ئىگىسى: ئامان

2016-يىللىق يېڭى يىل تەبرىكنامىسى

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-1-1 11:02:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنكاس مۇكاپاتى +16

ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن.
ۋاقتى: 2016-1-1 18:42:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆكۈنۈش-پۇشايمانلىرىڭىزدىن ئۈمۈتسىزلەنمەڭ! يېڭى يىلغا ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىڭ!!!   
راس ئالغا قاراش كىرەك .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +16يىغىشسەۋەبى
ئامان + 16

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2016-1-1 18:46:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆكۈنۈش-پۇشايمانلىرىڭىزدىن ئۈمۈتسىزلەنمەڭ! يېڭى يىلغا ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىڭ!!!
ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە يېڭىچە بىر خىل تۇيغۇ، يېڭىچە ئارزۇ-ئۈمۈتلەر جۇش ئۇرماقتا. ھەر خىل شەكىل ۋە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇرۇق-تۇققان، ئەل-ئاغىينە، خىزمەتداشلىرىمىزغا يېڭى يىللىق تەبرىك ۋە تىلەكلىرىمىزنى يوللاۋاتىمىز.....  
راس شۇنداق  ئەتە كىم با كىم يوق بىلگىلى بولمايدۇ .
ۋاقتى: 2016-1-2 00:00:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاش بىكتىمىزنىڭ يېڭى يىلدا تەخىمۇ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرشىگە تىلەكداشمىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +16يىغىشسەۋەبى
ئامان + 16

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2016-1-2 09:53:17يانفوندا يوللانغان|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بايقاش مائارىپ تورىدىكى بارلىق كەسىپداش، جاپاكەش باغۋەنلەر، يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا، تىنىڭلار سالامەت، خىزمىتىڭلار ئۇتۇقلۇق، بارلىق ئىشلىرىڭلار ئۇڭۇشلۇق بولسۇن.
يېڭى يىلدا يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارنى تىلەيمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +16يىغىشسەۋەبى
ئامان + 16

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2016-1-2 12:29:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھابا يېڭى يىل ،مەرھابا بەختىم.
(نەسىر)
ئەزىز ئەيسا
مانا شۇ دەمدە چەكسىز ھاياجان بىلەن 55- يېڭى يىلنى كۈتىۋالماقتىمەن. ۋۇجۇدۇم خۇددى دېڭىز دولقۇنىدەك ئۆركەش ياساپ يۈرىكىم شىرىن بەختىيارلىق بۈشىكىدە ئەللەيلەنمەكتە .
چۈنكى مەن مۇشۇ ھاياتىمدا 55يېڭى يىل شاتلىقىغا چۆمىلىپ،
55 باھاردىكى رەڭگارەڭ گۈل چىچەكلەرنىڭ گۈزەللىكى، خۈش ھىدى ئىچىدە مەست-خۇش بۇلۇپ ،
55يازدىكى كۈللى نازۇ-نىممەتلەرگە تۇيۇنۇپ،
55كۈزدە مول- ھۇسۇل ئۇتۇقلاردىن زەپەر قۇچۇپ ،
55قارا قىشتىكى جۇدۇن چاپقۇنلۇق داۋانلاردا ئات چاپتۇرۇپ  كىشىلىك ھاياتنىڭ زەپەر مارشىنى مەغرۇرانە توۋلاپ كەلمەكتىمەن.
شۇڭا مىنى ئاپئاق ئوغۇز سۈتلىرى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرۇپ بۈگۈنكىدەك بەردەم يىگىت قىلىپ چوڭ قىلغان مېھرىبان ئانامغا ،ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتكە باش ئەگمەسلىككە،ھەرقانداق بىرئادەمگە ،كىشىلىك ھاياتقا مېھىر مۇھەببەت بىلەن قاراشقا،خەلقىگە،يۈرت ۋەتىنىگە، دەۋىرگە تۆھبە يارىتىشقا ئۈگەتكەن خىزىر سۈپەت ئاتامغا چەكسىز مۇھەببەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن!
مىنى يالقۇنلۇق تۇرمۇش ئۇچاقلىرى بىلەن تاۋلىغان ،ماڭا نىمىنىڭ ئاق،نىمىنىڭ قارا ،نىمىنىڭ ھەق، نىمىنىڭ ناھەت، نىمىنىڭ كىشىلىك ھايات ،نىمىنىڭ نومۇس مامات ،نىمىنىڭ كىشىلىك ئىتىقات ئىكەنلىكىنى ئۆگەتكەن ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقىمگە مەڭگۈلۈك ئىستىقامەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن.
مىنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئىلىم مەرىپەت دېڭىزىدىن جاۋاھىراتلارنى سۈزۈپ بۈگۈنكىدەك كىچىككىنە ئۇتۇق قازىنىشىم ئۈچۈن كەڭرى يول ياخشى شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن دانا پارتىيە ھۆكىمەتكە چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن.
مىنى يۈكسەك ئىززەت ھۆرمەتلىك ئۇستاز سالاھىتىگە ئىگە قىلىپ كەلگۈسىنىڭ چولپانلىرى، قۇياشلىرى ئۈچۈن تەرتۈكۈپ ئەجىر قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن مائارىپ تەشكىلى، قەدىرلىك خىزمەت ئورنۇم مەرىپەت مەشئىلى -مەكتەپكە تۆھبە مېھنەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن.
مىنى سۆيگەن ،قەدرىمگە يەتكەن، مىنى قوللىغان، مىنى يۆلىگەن ،دوست بىرادەرلىرىمگە ،ھەمكار -قاياشلىرىمغا سەمىمى ساداقەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن.
ماڭا سوغاق نەزەر بىلەن قارىغان،ئارقامدىن  ھەسەتخورلۇق ئوقيالىرىنى ئاتقان،رەزىل ھىلە-مىكىر لىرى بىلەن مىنى پۇتلاپ يىقىتقانلارغىمۇ دەرسى ھىكمەت بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن.چۈنكى شۇلارنىڭ توسقۇنلۇقلىرى ،پۇتلاشلىرى، ماڭا سالغان ئازاپ-ئوقۇبەت ،جەھرى-جاپالىرى بولمىسا ئۆزەمنىڭ باتۇر- جەسۇرلىقىنى ،كىشىلىك قەدىر قىممىتىمنى قانداقمۇ نامايەن قىلاتتىم؟ ئۈمۈت-ئىشەنچكە ،بەختىيارلىققا تولغان بۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ ،دستلۇقنىڭ ھەقىقى قەدىر قىممىتىگە  قانداقمۇ بۈگۈنكىدەك تىرەن يەتكەن بۇلاتتىم؟!
قەدىرلىك دوستلار ئەزىرلەر !شۇڭا بۇ ھاياتنىڭ ،مۇشۇ يېڭى يىلنىڭ ھەر كۈنى، ھەر مىنۇتى شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتلىك ئىكەنكى:
كىم بىلىدۇ؟ئەتە ياكى ئۆگۈن،ئەزرائىل ماڭا  ،سىزگە ياكى ئۇنىڭغا نۆۋەت بىلەن شۇنداق بى تۇيۇق ھالەتتە ئۇ ئالەمدىن ئىبارەت يوقلۇق دەرگاھىغا  دەرھال كىلىش چاقىرىقىنى تۇتقۇزۇشى مۇمكىن!شۇنىڭغىچە بۇ تۇلىمۇ قىسقا ئەمما قىممەتلىك ھاياتىمىزنىڭ ھەركۈن كۈنى،ھەر مىنىۇتىنى شۇنداق ئۆتكۈزەيلىكى؛  ھالال تەر، ئەجىر مېھنىتىمىز بىلەن ،ئوتلۇق مېھىر مۇھەببىتىمىز بىلەن،ئالىجاناپ  ئەخلاقى پەزىلىتىمىز،ئادىمىلىكىمىز بىلەن ھەقىقى ئادەملەردەك ياشاۋاتقانلارنى قەدىرلەيلى،  باشقىلار ئۈچۈن مىۋە بەرگەنلەرنى ھۆرمەت قەسرىمىزدە ئولتۇرغۇزايلى، توغرا يول ،توغرا ئىتىقات يۇلىدا ئالغا ئىلگىرلەۋاتقانلارغا ئىلھام- مەدەت بىرەيلى، گاڭگىرىغاننى ،تىنىگەننى توغرا يولغا سالايلى،ئازغاننى قايتۇرايلى، ئۇسسۇغاننى قاندۇرايلى،توڭلىغاننى ئىللىتايلى،ئاچقاننى تويدۇرايلى... ئەجرىمىزدىن شىرىن مىۋىلەر پىشسۇن،ئەتراپىمىزنى مېھىر مۇھەببەت دوستلۇق ،بەختىيارلىق قىزىل گۈللىرىگە پۈركەيلى!
مەرھابا يېڭى يىل ،مەرھابا بەختىم.
2015-يىل 30-دىكابىر ئاقسۇ

باھا سۆز

يېڭى يىللىق كۆڭۈل ئىزتىراپلىرىڭىزغا تەشەككۈر ... قەدەمنى بىز باسىمىز ئەمما يۈرەك خۇلاسسە چىقىرىدۇ ... تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2016-1-2 17:15

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +16يىغىشسەۋەبى
ئامان + 16

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2016-1-2 15:56:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار. يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.  يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەر سىزگە يار بولسۇن...!!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +16يىغىشسەۋەبى
ئامان + 16

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2016-1-2 16:04:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېڭى يىل تەبرىكنامىسى


تىلەيمەن

             ئابدۇرېھىم ئابدۇراخمان


يېڭى يىلنىڭ نۇسرەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن،
قەلبلەرنىڭ شادلىققا تولىشىنى تىلەيمەن.

ئىجادچانلىق، ئىشچانلىق يولىمىزنى يورۇتۇپ،
بېغىمىزدىن گۈل ھىدى پۇرىشىنى تىلەيمەن.

ئۇچرىغاندا باشقىلار تالاپەتكە، مۈشكۈلگە،
ياخشىلارنىڭ قولىنى سۇنىشىنى تىلەيمەن.

ئەجىر قىلساق ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن-زەر دېمەك،
تۆھپىكارغا ھومانىڭ قونىشىنى تىلەيمەن.

ھەممە يەردە قاينىسا ئەل-ئاۋامنىڭ تويلىرى،
يېڭى يىلنى ئامەت دەپ تونىشىنى تىلەيمەن.

باھا سۆز

يېڭى يىللىق تىلەكلىرىڭىز ھەقىقەتەن يۈرەككە تەككۈدەك ياخشى چققىپتۇ ... چىن تىلەكلىرىڭىزگە تەشەككۈر ... تەپسىلاتىئىنكاس ۋاقتى: 2016-1-2 17:16
ۋاقتى: 2016-1-2 16:06:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +16يىغىشسەۋەبى
ئامان + 16

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2016-1-2 16:16:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بايقاش تورىغا ئەزا بولغان دىن بېرى  ئەڭ كوپ نەپكە ئېرىشتىم دىسەم بۇلىدۇ.بايقاشتىكى كەڭ تورداشلار نىڭ يېقىندىن ياردەم بىرىشى  بىلەن خىزمەت لىرىمدىمۇ ئىلگىرلەشلەر بولدى.بايقاش تورى مىنىڭ ،سىرداش دوستم بوپ كىلىۋاتىدۇ ھەم ھەرقايسى جەھەتلەردىن يادەمدە بۇلۇپ كىلۋاتىدۇ،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بايقاش تورىدىكى باشقۇرغۇچىلار ۋە ئۆز ئەمگىكى بەدىلىگە تورداشلارغا روھى ئۇزۇق بىرىپ كىلىۋاتقان جاپاكەش ئۇستازلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن ،ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك  بولسۇن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللا +16يىغىشسەۋەبى
ئامان + 16

باھا خاتىرىسى

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،1823308556 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش