسىراش ھەم قوغداشنىڭ مۇھىملىقى ، مۇھىت ۋە ھايۋانلارنى قوغداش لازىملىقى دەپ جاۋاب بەرسە ياخشى بولىدۇ .
تاپشۇرۇق :
قۇشلارنى ئاسىراش ھەققىدە بىرئابزاس ئويلىغانلىرىڭىزنى يېزىڭ .





دوسكا لايىھىسى
4. بوۋامنىڭ چۆچىكى
كامال قۇشقاچنى تۇتماقچى بولدى —— بوۋىسىنىڭ چۆچىكىنى ئاڭلىدى —— بازاردا قەپەستىكى قۇشلارنى كۆردى —— قۇشنى سېتىۋېلىپ قويۇپ بەردى .
قۇشلارنى ئاسىراش ، قۇشلارنى قوغداش
ئىنتايىن مۇھىم
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-19 00:07:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-قارلىغاچ مەخسۇس پويىزى-مەن مۇشنڭدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلاندىم ئاپتور مۇشنىڭغا  ئوخشاش تېمىلارنى كۆپلەپ يوللىسا دەيمەن.:جۇڭخاگۇل سۇلايمان
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش