كۆرۈش: 126|ئىنكاس: 0

3- يىللىق 2- ماۋسۇم تىل -ئەدەبىيات6-دەرس:قۇياش تەيارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-22 23:15  

6. قوياش
دەرس مەزمۇنى :
بۇ كۆز يۈگۈرتۈپ ئوقۇش ئۈچۈن بىرىلگەن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تىپىدىكى چۈشەندۈرۈش خاراكتىرلىك ئەسەر بولۇپ ، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق چۈبشەندۈرۈش، ئوخشىتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ئارقىلىق قوياشقا مۇناسىۋەتلىك بەزىبىر بىلىملەر تونۇشتۇرۇلۇپ، قۇياش بىلەن ئىنسانلارنىڭ ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈپ بىرىلگەن .
مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتا :
ئەسەردە قوياشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مىسال كەلتۈرۈش،ئوخشىتىش،سېلىشتۇرۇش قاتارلىق چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرىدىن قانداق پايدىلىنىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى بىلىۋېلىش .
ئۆگىنىش نىشانى :
1. لۇغەتتىن پايدىلىنىپ ‹‹باكتېرىيە ، تېمپۇراتۇرا ، زۇلمەت ››قاتارلىق سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش .
2.ئەسەر توغرا ، راۋان ، ھېسىياتلىق ئوقۇش ، ئاخىرقى ئابىزاسنى يادىلىۋېلىش.
3.ئەسەرنى تەكىرار ئوقۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا قوياشنىڭ بەزىبىر ئالاھىدىلىكى ھەم ئىنسانلاربىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىۋېلىش.تەبىئەت بىلىملىرىگە بولغان قىزىقىشنى قوزغاش .
4.چۈشەندۈرۈش خاراكتىرلىك ئەسەرنى ئوقۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆگۈنىپ،شەيئىلەرنى چۈشەندۈرۈشنىڭ بەزى ئۇسۇللىرىنى بىلىۋېلىش .
كۆرسەتمە :
كىتاپتىكى رەسىم ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىياللىرى .
ۋاقتى :
بۇ دەرس بىر سائەت ئۆتۈلىدۇ .
ئوقۇتۇش جەريانى:
سىلەر قوياش ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىلەر ؟
قوياش توغرىسىدا قانداق ماتېرىياللارنى توپلاپ كەلدىڭلار؟
ئوقۇغۇچىلار ئالدىن تەييارلىغان ماتېرىياللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ سۆزلەيدۇ .

تېكىستنى ئوقۇشقا تەشكىللەش
تەلەپ : تېكىستنى تىنىش بەلگىلىرىگە دىققەت قىلىپ ئوقۇش،ئەدەبىي تەلەپپۇز توغرا ، راۋان ، ھېسىياتلىق ئوقۇش. شەخىسلەر بويىچە تېكىستنى ئوقۇشقا تەشكىللەش .
ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىقى تەلەپكە ئاساسەن تېكىست ئوقۇش قائىدىسى بويىچە تېكىستنى ئوقۇيدۇ .
تېكىستنى بىرقانچە ئوقۇغۇچى ئابزاسلار بويىچە ھېسىياتلىق ، راۋان ئوقۇيدۇ .

ساۋاقداشلار تېكىستتە قۇياشنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى يېزىلغان ؟ ئەسەردە قايسى ئابزاسلاردا قۇياشنىڭ ئالاھىدىلىكى سۆزلەنگەن ؟
ئوقۇغۇچىلار يۇقىرىقى سوئالنىڭ جاۋابىنى كىتاپتىن تېپىپ ئوقۇپ بىرىدۇ .
ئاشۇ ئابزاسنى تېپىپ چىقىدۇ .
ئاپتور قوياشنى قايسى ئۇسۇللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ؟ نېمىنى نېمىگە سېلىشتۇرغان ، نېمىنى نېمىگە ئوخشاتقان  ؟
1.سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش
2.ئوخشىتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش
ئوقۇغۇچىلار كىتاپتىن تېپىپ ئوقۇيدۇ .
‹‹قۇياش بولمىسا بۇگۈزەل دۇنيا بولمايدۇ››دېگەن جۈمىلىنىڭ مەنىسى نېمە ؟
بىر ئېغىز سۆزبىلەن ئېيىتقاندا ، قوياش بولمىسا ، بىزنىڭ بۇ سۆيۈملۈك دۇنيارىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى .

سىز بۇتېكىسىتتىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟

يەرشارىدىكى يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقنى قوياش يەتكۈزۈپ بەرگەن ، ئەگەر قوياش بولمىغان بولسا يەرشارىنىڭ ھەممىلا يېرى قاراڭغۇ زۇلمەت ، ھەممىلا يېرى قەھرىتان سوغۇق بولغان بولاتتى . يەنە شامال ، قار ، يامغۇر ، شەبنەممۇ بولمىغان بولاتتى . گۈل-گىياھ ، دەل-دەرەخ ، ئۇچار – قانات ۋە ھايۋاناتلارمۇ بولمىغان بولاتتى. تەبىئەتتىكى ئادەملەرمۇ بولمىغان بولاتتى .
ئوقۇغۇچىلار تېكىسىتنى ئوقۇپ چۈشەنچىسىگە ئاساسەن جاۋاب بىرىدۇ .
ئوقۇغۇچىلار ئېكىراندىن يۇقىرىقى ئابزاسنى كوللېكتىپ بىر قېتىم ئوقۇيدۇ .
يۇقىرىقى ئابزاسنىڭ مەنىسىنى ئېيتىپ بىرىدۇ . سىنىپتا يۇقىرىقى ئابزاسنى يادىلايدۇ


تۆت ئوقۇغۇچى بىر گۇرۇپپا بولۇپ مۇزاكىرلىشىپ جاۋاب بىرىدۇ ، ھەم بۇ جۈمىلىنىڭ مەنىسىنى دەپتەرگە يازىدۇ .
تېكىست ئىچىدە يۇقىرىقى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىمەن ، ھەم ئوقۇغۇچىلارنى جۈمىلە تۈزۈشكە تەشكىللەيمەن .
باكتېرىيە ——
قەدىمكى ——
زۇلمەت ——
گىياھ ——
تاپشۇرۇق :
ئېكىراندىن كۆرسۈتىلگەن ئابزاسنى كۆچۈرۈپ يېزىش ، ھەم يادىلاپ كېلىش .

دوسكا لايىھىسى


6. قوياش




6-دەرس قۇياش

        3-يىللىق 2-مەۋسۈم  تىل -ئەدەبىيات دەرستىن بىر سائەتلىك دەرس

لاھيىسى


        دەرس تەييارلىغۇچى:   باي ناھيە قېيىر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ

        مەكتەپتىن: ھۆريەم ياقۇپ







2016-يىل -3-ئاي

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش