كۆرۈش: 244|ئىنكاس: 0

تۇلۇق 3- يىللىق ئۇقۇغۇچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك پىسىىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇلۇق 3- يىللىق ئۇقۇغۇچىلار ھازىرلاشقا تىگىشلىك پىسىىك تەييارلىقلار


تۇردى توختى

ساۋاقداشلار ،ياخشىمۇ سىلەر  ! سىلەرنىڭ مۇشۇ چەكلىك ۋاقتىڭلارنى چىڭ تۇتۇپ ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ ، ئۆزەڭلارنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن ! ھەم سىلەرنىڭ كەلگۈسىڭلارغا خەيرىلىك تىلەيمەن !
سىلەر تۇلۇق 2-يىللىقنى تۇگۈتۈپ ، تۇلۇق 3-يىللىققا چىققىلىمۇ ھەش پەش دىگۈچە ئىككى ، ئۈچ ئاي ۋاقىت بولۇپ قالدى . ۋاقىت نىمە دىگەن تىز ئۆتىۋاتىدۇ،بىز ۋاقىت بىلەن بەسلىشىشىمىز كېرەك ،چۈنكى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە كېلەر يىلنىڭ 6- ئېيى كىرىپ قالىدۇ .
قارىماققا بۇ ۋاقىت قىسقىدەك ، يانا بىر قارىماققا بۇ ۋاقىت ئۈزۇندەك تۈيغۇ ئاتا قىلىدۇ.ۋاقىتنى قىسقىدەك ھىس قىلۋاتقانلار بەلكى جىدديلىشىپ قېلىۋاتقانسىلەر ، ۋاقىتنى ئۈزۇن ھىس قىلىۋاتقانلار بەلكى ئۆگۈنۈش بېسىمىدىن زىرىكىش ھىس قىلۋاتقانسىلەر. مىنىڭچە ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىنى كۈتىۋاتقان سىلەردە بۇنداق پىسخىكىلىق ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىنى غەيرى نورماللىق دىيىشمۇ ئانچە توغرا بولمىسا كېرەك.چۈنكى ئىمتىھان ھەقىقەتەن كىشىگە بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان ، روھى جىددىيچىلىك ئېلىپ كېلىدىغان بىر خىل مائارىپ ھادىسىسى .
ھازىرقى مۇشۇ ۋاقىتتا بەزىلىرىڭلار ئۈگۈنۈش ئۈنىمىڭلارنىڭ تۈۋەن بولغانلىقىدىن نارازى بولىۋاتقان بولىشىڭلار،يانا بەزىلىرىڭلار ئىلگىرلەشنىڭ رۇشەن بولمايۋاتقانلىقىدىن ، يانا بەزىلىرىڭلار قىسمەن پەننىڭ قىيىنلىقىدىن ،يانا بەزلىرىڭلار نىشانىڭلارنىڭ ئېنىقسىزلىقدىن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلەلمەي تىڭراپ قالغان بولىشىڭلار مۇمكىن .مۇشۇنداق روھى ھالەتنىڭ شەكىللىنىشى ، ئەمىليەتتە نۇرغۇن ۋاقىت  ئادەم نىشانسىز ئالغا قاراپ ماڭغانلىق بىلەن باراۋەر بولىدۇ . نىشانسىز ماڭغان يولنىڭ ئۈنىمى بەك تۈۋەن بولىدۇ . ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش،نەتىچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سودا قىلغانغا ئوخشىمايدۇ . بۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىپ كۆرۈپ بېقىش پۇزۇتسىيەسىنى تۇتۇش تولىمۇ ھاماقەتلىك ھىساپلىنىدۇ.
مۇشۇنداق بىر روھى ھالەتتە تۇرۋاتقان ئۇقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن ئېيتىقاندا مىنىڭچە ئۇلاردا بىر پىسخىكىلىق تەييارلىق بولىشى كېرەك . بۇنداق پىسخىكا جەھەتتىكى تەييارلىقنىڭ بولىشى بىزنىڭ ئۈگىنىش تۇرمىشىمىزدا ئاكتىۋال رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن. مەن قىسمەن جەھەتلەردە ساۋاقداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتمەكچىمەن.
مىنىڭچە بىز ھازىرلاشقا تىگىشلىك پىسخىك تەييارلىقلار تۈۋەندىكىچە.
1.        جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام بولۇش
ھەرقانداق بىر ئادام ئۆزىنىڭ نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن چۇقۇم ئالدى بىلەن ساغلام ياشاش شارايىتىغا ئىگە بولۇش كېرەك.ساغلاملىق ئادەتتە جىسمانى جەھەتتىكى ساغلاملىق بىلەن روھى جەھەتتىكى ساغلاملىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تۇلۇق ئۈچۈنچى يىللىق ئۇقۇغۇچىلىرى جىسمانى جەھەتتىن ساغلام بۇلۇش ئۈچۈن مىنىڭچە ئۇزۇقلىنىشنىڭ ئىلمىلىكىنى بىلىش بىلەن بىرگە يانا تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولىشى،ئۈزىگە ۋە باشقىلارغا كەڭ قوساق بۇلۇشى يىغىپ ئېيتىقاندا جىسمانى جەھەتتىن ئەركىن بولىشى كېرەك . بۇ بىز ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئەڭ ئەقەللى ساۋات.
ھازىرقى ۋاقىتتا ئۈگۈنۈش بېسىمى ئېغىر ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنىڭ جىسمانى قۇۋىتىنىڭ خورىشىمۇمۇ تىز بولىدۇ.بۇنداق چاغدا « قۇساقنى ئۇتتۇرۋەتكەن» ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بەرداشلىق بىرىش كۈچى ، تاقابۇل تۇرۇش كۈچى تۈۋەن بۇلۇپ ، جىسمانى جەھەتتىن بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.يەنى باش قېيىش ،قۇسۇش ، كۆلى ئىلىشىش ،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلار بۇنداق ئەھۋاللار ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ.بۇ ھال تېبىئى ھالدا بىزنىڭ ئۈگىنىش سۈپىتىمىزنى تۈۋەنلىتىۋېتىش بىلەن بىرگە يانا جىسمانىيىتىمىز ھەتتا روھى ھالىتىمىزگەمۇ توسالغۇ ئېلىپ كېلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاقداشلار ئۇزۇقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىشى ،ئادەتتىكىگە قارىغاندا قۇۋەتلىكراق ،تويغۇچە ئىستىمال قىلىشى،سەي-كۆكتاتلارنى ئىستىمال قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىشى ، ئاچىق-چۈچۈك  ئادەمنىڭ ئىچىكى ئەزالىرىنى بىئارام قىلىدىغان نەرسىلەرنى بولۇپمۇ بازارلاردا سېتىلىۋاتقان ئەخلەت يىمەكلىكلەرنى قەتتىئى ئىستىمال قىلماسلىق لازىم.بۇ نەرسىلەر ئادەم ئورگانىزىمىنى بىلىندۇرمەي زەھەرلەش بىلەن بىرگە يانا ئادەم ئۈچۈن قۇۋەت بولمايدۇ.ئادەمنىڭ قوسىقى توق،كۈچى ئۇرغۇپ تۇرسا كەيپىياتىمۇ ياخشى بولىدۇ.
جىسمانى جەھەتتىن ئەركىن بولۇش بىزنىڭ نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم تايىنىش نوقتىمىز.سىلەر بىلىسىلەر،جىسمانى جەھەتتىن ئەركىن بولغاندىلا كىشىلەر تۈرلۈك ئىشلارنى قول سېلىپ قىلالايدۇ ھەم تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىپ ، ئۆزىنى قوزغىتالايدۇ.ئۇنداق بولمىغاندا ئادەمنىڭ ھەركىتى چەكلىمىگە ئۇچراپ ، پائالىيەت دائىرىسى كىچىكلەپ چەكلىمە ئىچىدە يۈرۇشكە مەجبۇر بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاقداشلار ھازىرقى ۋاقىت خاتالىق ئۆتىكىزىدىغان ئەمەس ، بەلكى خاتالىققا جەڭ ئېلان قىلىدىغان ۋاقىتتۇر.مىسال ئالساق: سىز قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قانۇننىڭ باشقۇرىشىغا تاپشۇرۇلسىڭىز سىزنىڭ بۇ ئالى مەكتەپ ئارزۇيىڭىز يوق بولۇپلا قالماي يانا ئەتراپىڭىزدىكى ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىز ئۈچۈن ئازاپ ئېلىپ كېلىسىز.شۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاقداشلار ئۆزىمىزگە ۋە باشقىلارغا كەڭ قوساق بۇلۇپ،قېرىنداشلارچە ياردەملىشىپ ئالغا ئىلگىرلەپ مەقسەتكە يىتىش بىز ئۈچۈن پەرىز.
يىغىنچاقلىغاندابىز مەقسەتكە يىتىشتە چۇقۇم ئۆزىمىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ جىسمانىيىتىگە تاجاۋۇز قىلماسلىقىمىز لازىم.
روھى ساغلاملىق –كىشىلەرنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن ساغلام بۇلۇپ تۇرلۇك تۇسالغۇلارغا ئۇچرىماسلىقنى ئاساسى بەلگە قىلغان بۇلۇپ ،بۇ نىشانغا يىتىشتىكى يانا بىر مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرسى.ئۇقۇش پۇتتۇرىدىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك بېسىملىرى ھەقىقەتەن ئېغىر بولغاچقا ئاساسنلا پىسخىكىسىدا مەسىلە پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ.بۇ مەسىلىلەر تەبىئى ھالدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھى ساغلاملىغىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئۇقۇغۇچىلاردا شۈكلىشىپ قېلىش،ئادەم خالىماسلىق،خامۇشلۇق،بۇرۇىتۇملۇق ، سەزگۈرلىكى ھەددىن ئارتۇق ئېشىپ كىتىپ نازۇكلىشىش ،گەپ كۆتىرەلمەسلىكتەك ئەھۋاللارنى پەيدا قىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇغۇچىلار نىمە قىلىشنى بىلەلمەي ئۆزىدىن،جەمىيەتتىن ئاغرىنىش ،ئۇقۇتقۇچىسى ۋە ئاتا ئانىسىدىن بىزار بولۇشتەك ئاغرىنىش پىسخىكىسىنى پەيدا قىلىۋېلىپ ، كۈنىنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغان غەميىمەسلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.بۇنداق ئەھۋاللارمۇ تېبىئى ھالدا ئۇقۇغۇچىنىڭ نەتىچىسىنى تۈۋەنلىتىۋېتىپلا قالماي ئېغىر بولغاندا دۈنيادىن ئۈمۈتسىزلىنىشكە سۆرەپ بارىدۇ.
قىسقىسى ساۋاقداشلار ھام جىسمانى جەھەتتىن ھەم روھى جەھەتتىن ساغلام بولۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ بۇ ئىككى ساغلاملىقنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ئۆزىمىزنىڭ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يادىروغا ئايلاندۇرىشىمىز لازىم.
2.        كەيپىياتى تۇراقلىق بولۇش كېرەك
ئادەمنىڭ كەيپىياتى ئادەملەرنىڭ ۋەقە ھادىسىلەرگە نىسپەتتەن تۇتقان پۇزۇتسىيەسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.ساۋاقداشلار مۇشۇ ۋاقىتلىردا بەزىدە تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ، ئالى مەكتەپكە چىقىشتىن ئىبارەت بۇ ھاياتىدىكى دەۋرى بولگۈچ ۋاقىتلاردىن شادلىنىدۇ.بەزىدە ئۆزىنىڭ بۇ كۈنلەرگە يېقىنشىۋاتقىنىنى ئويلاپ قورقىدۇ.بەز

baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش